ئەرـ خوتۇننىڭ قىزىقارلىق ئىككى پارچە خېتى
قەدىرلىك خوتۇنۇمغا :
ئانىڭىزنىڭ ئۆيىدە ئوبدان تۇرۋاتامسىز؟ بىز ئۇرۇشۇپ قېلىپ سىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن ھازىرغىچە 38 سائەت 37 مىنۇت بولدى.بۇ سىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش تارىخىڭىزدىكى رېكوتقا يەنە تۆت سائەت 21 مىنۇت بار.مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بېرىپ،كەچۈرۈم سورىشىمنى كۈتۈۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن.مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدۇم.بىراق مەن سىزنىڭ داۋاملىق بەرداشلىق بېرىپ،ئۆيدىن چىقىپ كېتىش يېڭى رېكورتى يارىتىشىڭىزنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئۆيدە ناھايىتى ياخشى تۇرۋاتىمەن.مېنىڭدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.گەرچە سىز ئۆيدىكى ئامانەت كارتىسىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ،مېنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەيىمدىن ئەندىشە قىلماڭ.قولۇمدا يەنە بىر قوشۇمچە ئىناۋەتلىك كارتا بار.ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىش بەك قولايلىقكەن.بەش كۆڭلەك،يەتتە كالتە ئىشتان ،20 جۈپ پايپاق سېتىۋالدىم.ھەركۈنى بىر تالدىن سىز كەلگۈچە كىيىشكە يېتىدۇ.ھەممىسى داڭلىق ماركا، ئەمما ئازراق قىممەت….
مېنىڭ تاماق مەسلەمدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەن يېڭىدىن ئېچىلغان يەتتە ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ سىناپ كۆردۈم.دەييۈ،ماگەن،جوتو مېنىڭ يالغۇزسىراپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ،ھەركۈنى ماڭا ھەمراھ بولىۋاتىدۇ.ئۇلار قىممەت قورۇما،ھاراقلارنى بويرۇغان بولسىمۇ،بىراق ماڭىمۇ ئامال يوق.سىزمۇ بىلىسىز،مەن بەك يۈزـ ئابرويغا دىققەت قىلىمەن.
ھەممىدىن بەك جىلە قىلغىنى،ئۇدۇلىمىزغا يېڭىدىن بىر ئايال كۆچۈپ كەلدى.ھەركۈنى ئاچچىقسۇ،تۇز دېگەندەك نەرسىلەرنى سوراپ تۇرىدۇ.بىراق سىز خاتىرجەم بولۇڭ.مەن ھەرگىز خاتالىق سادىر قىلمايمەن.بۇ جەھەتتە سىز ماڭا قاتتىق ئىشىنىڭىز كېرەك.
ئۆيدىكى گۈللەرگە كەلسەك،مەن ئۇلارنى قۇملىشىش مۇھىتىغا كۆندۈرەيمىكىن دەۋاتىمەن.مەن ئۇلارنى قەتئىي سۇغۇرماسلىق قارارىغا كەلدىم.سىز ھېلىقى ئوماق ئىككى ئىنىڭىزنىڭ ھاياجانلىنىپ ماڭا بىرەر ئىش قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ.تۈنۈگۈن مەن ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ،ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى كىچىككىنە ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم،ئۇلار قولۇمنى تۇتۇپ يىغلاپ تۇرۇپ ،يېزىنە،سىز بەك جاپا تارتىپسىز!ـ دېدى.
مەن چوقۇم سىزنى ئالغىلى ھەم كەچۈرۈم سورىغىلى بارىمەن.بىراق سىز ئانىڭىزنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرسىڭىزمۇ مەيلى.پات-پات ئۆيگە بېرىپ تۇرۇش كېرەك،چوڭلار سىزگە مۇھتاج.ئۇنىڭدىن باشقا،تۈنۈگۈن سىز كەلمىگەچكە،بىڭ بىڭ مېنى پىسا يىيىشكە تەكلىپ قىلدى.ئىشقىلىپ بىكار بولغاندىن كېيىن،باشقىلارنى رەت قىلساممۇ ئانچە ياخشى ئەمەستە،نېمە دېگەن بىلەن ئىككىمىز خىزمەتداش ئەمەسمۇ.
خەير-خوش قەدىرلىك ئېرىڭىز.
قەدىرلىك ئېرىمغا:
سىزنىڭ خەت ئەۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت.مەن ئانامنىڭ ئۆيىدە ناھايىتى ياخشى تۇرۋاتىمەن.ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.سىزگە ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.كارتىدىكى پۇلنى ئۆزۈمنىڭ ھېساۋاتىغا يۆتكىۋەتتىم.مەن ئەسلىدە سىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزدىن ئازراق ئەندىشە قىلغان ئىدىم.بىراق سىز ئىناۋەتلىك كارتىنى شۇنداق خاتىرجەم ئىشلەتكەندىن كېيىن مەنمۇ ئەندىشە قىلماي،يەنە مەن ياخشى نىيەت بىلەن سىزگە ئەسكەرتىپ قوياي،ئاشخانىدىكى قاچا-قۇچا ئىشكاپنىڭ ئەڭ ئاستىنقى تارتمىسىدا،ئىككى خالتا تەييار چۆپ بار.ھازىر سىز ناھايىتى ياخشى يەپ-ئىچىپ تۇرۋاتقان بولسىڭىزمۇ،بىراق مەن يەنىلا ئازراق ئەندىشە قىلۋاتىمەن.بەلكىم ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشى ئاشكارلانسا،دەييۈ،ماگەن،جوتولارنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكىدەك ۋاقتى چىقماسمىكىن.
ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى يېڭى قوشنىمىزغا مەندىن سالام ئېيتىڭ.ئاي ئاخىرىدا ئۆينىڭ قەرز پۇل مۇددىتى توشىدۇ.ۋاقتى كەلگەندە،ئۇ دوستىڭىز بىلەن خوشلاشماي ئامالىڭىز يوق.ئۆيدىكى گۈللەرنى سۇغۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئىككى ئىنىم ھەرگىز سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدۇ.ئۇلار مېنى ئاجرىشىپ كېتىپ قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىرسىنى تاپ دەيدۇ.مەن ئۆيگە قايتىپ كەلسە بەك ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.ھەركۈنى جاپا تارتىپ تاماق ئىتىپ،كىر يۇيۇپ يۈرمەيدىكەنمەن،ئەركىنلىك ياشىسۇن!مەن بەك خوشال،سىزنىڭ ئەتە بىڭ بىڭ بىلەن ياخشى ئوينىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ھە راست ئاڭلىسام بىڭ بىڭنىڭ يىگىتى بوكسىيور تېرنىرى ئىكەن.راست-يالغانلىقىنى تازا بىلمىدىم.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، مۇھەببەت، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: er-xotun-qiqiqarliq-xet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالدانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق ئىشلىنىدۇ…
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان ئەپ – شەخىسلەر
- تۈركچە تەسىرلىك سىنلىق كۆرۈنۈش – ئانا سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ
- كومپىيۇتېرىڭىز كونىراپ قالدى، يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ئاپىڭىز ئۇنىمايدۇ، ئەمىسە زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟
- گۇگېلنىڭ باش بېتىدىكى قىزىقارلىق Doodle، قېنى تورخۇماردىكى باللار 110 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈپ باقمامدۇق؟
- cctv دىكى خادىملارنى خاتالاشمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ ياخشى قارىسىڭىز ئۇلار خاتالاشسا بەك قىززىق بولىدۇ
- ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…
- روسىيەلىك بۇ ھۈرمەت قاراۋۇللىرىغا قاراڭ! ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويىدىغان دومىنو قارتىسى شەكلىدىكى بۇ خىلدىكى ماھارەت!
- غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى ۋە ھوللىيۋود چولپىنى Johnny Depp نىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى
- قىزىقارلىق ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم – in The Rough | ئىپتىدائىي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن…
- تاللانغان ئۈچ پارچە ۋەھىمىلىك ھېكايە | يۈرىكى ئاجىز تورداشلار كىرىپ يۈرمەڭ!
- سەت قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى | دۇنياغا گۈزەللىك بىلەن باققىنىڭىزدا، ئۇنىڭمۇ سىزگە كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز…
دىۋاندا ئولتۇردۇم مانا
ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن … ئاز تولا ئۇگۇنۇپ قويساقمۇ بولغۇدەك …
ۋاھ دىۋانما بۇ ؟ قېنى بۇ دىۋانىلار بۈگۈن !؟
ئاۋۇ ئاداش جىق بولسا بىر ئاي شۇنداق ياشىالايدىكەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن بوتىلكا يىغىدىغان كۈنگە قالىدىغان ئوخشايدۇ
ئاپلا بىر قەدەم كىچىكىپتىمەن ،.قىل قالدىما دۈم چۈشكىلى
ۋاي بۇ مېنىڭ ئايالىمغا يازغان خېتىمكەنغۇ ؟
ئايالىڭىز خېتىڭىزگە گۈل كەلتۈرۈپ جاۋاپ خەت يېزىپتۇ، تېز ئوقۇڭ
تور خۇماردا دىۋانلارغا كىرمىگىلى ئۇزاق بۇپ كىتىپتۇ ، ياخشىمۇسىزلەر قېرىنداشلار!
ما ئەر-خۇتۇن لانى كورمەمدىغان
ۋۇييۇ مالانى كۆرۈڭ!!!!!!!!!!!!!!!!
ما ئىككىسى دەھشەتكەنغۇ
ئېرى چوقۇم قان قۇسۇۋەتتى