پارىس مەكتۇپلىرى 20، 21-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:30:45

پارىس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇيىگىرمىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ خوتۇنى شاشىغا ئەۋەتكەن خېتى(ئىسپاھاندىكى ئارقا ھويلىغا ئەۋەتىلگەن)شاشى، سەن مېنىڭ سەپرايىمنى قوزغىدىڭ، ۋۇجۇدۇمنى غەزەپ ئۆرتەۋاتىدۇ، ئەگ...



     

    پارىس  مەكتۇپلىرى

    مۇنتىسكىيۇ

    يىگىرمىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ خوتۇنى شاشىغا ئەۋەتكەن خېتى

    (ئىسپاھاندىكى ئارقا ھويلىغا ئەۋەتىلگەن)

    شاشى، سەن مېنىڭ سەپرايىمنى قوزغىدىڭ، ۋۇجۇدۇمنى غەزەپ ئۆرتەۋاتىدۇ، ئەگەر سەن مېنىڭ يىراق سەپەردىن پات ئارىدا قايتمايدىغانلىقىمدىن پايدىلىنىپ، دىيانەتنى توغرىلاپ، غەزىۋىمنى پەسلىتىپ، مېنى خاتىرجەملەندۈرمەيدىكەنسەن، ئۇ چاغدا بېشىڭغا ئاگاھ بول.

    ئاڭلىشىمچە، بىرسى سېنىڭ ئاق تەنلىك ئاختا قۇل (پارىسلارنىڭ قەدىمكى ئادىتىدە ئاقسۆڭەك ھەم پۇلدار ئائىلىلەردە ئىشلەيدىغان قارا ھەم ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىناتتى. ئارقا ھويلىلارغا كىرىپ، ئاياللار بىلەن يېقىنلىشىشقا پەقەت سەت قارا قۇللارلا ھوقۇقلۇق ئىدى. ئاق تەنلىك قۇللارنقڭ چىرايى كۆركەم بولغاچقا تاسادىپىيلىكنىڭ يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئارقا ھويلىغا كىرگۈزۈلمەي سىرتتىكى ئىشلارغا سېلىناتتى.) نادىر بىلەن تەنھا بىرگە بولغانلىقىڭنى كۆرۈپتۇ. نادىرمۇ ساداقەتسىزلىگى ئۈچۈن كاللىسى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. ئادەتلەنگەن قائىدە بويىچە سەن ئۆيدە ئاق تەنلىك ئاختا قۇل بىلەن ئۇچراشماسلىغىڭ كېرەك ئىدى، ئەجەبا، سەن مۇشۇنىمۇ بىلەلمەس بولۇپ قالدىڭمۇ؟ سەن، ئاختا قۇل دېگەن ئادەم ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى قاش تېشىدەك پاك ساقلايمەن، ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭلا ئادەمگە ئوخشاپ كەتكەنلىگى مېنىڭدە غەيرى نىيەتلەرنى قوزغىتالمايدۇ دەپسەن؛ بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، بۇ گەپلەر سېنىمۇ، مېنىمۇ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. سېنى قانائەتلەندۈرمەسلىگىدىكى سەۋەب، سەن بەرىبىر ئارقا ھويلا قانۇنىدا مەنئىي قىلىنغان ئىشنى قىلدىڭ؛ مېنى قانائەتلەندۈرمەسلىگىدىكى سەۋەب، سەن مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكتۈڭ. يۈزۈڭنى ئېچىپ باشقىلارغا كۆرۈنۈپ يۈردۈڭ... نېمە دېدىما؟ باشقىلارغا كۆرۈنۈپ يۈردۈڭ دېدىمما؟ ئېھتىمال بەزى مۇغەمبەرلەر، ساڭا جىنايەتلىك داغ تەكگۈزگەندۇر، ھەتتا ئۇلار ئارمانى بولسىمۇ دەرمانى بولمىغاچقا ئۆكۈنۈش ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن سېنى بۇلغىغاندۇر؟

    ئېھتىمال سەن، مەن باشتىن-ئاخىر ساڭا سادىق بولۇپ كېلىۋاتىمەن دەيدىغانسەن؟! تۈفى! سېنىڭ ماڭا سادىق بولماسلىقىڭ مۇمكىمىدى؟ سەن ئۇ قارا ئاختا قۇللارنىڭ سەزگۈرلۈگىدىن پانالىنالىشىڭ مۇمكىنمۇ؟ ئۇلار سېنىڭ بۇنداق ئەپتىڭنى كۆرۈپ ئاللىقاچان ھاڭ-تاڭ قالغان. سېنى قاماللاپ تۇرغان ئاشۇ قاتمۇ-قات دەرۋازىلىق ئىچكىرى قورانى بۇزىۋېتەلەرمىدىڭ؟ سەن مېنىڭ پەزىلىتىم قالتىس دەپ پو ئېتىپسەن، لېكىن سېنىڭ پەزىلەتلىك بولماي ئىلاجىڭ يوق-تە! ئېھتىمال سېنىڭ بەدنىيىتىڭ، ئۆزۈڭنىڭ توختىماي ماختىنىپ يۈرىدىغان پەزىلىتىڭنىمۇ مىڭ مەرتىۋە يەرگە ئۇرۇۋەتكەندۇر.

    ئېھتىمال ئۇ نامەھرەم قولىنى سېنىڭ بەدىنىڭگە تەگكۈزمىگەن؛ سەن مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بارلىق نەرسىلىرىمنى (شاشىنىڭ بەدىنىنى دېمەكچى) ئۇنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىشنى رەت قىلغان؛ سېنىڭ بەدىنىڭدىكى كىيىم-كېچەكلەر نېپىز بولسىمۇ يەنىلا سېنى ئۇنىڭدىن ئاجرىتىپ توساق بولۇپ تۇرغان؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغاندا بىردىنلا مۇقەددەس ھۆرمەت قوزغىلىپ قېلىپ ساڭا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ياكى ئۆز بېشىغا كېلىدىغان جازادىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق مەن سېنىڭ ھەممە نېمەڭدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمەن. بۇ نۇرغۇنلىغان پاكىتلار سېنىڭ ئۆز بۇرچۇڭغا خىلاپ ئىش قىلغانلىقىڭنى بەرىبىر دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. سەن بۇ دورەم ئۆز بۇرچۇڭنى نابۇت قىلىپ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدىڭ، بىمەنە غەرىزىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە نېمىلەرنى قىلىشىڭ مۇمكىن؟ سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن قۇتۇلۇپ چىققان تەقدىردە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچىسەن؟ مۇقەددەس ئارقا ھويلا سېنىڭ ئۈچۈن دەھشەتلىك زىندان، سېنىڭ ھەمراھلىرىڭ ئۈچۈن نامەھرەملىكتىن خالىي بولىدىغان پاناھ جاي، بۇ يەر مۇقەددەس بۇتخانا، بۇ يەر، ئاياللار جىنىسىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، بەلكى تەبىئىتىڭلارنىڭ تۈرلۈك پايدىسىز شارائىتلىرى تۈپەيلىدىن، سىلەرنى بوي سۇندۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى سېنىڭ ئۆز بولارچىلىقىڭ، داغ چۈشۈرۈلگەن مۇھەببىتىڭ ھەمدە شەرمەندىلىك بىلەن بۇرچۇڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىڭ، بۇلاردىن باشقا سەن يەنە نېمە قىلماقچى ئىدىڭ؟ سەن ياشاۋاتقان ئەلدە ئادەت-يوسۇن نەقەدەر پاك، بۇلار سېنى ئەڭ پەسكەش قۇللارنىڭ قاباھەتلىكلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان. مەن سېنىڭ تۇرمۇشۇڭنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمدىن ئەلۋەتتە مىننەتدار بولۇشۇڭ كېرەك، چۈنكى سەن پەقەت مۇشۇنداق ھالەتتىلا ئاندىن ياشىيالايسەن.

    سەن باش ئاختا قۇلدىن بىزارسەن، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكىتىڭنى دائىم كۆزىتىپ، سېنى ئاگاھ بولۇشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. سەن، ئۇ شۇنچىلىك بەدبەشىرە چىرايكى، ئۇنىڭغا قارىسام كۆڭلۈم ئاينىپ كېتىدۇ دەيسەن. ئۇنداقتا بۇنداق ۋەزىپىگە ئەڭ چىرايلىقلارنى تاللاپ قويۇش لازىممىدى؟ سېنى بەكمۇ سەكپارە قىلىۋاتقىنى سېنىڭ نامىڭنى بۇلغىغان ھېلىقى ئاق تەنلىك ئاختا قۇلنى باش ئاختا قۇلنىڭ ئورنىغا قويمىغانلىغىمكەن-دە!

    بىراق، سېنىڭ دەسلەپكى دىدەك قۇلۇڭ ساڭا نېمە قىلغان؟ ئۇنىڭ ساڭا ياش سەلىت (تۆتىنچى خەتتە تىلغا ئېلىنغان كىشى) بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىڭلاردىكى قىلىقسىزلىقلارنىڭ بەكمۇ  نومۇسسىزلىق ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىقى، سېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچلىگىڭنى قوزغاپتۇ.

    مەن ئەسلىدە سېنى قاتتىق جازالىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما مەن ھازىر ئۇنداق قىلمىدىم، مەن پەقەت سېنىڭ پاك ھەم گۇناھسىز ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلىشىڭنى خالايمەن، بىلگگنسەن، مەن مۇشۇنداق بىر ئەر. مېنىڭ يېڭى رەپىقەم روشەنئايغا بولغان مۇھەببىتىم، مېنىڭ ساڭا بولغان ئامراقلىقىمنى تۈگىتىۋەتكىنى يوق. سېنىڭ گۈزەللىگىڭ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. مەن مۇھەببىتىمنى ئىككىڭلارغا تەقسىملەپپ بەرگەنمەن. بىراق، روشەنئاي گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، ئەخلاقىمۇ ياخشى، مانا بۇ ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئارتۇقچىلىقى.

    1711-يىلى زۇلقەئىدە ئېيىنىڭ 12-كۈنى، ئىزمىر.

     

    يىگىرمە بىرىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ ئاق تەنلىك باش ئاختا قۇلغا يازغان خېتى

    بۇ خەتنى ئېچىپلا تېنىڭ شۈركەنگەي، ياكى نادىرنىڭ مەككارلىغى سېنى ئالداپ كەتكەنلىگىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن، تېنىڭ لەرزىگە كەلگەي! سەن خامۇش قېرى، مېنىڭ ئاشۇ مەھبۇبە-جۈپتىلىرىمگە تىكىلىپ قاراشقا پېتىنىدىكەنسەن، ئۇ ھالدا سەن جىنايەتكار بولىسەن؛ سېنىڭ ناپاك ئاياقلىرىڭ ئۇ قورقۇنچلۇق ئىشىكلەرگە (ئارقا ھويلىدىكى خوتۇنلىرىنى دېمەكچى) يەتمەسلىگى كېرەك، ئۇ يەرلەردە ھەرقانداق كىشىگە كۆرسىتىلمەيدىغان مۇھەببەتلىرىم يوشۇرۇلغان؛ سەن ئۆز قول ئاستىڭسىكى كىشىگە ئۆزۈڭمۇ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىشقا يول قويۇپسەن. ۋاھالەنكى سەن گۈلدۈرمامىلىق چاقماقنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ھەم ھېلىقى كىشىنىڭ بېشىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلمىگەنمىدىڭ؟

    سەنلەر مېنىڭ ئۈچۈن نېمە؟ مېنىڭ قولۇمدىكى خالىسام ئېزىپ تاشلايدىغان ئەرزىمەس بىر نەرسىلەر، خالاس. پەقەت بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش، سەنلەرنىڭ جېنىڭنى ساقلىشىدىغان بىردىن-بىر كاپالەت. سەنلەر پەقەت مېنىڭ قانۇنلىرىم ئاستىدىلا ياشىشىڭ شەرت، ياكى باشقىچە ئېيتقاندا مەن سەنلەرنى ئۆلۈشكە بۇيرىسام، دەرھال ئۆلۈشۈڭلا شەرت. سەنلەرنىڭ ھاياتىڭ پەقەت مېنىڭ بەختىم، مۇھەببىتىم ۋە ھەسەتخورلۇقۇم ئۈچۈن لازىم، كېرەك بولىدىغىنى سەنلەرنىڭ ئىپلاس قول-ئاياقلىرىڭلار. گەپنىڭ قىسىقىسى، ئىتائەت قىلىشتىن ئۆزگە تەقدىر سەنلەرگە مەنسۈپ ئەمەس، سەنلەردە مېنىڭ ئىرادەمدىن باشقا، ئوي-پىكرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، سەنلەردە مېنى شاد-خورام قىلىشتىن باشقا، ئارزۇ-ئۈمىدنىڭمۇ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    مەن رەپىقىلىرىم ئىچىدە، بىرمۇنچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى بىلەن ئالاقىدار بولغان قاتتىىق قانۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى ئازا بدەپ بىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم؛ ئۇلار قارا ئاختا قۇللارنىڭ دائىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرۈشىدىن بىزار بولۇۋېتىپتۇ، ئۇلار بۇ سەت چىرايلاردىن يىرگىنىۋېتىپتۇ، ئاختا قۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇلارنى ئۆز ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلماسلىققا مەجبۇرلاش، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن. بىراق سەن، مۇشۇنداق مالىماتاڭچىلىققا يەل بېرىپسەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ئىشەنچەمنى ئاقلىمىغانلارنى تىترەتكەن جازاغا ئۇچرايسەن.

    ئەرىشتىى پەيغەمبەرلەرگە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زات ھەزرىتى ئەلىگە يۈزلىنىپ قەسەمياد قىلىمەنكى: ئەگەر سەن ئۆز مەجبۇرىيىتىڭدىن ۋاز كېچىدىغان بولساڭ خۇددى قوڭغۇز-چۈمۈلىلەرنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندەك جېنىڭنى ئالىمەن.

    1711-يىلى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 12-كۈنى، ئىزمىر

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنتىسكيۇ پارس _