پارس مەكتۇپلىرى 26، 27-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 16:15:31

پارىس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇيىگىرمە ئالتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ روشەنئايغا يازغان خېتى(ئىسپاھاندىكى ئىچكىرى قوراغا ئەۋەتىلگەن)روشەنئاي، سەن ئەدەپ-ئەخلاققا ئېتىۋار بەرمەيدىغان، دىيانەتسىز ئىقلىم...

    پارىس  مەكتۇپلىرى

    مۇنتىسكىيۇ

     

    يىگىرمە ئالتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ روشەنئايغا يازغان خېتى

    (ئىسپاھاندىكى ئىچكىرى قوراغا ئەۋەتىلگەن)

    روشەنئاي، سەن ئەدەپ-ئەخلاققا ئېتىۋار بەرمەيدىغان، دىيانەتسىز ئىقلىمدا ئەمەس، بەلكى پارىسقا ئوخشاش ئاشۇنداق گۈزەل يۇرتتا ياشاۋاتقانلىقىڭدىن بەكمۇ بەختلىكسەن! ھەقىقەتەنمۇ بەختلىكسەن! سېنىڭ مېنىڭ ئرقا ھويلامدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭ رەزىللىكلەردىن خالى، پاك ياشاۋاتقانلىقىڭدىن بىشارەت، ساڭا ئۇ يەردە ھېچقانداق كىشى دەخل-تەرۇز قىلالمايدۇ؛ سېنىڭ بۇ بەختتىن تېيىپ كېتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس؛ شۇڭلاشقىمۇ سەن بەك شاد-خورامسەن؛ ھېچكىممۇ شاللاق نەزىرى بىلەن ساڭا داغ تەككۈزگەن ئەمەس. سېنىڭ قىيىنئاتاڭ زىياپەتلەردە ساڭا ئەركىنرەك مۇئامىلىدە بولسىمۇ، لېكىن سەن ئاغزىڭغا ھەردائىم مۇقەددەس پەردە توسۇپ ئالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئالۇچىدەك لەۋلىرىڭنى ئەزەلدىن كۆرگەن ئەمەس، بەختلىك روشەنئاي! سەن يېزىلارغا بارساڭ، ئاختا قۇللار ئالدىدا يول ئېچىپ سېنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭىدۇ. بۇنداق چاغلاردا دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالمىغان تەلۋىلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ سورىغى بولمايدۇ. ئۆزۈمنى ئېيتسام، مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن، تەقدىر سېنى ماڭا نېسىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆز گۆھىرىڭنى قوغداشتا جان پىدا قىلغان ئىدىڭ (فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى پارىستا، ئاياللار «ئىپپەت تەربىيىسى»نىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرايتتى، يەنى توي قىلغاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويماي ئۇزاق ئېلىشاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئېلىشىش ئەرلىك بىلەن ئاياللىقنىڭ ئوينىشىش ۋاستىسى ئىدى)، مەن سېنىڭ ئاشۇ گۆھىرىڭنى ئىگەللەش ئۈچۈن قانچىلىك مۇشەققەتلەرنى چەكمىدىم؟! توي قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلمەي ھەسرەتلەر چەككەن ئىدىم! كۆرگەندىن كېيىن بولسا تەقەززالىغىمنى باسالمىدىم! بىراق سەن مېنىڭ نەپىسىمنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىدىڭ، بەلكى ئەكسىنچە تەھدىدكە ئۇچراۋاتقان ئىپپىتىڭنى قوغداش ئۈچۈن تەرسالىق بىلەن قارشلىق كۆرسەتتىڭ. بۇ ئىش مېنى تېخىمۇ تىت-تىت قىلىۋەتتى، چۈنكى سەن مېنى، سەن كۆرۈشۈشكە بولمايدىغان ئەركەكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويغان ئىدىڭ. بىر كۈنى مېنىڭ سېنى دېدەكلەرنىڭ ئارىسىدىن تاپالمىغانلىقىم، دېدەكلەرمۇ سېنى تاپالمىسۇن دەپ قىزىقچىلىق قىلىپ سېنى يوشۇرۇپ قويغانلىقى ئېسىڭدىمۇ؟ يەنە بىر كۈنى سېنىڭ يىغاڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىغىنى سېزىپ، ئاناڭنىڭ نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ مېنى قىزغىن مۇھەببىتىمدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىرىڭچۇ؟ سەن ھەممە چارىلەرنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاخىرى خەتەرلىك بىر ئىشقا تەۋەككۈل قىلغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ سەن قولۇڭغا خەنجەر ئېلىۋېلىپ مېنى قورقۇتۇۋەتكەن ئىدىڭ، ئەگەر مەن شۇ چاغدا سېنى، سېنىڭ نەزىرىڭدە ئېرىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغان نەرسەڭنى تەقدىم قىلىشقا زورلاۋەرگەن بولسام، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولار ئىدڭ. مۇھەببەت بىلەن ئىپپەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ كۈرەش ئىككى ئايدىن ئوشۇق داۋاملاشقان ئىدى. ئىپپەتنىڭ ئەندىشىسىنى سەن بەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدىڭ، سەن ھەتتا بوي سۇندۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تەسلىم بولۇشنى خالىمىدىڭ. سەن پارچىلاپ تاشلانغان گۆھىرىڭنى ئاداققىچە قوغداپ كەلدىڭ، سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن سېنىڭ مۇھەببەتلىك ئېرىڭ ئەمەس، بەلكى ئىپپىتىڭنى ئاياغ-ئاستى قىلغان دۈشمىنىڭ بولۇپ قالدىم، سەن ئۈچ ئايغىچە مېنى كۆرسەڭ قىزىرىپ يۈردۈڭ، ئۆزۈڭنى قويۇشقا يەر تاپالماي قېلىۋاتقاندەك، روھىي ھالىتىڭ گويا مېنى ئەيىپلەۋاتقاندەك قىلاتتى. سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەل جايلىرىڭنى مەندىن يوشۇرۇپ، ئۇلاردىن بىمالال ھوزۇرلىنىشىمغا يول قويمايتتىڭ. بۇنىڭ بىلەن ھەرقانچە شەپقەت ئاتا قىلساممۇ ھېچقانداق نەپ ئالالمايتتىم.

    مۇبادا سەن بۇ جايدا (فىرانسىيىنى دېمەكچى) ئۆسكەن بولساڭ، ئۇنداق پاراكەندىچىلىكلەر ھېچقاچان بولمىغان بولار ئىدى. بۇ جايدا ئاياللارنىڭ بارلىق قورۇنۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن، ئۇلار ئەرلەردەك يۈزلىرىنى ئېچىۋېتىپ يوقالغان نەرسىسىنى ئىزلىگەندەك يۈرۈشىدىكەن، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئەرلەرگە تىكىدىكەن؛ ئۇلار ئىبادەتخانىلاردا، سەيلىلەردە، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىدا ئەرلەر بىلەن كۆرۈشۈۋېرىدىكەن. ئاختا قۇللارنى ئىشلىتىش ئادىتىنى بۇ يەردە زادىلا ئاڭلىمىدىم. سىلەردىكى يۈكسەك ئاق كۆڭۈللۈك ھەم ئوماق دىيانەت بۇ يەردە زادىلا يوق، بۇ يەردە بار نەرسە پەقەت قوپال، ئىززەتسىز مۇئامىلە. بۇنداق ئەھۋالغا ئادەم زادىلا كۆنەلمەيدۇ.

    چىن سۆز، روشەنئاي. سەن بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ نومۇسسىزلىقتا قورقۇنچلۇق ھالەتكە يەتكەنلىگىنى كۆرگىنىڭدە، ئۆزۈڭنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىگىڭنى ھېس قىلغان ۋە بۇ نەپرەتلىك جايدا ئۆزۈڭنى دالدىغىمۇ ئالالمىغان، ھەتتا ھازىر ياشاۋاتقان ئاشۇ ئىللىق، مېھرىلىك جايىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىگىڭگە ئەپسۇسلانغانمۇ بولار ئىدىڭ. ئۇ جايدا ھەممە نەرسە پاك ۋە پاكىز. سەن ئۆزۈڭدىن خاتىرجەم، سېنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھېچبىر نەرسە يوق. سەن ماڭا تېگىشلىك بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ۋايىم يېمەي، مېنى ياخشى كۆرۈۋېرىسەن.

    سەن ئىشلىتىدىغان ئۇپا-ئەڭلىكلەر چىرايىڭنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىۋېتىدۇ، سەن ئەڭ قىممەتلىك ئەتتىرلەرنى بەدىنىڭگە سېپىسەن. سېنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىڭمۇ ھەممىدىن ئېسىل، سېنىڭ لەرزان ئۇسۇللىرىڭ، مۇڭلۇق ئاۋازىڭ ئارقا ھويلا ساھىپجاماللىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. سېنىڭ ھۆسنىڭ، سېنىڭ نازاكەتلىك ھەم شاد-خورام كەيپىڭ ئۇ يەردىكى چىرايلىقلار بىلەن تىركىشەلەيدۇ. ئۇ چاغلاردا مەن سېنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئوۋلىۋېلىشتىن باشقا مۇددىئايىڭنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايتتىم. ھەمدە سېنىڭ ئەڭلىكتەك قىزىرىپ، بوينۇڭنى قىسىپ تۇرغىنىڭنى، ياكى گۈزەل نەزىرىڭ بىلەن ماڭا باققانلىقىڭنى كۆرەتتىم ۋە ياكى شېرىن سۆزلىرىڭ قەلبىمنى ئېرىتەتتى. روشەنئاي، مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە قانداقمۇ شەك كەلتۈرگەي!

    ياۋروپا ئاياللىرىغا قارىتا مېنىڭدە يەنە قانداق تەسىرات بار؟ ئۇلارنىڭ گىرىم قىلىشتىكى ماھارىتى، زىبۇ-زىننەتلىك كىيىم-كېچەكلىرى دائىمى تۈردە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە يېقىشقا ئىنتىلىدىغان ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىدىكى قېلىپ قالغان داغدىن باشقا ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ يەنە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈنمۇ ھاقارەت خالاس.

    روشەنئاي، بۇ مېنىڭ ئۇلارنى ئەسكىلىك قىلىشتا، ئۆزلىرىنى يىغىشتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ، دېگەنلىگىم ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئادەمنى مۇشۇنداق ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن. مەن يەنە ئۇلارنىڭ شاللاقلىقى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە يەتكەچكە، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن-نىزاملار تامامەن بۇزۇلۇپ، ئادەمنىڭ تېنىنى ئەيمەندۈرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. چۈشكۈنلۈشۈپ كەتكەن ئاياللار ئىنتايىنمۇ ئاز. چۈنكى ئاياللارنىڭ قەلبىدە يەنىلا ھەرخىل خاراكتېردا پاكلىق سېزىملىرى ساقلانغان، بۇنى ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە ئۆز تەربىيىسى ئۇنداق سېزىملارنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تامامەن يوقىتىۋېتەلمەپتۇ. ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان پاكلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدىكەنۇ، ئەمما ئاخىرىغا بارغاندا، تەبىئىي قارشلىققا (جىسمانىي قارشلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دۇچار بولىدىكەن. شۇڭا بىز سىلەرنى يەنىمۇ چىڭراق بەنت قىلىش، سىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭلار بەكمۇ يىراقلارغا ھالقىپ كەتسە، ئۇنى قاتتىق تىزگىنلەش ئۈچۈن بۇ بىرمۇنچە قۇللارنى سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەۋەتتۇق؛ بۇ بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ساداقەتسىزلىك قىلىشىڭلاردىن ئەندىشە قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بىز شۇنى بىلىمىزكى، دىيانەت ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتمەسلىگى كېرەك. ۋاھالەنكى كىچىككىنە غەيرىي نىيەتمۇ دىيانەتنى نابۇت قىلىدۇ.

    مەن سېنىڭ ئۈچۈن ئاغرىنىمەن، روشەنئاي. سېنىڭ پاكلىغىڭ ئۇزۇن سىناقتىن ئۆتكەن. سەن بۇنىڭدىن ئەبىدىي ئايرىلماسلىغىڭ كېرەك ھەمدە سېنى قانائەتلەندۇرىدىغىنى ئەخلاقىي پەزىلەت ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ-ئارمىنىنى چەكلىگەن ئېرىڭ، پەقەت شۇلا سېنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىڭنى ئاقلايدۇ.

    1712-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 7-كۈنى، پارىژ.

     

    يىگىرمە يەتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ ناسىرغا يازغان خېتى

    (ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)

    بىز ھازىر پارىژدا، بۇ شەھەر قۇياشلىق شەھەرنىڭ (ئىسپاھاننى دېمەكچى. بۇ يەردە پەقەت پارىژنىلا ئىسپاھان بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن دېمەكچى) مەغرۇر دۈشمىنى.

    ئىزمىردىن قوزغالغاندا، مەن دوستۇم ئىبەم ئارقىلىق، ساڭا بىر ساندۇقچە ئەۋەتتىم، ئىچىدە بىرنەچچە ئەرزىمەس سوۋغا بار، بۇ خەتنىمۇ ساڭا ئىبەم ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىم گەرچە بەش، ئالتە يۈز چاقىرىم (بۇ يەردە بىر چاقىرىم تۆت كىلومېتىرغا تەڭ) يىراقلىقتا بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا دائىم خەت يېزىپ تۇرىمەن، ئۇنىڭ خېتىنى ئېلىشمۇ خۇددى، ئۇ، گومۇردا مەن ئىسپاھاندا تۇرغاندىكىدەك ناھايىتى ئوڭاي. مېنىڭ خېتىم ئالدى بىلەن مارسېلغا بارىدۇ، مارسېلدىن كېمە ئارقىلىق ئىزمىرغا ئەۋەتىلىدۇ. پارىسقا ئەۋەتىلىدىغان خەتلەرنى ھەر كۈنى ئىسپاھانغا قاتناپ تۇرىدىغان ئەرمىنىيە تۆگە كارۋانلىرى ئېلىپ كېتىدۇ.

    رىجاتنىڭ سالامەتلىگى ئىنتايىن ياخشى، ئۇنىڭ ساغلام بەدىنى، ياشلىقى، تۇغما خۇشخۇيلۇقى ئۇنى بارلىق سىناقلاردىن غەلبىلىك ئۆتكۈزمەكتە.

    بىراق مېنىڭ ساقلىغىم دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ۋۇجۇدۇمنى كۈندىن-كۈنگە غەم بېسىۋاتىدۇ. سالامەتلىگىم ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقاچقىمىكىن، ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر ئەلدە تۇرۇۋاتقانلىقى ـــــ ۋەتىنىمنىڭ يىراقتا قالغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ كۆزۈمگە ھەممە نەرسە غەيرىلا كۆۈنۈپ كېتىدىغان بولدى.

    بىراق، قەدىرلىك ناسىر، سېنىڭدىن ئىلتىماس قىلىمەنكى، مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ئاياللىرىمغا بىلدۈرگۈچى بولمىغىن. چۈنكى ئۇلار مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا كۆز يېشىنى تۇتۇپ قالالمايدۇ. مۇبادا مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆرەڭلەپ تەلۋىلىك قىلىشلىرىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن.

    ناۋادا ئاشۇ ئاختا قۇللار ئەھۋالىمنىڭ خەۋپلىكلىگىنى ئۇقۇپ، ئاياللار بىلەن بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلغىلى تۇرسىمۇ جازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئۇ ھالدا ئۇلارنى تاشنىمۇ ئېرىشكە مەجبۇرلىيالايدىغان، ئۆلۈككىمۇ جان كىرگۈزەلەيدىغان ئاياللارنىڭ شېرىن سۆزلىرى ناھايىتى تېزلاقارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان قىلىۋېتىدۇ.

    خەير-خوش، ناسىر، مەن ساڭا خوشاللىق بىلەن ئىشىنىمەن.

    1712-يىلى شەئبان ئېيىنىڭ 5-كۈنى، پارىژ

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.