-
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (1) فارابى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجىرىيىنىڭ 259 - يىلى ( مىلادى 870 - يىلى ) سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى فاراب ( ئوتتۇرا ) شەھىرىنىڭ ۋاسپىچ ھەربى قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ 30 ياشقا كىرگىچە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇركىي تىل - ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى، شۇنداقلا پارىس تىلىنى پىششىق ئەگىلىدى. كىيىن باغدات شەھىرىگە بېرىپ، ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىدىن ئۇستازلىقىدا ئەرەپ تىلىنى ھەم خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، ھەرزان شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت نەزەرىيىسى، ماتىماتىكا، مۇزىكا ئۆگەندى ھەم كۆپلىگەن پەلسەپىۋى ئەسەر ۋە شىئېر يازدى. 921 - ، 922 - يىللىرى ھەرراندىن باغداتقا قايتىپ 20 يىل تۇرۇش جەريانىدا، ئەڭ نادىر ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىللە، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىلمى سۆھبەت - مۇتالىئەلەردە بولۇش، دەرس لىكسىيە سۆزلەش بىلەن شوغۇللاندى.
فارابى ياشانغان چاغلىرىدا سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى دەمەشىققە كىتىپ، ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇدەۋلەتىنىڭ زور ئىلتىپات كۆرسىتىشى ۋە ئۇستاز تۇتىشىغا نائىل بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەلەپ، دەمەشىق، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىلمى مۇنازىرە، لىكسىيەلەردە يۇقۇرى شۆھرەت قازىنىپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. بەزى تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە، فارابى سامانىيلا دۆلىتىدە << ئەتتالىم ئەسسانى >> ( ئىككىنچى تەلىمات ) مەشھۇر كىتابنى يېىزىپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىيلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلغانلىقى، مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ بۇ كىتابتىن سۈيۈنۈپ، فارابىغا ئارستوتىلدىن كىيىنكى << ئىككىنچى >> ئۇستاز دەپ شۆھرەتلىك نام بەرگەنلىكى مەلۇم. -
ﺟﺎﻫﺎﻥ ماتىماتىكا تارىخىدىكى گېگانت-ئەيلېر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئەيلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھرىدە تۇغۇلغۇپ، 1783-يىلى 9 ئاينىڭ18- كۇنى روسىينىڭ پېتىر بۇرىگ (ھازىرقى لېنىن گىرات ) شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئەيلېر ، دۇنيا تارىخىدىكى ئارخىمىد ، نىيوتون ، گاۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مەشھۇر ماتېماتېكلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىمى ، پۈتمەس _تۈگۇمەس ئىجادىي كۈچى ، مول مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۇرىدۇ .
ئەيلېر 19 يېشىدىن 76 يېشىغىچە بولغان 50 نەچچە يىل جەريانىدا ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان .ھازىر ماتېماتېكىىنىڭ ئەيلېرنىڭ نامى ئاتالمايدىغان تارمىقىنى يوق دېسكمۇ بۇلىدۇ. ماتېماتېكىنىڭ ئېلمېنتار گېومېتىريىدىكى ئەيلېر سىزىقلىرى ، كوپ ياقلىقلار ھەققىدىكى ئەيلېرتىورمىسى ، ئانالىتىك گىومېتىريىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمىلىسى،تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ تاكى سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فۇنكىسىيسى ،دېففىرىنسىال تەڭلىمىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى ،قاتارلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تۇراقلىق سانى،ۋارىاتسىيە نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى،كومپىلىكىس ئارگىمىنۇتلۇق فۇنكىسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فورمۇلىسى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەيلېر نامى بىلەن ئاتالغان نەتىجىلەر زامانىمىزغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. -
كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا قايسى بىر يىلىدا مەلۇم ئايدىكى بىر كۈننىڭ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە توغرا كىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، بۇنى كومپيۇتېرنىڭ يارىدىمى بىلەن ياكى ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئۈچۈن كالىندارغا مۇراجىەت قىلىپ ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەمنىڭ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئېنىقلىيالىشى ياكى ئۆتۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ياكى كەلگۈسى يىللار ئۈچۈن كالىندار ۋاراقلاشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ، لىكىن بۇنى كالىندارسىزمۇ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق باشلانغۇچ ماتېماتىكا سەۋىيىسىدىكى ئادەممۇ ئاسانلا ھېساپلاپ چىقىرالايدۇ.
ماقالىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادىيە 2006 -يىلى، ھىجرىيە 1427- يىلى بولۇپ، تۆۋەندىكى مۇناسىبەتلىك يىللار ماقالا يېزىلغان ۋاقتىغا نىسبەتەن ئەيتىلغان. -
ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-04-26
1.ئىگىلگەن بوشلۇق
2.بوشلۇقنىڭ ئىگىلىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار
3. ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە
خۇلاسە
ئىلگىرى كىشىلەر بوشلۇق ۋە ۋاقىتنى مۇتلەق دەپ ئويلايتتى شۇڭا ۋاقىت سەپىرى قارا ئۆڭكۈر قاتارلىق ھادىسىلەرنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەسكە توختايتتى .1915-يىلى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن كىشىلەر ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ مۇتلەق بولماستىن نىسپى بولىدىغانلىقنى شۇنداقلا بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ ئايرىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقنى بايقىدى ۋە شۇندىن كىيىن زامان-ماكان(时空>(space-timeدىگەن يىڭى ئىسىم ۋە ئۇقۇم مەيدانغا كەلدى. -
مەۋھۇم سان( Imaginary number ) مەۋھۇممۇ ؟ - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-04-26
ئالدى بىلەن مەۋھۇم ساننىڭ كېلىش تارىخنى سۆزلەيلى .
16- ئەسىردە ياۋرۇپا ماتېماتىكلىرى مەنپىي ساننى سان دەپ قاراش كېرەكمۇ - يوق ؟ دېگەن مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا ، يەنە بىر يېڭى سان تالاش-تارتىش قاينىمىغا كىردى ، ئۇ بولسىمۇ مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى ئىدى .
مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى بولامدۇ ؟ سىز قايسىبىر ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىنىڭ مەنپىي سان بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققان ؟ ئۇنداق بولسا ، قانداق بىر ساننى مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى قىلىشقا بولىدۇ ؟ لېكىم ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ماتېماتىكلار بەزى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ ھەقىقىي سان يىلتىزىنى ، مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى ئارقىلىق ئىپادىلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ . ئەگەر مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىنى ئېتراپ قىلسا ، ئۇ ھالدا ئالگېبرالىق تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنىڭ بار-يوقلۇق مەسىلىسى ھەل بولىدۇ ھەمدە «n ىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ n دانە يىلتىزى بولىدىغان » بۇنداق بىر تولۇق ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىغا نىسبەتەن ، ئەگەر سانلارنىڭ ئەمەللەر قائىدىسى بويىچە ئەمەل بېجىرسەك ، نەتىجىسىمۇ توغرا بولىدۇ .
1545- يىلى ئىتالىيلىك ماتېماتىك كاردان ئالدى بىلەن بىر ياراشتۇرۇش ئىپادىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۇ مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىنى «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سان » دەپ ئاتىدى . بۇنىڭ مەنىسى ، ئۇنى سان دەپ ئېتراپ قىلىشقا بولىدۇ ، لېكىن ئۇ « ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان » ، ھەقىقىي سانغا ئوخشاش ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت مىقدارلارنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ ، دېگەنلىكتۇر . 1632-يىلغا كەلگەندە ، فىرانسىيىلىك ماتېماتىك دېكارت مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزىغا ، كىشىلەر قۇبۇل قىلالايدىغان ئىسىم --- «مەۋھۇم سان » دېگەن نامنى رەسمىي بەردى .
1768- يىلى شۋېتسارىيىلىك ماتېماتىك ئەيلېر يەنە بىر قېتىم مەۋھۇم ساننى ئىزاھلىدى : « مەۋھۇم سان نۆلدىن چوڭمۇ ئەمەس ، نۆلدىن كىچىكمۇ ئەمەس ، يەنە نۆلگە تەڭمۇ ئەمەس بولغاچقا ، ئۇ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولىدىغان سانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ ، ئۇ پەقەت بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىلا مەۋجۇت بولىدۇ . » بۇ 18- ئەسىردىكى ماتېماتىكلارنىڭ مەنپىي ساننىڭ كۋادرات يىلتىزى ، يەنى مەۋھۇم سانغا نىسبەتەن تونۇشى ۋە پوزىتسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، «مەۋھۇم سان » دېگەن بۇ ئىسىمدىكى «مەۋھۇم» دېگەن خەتنىڭ مەنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . -
دۇنيا دىكى تۆت ئۇلۇغ ماتىماتىك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-26
دۇنيا دىكى تۆت ئۇلۇغ ماتىماتىك :
نيوتۇن - (Sir Isaac Newton ، 艾萨克·牛顿爵士 ) ئەنگىليىلىك ، 1643- 1727-يىللار ،
تۆھپىلىرى : نىيۇتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى ، ئالەملىك تارتىش كۈچى ، ئوپتىكا جەھەتتىكى ،نۇرنىڭ سۇنۇشى ،قايتىشى ، دىففىرىنسئال ۋە ئىنـتگرال (微积分)
ئارخىمىد- (مىلادىدىن ئىلگرىكى 287-يىلى سىتسىليەدە تۇغۇلغان ،مىلادىدىن ئىلگرىكى 212-يىلى شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن . )
مەشھۇ ر ئارخىمىد سپرالى تەڭلىمىسىنى ρ=α×θ نى ئىجات قىلغان ، پىشاڭ پىرنسىپىنى ، ئارخىمىد تەڭلىمىسنى ئىجات قىلغان . كوپىرنىكتىن 1000يىللار ئىلگرىلا يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى ،قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىنقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
گائۇس( Johann Carl Friedrich Gauss گىرمانىيىلىك، 1777-يىلى تۇغۇلغان ) باشلانغۇچ دەرسلىكدىكى ھىلقى 1دىن 100گىچە سانلارنىڭ يىغىندىسنى ناھايىتى تىزلا ھىسابلاپ چىققان 11ياشلىق بالا . بۇ دەل تەڭ ئايرىمىلىق سانلار قاتارىنىڭ يىغىندىسنى ھىسابلاش فورمۇلىسى ، ئىسىڭىزدە بولسا بىز بۇنى تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈگەنگەن ...
يۇلا ( Leonhard Euler ، شىۋىتسىيلىك ، 1707- 1783-يىللار . ) e^ix =cos x + isin x نى ئىجاد قىلغان . -
ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە گورۇپىلاش مەسىللىرى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-04-26
1. 5ساۋاقداش بىر قاتاردا تۇرماقچى، ساۋاقداش قاتارنىڭ بېشىدىمۇ،ئاخىرىدىمۇ تۇرمىسا، قانچە خىل ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بار؟
2. 0، 1، 2، 3، 4، 5 لەردىن پايدىلىنىپ رەقەملىرى تەكرارلانمىغان 4 خانىلىق جۈپ سان تۈزگەندە،ئىچىدە 3كە پۈتۈن بۈلىندىغانلىرىنىڭ سانى؟
3.تەنتەربىيە لاتاريىسىنىڭ نۇمۇرى 000001 دىن 999999 غىچە بولۇپ،سېتىۋالغاندا نۇمۇر سېلىشتۇرۇلىدۇ، بىرلەر خانىسىدىن باشلاپ، بىرىنجى،ئۈچۈنجى ۋە بەشىنجى خانىلىرى ئوخشاش بولمىغان تاق سان،ئىككىنجى،تۆتىنجى ۋە ئالتىنجى خانىلىرى جۈپ سان بولسا مۇكاپات چىققان ھېساپلىنىدىغان بولسا، مۇكاپات چىقىش پىرسەنتى قانچە؟
4. ئېلىپىسنىڭ ئۇزۇن، قىسقا ئوقى ئېلىپىسنى تۆت بۆلەككە بۆلىدۇ، ھازىر ئوخشاش بولمىغان5 خىل رەڭدە بويىماقچى. تەلەپتە ئۆز ئارا قوشنا بولغان ئككى بۆلەك ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بويىلىشى ھەمدە ھەربىر بۆلەك پەقەت بىر خىل رەڭدە بويىلىشى كېرەك بولسا، ئۇ ھالدا ئوخشاش بولمىغان بوياش شەكلى قانچە خىل؟
-
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىيە سۆزلەر (1) - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-04-25
1.Life a horse , and either you ride it or it rides you .
ھايات بىر ئات ، يا سىز ئۇنى مېنىسىز ، يا ئۇ سىزنى مېنىدۇ.
2. he supreme heppiness of life is the conviction that we are loved .
كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ بەخت - ئۆزىڭىزنىڭ سۆيۈلدىغانلىقىغا ئىشىنىش
. -
«قىمار ئوينىماڭ !» سىز ھامان ئۇتتۇرسىز ! - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-25
«پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » دا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش تامامەن تەلەيگە باغلىق بولۇپ ، ياشلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ . يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئۇتۇش ، ئۇتتۇرۇش پۇرسىتى تەڭدەك ھەتتا قاتناشقۇچىلارغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بارلىق «پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » لاردا ، پۇرسەت تەڭ ئەمەس ، بەلكى ھامان تاۋكا خۇجايىنىغا پايدىلىق بولىدۇ . قېنى بىز مۇشۇنداق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى ھېسابلاپ باقايلى .
-
ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ھامان 180 گىرادۇسقا تەڭ بولامدۇ ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-25
100 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ، ماتېماتىكلار بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە بىر-بىرىگە قارىمۇ قارىشى بولغان مىنداق ئىككى خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇنىڭ بىرى :
« ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇستىن چوڭ » ۋە « ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇستىن كىچىك » .
ئۇنداق بولسا ، بۇ ئۈچ خىل ئۆزئارا زىت بولغان ئۈچ مەسىلە قانداقمۇ بىر ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ ؟ بۇ زادى قانداق ئىش ؟ -
ئالتا كىشىلىك يىغىلىش مەسىلىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-24
1948-يىلى ۋىنگىرىيىدىكى ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مۇنداق بىر ئىسپاتلاش مەسىلىسى بار ئىدى : «خالىغان 6 كىشى ئىچىدە كېمىدە 3 كىشى ئۆزئارا تونۇش ياكى كېمىدە 3 كىشى ئۆزئارا ناتونۇش ». 1958- يىلى 6- ئايدا داڭلىق « ئامېرىكا ماتېماتىكا ئايلىق ژۇرنىلى »(美国数学月刊) دا ئۇنى بىر ماتېماتىكىلىق ئويۇن دەپ قايتىدىن ئېلان قىلدى . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارادا داڭلىق قىزىقارلىق مەسىلە بولۇپ قالدى ، ھەم « ئالتە كىشىلىك يىغىلىش مەسىلىسى » دەپ ئاتالدى .
-
تارتما پىرىنسىپى دېگەن نىمە؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-24
تارتما پىرىنسىپى (抽屉原则) يەنە كەپتەر قەپىسى پىرىنسىپى (鸽子笼原则) ياكى دىرىخلى پىرىنسىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ھەممىمىز بىلىمىزكى 6 پارچە كىتابنى 5 تارتمىغا سېلىشنىڭ بەزى تارتمىلارغا سالماي ، بەزىلىرىگە 1 پارچە ، 2 پارچە ، ... ھەتتا 6 پارچە سېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ . لېكىن خالىغانچە قانداق سالسىمۇ كېمىدە 2 پارچە كىتاب سېلىنغان تارتمىدىن كېمىدە بىرنى تاپقىلى بولىدۇ .
ئەگەر بىر تارتما بىر توپلامغا ۋەكىللىك قىلسا ، ھەر بىر پارچە كىتاب بىر ئېلېمېنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، m+1 دانە ياكى m+1 دىن كۆپ ئېلېمېنتنى m توپلامغا قويغاندا ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كېمىدە 2 ئېلېمېنت بار توپلامدىن كېمىدە بىرىنى تاپقىلى بولىدۇ . مانا بۇ « تارتما پىرىنسى» نىڭ ئابستراكت مەنىسى .
ئەگەر km+1 دانە ئېلېمېنت بار بولسا ، ئۇلارنى مەلۇم قائىدە بويىچە m دانە توپلامغا بۆلسەك (m ,k لار تەبىئىي سان ) ، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە k+1 دانە ياكى k+1 دىن ئارتۇق دانە ئېلېمېنتنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىر توپلام مەۋجۇت بولىدۇ . k=1 بولغاندا يۇقىرىدىكى «تارتما پىرىنسىپىنى ئابستراكت مەنىسى » گە يەنى «تارتما پىرىنسىپىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھالى » غا ئىگە بولىمىز . -
مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:
-
ماتېماتىكا ئەقىل-پاراسەت گىمناستىكىسىدۇر - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-22
-
ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە» - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-04-08
سان ئىنسان تەپەككۈرى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەلگىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولغان بەزى سانلارنىڭ مەنىۋىي تۈس ئېلىشى بىر قەدەر ئوموملاشقان ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت ھادىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ سانلارنىڭ «خاسىيەتلىك سان» غا ئايلىنىپ قېلىنىشىنىڭ كونكىرېت سەۋەبلېرى بار.ئەينى ۋاقىتتا بۇ سانلار ئىنسان تەپەككۈرۈدىكى مەۋھۇم ھادىسىلېرىنىڭ كونكىرىت بەلگىسى بولۇش رولىنى ئوينىغان ، شۇ ئاساستا بۇنداق سانلار بارغانسېرى قېلىپلىشىپ ، ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ، تۇرمۇش ئادەتلېرىمىزدە ، ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيەتلېرىمىزدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان .