ئەيلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھرىدە تۇغۇلغۇپ، 1783-يىلى 9 ئاينىڭ18- كۇنى روسىينىڭ پېتىر بۇرىگ (ھازىرقى لېنىن گىرات ) شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئەيلېر ، دۇنيا تارىخىدىكى ئارخىمىد ، نىيوتون ، گاۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مەشھۇر ماتېماتېكلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىمى ، پۈتمەس _تۈگۇمەس ئىجادىي كۈچى ، مول مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۇرىدۇ .
ئەيلېر 19 يېشىدىن 76 يېشىغىچە بولغان 50 نەچچە يىل جەريانىدا ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان .ھازىر ماتېماتېكىىنىڭ ئەيلېرنىڭ نامى ئاتالمايدىغان تارمىقىنى يوق دېسكمۇ بۇلىدۇ. ماتېماتېكىنىڭ ئېلمېنتار گېومېتىريىدىكى ئەيلېر سىزىقلىرى ، كوپ ياقلىقلار ھەققىدىكى ئەيلېرتىورمىسى ، ئانالىتىك گىومېتىريىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمىلىسى،تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ تاكى سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فۇنكىسىيسى ،دېففىرىنسىال تەڭلىمىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى ،قاتارلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تۇراقلىق سانى،ۋارىاتسىيە نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى،كومپىلىكىس ئارگىمىنۇتلۇق فۇنكىسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فورمۇلىسى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەيلېر نامى بىلەن ئاتالغان نەتىجىلەر زامانىمىزغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەيلېرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى زادىلا تاساددىپىي ئەھۋال ئەمەس.ئۇ ھەرقانداق غەيرى نورمال شارائىتتىمۇ خىزمەت ئىشلىيەلەيتتى.ئۇ ھەتتا چوڭراق بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى ئاڭلىسىمۇ خىزمىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەيتتى.ھەتتا،ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنى توختاتقىنى يوق.ئۇ ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئون يەتتە يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق بىر قانچە پارچە كىتاپ ۋە تۆت يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.ئەيلېرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىش مۈشكۈل ئىش بولۇپ قالغان.گەرچە 1909-يىلدىن باشلاپلا شىۋىتسارىيەنىڭ تەبىئىي پەن جەمئىيىتى ئەيلېرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمىنى يەتمىش ئىككى تومغا بۆلۈپ نەشىر قىلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ،بۇ ئەسەرلەر تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولالمىدى.
ئەيلېرنىڭ دادىسى پاۋىل ئەيلېر ئۆز دەۋرىدىكى يېتىشكەن ماتىماتىكلاردىن ئىدى. ئۇ كىچىك ئەيلېرنى ماتېماتىكىدىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويۇپ،ئۇنىڭ ئىلاھىيەت ئىلمىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەيلېرنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا مېڭىشى لازىم بولغان يولنى بەلگىلەپ قويماقچى بولغان.ئەيلېر 1720-يىلى باسېن ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ،ئۇنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى ئىۋان بېرنۇللىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئېۋان بېرنۇللىنىڭ ئالاھىدە يېتەكچىلىك قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.ئەيلېر ئاستا-ئاستا ئىۋان بېرنۇللىنىڭ ئوغۇللىرى نېكولاي بېرنۇللى ۋە دانىل بېرنۇللى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولىدۇ.
ئەيلېر 19 يېشىدا كېمە مومىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ چىقىدۇ،بۇ ماقالە شۇ يىلى پارىژ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئەيلېرنىڭ ئىجادىيىتى باشلىنىدۇ. كېيىنكى يىللاردا يەنە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلىنىدۇ.1725-يىلى ئاكا-ئۇكا بېرنۇللىلار روسىيەگە ئىشلەشكە بارىدۇ،ھەم،چارپادىشاھ يېكاتېرنا1گە ئەيلېرنى تەۋسىيە قىلىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ئەيلېر 1725-يىلى بەشىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى پېتىربۇرگقا كېلىدۇ.1733-يىلى دانىل بېرنۇللى داسىل شەھىرىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئەيلېر 26يېشىدىلا دانىل بېرنۇللىنىڭ ئورنىدا پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ پىراففىسورى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1735-يىلى ئەيلېر ئاسترونومىيىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسىنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈندىلا ھەل قىلىدۇ.بۇ مەسىلە ئەيلېر زامانىدىكى بىرقانچە داڭلىق ماتېماتىكلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە نەچچە ئايدا ئاران ھەل بولغان ئىدى.ئەمما،ئەيلېر بۇنى ئۈچ كۈندىلا ھەل قىلىدۇ.ھازىرجاۋابلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە،ئەيلېر كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولىدۇ.بەخىتكە قارشى 28 يېشىدا ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىدۇ.
ئەيلېر 1741-يىلى پىر روسىيە ئىمپىراتورى فېردىرخ بىلەن تەكلىپكە ئاساسەن بېرلىن شەھىرىگە كېلىپ،تا 1766-يىلىغىچە بېرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە پىراففىسور بولۇپ ئىشلەيدۇ.1766-يىلى روسىيە پادىشاھى يېكارتىنا2نىڭ قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىشىغا ئاساسەن يەنە پېتىربۇرگقا قايتىپ كېلىدۇ.ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ.بەخىتكە قارشى ئۇ سول كۆزىدىنمۇ ئايرىلىدۇ.
لېكىن،بەخىتكە قارشى ئىككىلا كۆزىدىن ئايرىلغان ئەيلېر خىزمەتتىن يەنىلا توختاپ قالمايدۇ.1771-يىلى پېتىربۇرگدا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىدە ئەيلېرنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كېتىدۇ.64ياشقا كىرىپ قالغان ئەيلېر ئوت ئىچىدە ئۆزى يالغۇز قېلىپ قالغاندا ئەيلېرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئۆي خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا قارىماي ئەيلېرنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.ئەمما،ئوت ئىچىدە ئەيلېرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرى،نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ.ئەيلېر پۈتۈنلەي قارىغۇ بولۇپ كېتىشتىن ئاۋالقى نەرسىلىرىنى غۇۋا بولسىمۇ كۆرەلەيدىغان بۇ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۆزى ئىجاد قىلغان فورمۇلىلارنى دوستىغا چوڭ ۋە ئېنىق قىلىپ يېزىپ،ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىپ يازدۇرغان.ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى،بولۇپمۇ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىۋان ئالبېرت ئەيلېر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كاتىپى بولىدۇ.ئەيلېر ئىككى كۆزىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت-شىجاەت بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.ئۆزىنىڭ ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە كۆڭلىدە ھېسابلاش ئىقتىدارنىڭ يۇقىرىلىقىغا تايىنىپ،تەتقىقات ئىشىنى ئاخىرقى نەپسىگىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.ئۇنىڭ كۆڭلىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى قالتىس ئىكەنلىكىنى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.ئەيلېرنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر يىغىلغۇچى قاتارنىڭ 17 ئەزاسىنى قوشۇپ،ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەللىك خانىغىچە ھېسابلىغاندا،ھېسابلاش نەتىجىسى بىر-بىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ.ئەيلېر بۇ ھېسابلانغان نەتىجىلەرنىڭ خاتاسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن،كۆڭلىدە ئىشلەپ ئاخىرىدا خاتالىقنى تېپىپ چىقىدۇ.ئۇ مانا مۇشۇ 17 يىل ئىچىدە،ئەينى ۋاقىتتا نىيۇتۇننىڭ بېشىنى بەكمۇ قاتۇرغان ئاينىڭ ھەرىكەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ،ۋە،شۇنىڭ بىلەن بىللە ماتېماتىكا ئانالىزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ.شۇڭا،ئەيلېرنىڭ زامانداشلىرى ئۇنى "ئانالىزنىڭ پېشۋاسى"دەپ ئاتىشىدۇ.فىرانسىيە ئاسترونومى،فىزىكى ئاننان ئەيلېرنىڭ ھېسابلاشنى ئېلىپ بېرىشى ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشى بۈركۈتنىڭ بوران-چاپقۇننى مەنسىتمەي ئۇچۇشىغا ئوخشاش ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايدىغان ئىشتەك ئىدى،دەپ يازغان.
ئەيلېر ئۆزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرىۋاتقان زېھنىي كۈچىنى ئاخىرقى نەپسىگىچە ساقلاپ قالدى.1783-يىلى توقققۇزىنچى ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھاۋا شارىنىڭ كۆتۈرۈلۈش قانۇنىدىكى ھېسابلاشتا ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆز بۇرادەرلىرىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ.ئۇ زىياپەتتە چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن نەۋرىسىنى ئەركىلىتىپ تۇرغاندا،توساتتىن كېسىلى قوزغىلىپ غاڭزىسى قولىدىن چۈشۈپ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىدە"مەن ئۆلدۈم"دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى ئېيتىدۇ-دە،ئەيلېرنىڭ يۈرىكى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارى توختايدۇ.
ئەيلېرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسلىرى ئىچىدە:ماتېماتىكا ئانالىزى ۋە ئالىگىېبىرا سانلار نەزەرىيىسىگە ئائىتلىرى 40%نى،گېومېتىرىيەگە ئائىتلىرى18%نى،فىزىكا ۋە مېخانىكىغا ئائىتلىرى 28%نى،ئاستىرونومىيەگە ئائىتلىلىر 11%نى،ئوق يولى،دېڭىز قاتناش ئىلمى،بىناكارلىق ئىلمى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىتلىرى 3%نى ئىگىلەيدۇ.ئۇ يازغان "چەكسىز كىچىكلىكلەر ئانالىزىغا كىرىش"دېگەن ئەسىرى 1748-يىلى شىۋىتسارىينىڭ لاۇسان شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان.بۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر بولۇپ،ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكەممەل ۋە سېستىمىلىق ماتېماتىكا ئانالىز دەرسلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان تېرىگىونومېتىرىيسىنى "چەكسىز كىچىكلىكلەر ئانالىزىغا كىرىش"تىن باشلاپ شەكىللەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ ئەسەردە ئەيلېر بىرىنچى بولۇپ فۇنكىسىيە سىزىقلىرىنىڭ رادىۇسقا نىسبىتى ئارقىلىق تېرىگىونومېتىرىيلىك فۇنكىسىيەگە ئېنىقلىما بەرگەن .بۇنىڭدىن بۇرۇن كېسىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تېرىگىونومېتىريەلىك فۇنكىسىيەلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى قىلىناتتى.ئەيلېر ھەممىدىن ئاۋالa,b,cلار بىلەن ئۈچبۇلۇڭدىكى A,B,Cبۇلۇڭلارغا قارشى ياتقان تەرەپلەرنى بەلگىلەپ تېرىگىونومېتىرىيەلىك فۇنكىسىيەلەرنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغان.ئەيلېرنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن باشلاپ ئۈچبۇلۇڭلارنى يېشىشنىلا تەتقىق قىلىدىغان تېرىگىونومېتىرىيە ماتېماتىكىنىڭ تېرىگىونومېتىرىيىلىك فۇنكىسىيىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقىغا ئايلاندى.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇ نەرسىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى،ئەيلېر ئۆز زامانىسىدىكى داڭلىق ماتىماتىك بولۇش بىلەن بولماي،ئىنتايىن كەمتەر ۋە ياشلارنىڭ ئۆسۈشىنى قىزغىن قوللايدىغان ئالىي پەزىلەتكە ئىگە ئىدى.مەسىلەن،لابىرانچ ئۆزىنىڭ ۋارىاتسىيە ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەيلېرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئەۋەتكەندە،ئەيلېر بىر تەرەپتىن بۇ ياش ماتېماتىكنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ،ئۆزىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلماي ۋاقتىنچە باستۇرۇپ قويىدۇ.
دېمەك بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى،ئەيلېرنى "دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىدىكى گىگانىت ئادەم"دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ