-
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (1) فارابى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجىرىيىنىڭ 259 - يىلى ( مىلادى 870 - يىلى ) سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى فاراب ( ئوتتۇرا ) شەھىرىنىڭ ۋاسپىچ ھەربى قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ 30 ياشقا كىرگىچە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇركىي تىل - ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى، شۇنداقلا پارىس تىلىنى پىششىق ئەگىلىدى. كىيىن باغدات شەھىرىگە بېرىپ، ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىدىن ئۇستازلىقىدا ئەرەپ تىلىنى ھەم خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، ھەرزان شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت نەزەرىيىسى، ماتىماتىكا، مۇزىكا ئۆگەندى ھەم كۆپلىگەن پەلسەپىۋى ئەسەر ۋە شىئېر يازدى. 921 - ، 922 - يىللىرى ھەرراندىن باغداتقا قايتىپ 20 يىل تۇرۇش جەريانىدا، ئەڭ نادىر ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىللە، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىلمى سۆھبەت - مۇتالىئەلەردە بولۇش، دەرس لىكسىيە سۆزلەش بىلەن شوغۇللاندى.
فارابى ياشانغان چاغلىرىدا سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى دەمەشىققە كىتىپ، ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇدەۋلەتىنىڭ زور ئىلتىپات كۆرسىتىشى ۋە ئۇستاز تۇتىشىغا نائىل بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەلەپ، دەمەشىق، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىلمى مۇنازىرە، لىكسىيەلەردە يۇقۇرى شۆھرەت قازىنىپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. بەزى تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە، فارابى سامانىيلا دۆلىتىدە << ئەتتالىم ئەسسانى >> ( ئىككىنچى تەلىمات ) مەشھۇر كىتابنى يېىزىپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىيلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلغانلىقى، مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ بۇ كىتابتىن سۈيۈنۈپ، فارابىغا ئارستوتىلدىن كىيىنكى << ئىككىنچى >> ئۇستاز دەپ شۆھرەتلىك نام بەرگەنلىكى مەلۇم.
فارابى ئۆمرىدە << ئىھسائۇل ئۇلۇم >> (پەندىلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى )، << ئۇيۇنۇل مەسائىل >> ( مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىرى )، << پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا >>، << بەخت توغرىسىدا >>، << ئەقىل ھەققىدە >>، << كىتاب جەمىئۇل مەنتەقە >> ( لوگىكا توغرىسىدا ئون ئىككى ئەسەر )، << چوڭ لوگىكا كىتابى >>، << خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۆرلىكى توغرىسىدا >>، << ئادەم ئورگانىزىمى توغرىسىدا >>، << خۇسۇسۇل ھىكمەت >> ( ھىكمەت مەنىلىرى )، << ئەقىل مەسائىلۇل فەلسەفىيە ۋەلجەھا بەئەنھا >> ( پەلسەپىلىك سۇئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى )، << كىتابۇ شىئېر >> ( شىئېرىيەت ھەققىدە )، << كالام فى شىئېر ۋەل فافى >> ( شىئېر ۋە قاپىيىلەر ھەققىدە سۆز )، << رىسالەفى قانۇن سەنائەت ئەششېئىر >> ( شېئىرىيەت سەنئىتى قانۇنىيىتى ھەققىدە رىسالە )، << كىتابۇل مۇسقۇل كەبىر >> ( مۇزىكا ھەققىدە بۈيۈك كىتاب )، قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىللە ئەسلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا، ئارىستوتىلنىڭ << كاتېگورىيە >>، << مېتافىزىكا >>، << سوفىستىكا >>، <<ئىزاھاتنامە >>، << بىرىنچى ئانالىتىكا >>، << ئىككىنچى ئانالىتىكا >>، << توپىكا >>، << رىتورىكا >>، << پوئېتىكا >>، قاتارلىق ئون پارچىدىنن ئارتۇق كىتابىغا ۋە پىتىلوم، ئېۋكىلىد، ئالىكساندىر ئافرودىتىسكا قاتارلىقلارنىڭ << ئالما گېستا >>، << گېئومىتىرىيە >>، << ئىزاگوك >>، << روھ ھەققىدە >> قاتارلىق بىر بۆلۈك ئەسەرلىرىگە شەرھ ۋە تەبسىر يېزىپ، يۇنان ئالىملىرى ۋە ئىسكەندەرىيە ئىلمى گۇروھىدىن كىيىنكى پەن يېڭىلىقلىرى بويىچە ئەسلى ئەسەر مەزمونىنى تۈزۈتۈپ بېيىتىش ئارقىلىق پەلسەپە تارىخىدا << ئىككىنچى ئارىستوتىل >> دەپ ئاتالدى.
فارابى ئارىستوتىل ماتېماتىكىسىنىڭ باشلانغۇچ ئۇقۇم جەھەتتىكى ئىدىيىسىگە بەكراق قىزىقىپ ، ئېۋكىلىدنىڭ < گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى > دېگەن كىتابىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان . شۇ ئاساستا < ئېۋكىلىدنىڭ بىرىنچى ۋە بەشىنچى توم كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىگە شەرىھ > دېگەن ئەسەرنى يىزىپ چىققان .بۇ ئەسەر گېئومىتېرىيە كىتابى بولۇپ ، ئەسەردە گېئومىتېرىيىلىك چۇشەنچىلەر تۇنجى بولۇپ بىر قەدەر ئابىستىراكىتنىلاشتۇرلۇپ بايان قىلىنغان. بەزى گېئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنى سىزىشنىڭ ئۇسۇللىرى تەپسىلى چۇشەندۇرۇلگەن. تۇنجى بولۇپ سېفىرا چۇشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويغان .
فارابىنىڭ يەنە ئىراتسېئونال سانلار ئۇستىدىمۇ تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغانلىقى مەلۇم . ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتىماتىكىلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە [ پىتولۇمنىڭ < گېئومىتىرىيە ۋە ئاستورنومىيە > كىتابىغا شەرىھ ] ، < ئارىستوتىلنىڭ گېئومىتىرىيە ھەققىدىكى جەدۋەل ناملىق كىتابىنىڭ شەرىھ > ، < غايىۋى گېئومىتىرىيە كىتابى ھەققىدە كىتاب > قاتارلىقلار بار .
收藏到:Del.icio.us
评论