-
مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە يىللىرىدا ھەپتە ھېساپلاش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-04-26
كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا قايسى بىر يىلىدا مەلۇم ئايدىكى بىر كۈننىڭ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە توغرا كىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، بۇنى كومپيۇتېرنىڭ يارىدىمى بىلەن ياكى ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئۈچۈن كالىندارغا مۇراجىەت قىلىپ ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەمنىڭ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئېنىقلىيالىشى ياكى ئۆتۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ياكى كەلگۈسى يىللار ئۈچۈن كالىندار ۋاراقلاشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ، لىكىن بۇنى كالىندارسىزمۇ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق باشلانغۇچ ماتېماتىكا سەۋىيىسىدىكى ئادەممۇ ئاسانلا ھېساپلاپ چىقىرالايدۇ.
ماقالىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادىيە 2006 -يىلى، ھىجرىيە 1427- يىلى بولۇپ، تۆۋەندىكى مۇناسىبەتلىك يىللار ماقالا يېزىلغان ۋاقتىغا نىسبەتەن ئەيتىلغان.
ھىجرىيە يىلىدا ھەپتە ھېساپلاش ئۇسۇلى
ھىجرىيە يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئاساسلىق قوللىنىدىغان زامان سىزىقى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەھيىسىنىڭ 13 ـ يىلى رەبىيئۇلئەۋۋەل ئېيى يەنى ھىجرىيە يىل ھېسابىي بويىچە 1427 يىل ئىلگىرى، مىلادىيە يىل ھېسابى بويىچە 1384 يىل ئىلگىرى(622 ـ يىلى 16 ـ ئىيول)، مەدىنىگە قىلىنغان ھىجرەت كۈنىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىشلىتىدىغان بۇ تەقۋىمنى ھىجرىيەنىڭ 16 ـ يىلى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق قوللىنىشى ئۈچۈن بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە رەسمىي يولغا قويغان. گەرچە ئۇ دەۋردە مىلادىيە تەقۋىمىي بار بولسىمۇ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرىدە بايان قىلىنغان نۇرغۇن ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقتى - سائەتلىرى بۇ تەقۋىم بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە رىئال ئەھمىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە كېيىنكى دەۋردىكى مۇسۇلمان ئالىملار، يازغۇچىلار، مۇتەپەككۇرلار ۋە بىلىمى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان ئادەتتىكى مۇسۇلمان كىشىلەرمۇ نوتۇقلىرىدا، يازمىلىرىدا ھامان ھىجرىيە يىلىنى قوللانغان.
بىرقىسىم يازما ماتېرىياللاردا ھىجرىيە يىلىنى نوقۇل سان بىلەنلا خاتىرلىمەستىن، ئەرەپ يېزىقىدىكى ھەرپ ئارقىلىق ئەبجەد ئۇسۇلىدا خاتىرىلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.
ئەرەپ يېزىقىدىكى 28 ھەرپ يالغۇز تاۋۇشلارنى خاتىرىلەيدىغان بەلگۈ بولۇپلا قالماي يەنە تۆۋەندىكىدەك ئەبجەد قايىدىسى بويىچە رەقەم ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن: "تەۋارىخى مۇسقىييۇن"نىڭ خاتىمە قىسمىدا ئاپتۇر ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى ئىزاھلاپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈلگەن ۋاقتىنى "تارىخىن" دېدىم دەپ يازغان. بىز "تارىخىن" دېگەن سۆزنى يۇقارقى ئەبجەد بويىچە ھېساپلىساق، مۇنداق بولىدۇ:
ت(400)+ ا(1)+ ر(200)+ ى(10)+ خ(600)+ ى(10)+ ن(50)= تارىخىن(1271) بولىدۇ
بۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، مۆجىزىنىڭ "مۇزىكانتلار تارىخى" ناملىق ئەسىرى ھىجرىيە 1271- يىلى يېزىلغان.
تۆۋەندە ھىجرىيە يىلىدىكى خالىغان بىر يىلنىڭ مەلۇم ئېيىدىكى بىركۈننىڭ ھەپتىسىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
1. بىز ھەپتىسىنى ئېنىقلىماقچى بولغان يىلنىڭ سانلىق قىممىتىنى 7گە بۆلۈپ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقنى تاپىمىز. ئەگەر قالدۇق نۆل(0) بولسا، ئۇنىڭ قالدۇقىنى 7 دەپ ئالىمىز. ئاندىن قالدۇققا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن قالدۇققا ماس كەلگەن قالدۇق ھەرىپىنى ئىسىمىزدە ساقلايمىز.
ئەسكەرتىش: جەدۋەلدە قالدۇق 7نىڭ ئاستىدىكى ھەرپ ئەسلىدە «و» ئەمەس، «د» بولىشى كېرەك ئىدى، خاتا كىتىپ قاپتۇ، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.
2. تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئېنىقلىماقچى بولغان ئاينىڭ ماس ھەرىپىنى ئېسىمىزدە ساقلايمىز.
3. ئېسىمىزدە ساقلىۋالغان يۇقارقى قالدۇق ھەرپى بىلەن ئاي ھەرپىنىڭ ئەبجەد (1- جەدۋەل)دىكى سانلىق قىممىتىنى ئايرىم - ئايرىم ئېنىقلاپ، ئىككى قىممەتنى قوشىمىز، كىلىپ چىققان يىغىندا ئەڭ چوڭ بولغاندا 14، ئەڭ كىچىك بولغاندا 2 بولىدۇ، يىغىندىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق ئېنىقلىماقچى بولغان ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى ھەپتە كۈنىگە ھۆكۈم قىلىمىز.
مەسىلەن، بىز يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرقانچە كۈننىڭ ھەپتە سانىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى:
1- ھىجرىيە 1382- يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 11-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنىگە توغرا كىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
1) 1382نى 7گە بۆلسەك قالدۇق 3 بولىدۇ، بۇنىڭدىن 2. جەدۋەلگە ئاساسەن قالدۇقنىڭ ھەرپى "ج"نى ئېسىمىزدە ساقلىۋالىمىز.
2) 3. جەدۋەلگە ئاساسەن مۇھەررەم ئېيىنىڭ ماس ھەرىپى" ز"نى ئېسىمىزدە ساقلىۋالىمىز.
3) يۇقارقى ئېسىمىزدە ساقلىۋالغان ئىككى ھەرپ"ج"، "ز"نىڭ 1.جەدۋەلدىكى ئىپادىلىگەن ئەبجەد قىممىتى3، 7نى ئايرىم - ئايرىم تېپىپ قوشساق 10 بولىدۇ، بۇنىڭدىن 4- جەدۋەلگە ئاساسەن مۇھەررەم ئېيىنىڭ 1- كۈنى "سەيشەنبە" ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىيالايمىز، دېمەك 11- كۈنى "جۈمە" بولىدۇ.
2- كىلەر يىلى يەنى ھىجرىيە 1428- يىلى قۇربان ھېيىت قايسى كۈنى بولىدۇ، كۆرۈپ باقايلى:
1) 1428نى 7گە بۆلسەك قالدۇق 7 بولىدۇ، بۇنىڭدىن 2. جەدۋەلگە ئاساسەن قالدۇق ھەرپ "د"نى ئېسىمىزدە ساقلىۋالىمىز.
2) 3. جەدۋەلگە ئاساسەن قۇربان ھېيىت ئېيىنىڭ ماس ھەرىپى"ج" نى ئېسىمىزدە ساقلىۋالىمىز.
3) يۇقارقى ئېسىمىزدە ساقلىۋالغان ئىككى ھەرپ"د"، "ج"لارنىڭ 1.جەدۋەلگە ئاساسەن ئەبجەد قىممىتى4، 3نى ئايرىم - ئايرىم تېپىپ قوشساق 7 بولىدۇ، بۇنىڭدىن 4- جەدۋەلگە ئاساسەن قۇربان ھېيىت ئېيىنىڭ 1- كۈنى "شەنبە" ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىيالايمىز، دېمەك قۇربان ھېيىت بۇ ئاينىڭ 10- كۈنى باشلانغانلىقتىن "دۈشەنبە" بولىدۇ.
ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋاقىت پەرقىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك بەزىدە يۇقارقىدەك ئېنىقلانغان ھەپتە كۈنلىرىدە رايۇنىمىزدىكىدىن بىرەر كۈن پەرق كۆرۈلۈپ قىلىشىمۇ مۇمكىن.
مىلادىيە يىلىدا ھەپتە ھېساپلاش ئۇسۇلى
مىلادىيە يىلىدا ئالدىنقى يېرىم يىلنىڭ تاق ئايلىرى يەنى 1،3،5،7- ئايلىرى بىلەن كېيىنكى جۇپ ئايلىرى يەنى 8،10،12- ئايلىرى 31كۈندىن بولىدۇ، 2- ئاي ۋە يۇقارقى 31 كۈنلۈك كىلىدىغان 6 ئايدىن باشقا 4، 6، 9، 11- ئايلىرى 30 كۈندىن كىلىدۇ. 2- ئاي ئۆزگىرىشچان بولۇپ يىللاردا ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى 400گە پۈتۈن بۆلىنىدىغان ياكى 4كە پۈتۈن بۆلۈنۈپ 100گە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللاردا 29 بولىدۇ، قالغان يىللارنىڭ ھەممىسىدە 28 بولىدۇ.
مىلادىيە يىلى بويىچە مەلۇم يىلدىكى مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاشتا تۆۋەندىكى فورمىلىدىن پايدىلىنىمىز:
S= y-1+[(y-1)/4]-[(y-1)/100]+[(y-1)/400]+z
فورمىلىدىكى y بىز ئېنىقلىماقچى بولغان ھەپتە تەۋە بولغان مىلادىيە يىلنى كۆرسىتىدۇ، z مىلادىيە يىلى yتىكى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن تاكى بىز ئېنىقلىماقچى بولغان كۈنگە قەدەر بولغان ئومومىي كۈن سانىنى بىلدۈرىدۇ. فورمىلىدىكى ئىپادىلەرنىڭ ئوتتۇرا تىرناق([])قا ئېلىنىشى بۆلۈنمىنىڭ پەقەت ئەمەلىي پۈتۈن سان قىسمىنى ئېلىشنى(پۈتۈنلەپ ئېلىشقا بولمايدۇ) بىلدۈرىدۇ.
Sنى تېپىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى 7گە بۆلۈپ قالدۇقنى تاپىمىز، تاپقان قالدۇققا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق ھەپتە كۈنىگە ھۆكۈم قىلىمىز.
مەسىلەن، بىز يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرقانچە كۈننىڭ ھەپتە سانىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى:
1) 1962 . يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ ھېساپلاپ كۆرەيلى:
يۇقارقى فورمىلىغا ئاساسەن، ئۇنى مۇنداق ھېساپلايمىز:
S= 1962-1+[(1962-1)/4]-[(1962-1)/100]+[(1962-1)/400] +31+ 28+ 31+30+ 31+15
= 1961+[490.25]-[19.61]+[4.9025] +166
= 1961+490-19+4+166
= 2602
بۇ 2602نى 7گە بۆلسەك قالدۇق سان 5 بولىدۇ. يۇقارقى 5- جەدۋەلگە ئاساسەن بۇ كۈننىڭ جۈمە كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
2) 2010 . يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ ھېساپلاپ كۆرەيلى:
يۇقارقى فورمىلىغا ئاساسەن، ئۇنى مۇنداق ھېساپلايمىز:
S=2010-1+[(2010-1)/4]-[(2010-1)/100]+[(2010-1)/400] +31+28+31+30+31+30+31+31+30+1
= 2009+[502.25]-[20.09]+[5.0225]+274
= 2009+502-20+5+274
= 2770
بۇ 2770نى 7گە بۆلسەك قالدۇق سان 5 بولىدۇ. يۇقارقى 5- جەدۋەلگە ئاساسەن بۇ كۈننىڭ جۈمە كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
مىلادىيە يىلى بىلەن ھىجرىيە يىلىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى
ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى: M=H-(H/33)+622
فورمىلىدىكى H ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان ھىجرىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: ھىجرىيە 1382- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1382-(1382/33)+622
=1382-(41.878788)+622
=1382-42+622
=1962
مۆجىزىنىڭ "مۇزىكانتلار تارىخى" ناملىق ئەسىرى يېزىلغان ۋاقتى ھىجرىيە 1271- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1271-(1271/33)+622
=1271-(38.51515151)+622
=1271-38+622
=1855
مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى: H = M -622+ (M -622) /33
فورمىلىدىكى M ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان مىلادىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: مىلادىيە 1962- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1962 -622+ (1962 -622) /33
= 1340+ 40.60606061
=1381
يەنە مىلادىيە 1855- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1855 -622+ (1855 -622) /33
= 1233+ 37.363637
=1270
يۇقارقى ئايلاندۇرۇشتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىككى يىلنىڭ باشلىنىش مەزگىلى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن فورمىلىنىڭ نەتىجىسى ھامان تەخمىنلىككە ئىگە بولسىمۇ، پەرق بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ نازۇك مەسىلىلەردە ئىنچىكە ھېساپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
_____________________________________________
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1)"چاغاتاي تىلى" خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 86- يىلى 8- ئاي 1. نەشىرى.
2)"يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن(ماتېماتىكا-1)" شىنجاڭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1990- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى.
3)"باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئاساس نەزەرىيىسى ۋە مېتودى(1. قىسىم)" شىنجاڭ مائارىپ نەشەرىياتى 1988- يىلى 6- ئاي 1. نەشىرى
بىلىگ مۇنبىرىدىن ئىلىندى历史上的今天:
ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت 2009-04-26مەۋھۇم سان( Imaginary number ) مەۋھۇممۇ ؟ 2009-04-26دۇنيا دىكى تۆت ئۇلۇغ ماتىماتىك 2009-04-26ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە گورۇپىلاش مەسىللىرى 2009-04-26
收藏到:Del.icio.us