ئوغۇللار 8 ياش، قىزلار 6 ياشتا مەكتەپكە كىرىش تەكلىپى بېرىلدى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى ھەم ۋەكىل، ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ شياۋجىن ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىمتىھان مەزمۇنى، ئىمتىھان تۈرلىرىدە سەرخىللىشىپ سەۋىيەسى ئۆستى، ئەستە تۇتۇشقا تايىنىدىغان ئىمتىھان مەزمۇنى ئىمكانقەدەر ئازايتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى سىناشقا ئەھمىيەت بېرىلدى دەپ قارىدى.

جۇ شياۋجىن مۇنداق بىر ئەھۋالغا، يەنى ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوغۇل-قىز نىسبىتىنىڭ زىيادە تەڭپۇڭسىزلىقى، قىزلارنىڭ كۆپ، ئوغۇللارنىڭ ئازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. جۇ شياۋجىن بۇ-ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە، ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار، مەسىلەن: قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بالدۇر بولىدۇ، ئەگەر ئوخشاش ياشتا تەڭلا مەكتەپكە كىرسە، كۆپ ھاللاردا قىز ئوقۇغۇچىلار بەكرەك ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ، نەتىجىسى نىسبەتەن پەرقلىق بولىدۇ، مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاسانلا زەربىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىدى. جۇ شياۋجىن تەھلىل قىلىپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، قىز ئوقۇغۇچىلار كەمسۆزرەك كېلىدۇ، ئەستە ساقلاش ۋە يىغىنچاقلاشقا ماھىر بولىدۇ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى بىر قەدەر جانلىق بولىدۇ، يەشمە ئەقلىي خۇلاسىگە ماھىر كېلىدۇ.

ئوغۇللار بىلەن قىزلار تەڭ ياشتا مەكتەپكە كىرسە، قىزلار كۆپ ھاللاردا ئوغۇللاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان، بولۇپمۇ تىل ئۆگىنىشتە تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى زۆرۈر ئىمتىھان تۈرى بولغان ئۈچ خىل دەرسلىكتە، تىل ئىككى تۈرنى ئىگىلەيدۇ، قىز ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتتە نىسبەتەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ دېدى. ئۇ ئوغۇللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىنى سەككىز ياشقا كېچىكتۈرۈشنىڭ زىيىنى يوق، قىزلار يەنىلا ئالتە ياشتا مەكتەپكە كىرسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئوغۇللار ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغما ئالاھىدىلىكىنى قويۇۋېتىپ، ياخشى ئوينىيالايدۇ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرالايدۇ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىدۇ، مەكتەپكە كىرىپلا ئۆگىنىش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان ئىش بولمايدۇ دەپ تەكلىپ بەردى. جۇ شياۋجىن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا كېلىپ، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم جىنسىي كەمسىتىش ئەمەس، مەن ئۆزۈممۇ ئالتە يېرىم يېشىمدا مەكتەپكە كىرگەن، ئۇ چاغدا ئەتراپىمدا ئەلا ئوقۇغان قىزلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى، ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىمىزنى زەربىگە ئۇچرىغاندەك سىزەتتۇق دېدى.

ئوغۇللارنىڭ ئۆگىنىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئەۋزەللىكى-ئوقۇش يېشى كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن گەۋدىلىنىپ چىقامدۇ-يوق؟ ئىمتىھاندا تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولامدۇ-يوق؟ جياڭسۇ ئوغۇللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى ئويلىشامدۇ-يوق؟ جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2006-يىلى تۈزىتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»غا ئاساسەن، ئومۇمەن بالىلار ئالتە ياشقا توشقاندا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھامىيسى بالىنى مەكتەپكە بېرىشى ھەم مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشى كېرەك؛ بۇ شەرتنى ھازىرلىمىغان رايونلاردىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشى يەتتە ياشقا كېچىكتۈرۈلسە بولىدۇ. جياڭسۇ «مەجبۇرىيەت مائارىپى»دىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىپ، ئوغۇللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى ۋاقتىنچە ئويلاشمايدۇ. ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ يېتىلىشىدە پەرق بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى غايەت زور پەرقنى پەيدا قىلىشقا يېتەرلىك سەۋەب بولالمايدۇ، ئوغۇللارمۇ ئالتە يېشىدا مەكتەپكە كىرگەن سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدىغان ئىش بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئوغۇل كىرىزىسى ھەقىقەتەن دۇنياۋى مەسىلە بولماقتا، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ھازىرقى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ قىزلارغا ماس كېلىپ، ئوغۇللارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى تەس بولۇش سەۋەب بولماقتا.



خەتكۈچلەر:
07-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-03-2016
20-مارت سائەت 14:34 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشىدىكى شىنپىڭ چوڭ ئەترىتى، شىنپىڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئاياللار ھاجەتخانىسى ئىچىدە كىچىك بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى، ھەمدە سۇ چۈشۈرۈش تۇرۇبا ي...
24-03-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى مەخسۇس خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھې، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شىتابى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان چىڭۋاتەيگە زەربە بېرىش توغرىس...
24-03-2016
يەر شارى تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمان يېقىندا 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يېڭى ئۈچ كۈنلۈ...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىگە، شۇنداقلا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خەۋىرى...
24-03-2016
ياۋروئاسىيا تور بېتىنىڭ 24-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: 2015-يىلى ئۆزبېكىستاندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 554 مىڭ كۆپەيدى. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ نوپۇسى 31 مىليون 576 مىڭ 400 ئادەمگە يەتتى. بۇ ئ...
24-03-2016
سۇمرۇغ تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. ئەنگلىيە مېدىياسى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ياۋروپا لوڭقسىى 24 كۈچلۈكلەر...
24-03-2016
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet گۇرۇھى يولغا قويۇلغىلى ئۈچ يىل بولمىغان ماشىنا ئادەم تۈرىنى بىكار قىلىدىكەن، بىرلا ۋا...
24-03-2016
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنىس ئايرېسقا يېتىپ بېرىپ، ئاگېنتىناغا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىي...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردەمچى باشلىقى 23-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومى...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە 2015-يىلى بېريۇسېل پارتلىتىش ۋە...
Powered by Leglek