دۇنيا ئىقتىساد تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىياڭ 7- مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بيېجىڭدا ئۆي باھاسى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %11 ئۆستى، ئەمما بۇنى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش چاستۇتىسى دىگىلى بولمايدۇ. بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى مەلۇم ۋاقىت ئىزچىل يۈرگۈزىلىدۇ.
يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن رايونلاردا ئۆي باھاسى توختىماي ئۆستى، ھەتتا بەزى جايلاردا شىددەت بىلەن ئۆسۈش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىياڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆي يەر مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بيېجىڭنىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپىدىكى سېتىۋلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ. قانۇنسىز قۇرۇلۇش قىلىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش قىلمىشى قانۇن بۇيىچە تەرتىپكە سېلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved