ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.

    مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

  • ئىجادىيەت بېغىدا

    قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى  تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ  ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە  ئۆز  ئەجرىنى  سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك  قەلىمىنىمۇ  قولىغا ئېلىشقا  ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان  جەلبكار  نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى  ئوقۇرمەنلىرىگە  بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار  توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق  ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق  ئىككى  ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .

  • ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ

    ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە  پاراڭلىشىش  داۋامىدا  ئالىي  مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا  كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز  سەمىمى  نىيەت  بىلەن  ئوتتۇرىغا  قويۇشقا باشلىدى .

    ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك  ھاياتتىكى ياخشىلىق  ۋە  يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟

    ـ ئوبدان . ئالدى  بىلەن ھاياتتىن سۆز  ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى  ئوستروۋسكىنىڭ  سۆزىنى  ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان  بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن  يىراق  تۇرۇشى ، چەكلىك  ئۆمۈرىنى  خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك .

  • شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    مەنزىل مەردنى تاللايدۇ

    بىرئۆمۈر  نەشرىيات  پىرىنسىپلىرىغا  ئەمەل  قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك  بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك  مۇساپىسىدە  قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت  قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم  ئەدىب ئابدۇرۇسۇل  ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق  كۆرۈنەتتى.