ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    تەسەۋۋۇف - [ئىسلام ۋە دۇنيا]

    تەسەۋۋۇف

    ·                                  

    تەسەۋۋۇف ( تەسەۋۋۇف-قۇرئاندا تەزكىيە ۋە ھېكمەت دەپ ئاتىلىدۇ، ھەدىسلەردە ئېھسان دەپ تەرىپلىنىدۇ. كېيىنچە كىشىلەر ئارىسىدا « تەسەۋۋۇف» دەپ ئاتالدى)

    فىقھى- ئىنساننىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئاشكارا ئەمەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى فىقھى، سىزگە بېرىلگەن ئەمىرنى تەلىماتقا ئۇيغۇن شەكىل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردىڭىزمۇ يوق؟ ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىڭىز، بۇ جەرياندىكى روھىي ۋە قەلبىي ھالىتىڭىزدىن فىقھى سۆز ئاچمايدۇ. تەسەۋۋۇف بولسا ئەمەلنىڭ روھىي ۋە قەلبىي ھالەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن: سىز ناماز ئوقۇدىڭىز، بۇنىڭدا فىقھى سىزنىڭ تاھارەتنى ئۇسۇلغا ئۇيغۇن ئالغانلىقىڭىزغا، قىبلىغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىڭىزگە، نامازدىكى پۈتۈن ئەركان ۋە باسقۇچلارنى چالا قويماي ئورۇندىغانلىقىڭىز، نامازدا ئوقۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇغانلىقىڭىزغا، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ بەلگىلەنگەن رەكئەت سانىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىڭىزغا قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇندىغان بولسىڭىز « فىقھى» گە ئاساسەن، ئوقۇغان نامىزىڭىز ئادا بولدى. ھەقىقىي ئىسلامىي تەسەۋۋۇف، ئىبادىتىڭىزنى ئادا قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا قەلبىڭىز ( روھىي ھالىتىڭىز) قانداق ئىدى؟ پۈتۈن خىيالىڭىز پەقەت اللە غا قارىتىلغانمىدى؟ ۋە كۆڭلىڭىزدىن دۇنيا خىياللىرىنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەنمىدىڭىز؟ ناماز ئوقۇۋاتقاندا اللە قورقۇسىنى يۈرىكىڭىزدە ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ھەرىكىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا تۇرغانلىقىڭىز ۋە نامازنى پەقەت اللە نىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزغا قارايدۇ. شۇنىڭدەك ناماز ئوقۇش بىلەن روھىڭىز قانچىلىك پاكلاندى؟ ئەخلاقىڭىز قانچىلىك تۈزەلدى؟ قانچىلىك ھەقىقىي ۋە مۇكەممەل مۇسۇلمانلىق دەرىجىسىگە يېتىپ باردىڭىز؟ مانا بۇلارغا قارايدۇ. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى نامازنىڭ مەقسىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەسەۋۋۇف بۇلار قانچىلىك تولۇق ئىجرا قىلىنغان بولسا ناماز شۇنچىلىك مۇكەممەل بولغان بولىدۇ، قانچىلىك يېتەرسىز قالسا ناماز شۇنچىلىك يېتەرسىز قالىدۇ، دەپ قارايدۇ.

    باشقا ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق. قىسقىسى، تەسەۋۋۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ئەمىرگە بويسۇنۇپ،ئىجرا قىلىشتىكى خالىس نىيىتىڭىز ۋە ھەقىقىي ئىتائەتچانلىق روھىڭىزنى ئۆلچەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنى تۆۋەندىكى مىسال بىلەن تېخىمۇ ئوبدانراق چۈشىنىۋالىمىز.

    بىز بىر كىشىنى كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭ شۇ ئىككى خۇسۇسىيىتىگە ئالاھىدە دېققەت بىلەن نەزەر سالىمىز. بىرىنچى، ئۇ كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا قارايمىز. قارىغۇ، گاس-گاچا، ئاقساق-چۇلاق، چىرايلىق ياكى سەتلىكىگە سەپسالىمىز. كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاكىز-مەينەتلىكىگە دېققەت قىلىمىز. ئىككىنچى، ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاق، ئادەت ۋە باشقا ئالاھىدىكلىرىگە قارايمىز. ئەس-ھوشى جايىدىمۇ؟ ئالىم ياكى ساۋاتسىزمۇ؟ ياخشى پەزىلەتلىك بىرىمۇ ياكى يامان نىيەتلىك پەسكەش بىرىمۇ؟ بۇلارغا قارايمىز. يەنى بۇلاردىن بىرىنچىسىنى « فىقھى» دېسەك، ئىككىنچىسى تەسەۋۋۇف دېگىنىمىزنىڭ ئۆزى.

    سىز بىر كىشىگە ياخشى دەپ باھا بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دىتىڭىزغا يېقىشىنى ئاساس قىلىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام ياخشى كۆرىدىغان كىشى، شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشتا كۆرۈنۈش جەھەتتە توغرا بولغان ۋە ئىچكى جەھەتتىمۇ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغان كىشىدۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىتائەتلىرى توغرا بولۇپ، روھى جەھەتتە خالىس بولمىسا، ئۇنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرى خۇددى ئادەم ئۆزى چىرايلىق، ئەمما ئاقساق-چۇلاق ۋە ياكى قارىغۇ بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ.

    ئەپسۇسكى، كېيىنكى زاماندا ئىلىم ۋە ئەخلاقنىڭ زاۋاللىققا قاراپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئالاقىسى بولمىغان خاتا ۋە يولسىز نەرسىلەر پەيدا بولۇپ، تەسەۋۋۇفنىڭ پاك بۇلىقىنى لېيىتىۋەتتى. بەزىلەر خاتا ئېتىقادلىرى تۈپەيلىدىن ھەق يولدىن ئېزىپ كەتكەن قەۋملەردىن كۆچۈرۈۋالغان، قۇرئان ۋە ھەدىستە ئاساسى بولغان، ئىسلامغا خىلاپ ھەرخىل پەلسەپە ۋە نەزەرىيەلەرگە، ئاجايىپ ئەقىدە ۋە ئۇسۇللارغا « تەسەۋۋۇف» دېگەن ماركىنى چاپلاپ كۆتۈرۈپ چىقىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر بارغانسېرى ئۆزلىرىنى شەرىئەتتىن « ئازات» قىلىۋېلىپ « تەسەۋۋۇفنىڭ شەرىئەت بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، ئۇ باشقا بىر يول» دەپ ئوتتۇىرغا چىقتى. « سوپى» غا شەرىئەتكە بويسۇنۇشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۆپچىلىك جاھىل سوپىلاردىن ھەردائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ سەپسەتىلەرنىڭ ھەممىسى يالغان.چۈنكى ئىسلام ئۆزىنى شەرىئەتتىن ئايرىم، مۇستەقىل ۋەپ چۈشىنىدىغان ۋە تەسەۋۋۇفنى شەرىئەتتىن باشقا بىر يول دەپ تەرىپلەيدىغان تەسەۋۋۇفنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. ھېچبىر سوپىنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە بويسۇنماي ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەردىن « ئازات» بولۇش ھەققى يوق. ھېچقانداق بىر « سوپى» نىڭ اللە ئۆز پەيغەمبىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەن تۇرمۇش، ئەخلاق، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەر، ھەق ۋە ھوقۇق ۋەزىپىلىرى ۋە ھالال-ھارامنىڭ چەك-چېگىرىسى ھەققىدىكى ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشمەيدىغان، ئۇنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن پرىنسىپلىرىغا رېئايە قىلمايدىغان بىرى مۇسۇلمان سوپى دېگەن نامغا قەتئىي لايىق ئەمەس. ھەقىقىي مەنىدىكى تەسەۋۋۇف-اللە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ ۋە ئىشقىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ سۆيگۈ ۋە ئىشىقنىڭ تەقەززاسى، اللە نىڭ ئەمرىگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتلىرىغا قىلچىمۇ خىلاپلىق قىلماسلىقتۇر. دېمەك، ئىسلامىي تەسەۋۋۇف شەرىئەتتىن ئايرىم بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئىنتايىن ئىخلاس ۋە سەمىمىي نىيەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىتائەتكە اللە سۆيگۈسى، اللە قورقۇسى روھىنى سىڭدۈرۈش دېمەكتۇر. ئىلاھى ئەمىرلەردىن يىراقلىشىپ ھەق يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشىنىڭ اللە سۆيگۈسى داۋاسى قىلىشنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق.

    -      ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدىنىڭ  « ئسلام پىرىنسىپى» ناملىق كىتابىدىن

    مەنبە : غېرىپ – سەنەم بىلوگى

    分享到: