ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا (1) - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا
    ئۆمەر موللا
    (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ پېنسيۇنېرى)

    دۇنيادىكى تىللار ھەرخىل ئائىلىلەرگە (سېستىمىلارغا)، ئائىلىلەر بولسا گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ بىرى-ئالتاي تىلى ئائىلىسى بولۇپ، بۇ موڭغۇل تىل گورۇپپىسىغا بۆلىنىدۇ، تۈركىي تىل گورۇپپىسى تۈرك، ئەزەربەيجان،نوغاي، قۇمىق، بالقار،قاشقاي، ئافشار، تۈركمەن، داغىستانلىقلار، قازاق، قارا قالپاق، قىرغىز، ئۆزبېك، سالا(يۈگۇ)، تاتار، باشقىرىد، ئالتايلىقلار، شورلار، خاقاس، تۇۋا، ياقۇت، دولگان، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئۇلار ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى فراكىيە (تۈركىيىنىڭ) رايونىغا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىغا، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا، شىمالىي كاۋكاز ۋە كاسپى دېڭىز بويلىرىغا، ئىراننىڭ شىمالى، شەرقىي شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئايرىم رايونلارغا، ئوتتۇرا ئاسىياغا، قازاقىستان ۋە ئالتاي ئۆلكىسىگە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىغا، ئۇرال تاغ ئالدى ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىگە، غەربىي سىبىر تۈزلەڭلىكىگە، ئوب، يېنسىېي، ئولېنوك، لىنا، كولىما ۋە ئىندىگىركا دەريا ۋادىلىرى، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي سىبىردىكى ئېگىز تەكشىلىكلەرگە، شەرقىي سىبىر ئاراللىرىغا، رومىنىيە، بولغارىيىلەرنىڭ ئايرىم رايونلىرىغا، سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بايقال كۆلى ئەتراپى ۋە سايان تاغلىق رايونلىرىغا، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ رايونلىرىغا تارقالغان. تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھەر خىل تەبىئى جۇغراپىيىلىك بەلۋاغلار بىلەن لاندىشافىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالايلۇق، سۇپتروپىك بەلۋاغدىن تارتىپ توندىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى تۈرلۈك گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال ھالەتلىك تەبىئى رايونلار ۋە كەنجى تەبىئىي رايونلار، خىلمۇ-خىل يەر شەكلى ھالەتلىرى، دېڭىز- كۆللەر، ھىدرولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ھەر خىل بولغان سۇ سېستىمىلىرى قاتارلىقلار بۇ رايونلاردىن تېپىلىدۇ. تەبىئەتتىكى ھەر خىل لاندىشافىتلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەر «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي جەرياندا كىشىلىك جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە تۈرلۈك-تۈمەن ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىپ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىلىم-پەن، ھۈنەر- سەنئەت ساھەسىدە ياراتقان ئاجايىپ كەشپىياتلىرى بىلەن جاھان مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە چوڭ رول ئوينىدى» (تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى). جۈملىدىن جۇغرايىيە ئېلمىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ تارىختا ئۆزىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زىمىنلەردىكى جۇغراپىيىلىك مۇھىتنى تەسۋىرلىدى، تەتقىق قىلدى ۋە ئۆزى رايونىدا تاغ- داۋانلارغا، سۇ سېستىمىللىرىغا، يەر شەكلى ھالەتلىرىگە، تۇپراق، ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارغا مۇۋاپىق، ئىخچام، چۈشىنىشلىرىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە، شۇڭا، ئۇلارغا قوشنا مىللەتلەر ۋە ئۇلار ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىللىرىنى شۇ خىلدىكى تەبىئەت كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئۆزگەرتمەي ياكى تەجرىبە قىلماي ئۆز پېتى قوللانغان، جۇغراپىيىلىك لۇغەتلەردە مەخسۇس ئاتالغۇلار قاتارىدا ئىزاھلىغان. مەسىلەن، قىر((
    Кыр، ئېرىق(Арык,Ерики)، جايلاۋ (Жаилао,джаияу) ، قوشلار بازىرى (Птицьи базр) ، تاقىر، شور، يارداڭ، يار، توقايلىق، ئەنجۈر، ئورمان، بولگۇنياخ، لايدا، مىئاندىر، سۆكسۆك( ساكساۋۇل)، تۇمان، بەرخەن، قۇرۇم، تايغا (Тайга)، تىرەنى( يەر ئاستى چوكا مۇزلىرى)، تەنگە (Денги) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاتالغۇلار باشقا تىللاردا، بولۇپمۇ روس تىلىدىكى جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللاردا كۆپىنچە ئەينەن قوللىنىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەينەن قوللىنىشىغا شۇ ئاتالاغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان رايونلاغىلا خاس تەبىئىي ئېلېمېنتلار بولغانلىقى ياكى بەزىلىرى باشقا رايونلاردىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېمېنتلارغا قارىغاندا تىپىكرەك بولغانلىقى سەۋەپ بولغان. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە باشقىلاردىن بۇرۇن تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىمۇ بىر مۇھىم سەۋەپتۇر. مەسىلەن: تاقىر (روسچىدا     Такырыدەپ ئېلىنىدۇ) گىئومورفولوگىيىدە ئالاھىدە بىر خىل يەر شەكلى تىپى بولۇپ، چۆل ۋە يېرىم چۆل رايونلىرىدىكى بەزىدە كىچىك بەزىدە چوڭراق يەرلەرنى ئىگىلەپ ياتقان لاي توپىلىق تۈزلەڭ جاي، يامغۇر سۈيى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاقىرنىڭ تېگى سېغىز لايغا ياكى ئۇۋاق قۇملۇق جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تاقىردا كۆپىنچە ھىچقانداق ئۆسۈلۈك ئۆسمەيدۇ. بۇنداق جايلار يېرىلىپ كۆپ بۇرجەكلىك سېغىز لاي پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل يەر شەكلى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا كۆپ ۋە تىپىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە روسلار رايونىدا بۇخىل يەر شەكلى بولمىغاچقا، روسلار «تاقىر›› دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەينەن قوبۇل قىلغان. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دا دەرەخسىز، سۇسىز يەرلەرنى تاقىر، تېتىر، تېقىر دەپ ئاتىغان. شىنجاڭدا بۇ ئۈچ خىل ئاتاشنىڭ ھەممىسى ئۇچرايدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئەشۇنداق كونا بولسىمۇ لېكىن بۇرۇنقى، ھازىرقى ۋە چەت تىلىدىكى ئېستىمال مەنىلىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.
       تەبىئىي جۇغراپىيىلىك لۇغەت مەنىسى دەريانىڭ تىك قىرغىقى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹ يار ›› سۆزىمۇ روس تىلىدىكى ماتېرىياللاردا يەنىلا ‹‹ يار›› دەپ قوللىنىلىدۇ. روسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىمۇ يارنى ئەينەن ‹‹ 亚尔 ››دەپ تەرجىمە قىلغان. ھازىر ‹‹ يار›› سۆزى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتاي ئۆلكىسىدە جۇرغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان، ئۇ يەردە تاغلار ئارىسىدىن___ تىك قىرغاقلىق جىلغىلاردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بولۇپ، بۇ قىزىل يار دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنى روسلار ‹‹ كىراسنويار ›› (Краснояр) دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىكى قىزىل سۆزى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ‹‹يار›› سۆزى يەنىلا ساقلىنىپ قېلىنغان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شۇ رايوندا يەنە ‹‹كىراسنويارىسكى›› دىگەن شەھەر، ‹‹زايارىسكى›› ( ئارقا يار، يار ئارقىسى) بازىرى بار. ئالتاي تاغلىق رايونىدا بۇ خىل يارلىقلار ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە  كېيىن كەلگەن روسلار ئۆز رايونىدا ئۇچرىتىش مۈمكىن بولمايدىغان بۇنداق ‹‹يار››نى ئۆز پېتى قوبۇل قلىغان. بۇنىڭ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىنىشى شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كولۇرادو دەرياسى رايونىدىكى چوڭ جىلغىنىڭ ‹‹كانئۇن›› دەپ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىنغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ( شىمالىي ئامېرىكىدىكى بۇ جىلغىنى ئىسپانلار ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن كەتكەن شەكلىگە قاراپ ‹كانئون› يەنى تۇرۇبا دەپ ئاتىغان. شۇندىن ئىتىبارەن دۇنيانىڭ بەزى رايونلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى يەر شەكلىنى شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ كانئون دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قالغان).
           يارداڭ: شامالنىڭ تەسىرىدىن ھاسىل بولغان نۇرغا ئوخشاش ئۇزۇن كەتكەن جىرالارنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرغۇچى، تەرتىپسىز ھالدا جايلاشقان، بىر-بىرىگە سەل پاراللېل بولغان يارلار- يارداڭ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ مەركىزىي ئاسىياغا خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە يەر شەكلى بولۇپ، روسچىدا، خەنزۇچىدا ئوخشاشلا يارداڭ ( 雅丹地形-Ярданги)دەپ قوللىنىلىدۇ. توندىرا رايونىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ۋە شىمالىي ئاسىيا دەريالىرىنىڭ دېڭىز ياكى كۆلگە قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنى يەرلىك خەلق ‹‹لايدا›› دەپ ئاتايدۇ، روسلارمۇ ‹‹لايدىلار›› دەپ ئەينەن قوللانغان. بۇ جايلارنى دېڭىز ياكى دەريا سۇلىرى بېسىپ تۇرىدۇ، بۇ يەردە شۇرلۇق ئۆسۈملۈكلىرى (گالوفىتلار) ئۆسىدۇ. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ دېلتا ۋە پويىمىلارغا بۇرۇنلا ئىسىملارنى قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈركىي تىلىدىكى لايلى، لايلاتما، لاي، لايلىق سۆزلىرى بىلەن مەنىداش سۆز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، دېلتا ۋە پويىما سۆزلىرى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. چەت تىلىدىكى ‹‹دېلتا›› بىلەن خەنزۇچىدىكى ‹‹ 三角洲 ›› سۆزلىرى شۇ رايوننىڭ شەكلىگە قارىتىلغان. ‹‹لايدا›› بولسا ئۇنىڭ لاي-لاتقىلاردىن تۈزۈلگەن رايونلىقىغا قارىتىلغان، خالاس.  
            ‹‹قىر›› سۆزى دالا، سەھرا، چۆل، پەس تاغ، يايلاقتاغ، ئېگىز قىرغاق، ئېگىزلىك، گىرۋەك دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا قىرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل مەنىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ئىستېمال مەنىسى ھەرقايسى رايونلاردا ھەرخىل بولسىمۇ لېكىن يۇقۇرىدىكى مەنىلەردىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، تۈركمەنلەر قىر ۋە گىر دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. تۈركىيىدە قىر سۆزى دالا، چۆل تۈزلەڭلىك جاي دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ؛ داغىستان تۈركىي تىلىدا قىرىي () دەپ ئوقۇپ قىرغاق مەنىسىدە، شۇ جايدىكى نۇغايلار بولسا قىرنى دالا، چۆل مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ؛ سىبىردىكى تۈركىي تىللاردىن بولغان تۇۋا تىلىدا ‹‹قىر›› سۆزى ئېگىزلىك، تۆپىلىك مەنىللىرىدە قوللىنىلىدۇ؛ خاقاس تىلىدا قىر سۆزى ‹‹خىر›› بولۇپ كېلىدۇ. ئالتاي تىلىدا قىر سۆزى تاغ، تىزما، ئىگىز چۆللىكلەر مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ياقۇت تىلىدا ‹‹قىردالى›› ھالىتىدە كېلىپ ئېگىزلىكى 2-3 مېتىر كېلىدىغان پاراللېل كەتكەن دەريا بويى قىرغاقلىرىنى  كۆرسىتىدۇ، دىمەك ھەممىسىدە ئورتاقلىق كۆپ بولۇپ پەرق ئاز. روس تىلىدىكى جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللاردا بۇ سۆزمۇ ئەينەن ئېلىنىدۇ. بولغارىيىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۇ يەردە دالا مەنىسىنى بېرىدۇ. تۈركلەرگە قوشنا بولغان ئەرمەنلەرمۇ قىر سۆزىنى شېغىل تاشلىق تۈزلەڭلىك مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ.

    داۋامى بار

    分享到: