ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    بەدىئىي ماھارەتنىڭ جۇلاسى («جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۈستىدە تەسىرات) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     

                   بەدىئىي ماھارەتنىڭ جۇلاسى («جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۈستىدە تەسىرات)

    تۇردى سۇلتان ئىزچى

     

             ياش يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېن ئەپچىل قۇرۇلمىغا ، تاۋلانغان ، يېقىملىق تىلغا ، رەڭدار ، نەپىس تەسۋىرگە تويونغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىدىن جۇغلانغان 《 جىنەستە 》 ،  《 نامسىز بارماق 》 ،《 قارانچۇق 》 ،《 ئايتولون 》 قاتارلىق پوۋېسىت – ھىكايىلەر توپلاملىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇننى ئىگەللەپ ، مول تۇرمۇش بىلىمى ، پىشىپ يىتىلىشكە يۈزلەنگەن بەدىئىي ماھارىتىدىن جۇلالانغان ئۆزگىچە بەدىئىي مۇۋەپپىقىيتى بىلەن مەنىۋىي ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى . مانا ئەمدىلىكتە بىز ئۇنىڭ قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگىگىنىڭ مېۋىسى بولغان 《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق . ئېنىقكى ، زۇلپىيە كۆلتىگېن ئەدەبىي ئىجادىيتىدىكى ئۆزلۈكسىز ھالقىش بىلەن ئۆز ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى موھىم قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر مەرتەم ئېنىق ھېس قىلدۇردى .

          يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتېگېننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ،  ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى – ئۇنىڭ پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يارىتىش ۋە يورۇتۇپ بىرىشتىكى ئالاھىدە ماھىرلىقىدۇر. ئۇ پىرسۇناژلارنىڭ پىسخىك خاراكتىرىنىڭ چوڭقور قاتلاملىرىغا يوشورۇنغان خاس ، ماھىيەتلىك ئامىللارنى يوروتۇپ بىرەلەيدىغان ئەڭ نازۇك ، ئەڭ موھىم ، تېز يېنىپ ، تېز غايىپ بولىدىغان ، ئەمما ، خاسلىققا ، يارقىنلىققا ، تەبىئىيلىككە ئىگە بولغان ئۆتكۈنچى كۆرۈنۈشلەرنى بايقاشقا ، تەسۋىرلەشكە تولىمۇ ماھىر . ئۇ پىرسۇناژلارنىڭ پىسخىك پائالىيتىدىكى بۇنداق ئۆتكۈنچى كۆرۈنۈشلەرنى تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەپىس ، يېقىملىق تەسۋىرلىيەلەيدۇ ھەمدە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقور قاتلاملىرىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلىرىنىمۇ ئېچىپ تاشلىيالايدۇ . ئۇ پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى ۋە پىسخىك خاسلىقىنى يورۇتۇپ بىرىشتە ، نوقول ھالدا ئىزاھلاپ قويوشتىن ساقلىنىپ ، تاۋلانغان تىل ۋە تەسۋىر ئىلمىنىتلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ، پىرسۇناژلارنىڭ تەبىئىي ، تاللانغان ، يۇلقۇنۇشچان ، تىپىك ھەركەت ئۆزگىرىشلىرى ، تاسادىپىيلىققا باي ، دەقىقە ئىچىدىلا يۈز بىرىدىغان ، كۆپ قىرلىق پىسخىك توقونۇش – زىددىيەتلىرىنى ئاشكارىلاپ ، ئىنسانلارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ ئىللىق ئېقىمىنى تەبىئىي ، چىن ، سىپتا ، رەڭدار بەدىئىي تەسۋىرلەرگە سىڭدۈرۈپ ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى تەبىئىي ھالدا راۋاجىلىنىۋاتقان ۋەقەلىكلەر تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يوروتۇپ بىرىدۇ . پىرسۇناژلار خاراكتىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ھايات قىسمەتلىرىدىن مۇئەييەن پەلسەپىۋىي خۇرۇچلارنى چاقنىتىپ ، تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ ھەمدە بىزنى دەۋىرنىڭ خاسلىقىنى يوروتۇۋاتقان پىرسۇناژلار قىسمەتلىرى يۈز بىرىۋاتقان رىئاللىققا باشلاپ كىرىپ ، زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىۋىيلىك ئوتتورىسىدىكى يەكلەش ۋە جىپسىلىشىش ھادىسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئادىمىيلىك ، مەدەنىيەت ، ئەنئەنە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوبۇل قىلىش بىلەن يەكلەش ، يېڭىلىنىش بىلەن شاللىنىش ، يىمىرىلىش بىلەن قايتا قۇرۇش  قاتارلىق نازۇك ۋە ئەھمىيەتلىك تېمىلار ھەققىدە ئەقىل بىلەن تېخىمۇ چوڭقورراق ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىجادىيتىدە  يېڭى مەدەنىيەت بىلەن قالاق ، ئاسارەتلىك فىئودال ئاڭنىڭ زىددىيەتلىك توقونۇشىنىڭ قاينىمىدا تىڭىرقاۋاتقان ، يۇلقۇنۇپ ، تىپىرلاۋاتقان ، ھالسىراۋاتقان پىرسۇناژلار بەلگىلىك ئىزچىللىققا ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيتىنى《 ئايتولون 》 ناملىق پوۋېسىتىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ :

           《 ئايتولون 》 - يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ پوۋېسىت ئىجادىيتى ، شۇنداقلا ، پىروزا ئىجادىيتىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى . يازغۇچى بۇ پوۋېسىتىدا ، ئايتولوننىڭ ئاچچىق تولغاق ئازابىدا تولغىنىۋاتقان ھالىتىدىكى ئازاپ ، ئەسلىمە ، چۈش ، خىياللىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھايات پاجىئەسىنى سۆرەتلەپ ، پاك مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئەخلاق ، ئىنسانىي قەدىر – قىممەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىرلىق قاتلاملىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىپ بەرگەن . ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ۋەقەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى ، سىيۇژىت  ئېقىمىنىڭ دولقونسىمان راۋاجلاندۇرۇلغانلىقى ، دەۋىر رىئاللىقىنى جانلىق يورۇتۇپ بىرەلىگەنلىكى ،  پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ يوشورۇن ئىچكى قاتلاملىرىغا چوڭقور شۇڭغۇپ كىرىپ ، ئىنسان تەبىتىنىڭ دۈملىنىپ قالغان روھىي تىندۇرمىللىرىنى قېزىپ چىقىرالىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدلىكلىرى بىلەن 13 – قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن  بۇ پوۋېسىتتا ئۆزگىچە خاسلىققا ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بىر قانچە پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى يارىتىلغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايتولون خاراكتىرى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە .

    كىچىكىدىن تارتىپ جاپا – مۇشەققەتتە چوڭ بولغان چىداملىق ، ساددا ، تىرىشچان قىز ئايتولون بىر قىسىم چالا ساۋات ، مەسئۇلىيەتسىز يېزا ، كەنت كادىرلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقوش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاندا قاتتىق ئازاپلىنىدۇ – يۇ ، ھېچقانداق ئىجابىي تەدبىر قوللانمايدۇ . ئۇ مىركامىلنى ياخشى كۆرگەچكە ، مىركامىل ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىسا ، سەۋەبىنى يەنىلا ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ . مۇھەببەتكە سادىق بولسىمۇ ، بىراق ، مىركامىلنىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلىدىن ،  ئەنئەنىۋىي نىكاھ قارىشىنىڭ ئىسكەنجىسىگە بەنت بولۇپ قېلىپ ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇھەممەت بىلەن توي قىلىدۇ – يۇ ، يەنىلا مىركامىلنى ئۇنتۇيالمىغاچقا ، ئېغىر ۋە ئازاپلىق سۈكۈت ئىچىدە ياشايدۇ . بۇنداق سۈكۈتكە بەرداشلىق بىرەلمىگەندە ، قەلبىدە پات – پات ئىسيانكارلىق تۇيغۇسى باش كۆتۈرىدۇ ، ئەمما ، بۇ ئىسيانكارلىق تۇيغۇسى پارتىلاپ چىقىپ ، ئۆزىنى چىرمىۋالغان  ئەنئەنىۋىي نىكاھ قارىشىنىڭ چۈشەك  ، قالقانلىرىنى چېقىپ تاشلىيالماي ، تۇنجۇقۇپ قالىدۇ . ئۇ بەزىدە چىن مۇھەببەتنىڭ ئەسىرىگە ئايلانسا ، يەنە بەزىدە ، ئۆز قەلبىنىڭ بىر دەملىك خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ ، بەزىدە چىن مۇھەببەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ، ئۆزىنى ئەيىپلىسە ، يەنە بەزىدە ، ئەنئەنىۋىي نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىدىن تەسەللى تاپىدۇ . ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغىچە مۇشۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇ دۇنياسىدا ياشاپ ، ئۆز خاراكتىرىنى يارىتىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ خاراكتىرىدە زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىۋىيلىك كۆپ لىنيەدە تەسىرلىشىۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭ موھىتىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم قىز – ئاياللارغا ئورتاق بولغان ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قۇۋلۇق ، تەقدىرپەرەسلىك بىلەن ئىسيانكارلىق ، ئەنئەنىۋىي نىكاھقا بولغان ساداقەتمەنلىك بىلەن روھىي ئاسىيلىق ، قەتئىيلىك بىلەن ئارىسالدىلىق ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە تىنىمسىز ئالمىشىپ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئايتولوننىڭ خاراكتىرىدىكى بۇنداق ئالاھىدلىكلەر ئايتولون ئوبرازىنى مۇئەييەن تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ، تەبىئىيلىككە ، چىنلىققا ، خاسلىققا ، مۇئەييەن بەدىئىي ھەم ئېستىتىك قىممەتكە ئىگە قىلغان .

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا – نىكاھ ۋە ئائىلە قاتلىمىدىكى زوراۋانلىق تېمىسىنىڭ پۈتكۈل ئەدەبىي ئىجادىيتىدە بەلگىلىك ئىزچىللىققا ، مۇئەييەن بەدىئىي كەڭلىككە ۋە پەلسەپىۋىي چوڭقۇرلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىدۇر .ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نىكاھ ۋە ئەخلاق تېمىسىدا يېزىلغان. ئۇ ئەسەرلىرىدە بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەر – ئاياللارنىڭ ، قىز – يىگىتلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن ، بولۇپمۇ ، بۈگۈنكى دەۋىر رىئاللىقىدىكى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئۇتۇق ۋە پاجىئەلىرىنى ، كۈنسىرى بۇزۇلىۋاتقان ئەخلاقىي ۋە مەنىۋىي تەڭپۇڭلۇق ، ئېغىر كىرزىسكە دۈچ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئېتقاد ، ساغلام نىكاھ ۋە ئائىلە قارىشى ، زەئىپلىشىۋاتقان ئەركەكلىك ، ئاجىزلىشىۋاتقان قىز – ئاياللىق نازاكەت ، تۆكۈلۈۋاتقان قەدىر – قىممەت ، ھالسىراۋاتقان ئۆرپ – ئادەت ......قاتارلىق پاجىئەلەر تەسىرىدە بارغانسىرى زورىيىۋاتقان ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ رەھىمسىزلەرچە تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان قىز – ئاياللار دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان تىراگىدىيىلەرنى ئىزچىل ھالدا ئەتراپلىق يورۇتۇپ بىرىشكە ئەجىر سىڭدۈرگەن . 《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدا بولسا يازغۇچى نەزەرىنى ئازادلىقتىن بۇرۇنقى قەشقەرنىڭ مەنىۋىي ، ئىجتىمائىي قاتلاملىرىغا ئاغدۇرۇپ ، 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى قەشقەردە ئەۋىج ئالغان چېكىدىن ئاشقان تەقۋادارلىق ، ئابرويپەرەسىتلىك ۋە قاتمۇ – قات ئائىلىۋىي ئەخلاق رامكىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تېپىرلاپ ، يۇلقۇنۇۋاتقان ، جان تالىشىۋاتقان قىز – ئاياللارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلەرگە تولغان ھايات كارتىنىللىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن . يازغۇچىنىڭ 《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىكى 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىسىدىكى ئايزۆھرە ئوبرازى بۇ جەھەتتە خېلىلا تىپىكلىككە ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە .

    بۇ ھېكايىدىكى باي ، تەقۋادار ، دىنىي كەيپىياتى قويۇق ئائىلىدە چوڭ بولغان ئايزۆھرە شەرىئەتكە قارىغۇلارچە بويسۇنىدىغان دادىسى مەخسۇتباي تەرىپىدىن ئەرلىك مۇستەبىتچىلىك قارىشى كۈچلۈك بولغان زوراۋان بىر ئەرگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنماقچى بولىدۇ . ئايزۆھرە بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن گاچا بولۇۋالىدۇ . شۇ ئارىدا ئۇ كۇچارلىق يىگىت بەگتاشقا ئەھۋالنى ئېيتىپ ، ئۆزىنى تەڭسىز نىكاھتىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى ئۆتۈنىدۇ ھەمدە بەگتاش بىلەن بىللە قاچىدۇ . ئەمما ، قېچىش جەريانىدا ، بەگتاش ئېھتىياتسىزلىقتىن ياردىن سەكرەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ، ئايزۆھرە قاچالماي ، باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ قالىدۇ . شەرىئەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ، ئابروي ، ئىناۋەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان دادىسى مەخسۇتباي بۇ ئەھۋالنى بىلىپ ئايزۆھرەدىن كېچىپ ، ئۇنى مەھەللە جامائىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . كىشىلەر ئايزۆھرەنى جازالاپ تاشبوران قىلىدۇ . ئاخىرىدا ئايزۆھرە ئېچىنىشلىق ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، بۇ ھېكايىدىكى ۋىجدانلىق ، تەڭسىز نىكاھتىن مۇساپىرلىقنى ، ئىنسانىي ھۆرلۈكنى ئەلا بىلىدىغان ، غۇرۇرلۇق قىز ئايزۆھرەنىڭ مۇتەسسىپلىك تۇمانلىرىغا ئورالغان موھىتتا مۇھەببەتتىنمۇ ، ئىنسانىي ئەركىنلىكتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ ، تاشبوران قىلىنغان ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ھالدا مۇتەسسىپلەرچە تەقۋادارلىق ،  قاتمۇ – قات ئائىلىۋىي ، مەھەللىۋىي ئەخلاق رامكىللىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى ئازادلىقتىن بۇرۇنقى قەشقەرنىڭ بىر قىسىم قىز – ئاياللىرىنىڭ سانسىز پاجىئەلىرىنىڭ تىپىك ، ئوبرازلىق ۋەكىلىدۇر .

    زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى قەشقەرنىڭ قىز – ئاياللىرىنىڭ پاجىئەلىرى يالغۇز 《 كاللا مەھەللىسىدىكى ئىشلار 》 ھېكايىسىدىكى ئەرلىك نوپوز ئەۋىج ئالغان موھىتتا ناخشا ئېيتىشتىن ، ھەتتا ، ھاياتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان نۇرنىسا ، 《 ئايتولون 》 پوۋېسىتىدىكى ئايتولون ۋە 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ھېكايىسىدىكى ئايزۆھرە پاجىئەلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا ، شۇنى ئېنىق ھېس قىلالايمىزكى ، زۇلپىيە ياراتقان قىز – ئايال پىرسۇناژلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرخىل ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىراگىدىيىسى ماھىيەتتە ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي موھىتتا يۈز بەرگەن ، يۈز بېرىۋاتقان تىراگىدىيىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . زۇلپىيەنىڭ قىز – ئايال پىرسۇناژلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ، ئەخلاق قارىشى دۇرۇس ، ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئەلا بىلىدىغان ، ساغلام قىممەت قارىشىغا ئىگە بولالىغانلىقى ۋە ئىنسانىييلىق نوقتىسىدىن قىز – ئاياللار دۇنياسىغا نەزەر سېلىپ ، ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق بايقاپ ، قىز – ئاياللار دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ماھىيەتلىك دېتاللارنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق تاۋلىيالىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر .

    يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەستايىدىل دىققەت قىلىدىغان بولساق ، ئائىلە ۋە نىكاھ تېمىسىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيتىدە مۇئەييەن ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنغانلىقىنى ، كىرزىسكە يولۇققان ، ھالسىراۋاتقان مۇھەببەت بىلەن قالاق نىكاھنىڭ تىنىمسىز  زىددىيتىنىڭ خېلى چوڭقور دەرىجىدە ئاشكارىلانغانلىقىنى ، بولۇپمۇ ، قالاق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ئاسارەتلىك ئىزناسى ، مەسخىرىلىك پەتىۋاسى بولغان ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ماھىيىتنىڭ خېلىلا ئەتراپلىق يورويۇپ بىرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز . ئۇنىڭ قەلىمىدە يارالغان ئەر پىرسۇناژلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى  ئەرلىك غۇرۇرى ، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى ، جەمئىيەتتىكى نوپوزىنى يوقاتقان ھالدا ، كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن سۆلەتمەن ، چىداملىق ، ئەمما ، ماھىيەتتە تولىمۇ ئاجىز ، بىچارە قىياپەتتە پاجىئەلىك ھالدا ياشايدۇ . ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىز - ئاياللىرىغا بولغان ئاڭسىزلارچە زوراۋانلىق بولسا ، جەمئىيەتتە ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۇسۇلى– مال–دۇنياغا ، ئۆتكۈنچى ماھىيەتلىك ساختا نوپوزغا تايىنىپ ، قىز – ئاياللارغا بۇزۇلۇپ ، جىسمانىي غالىپلىقى ئارقىلىق روھىي زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ ، ئۆتكۈنچى لەززەت ھېسابىغا نىكاھ ۋە ئەخلاقنىڭ خيانەتكارىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تۇيماي ، ئۆزىنىڭ قۇرۇق قەلبىنى ئۆزى بەزلەشتۇر . يەنە بىر قىسىم ئەر پىرسۇناژلار گەرچە ئائىلىگە ، ئېتقادىغا سادىق ، مەسئۇلىيەتچان ، غۇرۇرلۇق بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ۋۇجۇدىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئەرلىك ھۆكۈمرانلىق ئىددىيسى ، چېكىدىن ئاشقان تەقۋادارلىق ۋە قەلبىنى كۆرۈنمەس يىپتەك چىرمىۋالغان مەھەللىۋىي ئەخلاق ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن ھەدېسىلا ئائىلىسىدىكى قىز – ئاياللارنىڭ روھىيتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان نازۇك ئىنسانىي تۇيغۇلىرىغا پەرۋا قىلماي ، ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىدۇ ،  ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئۇلارغا مەجبۇرى تاڭىدۇ . نەتىجىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ . مانا بۇ سانسىزلىغان ئائىلىۋىي بۇزۇلۇشلارنىڭ باش جىنايەتكارى بولغان ، قالاق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ قاتتىق زەھەرلىشىگە ، بۇرمىلانغان ئەقىدە ، مىزانلارنىڭ ئېغىر چىرىتىشىگە ئۇچرىغان كۆپ قىسىم ئەرلەرگە ئورتاق بولغان پاجىئەلىك قىسمەت ، تىراگىدىيىلەرنىڭ ئوق يىلتىزىدۇر . ئېنىقكى ، ئەرنىڭ زوراۋانلىقى ئاياللارنىڭ ئاڭسىزلارچە ئېتقاد تەۋرىنىشىنى ، روھىي خىيانىتىنى ، نىكاھ ئاسىيلىقىنى ، جىسمانەن بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان موھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر . ئەمما ، ئەرلەر بۇ موھىم ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ياكى زەھەرلەنگەن ، بىخسىغان ئەركەكلىك تۇيغۇسى ئۆزخاتالىقىنى تەن ئېلىشقا يول قويمىغان . نەتىجىدە ، ئەرلەرنىڭ زوراۋانلىقى بەزى ئائىلىلەردە 《 ئالاھىدە ئىمتىياز 》 دەپ قارىلىپ سۈپەتلەنگەن . بۇ خىل چەكتىن ئاشقان《 ئالاھىدە ئىمتىياز》 لار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ، ئەمما ، ئەڭ موھىم ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىمەكتە يوق ، ئەكسىچە ، تېخىمۇ ئاجىزلىتىپ ، سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ خاراپلىشىشىنى تېزلەتكەن . مانا بۇ يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەسەرلىرىدە يوروتۇلغان ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ بىر رۈجىكىدۇر . بىز يازغۇچىنىڭ 《 كاللا مەھەللىسىدىكى ئىشلار 》 ھېكايىسىدىكى نۇرنىسانىڭ ئىرى ، 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ھېكايىسىدىكى مەخسۇتباي ، 《 دۆڭمەسچىتتىكى ئىشلار 》 ھېكايىسىدىكى ئىسمايىلئاخۇن قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن بۇ رۇجەك ئىچىدىكى ئەرلىك مۇستەبىتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھايات تىراگىدىيىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز .

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەسەرلىرىدە يوروتۇلغان ئائىلە زوراۋانلىقى يالغۇز ئەرلەر زوراۋانلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان . ئۇ بۇ تېما ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ ، دادىل ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ يېڭى بىر قاتلىمىنىڭ قارا پەردىسىنى قايرىپ تاشلاپ ، ئاياللار زوراۋانلىقىنىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك سۆرەتلەپ بەرگەن . يازغۇچى ئىنسان تەبئىتىدىكى يوشۇرۇن رەزىللىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان قاباھەتلىرىدىن سېگنال بەرگەن 《 يېرىلىڭ تاشىم 》 پوۋېسىتىدىكى بىر ئائىلە كىشىللىرىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كىشەنلەپ ، ئۇلارنى نورمال سەزگۈ ، ئاڭ ، تەپەككۇردىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ، ئۆز مەقسىتىگە يېتىش يولىدا ئۆز يۈرەك پارىللىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشتىن يانمايدىغان ، ئىنسان ئەقلىگە سىغمايدىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق بىر ئائىلىنى تىزگىنلەپ تۇرغان زوراۋان ئايال 《 جەننەتخان 》 ئوبرازى ئارقىلىق ئەرلەر زوراۋانلىقىغا ئوخشاشلا قورقونۇچلۇق ، خەتەرلىك بولغان ئاياللار زوراۋانلىقىنىڭ قارا ئىس تۈتەك لەيلەپ تۇرغان تۇمانلىق بوشلۇقىنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ تاشلىغان .

    ئەلۋەتتە ، يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېن ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا يالغۇز ئائىلە زوراۋانلىقى تېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان . ئۇ تەپەككۇر كۆزىنى كۆپ ھاللاردا ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس جايغا تىكسىمۇ ، بەزىدە ئۇ مۇقەددەس جايدىنمۇ ھالقىپ چىقىپ ، كەڭ جەمئىيەتتىكى قىز – ئاياللارنىڭ ئىزنالىرىغا ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر سېلىپ ، بۈگۈنكى دەۋىر قىز – ئاياللىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۈزەتكەن . ۋۇجۇدىدا تىنىمسىز كۈۋەجەپ تۇرغان ئېتقاد ، ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مەقسەت ، تەپەككۇر ئويغىنىشىنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان كىرزىسلىك ئەقلىي جاھىللىق تەسىرىدە ، مال – دۇنيا ، ساختا نوپوز ، شۆھرەتپەرەسلىك ، نادانلىق تۈپەيلىدىن خارلىنىۋاتقان ، ھاياتلىقنىڭ زۆرۈر ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان ، قەلب تۇيغۇلىرى تۇنجۇقۇۋاتقان ، قالاق ، ئاسارەتلىك ئادەت ، يىمىرىلگەن ئەقىدە ،  تۆۋەنلەۋاتقان قىممەت قاراشلىرى سارغايتىپ ، نىمجانلاشتۇرۇپ قويغان ئەرلىك مۇستەبىتلىك تەرىپىدىن نورمال ئادىمىيلىك ئەركىنلىكى ۋە قەدىر قىممىتى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان  قىز – ئاياللىرىنىڭ ئاچچىق پاجىئەسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. يازغۇچى بۇ پاجىئە ، تىراگىدىيىلەرنى ۋە ئۇلاردىن يەكۈنلەنگەن پەلسەپىۋىي خۇرۇچلارنى ئۆلۈك بايانلار ، قاتمال ئوبرازلار ياكى تەرمە ھېكمەت ، نوقول دىداكتىك ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىزاھلاپ قويوشتىن ساقلىنىپ ، رىئاللىقىنى ئىنچىكىلىك ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەلۇم پەلسەپىۋىي پەللىدە تۇرۇپ كۆزەتكەن ھەمدە تۇرمۇش رىئاللىقىدىن تاللانغان ، ئۆزگىچە تەپەككۇر ئەۋجىدە تاۋلانغان ، تەسەۋۋۇر پەرۋازىدا قۇۋۋەتلەنگەن بەدىئىي ئوبرازلار خاراكتىرىنى مەركەز قىلغان سىيۇژىت قۇرۇلمىسى بىلەن كۈچلۈك يەرلىك مىللى پۇراق ، تېتىملىق بەدىئىي تەمگە تويونغان تىل ئىلمىنىتلىرى ھەم تەسۋىر ئامىللىرىنىڭ زىچ جىپسىلىشىشى ئارقىلىق  سۆرەتلەپ جۇلالاندۇرغان . بىز ئۇنىڭ 《 ئايتولون 》 ، 《 كۆز تەككەن شەھەر》 ، 《 يېرىلىڭ تاشىم 》 قاتارلىق پوۋېسىتلىرى، شۇنداقلا ، 《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق بۇ توپلىمىدىكى 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ،《 پىنھان سىرلار 》 ، 《 ھاۋارەڭ ياغلىق 》 قاتارلىق بىر قاتار ھىكايىللىرىدىن  بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلالايمىز .

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېن ئەسەرلىرىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ماھىيەتلىك ئىككى قاتلىمى بولغان ئەرلەر زوراۋانلىقى  بىلەن ئاياللار زوراۋانلىقى پەيدا قىلىۋاتقان ئائىلە كىرزىسىنى ۋە پەرۋىشسىز قېلىۋاتقان قىز – ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك سۆرەتلەپ ، ئوقورمەنلەرنى ئىبرەتلىك ، ۋەزنىلىك تۇرمۇش رىئاللىقى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ، بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن پارتلاپ چىققان ئاچچىق سوئال ، سۈكۈتلۈك ئەقلىي تەپەككۇر باغرىدا تولغاندۇرۇپ ، زامانداشلىرىنى ساغلام ئەقلىي تەپەككۇرغا ، ئادىمىيلىك قىممەت قارىشىغا ، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇشقا ، ساغلام نىكاھ ، نورمال ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتنى ئۇلۇغلاش ۋە مۈكەممەللەشتۈرۈشكە چاقىرغان . مانا بۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ موھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سانسىز ئەسىرلەردىن بىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ، بەزىدە توقونۇشۇپ ، بەزىدە سىڭىشىپ ، تەسىرلىشىپ كېلىۋاتقان خىلمۇ – خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزگىچە جەۋھىرىنى تىنىمسىز تاللاپ قوبۇل قىلىشتىن شەكىللەنگەن پىسخىك تىندۇرما ۋە پەلسەپىۋىي قىممەت خۇرۇچلىرىغا يەتكۈچە تويونغان سانسىزلىغان قەشقەر ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم – مەرىپەت ، ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى ، گۈزەل ئەخلاق ، گۇمانىتارلىق تۇيغۇسى گۈپۈلدەپ تۇرغان ئائىلىۋىي موھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن ۋە ياشاۋاتقان ياش ئايال يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ۋە بەدىئىي غايىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيتىنىڭ جۇلاسىدۇر .

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەسەرلىرىدە ، تىل ، قۇرۇلما لاھىيلەش ۋە ئوبراز يارىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىمۇ ئۆزگىچە گەۋدىلىنىدۇ . 

        يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ  《 ئايتولون 》 ناملىق  پوۋېسىتى ئىلان قىلىنغان ۋاقىتنى ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىكى  موھىم ھالقىلىق مەزگىل دەپ قارىساق ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھىكايە – پوۋېسىتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدا كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدا گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىۋاتقان ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىش ، بايان تەرتىپىدە زامان ،ماكان تەرتىپى ۋە  ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى . يازغۇچى 《 ئايتولون 》 ناملىق پوۋېسىتىدا بولسا  قۇرۇلما لاھىيلەش ۋە بايان تەرتىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ ،  بەلگىلىك مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈردى . بۇ پوۋېسىتتا يازغۇچى ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئاساسلىق پىرسۇناژ  ئايتولوننىڭ پىسخىك كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن دولقونسىمان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇردى . شۇندىن كىيىن ئىلان قىلىنغان ، مەزكۈر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھىكايىللىرىدە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ قۇرۇلما ۋە بايان ئۇسلۇبىنى ئىجادىي قوللاندى . ئوبراز يارىتىشتا 《 بۇلاقبېشىدىكى ئىشلار》 ، 《 دۆڭمەسچىتتىكى ئىشلار》 قاتارلىق بىر قانچە ھىكايىللىرىدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىگە خاس بولغان مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئاق كىيىملىك ئايال ئوبرازى قاتارلىق《 ئىلاھىي ئوبراز 》لارنى ئىجادىي ياراتتى . بايان ئۇسلۇبىدا پىرسۇناژلارنىڭ پىسىىك دۇنياسىدىكى مۈرەككەپلىك ، كۆپ قىرلىق ، زىددىيەتلىك ھالەتلەرنى ۋە پائالىيەتلەرنى پىرسۇناژلارنىڭ كونكېرىت ، ئەھمىيەتلىك ھەركەت ھالەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى . يازغۇچىنىڭ ئۆز پىرسۇناژلىرى قانداقتۇر مۇئەييەن قېلىپتا ئەمەس ، بەلكى ، قويوق يەرلىك پۇراق ، بەلگىلىك مەھەللىۋىي رايون پەرقى ، ئۆزگىچە خاراكتىر خاسلىقى ئاساسىدا سۆزلەيدۇ ، پىكىر قىلىدۇ ۋە تەپەككۇر قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇنىڭ پىرسۇناژلىرى تىل خاسلىقلىرى بىلەنمۇ ئۆزگىچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى كۆپ ھاللاردا   قىز – ئاياللارنىڭ چەكسىز قەلبىدەك نەپىس ، تۇيغۇلىرىدەك راۋان  ، ئىخچام بولۇپ ، ھەم قويوق مەھەللىۋىي پۇراق ، يەرلىك ئالاھىدلىككە ، ھەم تىپىك مىللى خاسلىققا تويونغان ، شۇنداقلا يەنە ، ئۆز ئىجادىيتىدە مۇئەييەن كۆلەم ۋە ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنغان تىراگىدىيەنى يوروتۇپ ، ئوقورمەنلەرنى ئەقلىي تەپەككۇرغا ئۈندەش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغان بىر قەدەر ئېغىر ، سالماق ، كەسكىن بولۇشتەك ئالاھىدلىكلەرگىمۇ ئىگە . قاراڭ : ئۇ 《 كاللا مەھەللىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىسىدە نۇرنىسانىڭ ئۆلۈمىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : 《 ...... ئۇ ئاشۇ چىرايلىق نۇر ئىچىدە ئارقىغا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى ، بوينىدىن كىرگەن بىر ئاچچىق سېزىم بىلەن تەڭلا ئېچىنىشلىق چىرقىرىغىنىچە يەرگە يىقىلدى . 》 ئۇ يەنە 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىسىدە ئايزۆھرەنىڭ ئۆلۈمىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : 《 تاڭ ئاتتى . يېڭى بىر ھاياتلىق باشلانغاندا قىزنىڭ نازۇك تېنى ئاخشامدىن بىرى ئىچىلمەي قالغان يوبدان ئاشتەك قېتىپ ھەم مۇزلاپ بولغانىدى . 》 بىز بۇ تەسۋىرلەر ھەمدە 《 كوزىچى يار بېشىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىسىدە سېلىم كوزىچىنىڭ ئۆزى ياسىغان قىز ھەيكىلىنى تۇتقان ھالدا توڭلاپ قالغان چاغدىكى ئۆلۈم تەسۋىرلىرىدىن يازغۇچىنىڭ ئۆلۈم ھالەتلىرىنىمۇ پىرسۇناژلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موھىت تەسۋىرلىرى بىلەن زىچ جىپسىلاشقان ، سالماق ، تەمكىن ، سەنئەتلىك ھالدا تەسۋىرلەپ ، بايان ماھارىتىنى جۇلالاندۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز . بۇ خىل قۇرۇلما ، بەدىئىي ئوبرازلار ۋە بايان ئۇسلۇبى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي بالاغىتىنى ، ئېستىتىك قىممىتىنى ئاشۇرۇپ ، بەدىئىي ماھارىتىنىڭ پىشىپ – يىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى ھەمدە ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنى يەنىمۇ بىيىتتى . 

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا – ئېتنىك مىللىي روھنىڭ پۈتكۈل ئەدەبىي ئىجادىيتىدە قاتلاملىققا ۋە چوڭقۇرلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىدۇر .

    يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگىن 《 ئايتولون 》 ، 《 كۆز تەككەن شەھەر 》 قاتارلىق پوۋېسىتلىرى ۋە قەشقەر كوچىللىرى ھەققىدە يېزىلغان ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان بىر قاتار ھېكايىللىرىدا ، يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىنىڭ تەبىئىي ، ئىجتىمائىي ، مەنىۋىي مەۋجۇتلىقىنى يورۇتۇپ  بېرىشنى ، قەشقەرنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئىزلارنى نۇرلاندۇرۇشنى بەلگىلىك مۇددىئا قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى نوقول ھالدىكى تەزكىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماستىن ، بەلكى ، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى دەۋر ۋە ساھەلىرىگە مەنسۈپ بولغان ئېتنىك خۇرۇچلارنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن تاۋلاپ ، ئوبراز ۋە تەسۋىرلەرنىڭ ياردىمىدە مەلۇم بەدىئىي كەڭلىك ۋە مەنىۋىي چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغان . بۇ ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەر قانداقتۇر قەشقەر تارىخىدا موھىم ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ – چوڭ ئىشلار بولماستىن ، بەلكى ، تەبىئىي ، ئىجتىمائىي شارائىت ، ماكان ، زامان جەھەتتىن ئاددى ، كىچىك ئىشلار بولۇپ ، ئۇنىڭ پىرسۇناژلىرىمۇ قەشقەرنىڭ ھەر ساھەدىكى ئاددى كىشىللىرى . ئەمما ، يازغۇچى بۇ ئاددى ۋەقەلەرگە قەشقەرنىڭ مۇئەييەن دەۋردىكى ئىجتىمائىي ، مەنىۋىي ، تەبىئىي ئامىللىرىنى ، ئاددى ئادەملەرنىڭ باغرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ئېتنىك دېتاللىرىدىن جۇغلانغان مىللىي روھىنى ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرىۋەتكەن . قاراڭ : 《 كاللا مەھەللىسىدىكى ئىشلار 》 ، 《 كۆز تەككەن شەھەر 》لەردە ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت ئەھۋالى ، قەشقەر كىشىللىرىنىڭ سەنئەتخۇمار ، ئەمما ، تەقۋادار ، مۇتەسسىپ ، جاھىل پىسخىكىسى يورۇتۇلغان بولسا ، 《 جانقورغاندىكى ئىشلار 》 ، 《 كوزىچى يار بېشىدىكى ئىشلار 》 ، 《 دۆڭ مەسچىتتىكى ئىشلار 》 ، 《 بۇلاق بېشىدىكى ئىشلار 》 ، 《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق ھېكايىللىرىدا ئەينى دەۋردىكى قەشقەردىكى بايلار ، ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەر ، ئوتتورا – تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ روھىيەت قاتلاملىرى ، مۇناسىۋەت – ئادەتلىرى ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە تەبىئىي ، سىياسىي موھىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان ھەر بىر ئەسىرىدىن قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر روجىكى كۆپ تەرەپتىن يورۇتۇلسا ، ھەر بىر پىرسۇناژىدىن ئۆزى تەئەللۇق دەۋىردىكى قەشقەر كىشىللىرىنىڭ مەنىۋىيتى پارلاپ تۇرىدۇ . شۇڭا بىز بۇ ئەسەرلەردىن بىر تەرەپتىن قەشقەرنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئىزلارنىڭ نۇرىنى كۆرەلىسەك ، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەر ئادەملىرىنىڭ روھىي قاتلاملىرىنى چۈشىنەلەيمىز . مانا بۇ يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتېگېننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەدەبىي ئىجادىيتىدە بارلىققا كەلگەن يەنە بىر بەدىئىي ئالاھىدلىك ۋە ئۆزگىچىلىكتۇر .

    يىغىپ ئېيىتقاندا ، يازغۇچى زۇلپىيە كۆلتىگېن تۇرمۇش رېتىمى كۈنساناپ تېزلىشىۋاتقان ، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى يۇلقۇنىۋاتقان ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىي دۇنياسى بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ ، پىسخىك قاتلىمى موللىشىپ ، تەپەككۇر سۈرئىتى تېزلىشىۋاتقان ، مەنىۋىي ئىھتىياجى دولقونسىمان ھالەتتە ئۆرلەۋاتقان ، قىز – ئاياللارغا بولغان تۈرلۈك بېسىملار ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىر شارائىتىدا ، ياخشى ئايال ، لاياقەتلىك ئانا، مۈنەۋۋەر ئۇيغۇر يازغۇچىسى ، مەسئۇلىيەتچان ، غۇرۇرلۇق ئىنسان بولۇش يولىدا يۈرەك قېنىنى ئايانماي سەرپ قىلىپ ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بىز  《 جانان كوچىسىدىكى ئىشلار 》 ناملىق بۇ توپلامنى ئوقۇش جەريانىدا بايقايمىزكى ، ھاياتىنىڭ 36 – پەلەمپىيىدە تۇرىۋاتقان ، قەلىمى خېلىلا پىشىپ يىتىلگەن بۇ تىرىشچان يازغۇچىنىڭ ئىجادىيتىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ ياخشى ، نادىر ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلىپ ، زورىيىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلىرى ئارىسىدىكى 《 تۆھپىكار ئەدىب 》 لەر قاتارىدىن ئورون ئالالايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ .

    2009 – يىل 1 – ئاي . قەشقەر يېڭىشەھەر .

    مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

     


    收藏到:Del.icio.us