ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (5) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (5)

          "ئىلىم – مەرىپەت"لىك بولۇش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ماھىيەتلىك ھادىسە ، ئىنسان ئەقلىنىڭ مېۋىسى ، مەنىۋى ھاياتنىڭ ئوزۇقى . ئىلىم – بىلىم بولغاندا ئىلىم – پەن ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ  دەيدىغان قاراشلار خېلى بۇرۇنلا دۇنياۋى تېما سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل مەدەنىيەت ، تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى . بۇ خىل ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئالغاندىمۇ مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، مەيلى قاراخانىلار خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى 10 بولسۇن ، بۇلاردا ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىلىرى ئەنئەنە سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ ، ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئەدىب ئەھمەدنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ، رابغوزىنىڭ "قىسسەئى رابغوزى"سىغا ۋە ئەتايى ، سەككاكى ، لۇتفى ، نەۋائى ، نىزارى ،نازىمى قاتارلىق ئەدىب ۋە شائىر ، يازغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىمۇ ئەنە شۇ نۇقتىنى يەكۈنلەيدۇ .
        خۇلاسە قىلغاندا ، ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم – پەن بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار ، ئىنسان كامالىتى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەم دۇنيانى بىلگۈچى ۋە شەرھىيلىگۈچى ئىنسان سۈپىتىدە خۇددى شەرق مەدەنىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىلىم – بىلىمنى قورال قىلىپ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئالىم فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك ئۇلۇغ ئەدىب ، مۇتەپەككۇر ، ئۇلۇغ گۇمانىزمچى شائىر . ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» خۇددى "قۇتادغۇبىلىك" ، "تۈركىي تىللار دىۋانى"غا ئوخشاش ئېلىمىز جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخىدا تىكلەنگەن يەنە بىر ئابىدە ھېسابلىنىدۇ .
          «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ مۇلاھىزىسىگە نەزەر تاشلىساق : ئۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان دېداكتىك خاراكتېرىدىكى ئەسەر بولماستىن ، بەلكى دۇنياۋى ھاياتنى تەرتىپكە سېلىشتىكى پەلسەپىۋى قاراشلارنى بايان قىلىش بىلەن ئوي – پىكىرلەرنى ئابستراكت تۈزەش جەھەتتە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە يۇقىرى قىممەت ياراتقان داستان . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مەزمۇنى جەھەتتىن ئۆزىگە كەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېماتىك مەزمۇن قىلغان "قۇتادغۇبىلىك" داستانىدىن كەسكىن تەرىزدە ئاجرىلىپ تۇرىدۇ . مىسالى : "قۇتادغۇبىلىك"تە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەر  كۆپىنچە خىسلەتلىك شەخسلەر ئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇش ، مەئىشەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بايان قىلىنسا ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»دا ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت ئۈستىدە سىمۋوللۇق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ، تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى ئەخلاقىي تەرەپلىرى بولۇپمۇ "بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت" چۈشەنچىسى ماھىيەتلىك مەسىلىلەر قاتارىدا يۈكسەك بالداققا كۆتىرىلىپ بايان قىلىنىدۇ .
         داستان ئەرەب ، پارس تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىۋاتقان دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ئىستىلالىرى ۋە شۇ دەۋرلەردە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان سوپىزم ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمەيدۇ . ئەمما "قۇتادغۇبىلىك" داستانىغا قارىغاندا خېلى دېموكراتىك پىكىرلەرنى يازغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ .
         داستاننى چوڭقۇرلاپ ، تەتقىق قىلىپ كۆرگىنىمىزدە ، ئۇ 11-ئەسىردە پەرغانە ۋادىسىدا ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئۆتىگەن مۇھىم ھۆججەت بولۇپلا قالماي ، بەلكى "قۇتادغۇبىلىك" تىلى بىلەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن "چاغاتاي تىلى"نى ئۆزئارا باغلاشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مەشھۇر داستان .
         داستاننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى كۈچلۈك تەسىرچانلىقىدا كۆرىلىدۇ ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ "نەسەئىمۇل مۇھەببەت" ("مۇھەببەت شاماللىرى") دېگەن ئەسىرىدە ئەدىبنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەيخلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتۈپ ، ئۇ توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىشتىن سىرت ، سۇلتان ھۆسەيىن بايقارانىڭ ئوغلى بەددىئۇز زامانغا يازغان خەتلىرىدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدىن بىرنەچچە مىسرالارنى مىسال كەلتۈرۈپ يازغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، "سەددى ئىسكەندەر" داستانىدىكى بىر نەچچە مىسرا ئۇنىڭدىن ئېلىنغان قاپىيىنى ئەينەن قوللىنىدۇ . 11 بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق شائىر ، يازغۇچىلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى مۇلاھىزىسىز ئىسپاتلايدۇ ، خالاس .
           قىسقىسى ، داستان پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەرئەدەبىياتى تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، تىل ، ئەدەبىيات ، تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بولالايدۇ . ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئېسىل مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ كونكرېت تېماتىك مەزمۇنلىرىدا تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن ئىلىم – پەن ئىگىلەش ، تىل گۈزەللىكى ، ئەخلاقىي پەزىلەت ، مەردلىك ، ئادىللىق ، سېخىيلىق توغرىسىدىكى دۇنياۋى تېمىلار كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك مەھلىيا قىلىپ ،                ئەسىردىن بۇيان شەرق خەلقلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تېمىلىرىغا ئايلانغانىدى . داستاندىكى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەش ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، بىلىمنىڭ پايدىسى ، بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى ئىخچام ، ئوبرازلىق شېئىرىي مىسرالار شائىر قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان جاراڭلىق خىتاب بولۇپ ، ئۇ ئەينى دەۋر مەنىۋىيىتىنى گۈللۈندۈرۈشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولدى . شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماندىمۇ پەن – مەدەنىيەت ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۈرتكە ۋە چوڭقۇر ئىلمىي تەربىيىۋى ئاساسقا ئىگىدۇر .
          ئاخىرىدا ، شائىر ئەدىب ئەھمەدنىڭ "ئىلىم – مەرىپەت" توغرىسىدىكى جاراڭلىق خىتابىغا ئاساسەن شۇنى خىتابەت قىلىپ ئۆتىمەنكى ، "ئىنسان – تەپەككۇر قۇياشى ۋە ھېسسىيات سەييارلىرى تۈپەيلى ، ئۆز روھىيىتى ۋە ئۆز ھاياتىنى كامالەتكە يۈزلەندۈرەلەيدىغان مۇجەسسەم ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي ھايۋان ." 12 يەنە خۇددى ئېنگېلس ئېيتقاندەك : "تەبىئەت پەقەت ئىنسان ئارقىلىقلا ئۆزىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىغان ." 13 شۇڭا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقىدەك يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان باسقۇچقا كېلەلىشى ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئاڭلىق ، مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى . بۈگۈنكىدەك ئىلىم – پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئىجادىي مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر . بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى بىلىم . بىلىم بولمىسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ، ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئەلۋەك شارائىتنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، خۇددى شائىر ئەدىب ئەھمەي يۈكنەككە ئوخشاش بىلىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، ھەم ئۇنىڭ رېئال ھاياتىي كۈچى ۋە ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا زور بەخت يارىتىش ئۈچۈن ياشلىقىمىزدىن باشلاپلا ئىلىم – بىلىمنى زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگىنىشىمىز لازىم . شۇنداقلا شائىرنىڭ ئۆز داستانى «ئەتەبەتۇلھەقايىق»تا ئىپادىلەنگەن ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەتلىك بولۇش ئىدىيىسى بىلەن گۈزەل غايىسىگە ھەقلىق يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم بۇ خىل ئوپتىمىستىك روھقا تولغان تەرەققىپەرۋەر گۇمانىزملىق ئىدىيىسى بىلەن ئېستېتىك قاراشلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز لازىم .
    ___________________________________________________________
    ئىزاھاتلار :

    1. "جۇڭگو ئىسلام قامۇسى" 1994 – يىل ، چىڭدۇ نەشرى ، 738 – بەتتە ئەھمەد يۈكنەكىنى مىلادى ؟1100 - ؟1180 – يىللاردا ياشىغان دەپ كۆرسەتكەن . غ . ئوسمان "ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى" 1996 – يىل 1 – كىتاب ، 282 – بەتتە بۇ يىلنامىنى قوللانغان . يۈكنەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر جاينىڭ نامى . ھازىر بۇ يەر قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس . ئاپتور بۇ جاي نامىنى ئۆزىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قىلغان .
    2.
     پروفېسسور ئە . ي . بىرتىلىس : "ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ (ھىبەتۇلھەقايىق) داستانى" (   نۇسقا) ناملىق ماقالىسىدا ، بۇ داستان 235 بېيت ، 11 بابقا بۆلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن . ("بۇلاق" ژۇرنىلى ، 1981 – يىل 3 – سان ، 261 – بەتكە قارالسۇن) .
    3.داستان 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭغا كېيىن ئەمىر سەيغەددىن ، بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا ئارسلان خوجا تارقان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ، ھەممىسى بولۇپ 512 مىسرا بولغان .
    4. نۇسقا 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن ، سۇلتان بەخت ، ھۇسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن .    نۇسقا 1480 – يىلى ئابدۇلرازاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن .     نۇسقا ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن ، ئەمما كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس .
    5.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 62 – بەت ، 139 – بېتىگە قارالسۇن .
    6."بۇلاق" مەجمۇئەسى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981 – يىل ، 3 – سان ، 278 – بەتكە قارالسۇن .
    7.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 18 – 19 – 20 – بەتلەر .
    8.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 20 – 21 – بەتلەر .
    9. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 22 – 23 – بەتلەر .
    10."ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ، 1995 – يىل ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 153 – 154 – بەتلەرگە ، "ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزسلىرى" ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1987 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 282 – بەتكە ، "قۇتادغۇبىلىك" ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 71 – ، 73 - ،105 – بەتلەرگە قارالسۇن .
    11.غ . ئوسمان "ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى" 1996 – يىل ، 2 – كىتاب . 402 – بەتكە قارالسۇن .
    12،13 . ئا . مۇھەممەتئىمىن "قاتلاملىق ئېستېتىكا ھەققىدە بايان" ، شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى ، 1994 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1 – بەت .
    مەنبە: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1988 ـ يىل 1 ـ سان.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us