ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا (2) - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا (2)

     ‹‹ئورمان›› دىگەن سۆز روسچە ۋە رومىنچە ماتىرىياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. رومىنىيىدە تېلو ئورمان دىگەن ھالەتتە كېلىدۇ. روسچە ماتېرىياللاردا سىبىرىيە ئورمانلىقلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا ئۇنى ئورمان دەپ ئىپادىلەيدۇ ( مەسىلەن، سىبىر ئورمىنى دىگەننى سىبىرىسكى ئورمان Сбириский , урман دەپ ئالىدۇ). دىمەك بۇ روسلارغا سىبىر خەلقى تەرىپىدىن سىڭگەنلىكى ئېنىق. رومىيىيىگە كىرگەنلىكىنىمۇ تارىخىي جەريان بىلەن باغلىساق ئانچە ئەجەپلىنىپ كەتمەيمىز. رومىنىيىدە تۈرك ئوسمانلار ئىمپېرىيىسى ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇ جەريانلاردا تۈركلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇققان. ھازىرمۇ رومىنىيىنىڭ دۇبرۇجا رايونىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركلەر بار.  روسچە ماتېرىياللاردا ئورمان دەپ يېزىلغان سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندىمۇ ئورمان (乌尔曼林دەپ ئېلىنىدۇ.
          سىلاۋيان تىلىغا سىڭىپ كىرگەن سۆزلەردىن يەنە مەڭگۈ مۇزلۇق گىئومورفولوگىيىسىگە ئائىت ئاتالغۇلاردىن بۇگۇنياخ ۋە تىرەنلەرمۇ بار. بۇ رايوندىكى خەلق يەر ئاستى مۇزلىرىنىڭ سىرتقا تومپۇيۇپ بۇلغۇپ چىققانلىقىنى بۇلگۇنياخ دەيدۇ. شۇنىڭدەك يەر ئاستى چوكا مۇزلىرىنى تىرەنى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاتالغۇلامۇ روسچىدا ئەينەن قوللىنىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئېرىق، تەنگە دىگەن ئاتالغۇلار روسىيىگە كىرىپ (Арык) ۋە (Денги) دەپ ئىشلىتىلگەن. روسچىدا تەنگە پۇل مەنىسسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەندى دۇنيادىكى ھەر قايسى تىللارغا كەڭ سىڭىپ كىرگەن ۋە دۇنياۋى ئاتالغۇ بولۇپ قالغان ‹‹ تايغا›› سۆزىنى كۆرۈپ باقايلى: قۇرۇقلۇقتىكى تەبىئىي بەلۋاغلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ياۋرۇپا-ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كەتكەن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان رايونى ‹‹تايغا›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹تايغا›› سۆزى جۇغراپىيىچىلەرگە ناھايىتى تونۇش ئاتالغۇ بولۇپ، قارىماققا ئەزەلدىن روسچىدەك تۇيىلىدۇ. چۈنكى بىز بۇ ئاتالغۇنىڭ ‹‹تايگا›› دەپ قوللىنىلغانلىقىنى (خەنزۇچىدىمۇ 泰加林دەپ قوللىنىلىدۇ) روسچە ماتېرىياللاردىن كۆرگەنمىز. ئەمما ئۇ بىزنىڭ ھىس قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا سىبىر تەرەپتىن روس تىلىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان تۈرك-موڭغۇلچە سۆزلۈكدۇر. تايغا بەزى ماتىرىياللاردا ‹‹دايغا›› ھالىتىمۇ ئۇچرايدۇ، بۇ دەريانىڭ يۇقۇرى  ئېقىنىدىكى تاغلىقنى بىلدۈرىدۇ. موڭغۇل تىلىدا ‹‹تايغا›› قېلىن ئورمانلىق، قاراڭغۇ تاغ ئورمانلىقى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سىبىر تۈركىي تىللىرىدا بۇ سۆز ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن، ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان ئورمانلىق جاي، تاغ ئورمانلىقى، قىيا تاغلىقلار دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىي تىللاردىكى ‹‹ تايغا›› سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي ئىستىمال مەنىسى لاندىشافت مەنىسىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى ئوروگراپىيىلىك ھالەت يەنى تاغلىق مەنىسىنىمۇ بىلدۈرگەن. ‹‹تايغا›› سۆزىنىڭ تەكتى يۇرتى جەنۇبىي سىبىر بولۇپ، بۇ سۆز ھازىرمۇ ئۇ يەردە ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تايغا تىزمىسى، قىزىل تايغا تېغى (ئالتايدا)، شەرقىي ساياندا تايغا ئوژاسى تېغى، تۇۋادا تاقىر تايغا تېغى، خورتايغا، دوڭغۇل تايغا، باي تايغا، تاسقىل (تاشلىق) تايغا، ئۇزۇن تايغا، دېمىر تايغا تاغلىقلىرى بار. يېنسىي دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا ۋە باش ئېقىنىدا ئۇلان تايغا، سىن تايغا پەس تاغلىقى، خانتايغا تاغلىقى قاتارلىقلار بار. سىلاۋىيان تىلىدا ‹‹غ›› ھەرپى بولمىغاچقا، ‹‹تايغا›› سۆزى ‹‹تايگا››غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس تىلىرىدىمۇ ‹‹تايگا›› دەپ قوللىنىلىدۇ. تايغا سۆزىنىڭ تۈرك-موڭغۇلچە بولۇشى بىرىنچىدىن سىبىرىيىدىكى تۈركىي خەلقلەرگە ھەم موڭغۇللارغا ئورتاق بولغانلىقىدا، موڭغۇللارمۇ ئەسلىدىكى چاغاتاي تىلىنى قوللانغان ۋە بۇ تىل ئۇلاردا ھازىرغىچە ساقلانغان. ئى.ئى سىرېزنىۋىسكىنىڭ ‹‹ قەدىمكى روس تىلى لۇغىتى ماتىرىياللىرى››(1893-1903)دا ‹‹تايغا›› سۆزى كۆرسىتىلمىگەن. بۇمۇ شۇ سۆزنىڭ موڭغۇل- تۈرك تىلى ئىكەنلىكىگە بىر دەلىلدۇر. شۇڭا، بۇندىن كېيىن بۇ سۆزنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى ‹‹تايگا›› ئەمەس ‹‹تايغا›› دەپ ئىشلىتىشىمىز لازىم.
         ئوتتۇرا ئاسىيا دەريا ئۆسىدىغان ئورمانلارنى توقاي ۋە بۇ جاينى توقايلىق، ئۇ يەردە ھاسىل بولغان تۇپراق توقايلىق توپىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇمۇ، روس تىلىدا يەرلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە ‹‹Тугаи›› ۋە خەنزۇچىدا土盖林دەپ ئېلىنىدۇ.
         قۇرۇم- قۇرام (Курмы-石流دىگەن سۆز سىبىرلىق تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن روسچىغا سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇملار تاغ يانباغرىلىرىدىن ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئاستا-ئاستا سېرىلىپ چۈشىدىغان تاشلارغا قارىتىلغان، بۇ بىزدىكى قورام تاش سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىدىكى سۆزدۇر. تۈركىي خەلقلەر ياشىغان جايلاردا ئىگىز تاغلار كۆپ بولغاچقا قورام تاشلارنىڭ دۇمىلاپ چۆشۈش ھادىسىلىرى كۆپ، لېكىن روسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئۆزگىچە ھادىسىدۇر، چۈنكى روسلارنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋولگىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ئوكا دەرياسىنىڭ بويلىرى بولۇپ، شەرققە 17- ئەسىردىن باشلاپلا سۈرۈلۈپ كەلگەن. مەسلەن، بايقال كۆلى ئەتراپىغا 1643-يىلى كوربات ئىۋانوۋ بىرىنچى بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شەرققە كېلىپ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن. روسلارنىڭ ئۆز يۈرتىدا ھەيۋەتلىك تاغلار ۋە ئۇلاردىن دومۇلاپ چۈشكىدەك بۇنداق قورام تاشلارمۇ يوق (ئورتا روس ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 290مېتىر،موسكىۋا ئىگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى320 مېتىر ۋە باشقىلار)، ئۇلار سىبىرگە كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭ، ئۇزۇن تاغ تىزمىلىرىنى، ئىگىز تەكشىلىكلەرنى كۆرگەن ۋە ئۇ يەرلەردە يۈز بېرىدىغان قورام تاشلارنى يەرلىك تىل بويىچە قۇرۇملار دەپ ئاتىغان.
              شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى قارا قۇرۇم تاغلىرىنى روسلار ۋە باشقىلار ئوخشاشلا ‹‹قارا قۇرۇم›› دەپ قوللىنىدۇ. خەنزۇچىدىمۇ-喀喇昆仑دەپ ئالىدۇ. بۇ يەردىكى 昆仑(كۈنلۈن) قۇرۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەپسۇسكى مۇشۇ 昆仑 سۆزى بىلەن ئېيتىلىدىغان قۇرۇم تاغلىرى بۈگۈنكى كۈندە ‹‹كوئىنلۇن›› بولۇپ قالغان. بۇ خەنزۇچىدىكى ‹‹昆仑›› سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىپادىلىنىشى ۋە ياكى ئەسلىدىكى ‹‹قۇرۇم›› سۆزىنىڭ بۇزۇپ ئېيتىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردا ئەلۋەتتە ‹‹كوئىنلۇن›› ئەمەس، ‹‹قۇرۇم تاغلىرى›› دەپ قوللىنىلسا توغرا بولاتتى. شۇ چاغدا قارا قۇرۇم ۋە بۇنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدىكى 昆仑 نىڭ مەنىسى ئۇيغۇرچىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولاتتى. گىئومورفولۇگىيىدە ‹‹مېئانىر›› تىپىدىكى دەريالار دىگەن بىر تىپ بار. بۇ ئەسلىدە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدىكى مېئاندىر (بۈيۈك مېئاندىرىس) دەرياسىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئەگرى توقاي دەريا. (مىئاندىر نامى بۇ يەردە قەدىمدا ياشىغان مىئاندىرتال قەبلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) گىئومورفولوگىيىدە جاھاندىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەريالارنىڭ ھەممىسىنى مىئاندىر تىپىدىكى دەريالار دەپ ئاتاش ئادەت بولۇپ قالغان.
          يۇقۇرىدا تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلاردىن بەزى مىساللار كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەھەتتە تۈركىي تىللارغا مەنسۇپ بولغان بۇ خىل ئاتالغۇلار ھازىر دۇنياۋى تىل بايلىقىغا ئايلىنىپ، جۇغراپىيە ساھەسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۈركىي تىللاردىن خەلقئارا تىللارغا كىرىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن ئاتالغۇلار ئۈستىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ خىل ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ شۇنىڭدەك ئەسلىدە تۈركىي تىلاردىن كېلىپ چىققان، لېكىن باشقا تىلارغا سىڭىپ كىرىش جەريانىدا ئاھاڭ جەھەتت مەلۇم ئۆزەىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدا قوللانغاندا، بۇزۇلغان ۋە ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزى بويىچە ئەمەس، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە قوللىنىشىمىز لازىم. مەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

    مەنبە: قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيسى ژورنىلى 1988-يىل 3-سان.
    ئەسكەرتىش: روسچىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا، روسچە ئاتالغۇلارنى كىرگۈزۈشتە خاتالىقلار بولىشى مۈمكىن،تۈزۈتۈپ پايدىلىنارسىلەر
    .

    مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

    分享到: