ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (4) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (4)

    شائىر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىمسىز نادانلىقنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ۋە مەنىۋىيىتىگە كەلتۈرىدىغان ئېغىر زىيىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئۇنچىلىك ئىلمىي دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوچۇق سۈرەتلىمىگەن بولسىمۇ ، دېداكتىزملىق بەدىئىي مېتود ئارقىلىق ، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مىسرالاردا ئۆزىگە خاس شەكىل ، راۋان تىل ۋاسىتىسى بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك زىيىنىنى يارقىن ئېچىپ  كۆرسىتىپ بەرگەن . مەسىلەن : 9
    ئەسلىسى : 48 . بىلىگسىزگە ھەق سۆز تاتىقسىز ئەرۇر ،
                   ئاڭار پەند نەسىھەت ئاسىغىسىز ئەرۇر .
                نە تۇرلۇگ ئارىغسىز ئەرىر يۇماقىن ،
                جاھىل يۇپ ئارىمىز ئارىغىسىز ئەرۇر .
    يەشمىسى : (بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ ،
                    ئۇنىڭغا پەند – نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ .
                 ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ ،
                 (لېكىن) نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر .)
    ئەسلىسى : 49 . بىلىگلىگ كىشى كۆر بىلۇر ئىش ئودىن ،
                   بىلىپ ئىتەر ئىشنى ئۆكۇنمەز كىدىن .
                  قامۇغ تۇرلۇگ ئىشتە بىلىگسىز ئوڭى ،
                ئۆكۈنچ ئول ئاڭار يوق ئوڭ ئاندا ئادىن .
    يەشمىسى : (قارا ، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ ،
                   ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ .
                   بىلىمسىز ھەممە ئىشتا ئۆكۈنىدۇ ،
                   ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق . )
    ئەسلىسى : 52 . بىلىگلىگ سۆزى پەند نەسىھەت ئەدەب ،
                   بىلىگلىگنى ئۆگدى ئەجەم ھەم ئەرب .
                  تاۋارسىزقا بىلىگى تۇكەنمەز تاۋار ،

                  نەسەبىسىزقا بىلگى يىرىلمەز نەسەب .
    يەشمىسى : (بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند – نەسىھەت ۋە ئەدەبتۇر ،
                   بىلىملىكنى ئەجەممۇ ، ئەرەبمۇ ماختىدى .
                  مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگىمەس مۈلۈك ،
                  نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەپ .)
           ئەھمەد يۈكنەكى بۇ مىسرالىرىدا ھەق سۆزنىڭ (ھەقىقەتنىڭ ) بىلىمسىزلەرگە نىسبەتەن تېتىقسىز ، تەمسىز ، ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق ، قۇرۇق نەرسە بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ھەم ئانداقلارغا مەرىپەت ۋە ھەقىقەت توغرىسىدىكى پەند – نەسىھەتلەرنىڭ قىلچە كار قىلمايدىغانلىقىنى كىنايە قىلىش بىلەن ئېچىپ بېرىدۇ . يەنە مەنىۋىيەتتىكى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق كىرىنى يۇيۇپ تازىلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق روشەن كۆرسىتىپ ، كىشىلەرنى بىلىمسىز ، نادان بولماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرىدۇ . ئارقىدىنلا تەسىرلىك مىسرالىرىدا بىلىملىكلەر ھەرقانداق ئىشنى ئالدىن پەملەپ ، ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئىدىتىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، بىلىمسىز ، نادان كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر جايدا قىلغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقىنى جانلىق سېلىشتۇرۇپ ، بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئىخچام پىكىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ .
          مۇئەللىپ خۇددى يۇقىرىدا مىساللاردا كۆرسەتكەندەك ، خاتىمە ئورنىغا بېرىلگەن "ئىلىم – مەرىپەت" ھەققىدىكى شېئىرى ھېكمەتلىرىدە بىلىملىكلەرنى ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق ئەل خەلقى ماختاپ مەدھىيلەيدىغانلىقى ھەم يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىلىمنىڭ مۈلۈكسىزلەرگە تۈگىمەس مۈلۈك ،نەسەبىسىزلەرگە ئۈزۈلمەس نەسەب ئىكەنلىكىنى شېئىرىي تىل بىلەن خىتاب قىلىدۇ . بىلىمنىڭ ئېسىل خاسىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ .
        ئومۇمەن ، شائىر ئەھمەد يۈكنەكى بىلىم ، مەرىپەت ، پەزىلەتلىك بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئېستېتىك غايىسىگە سىڭدۈرۈپ ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ، ئىستىقبالى ، بەخت – سائادىتىگە باغلاپ تەپەككۇر قىلىدۇ . بىلىمنى يول كۆرسەتكۈچ ماياك ، قۇدرەتلىك كۈچ دەيدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم ئۇنى قىزغىن مەدھىيلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ مىللەتكە ئاپەت ، ۋەتەن ، خەلققە كۈلپەت ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق  ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەنلىكىنى ، شۇنداقلا بىلىمسىزلىك ، نادانلىققا قارىتا قاتتىق نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ .

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us