-
2011-01-05
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (3)
شائىرنىڭ ئاممىبابلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك ، تىلى يەڭگىل بولغان تۆۋەندىكى مىسرالىرى بۇ نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتلايدۇ . مەسىلەن : 8
ئەسلىسى : 44 . بىلىگ بىلدى ، بولدى ئەرەن بەلگۇلۇگ ،
بىلىگسىز تىرگلەيتۇك كۆرگۇلۇگ .
بىلىگلىگ ئەر ئۆلدى ، ئاتى ئۆلمەدى ،
بىلىگسىز تىرىگ ئەركەن ئاتى ئۆلوگ .
يەشمىسى : (ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ ،
بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .
بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ ، نامى تىرىك بولىدۇ ،
بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ .)
ئەسلىسى : 45 . بىلىگلىگ بىرىگە بىلىگسىز مىڭىن ،
تەڭەگلى تەڭەدى بىلىگنىڭ تەڭىن .
باقا كۆرگىل ئەمدى ئۇقا سىنايۇ ،
نە نەڭ بار بىلىگ تەگ ئاسىغلىغ ئوڭىن .
يەشمىسى : (بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كېلەلەيدۇ ،
تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ .
ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن ،
بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار .)
ئەسلىسى : 46 . بىلىگ بىرلە ئالىم يوقار يوقلادى ،
بىلىگسىزلىك ئەرنى چۆكەردى قودى .
بىلىگ يىند ئۇسانما بىل ئول ھەق رەسۇل ،
بىلىگ چېنىجە ئەرسەسىز ئارقاڭ دەدى .
يەشمىسى : (ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتىرىلدى ،
بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى .
بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە ، شۇنى بىلگىنكى ،
ھەق رەسول : "بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭلار" دېگەن .)
ئەسلىسى :47 . بىلىگلىگ بىلىگنى ئەدەرگەن بولۇر ،
بىلىگ تاتغىن ئاي دوست بىلىگلىگ بىلۇر .
بىلىگ بىلدۇرۇر بىل بىلىگ قەدرىنى ،
بىلىگنى بىلىگسىز ئوتۇن نە قىلۇر .
يەشمىسى : (بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ ،
بىلىم تەمىنى ئەي دوست ، بىلىملىك بىلىدۇ .
بىلىڭكى ، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۈرىدۇ ،
بىلىمسىز ئەخمەق بىلىمنى نېمە قىلىدۇ ؟
شائىرنىڭ يۇقىرىدىكى مىسرالىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلساق كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ، بەخت – سائادەتلىك يولنى ئېچىش ئۈچۈن بىلىملىك ، پەزىلەتلىك بولۇپ ، نادانلىقتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەپ ، ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، ھەمدە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى (زىننىتى) كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تاشقى قىياپىتى ياكى مال – دۇنياسىدىن ئەمەس ، بەلكى پىسخولوگىيىلىك ماھىيىتىدە شەكىللەنگەن ئەقىل – پاراسەت ، ئىلىم – بىلىم ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق پەلسەپىۋى پىكرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن . ئۇنىڭچە ، بىلىم پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىگە ئورتاق نەرسە ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى ، روھىي ئازادلىقىنىڭ مەنبىئى ، ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت كىشىلىرى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئىلىم – مەرىپەتلىك بولسا ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دەپ قارىغان . بۇنى شائىر شەرھىيلىگەندە ، ئالىملار ، بىلىملىكلەر ئىلىم – ئېرپان بىلەن جەمئىيەتتە تونۇلىدۇ ، يۇقىرى ئابروي ، ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ ، شۇڭا بىلىمنى ئەقىل – ئىدراك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەرگىز زېرىكمەي ئۆگىنىش ، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىش ، بىلىم مەيلى قانداق جايدا (قايسى ئەلدە) بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ يەرگە بېرىپ ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي ئۆگىنىش ، بىلىم ئىگىلەش لازىم دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىم قەدرىنى ۋە بىلىملىكلەرنى پەقەت بىلىم ئەھلىلىرىلا بىلىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ . بىلىمسىز ئەخمەقلەر بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، دەپ كىنايە قىلىش ئارقىلىق بىلىمسىزلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە شەخسىنى ۋە ئاۋام خەلقنى نادانلاشتۇرىدىغان ، يورۇق دۇنيانى زۇلىمەتكە ئايلاندۇرىدىغان قاباھەتلىك ماھىيىتى بىلەن زىيىنىنى سېلىشتۇرۇپ ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنى دەل جايىدا كېلىشتۈرۈپ مەسخىرە قىلىدۇ .
داۋامى بار历史上的今天:
بەدىئىي ماھارەتنىڭ جۇلاسى («جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۈستىدە تەسىرات) 2011-01-05«تىيانشان» دېگەن نام توغرىسىدا 2011-01-05تەسەۋۋۇف 2011-01-05