-
2011-01-05
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (2)
شۇنى تەكىتلەش مۇمكىنكى ، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت تەشەببۇس قىلىنغان دىداكتىك داستانىنىڭ ئەينى دەۋردىلا ئاۋام خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ھەم زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قولدىن قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلۈشى ، كېيىنكى دەۋرلەردە مەسچىد – مەدرسلەرنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ،ئەخلاق نورمىلىرىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇقى قاتارىغا كىرىشى يۇقىرىقى نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتلايدۇ .
شائىرنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرى ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى نامايان قىلىدۇ . مەسىلەن :7
ئەسلىسى : 41 . بىلىگدىن ئۇرۇرمەن سۆزۈمكە ئۇلا ،
بىلىگلىگكە يا دوست ئۆزەڭنى ئۇلا.
بىلىگ بىرلە بۇلنۇر سەئادەت يولى ،
بىلىگ بىل سەئادەت يولىنى بۇلا .
يەشمىسى : (سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن ،
ئەي دوستۇم ، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا ،
سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ ،
بىلىم ئال ، سائادەت يولىنى ئاچ .)
ئەسلىسى : 42 . بەھالىغ دىنار ئول بىلىگلىگ كىشى ،بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بېشى
يەشمىسى : (بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر ،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر .)
ئەسلىسى : 43 .سۆڭۈككە يىلىگ تەگ ئەرەنكە بىلىگ ،
ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭۈكنىڭ يىلىگ .
بىلىگسىز يىلىكسىز سۆڭۈك تەگ ھالى ،
يىلىگسىز سۆڭۈككە سۇنۇلماز ئەلىگ .
يەشمىسى : (ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ ،
ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا ، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .
بىلىمسىز (كىشى) ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ ،
(ھالبۇكى) ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزارتمايدۇ .)
يۇقىرىقى مىسرالاردا شائىر ئەدىب ئەھمەد پاساھەتلىك خەلق تىلىدىن ، فولكلوردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى جانلىق ، چۈشىنىشلىك قىلىپ ، ئىلمىي يۈكسەكلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىپ شەرھىيلىگەن . بىلىم – ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ بېشى ، سۆز – نۇتۇقنىڭ ئاساسى ، بىلىمسىزلىك نادانلىقتۇر ، بىلىمسىزلىك بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىقماس ، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك شۇنىڭدا بولۇر ، بىلىم بەخت – سائادەت يولىنى ئاچقۇچى تۈگىمەس بايلىق . ئادەمدە بىلىم بولغاندا ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ غەلىبىسېرى ئالغا قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم – بىلىمگە ئۆزىنى باغلاپ ، ئۆگىنىش ھەم ئۇنى تىرىشىپ ئىگىلەش لازىملىقى پەلسەپىۋى نۇقتىسىدىن تەسىرلىك چۈشەندۈرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز كىشىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ بىلىملىك كىشىنى خۇددى قىممەتلىك دىنارغا ، يىلىكلىك سۆڭەككە ، بىلىمسىز نادانلارنى قىممەتسىز ياماققا ، يىلىكسىز كاۋاك سۆڭەككە ئوخشىتىدۇ . بۇنى باشقىچە تەسۋىرلىسەك ، بىلىملىك كىشى نۇر چاقناپ تۇرغان گۈزەل لاتاپەتكە ، بىلىمسىز كىشى خۇنۇك ، كۆزى ئوچۇق كورغا ئوخشىتىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا بۇلار ، داستان مۇئەللىپنىڭ جەمئىيەت ، ئىنسان ، بىلىم ، پەزىلەت توغرىسىدىكى ئېستېتىك قارىشى بولۇپ ، شائىر قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان يالقۇنلۇق مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ شېئىرى تىلدىكى خىتابىدۇر .
شائىر ئەدىب ئەھمەد ئۆز دەۋرىدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ، مەۋجۇد بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بار فازىل ئالىم ئىدى . شۇڭا ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئوبرازلىق تەپەككۇر ، بەدىئىي تەسەۋۋۇردىن ، خەلقنىڭ باي ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي ئۇتۇقلىرىدىن ، ئوخشىتىش ، سىمۋوللاشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، كىنايە قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ھەم ئۈنۈملۈك قوللىنىپ ، شېئىرىي مىسرالىرىنى مەزمۇنلۇق ھەم تۇيغۇلۇق پەللىگە كۆتەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن داستاندا بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىك تولىمۇ ئېنىق ۋە روشەن سېلىشتۇرۇلۇپ ، بىلىمسىزلىك مال – دۇنياسى ھەددى – ھېسابسىز ، كۈچى بەك زور بولسىمۇ ، ئۇ ھامان بىلىملىك ، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن تولىمۇ تۆۋەن ، تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدىغانلىقى ، بىلىملىكلەر ھەر ۋاقىت يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئالىي ھۆرمەتكە ئېرىشىپ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقى يارقىن گەۋدىلەنگەن . شۇنىڭدەك "بىلىمى چوڭ مىڭنى ، بىلىكى چوڭ بىرنى" يېڭەلەيدىغانلىقىدەك ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .داۋامى بار
历史上的今天:
بەدىئىي ماھارەتنىڭ جۇلاسى («جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۈستىدە تەسىرات) 2011-01-05«تىيانشان» دېگەن نام توغرىسىدا 2011-01-05تەسەۋۋۇف 2011-01-05
收藏到:Del.icio.us