ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-05

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار (1) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار
    غاپپار روزى

         «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ("ھەقىقەت ئىشىكى") قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يىتۇك شائىر ۋە فازىل ئالىم ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەشھۇر داستانى .    داستان مەزمۇن جەھەتتىن ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن شېئىرىي ، خاراكتېر جەھەتتىن دىداكتىك ، ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلغۇچى "قۇتادغۇبىلىك"نىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبىنى ئۈلگە قىلىپ ، ساپ قەشقەر (خاقانىي) تىلىدا ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقەرىب بەھرىدە يزېىلغان 14 بابلىق 2 ، 484 مىسرالىق 3 ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقا دەۋرىدىكى كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر – ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك داستان .

        داستاننىڭ ھازىر ئىستانبولنىڭ ئاياسۇفىيە كۈتۈپخانىسى بىلەن توپقاپى ساراي كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى   نۇسقىسى : قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇ قۇر پاراللېل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن   نۇسقىسى : نوقۇل ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن   نۇسقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسقىسى بار 4 .     ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ئۆز داستانىنى "تۈركىي كىتاب" 5 دەپ ئاتىغانىدى . ئەسەر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ، داستاننىڭ     نۇسقىلىرىغا بېرىلگەن نامىغا ئاساسەن "ھىبەتۇلھەقايىق" ("ھەقىقەتلەر سوۋغىسى") دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن ، ئەمما كېيىن ئەسەرنىڭ    نۇسقىسى     نۇسقىلىرىغا قارىغاندا كونىراق ھەم مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» دەپ ئاتاش داستان مەزمۇنىغا ھەم باب ھەم ئۇيغۇن كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نام ئىلگىرىكى كونا ناملىرىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئىلمىي ، كونكرېت ، جەلبكارلىقى كۈچلۈك بولغان . شۇڭا ئەسەر ھازىر ئىلىم دۇنياسىدا مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە .     داستان شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كىتاب يېزىش ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتىغا خاس ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئالدىنقى تۆت بابى – كىرىش قىسمى (ياكى ھەمدۇ – سانا قىسمى)نى ، كېيىنكى 10 بابى ئاساسىي مەزمۇن قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ .

         داستاننىڭ ئومۇمىي خاھىشى ۋە تېماتىك مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، داستان مەزمۇن ۋە خاراكتېر جەھەتتە پەلسەپىۋى ھەم دېداكتىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى مەزمۇن ئابستراكت ئەخلاقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە گەۋدىلەنگەن . ئوبيېكت كۆپرەك مېرىكىلىق يول بىلەن سۈرەتلەنگەن . مۇئەللىپنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئەخلاقىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بولغان تۇتاش كەتكەن ۋەقە لېنىيىسى ، ئۆتكۈر توقۇنۇش ، كونكرېت سالاھىيەتلىك شەخس ئوبرازى يارىتىش قاتارلىق بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ۋە شەكلى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى داستاندا ئاساسلىق سۈرەتلەنمەكچى بولغان تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە 10 چوڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي  ۋە ئەخلاقىي مەسىلىنى دەۋر قىلغان ھالدا ئىپادىلەنگەن . ماكرو جەھەتتە دېداكتىزم شەكلىنى ، كونكرېت ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوخشىتىش ، سىموۋۇللاشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، مۇبالىغە ، كىنايە . . . قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسىم ۋە پېئىلگە ئائىت مەجاز ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىنى خۇددى ئە . ي . بىرتىلىس بۇ داستان ئۈستىدە توختىلىپ : "ئەرەب – پارس شېئىرىيىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شەكىللەر داستاندا كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ . بۇ شەكىللەرمۇ سخۇلاستىكا (مەدىرىسە پەلسەپىسى ) دىن ئېلىنغان بولسا كېرەك ." 6 دېگىنىدەك ،ئىپادىلەشتە فولكلور ، تەجىنىس ، تۇيۇق قاتارلىق شېئىرىي شەكىللەردىنمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان .
    ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى داستانىدا يورۇتماقچى بولغان ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن ئېستېتىك چۈشەنچىلىرىنى نوقۇل ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىكى مەسىلىلەر قاتارىغا قويمايدۇ ھەم ئۇنى قۇرۇقتىن قۇرۇق سۈپەتلىمەيدۇ ، بەلكى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەر تىپىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، خېلىلا دېموكراتىك بولغان پىكىر ۋە قاراشلىرىنى داستاندا سىنتىز ھېسابلانغان ئىلىم – مەرىپەت پەزىلەت ساھىبى بولۇشتەك يېتەكچى مەزمۇنغا باغلاپ ھەم داستاننىڭ باشتىن – ئاخىر مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ ، ئىلىم – مەرىپەت ساھىبى بولۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى پەلسەپە
      نۇقتىسىدىن ئىخچام شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ . كىشىلەرنى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەپ مەرىپەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ئەخلاق نورمىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، مەردلىك ، ئادىللىق ، كەمتەرلىك ، كەڭ قورساقلىققا ئوخشاش ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيلەپ ، بۇنىڭغا زىت ھالدا جاھىللىق ، نادانلىق ، خەسىسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، يالغانچىلىق ، كاززاپلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى ئۆتكۈر يومۇرىستىك تىل بىلەن قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . قىسقىسى ، داستاندا شائىرنىڭ  ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى ۋە تەسىرلىك مۇلاھىزىلىرى "قۇتادغۇبىلىك" داستانىدىكىدەك بەدىئىي ئوبراز ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما  "بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت" چۈشەنچىسى لېرىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئابستراكت ئەخلاقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە ئىپادىلەنگەن ، بۇ خۇددى قىزىل يىپتەك داستاننىڭ باش – ئاخىرىغا قەدەر تارتىلغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت قارشى ۋە تەرەققىپەرۋەرلىك سىمۋولىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن روشەن گەۋدىلىنىپ ، پۈتكۈل داستاننى جەۋاھىراتتەك جۇلالاندۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ئەخلاقىي پەزىلەت نورمىلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان مال – دۇنيا ئۈچۈن ھەممە پەسكەشلىك ۋە رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان ناچار خاھىش ، ئىللەتلەرنى تەنقىدلىگەن .

         داستاندا ئىپادىلەنگەن يۇقىرقىدەك رېئال ھەم تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مۇۋاپىق ، مەنتىقىسى كۈچلۈك ، پىكىرلىرىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن بايان قىلىنىپ ، داستاننى تولىمۇ يۇقىرى ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلغاندۇر .

        شائىر ، ئەدىب ئەھمەد داستاندا نۇقتىلىق قىلىپ "ئىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت" چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك قىممەتكە كۆتىرىپ ئىپادىلىگەن  بولسىمۇ ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەرىپەتلىك بولۇش ، ئىلىم – بىلىم ئۆگىنىشتەك "ئىلىم – مەرىپەت" توغرىسىدىكى تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قارىشى ئىلمىي مۇلاھىزە ، مەنتىقە شەكىللىرىنىڭ مۇۋاپىق ۋە كۈچلۈكلىكى بىلەن تەسىرلىك مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەنگەن . مانا بۇ شائىرنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ھەم داستاننىڭ تېماتىك مەزمۇنىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغۇچى تېما ھېسابلىنىدۇ .

       شۇڭا مەن ماقالەمدە ، بۇ خاس تېما ئۈستىدە سنكىرتىك (ئارىلاشما) نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغان ھەم ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، پۈتۈن داستان مەزمۇنى ۋە خاس تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتماقچىمەن .

        بىزگە مەلۇمكى ، شەرق مەدەنىيەت تارىخى ، چۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتى تارىخى سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھەم گىنئال ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ مۇئەللىپى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى خۇددى شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئىنسىكىلوپىدىك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىزدىن ئەبۇ نەسىر فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك چەكسىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە . شۇڭا شائىر ئۆز دەۋرىدىلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىم ، يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىزىدىن مېڭىپ ، ھەم ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ بەدىئىي مېتود ، ئۇسلۇب ۋە ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئېستېتىك غايىسى ، قاراشلىرىنىڭ ئىچىدە روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھەم كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە مەزمۇن "ئىلىم – مەرىپەت" بولۇپ ، بۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئەخلاقىي ، ئادالەت چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ ئالتىنچى بابىدا ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ ، بۇ خاس تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدۇ .  ئۇ بىلىم ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئىگىلەشنىڭ خاسىيىتى ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ ئېغىر زىيىنىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ . شۇنداقلا "ئىلىم – مەرىپەتلىك " بولۇشنى پەلسەپىۋىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك ، مەزمۇنى چوڭقۇر شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىخچام ئىپادىلەپ ، تەشەببۇس قىلماقچى بولغان ئىجتىمائىي ، ئەخلاقىي ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى "ئىلىم – مەرىپەت" سىمۋولىدا يۈكسەك دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ ھەم يۇقىرى باھالايدۇ .    شائىرنىڭ يۇقىرقىدەك قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن تەرەققىپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، تەھلىم قىلساق ، شۇ چاغدىكى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتى غەربىي لياۋ ، چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىلاچىلىق يۈرۈشلىرى تۈپەيلىدىن زىددىيەت – توقۇنۇشلار بىرقەدەر كەسكىنلەشكەن ، خانلىق زاۋاللىق گىردابىغابېرىپ قالغان ، تىل جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچراشقا باشلىغان ، "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتالغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىشكە باشلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى . شۇ ۋاقىتتا ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەم قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان ئۇلۇغ ئالىم ،مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئىزىدىن مېڭىپ ، ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىۋى تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ، خانلىقنىڭ ئىچكى – تاشقى بوھرانىنى يەڭگىللىتىش ، قىسقىسى ، خانلىقنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا (ئىمتىيازلىق تەبىقە ئىچىدە ) يۈز بەرگەن ھوقۇق ، مال – دۇنيا تالىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش – جېدەل ، قىرغىنچىلىقلارغا ، ئىلىم – مەرىپەت ئورنىنى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ، قاراملىق ئىگىلىگەن رەزىل ھالەتكە خاتىمە بېرىپ ، خانلىقنى ئوڭشاش ، جەمئىيەتتە مۇقىملىق ، خەلققە ئاسايىشلىق تۇرغۇزۇش لازىملىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن سەزگەنىدى . شۇڭا مەرىپەتپەرۋەر شائىر تۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپى بويىچە ھۆكۈمرانلاردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە ئىلىم ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەت تىكلەش ،ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەن ئىدىيىسى بىلەن ئېستېتىك قارىشىنى خىتابەتلىك يوسۇندا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق شېئىرى مىسرالىرى ئارقىلىق بايان قىلدى . ئۇنىڭ بۇ خىل تەرەققىپەرۋەر ھەم مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىسى ئەينى دەۋردىكى قاراخانىلار جەمئىيىتى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئەتراپتىكى فېئودال خانلىقلاردىكى خەلقلەرنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئۇلۇغ ئىستىكى ئىكەنلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن .

    داۋامى بار

    分享到: