ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-10

    تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات (2) - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    ئىسلامىيەتنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخانمۇ ئەرەبچە ئابدۇلكەرىم ئىسمىنى ئىشلەتكەنىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە خاقان ۋە سۇلتانلارنىڭ ئىسىملىرى تامامەن ئەرەبچە بولماستىن تۈركچە ئىسىملەرنىمۇ بىرگە ئىشلەتكەنلىكى كۆرىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى زىيالىي تەبىقىسىدىكىلەرگە قارىغىنىمىزدا، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسەن ئەرەبچىلەشكەنلىكىنى ھەتتا ئەرەب ئىسىم-فامىلە ئادىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئوڭايلا بايقاش مۇمكىن. مەسىلەن فارابى (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر بىننى مۇھەممەد بىننى تارخان بىننى ئۇزلۇق فارابى)، كاشىغارى (تولۇق ئىسمى: مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن كاشىغارى)، يۈكنەكى (تولۇق ئىسمى: ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى)، خاراباتى (تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى)، مۆجىزى (تولۇق ئىسمى: موللا ئىسمەتۇللاھ بىننى موللا نىمەتۇللاھ)، ناقىس (تولۇق ئىسمى: سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر)…گە ئوخشاش. بۇ خىل ئەھۋال ئەسلىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوقۇغان زىيالىي تەبىقىسىدە نىسبەتەن ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىدى.
    ئوسمانلى خاقانلىرى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى ئىچىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ تۈركچە بولۇشىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن خاقانلار ئىدى. تۈرك-ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەرتۇغرۇل، گۈندۈزئالپ، ساچاجى بەي دېگەندەك ساپ تۈركچە ئىسىملار كۆرۈلسىمۇ، 600 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخىدا، ئوسمانلى ئۇرۇقىدىن كەلگەن خاقانلار، ئورخان غازىدىن كېيىن ھېچبىرى تۈركچە ئىسىم قۇللانمىغانىدى. 600 يىللىق تارىخ بويىچە، خانىداننىڭ شاھزادىلىرى ئىچىدە پەقەت 6 ئورخان، 2 جەنگىز (ئۇيغۇرچىدىكى=چىڭگىز)، 2 قورقۇت، 2 ساۋاجى، 4 ئەرتۇغرۇل، 1 ئوغۇزخان؛ سۇلتانلار ئىچىدە پەقەتلا 3 سەلچۇق، 2 بەيخان بار ئىدى. ئوسمانلى ئۇرۇقىنىڭ ئەرەبچە-پارسچە كىشى ئىسىملىرىغا بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىشىدە، بۇ تەبىقىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ رولى چوڭ بولغانىدى(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 6-7.بەت).
    دەسلىپىدە، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئۈست تەبىقىدىكىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىسىملىرىدا كۆرۈلگەن ئەرەبلىشىش، پارسلىشىش ھادىسىسى، كېيىنكى نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا پۈتۈن مىللەت ئىچىدە ئومۇملىشىشتەك بۈگۈنكى نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۈنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈرك تىللىق خەلقلەردىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، ئەزەربەيجان، تۈركىيە تۈركلىرى (جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان دەۋردە)، بالقان تۈركلىرى ۋە ئىران، ئىراق، سۈرىيە تۈركمەنلىرىدە ئەرەبچە–پارسچە ئىسىملارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرك تىللىق مىللەتكە مەنسۇپلىقىنى بايقاش ناھايىتى تەس ئىدى. لېكىن قىپچاق تۈركلىرىنىڭ كىشى ئىسىملىرى (قازاق، قىرغىز، تاتار، باشقۇرت، نوغاي، قاراچاي) يۇقىرىقى ئوغۇز تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈركچە ئۆزگىچىلىكىنى مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ ئەھۋال، ئۇلارنىڭ كۆپىنچە قونار-كۆچەر ھالەتتە ياشايدىغانلىقى، تامامەن ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتۈپ ئىسلام مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر تەسىر ئېلىشنىڭ باشلانمىغانلىقى، ئىسلامىيلىقنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلار (ئۆزبەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇبى) دىكىدەك چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغانلىقى ئېھتىمالىدىن بولسا كېرەك. يەنە تاغ ۋە دالالاردا ياشايدىغان قىپچاقلار بىلەن ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىن ياكى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە شەھەرلەردە ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭ كىشى ئىسىملىردا روشەن پەرق بار. يەنى ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەھەرلەردە (مەسىلەن ئارتۇش، غۇلجا، چۆچەك، ئوش، جالالئابات قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان قازاق، قىرغىز ۋە تاتارلار) ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭ ئىسىملىرىدە ئىسلامى (ئەرەب-پارىس) كىشى ئىسىملىرى بولسا قىر-دالىدا ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭكىدىن كۆپرەك.
    3- يېقىنقى زامان تۈركىيە تۈركلىرىدە كىشى ئىسىم-فامىلىلىرى
    ئوسمانلى تۈركلىرى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادا ھەر قايسى جەھەتتە خۇسۇسەن ئەسكىرىي جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن كۈچ ئىدى. ئوسمانلىلار 1698-يىلىدىكى ياۋرۇپا خرىستىئانلىرىنىڭ بىرلەشكەن ئارمىيىسى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، گەرچە ئوسمانلىلار ئۇلارنى ۋىيانادا ئۇلارنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، ئاقىبەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇنجى قېتىم ياۋروپالىقلاردىن يېڭىلىدۇ. ئىمپېراتورلۇق قۇرۇلغان تارىختىن بېرى ياۋروپالىقلادىن ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن بولۇپ كەلگەن ئوسمانلىلار، ئۇلار بىلەن قىلغان پۈتۈن ئۇرۇشلاردىن غالىب چىققانىدى. ۋىيانا قورشاۋىدىكى يېڭىلىشتىن كېيىن ھەممە جەھەتتە ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ كەلگەن ئوسمانلى تۈركلىرى، ياۋروپانىڭ ئۆزلىرىدىن قايسى جەھەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلايدۇ. ئوسمانلى سۇلتانلىرى ۋە باش ۋەزىرلىرى 18-ئەسىردە ئەسكىرىي ساھەدە باشلىتىلغان غەربتىن ئۆگىنىش ياكى غەربتىن تېخنىكا كىرگۈزۈش ھەرىكىتى كېيىنچە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غەربنىڭ باشقۇرۇش شەكىللىرىنى، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى، قانۇن تۈزۈملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە قەدەر تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ.
    ياۋروپادىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش، ئوسمانلىغا قارىتىلغان «ئۆزگەرتىشلەر» ۋە ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن ئۇرۇشلار ئاقىبىتىدە بۇ ئىسلاھاتلار تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەي جۇمھۇرىيەت تۈركىيەسىگە باقىۋەندە بولىدۇ. ئۇرۇشتىن غالىپ ئايرىلغان ۋە مۇستەقىللىقىنى پۈتۈن ياۋروپالىقلارغا ئېتىراپ قىلدۇرغان يېڭى تۈركلەر، يېڭى شەرت ۋە يېڭى دەۋردە زامانىۋى ئۇلۇس-دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇستافا كامالنىڭ باشچىلىقىدا بۈيۈك بىر ئىنقىلابنى باشلايدۇ. بۇ ئىنقىلابنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولسا، ئۈممەتتىن مىللەت يارىتىش ۋە بۇ مىللەتكە زامانىۋى مەنىدىكى مىللەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈپ زامانىۋى دۇنيادىكى لايىق ئورنىنى تاپقۇزۇش ئىدى. بۇ خۇسۇستا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مىللىي ئاڭنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى، مىللىي تارىخنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ يورۇتۇلىشى، ئەسلىي تۈركلۈكلىرىگە قايتىش… ھەرىكەتلىرى ئىدى.
    يېڭى جۇمھۇرىيەتچىلەر، كەسكىن قارارلار بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى تەرەققىياتقا، زامانىۋىلىشىشقا، زامانىۋى ئۇلۇس-دۆلەت بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ دەپ قارالغان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئىسلاھ قىلىشقا ھەتتا، تامامەن ئۆزگەرتىشكە كىرىشىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى تۈرك كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىدىمۇ روشەن بىر شەكىلدە ئەكس ئېتىدۇ.
    تۈركىيە تۈركلىرى مەركىزىي ئاسىيانى ئاتا يۇرت، كىچىك ئاسىيانى (ئانادولۇ يېرىم ئارىلىنى) ئانا ۋەتەن دەپ بىلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئانا ۋەتىنى تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، 600 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ياۋروپالىقلار بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى سەۋەبىدىن مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ تۇرغان.
    تۈرك زىيالىيلىرى ۋە تۈرك بيۇروكراتلىرى فرانسۇز ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىلىقلارنى بىرئاز كېچىكىپ بولسىمۇ قوبۇل قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توسالغۇلۇق ۋە قاتماللىقلارنى تۈگىتىش، ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تەۋە بولغان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر چەمبەرلىرى ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمىلىيلىشىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
    تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېمىمىز بىلەن ئالاقىدار بولغان كىشى ئىسىملىرىدە تۈركلىشىش، مىللىيلىشىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جۇمھۇرىيەت زامانىۋى مىللەتلەردەك فامىلە قوللىنىشنى قانۇن بىلەن كاپالەتكە ئالىدۇ. تىل ئىنقىلابى بىلەن، تۈرك تىلىدىكى ئەرەب-پارس تىللىرىگە ئائىت سۆز ۋە باشقا ئامىللار تەدرىجىي چىقىرىلىپ، ئورنىغا خەلق تىلىدا ياشاۋاتقان ساپ تۈركچە، قېرىنداش تۈرك تىللىق خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكى سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن ياكى تۈركچىنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يېڭى-يېڭى سۆزلەر ياسىلىپ بوشلۇق تولدۇرۇلۇشقا باشلانغان.
    بۇ جەرىياندا، دەسلەپ زىيالىي قاتلىمى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مىللىيلىشىشىگە، تارىخىي تۈرك ئاتلىرىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈپ يېيىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىشتى ھەتتا ئۇلار، ئۆرنەك بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدە ئاكتىپ ئىجرا قىلىشتى. بۇ باشلامچىلىق نەتىجىسىدە ئاۋام قاتلىمىدىمۇ بۇ خىل خاھىشنى قوبۇل قىلىش، تېزدىن ئۆزلەشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
    بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئىسمى ئېتىمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئاساسەن تۈركچە، فامىلىلىرى بولسا مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ساپ تۈركچىدۇر. بەزى ئىسلامى ئەقىدىسى چوڭقۇر بولغان تۈركلەرمۇ بالىلىرىغا ئەرەبچە ئىسىم قويۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تۈركچە ئىسىم قويۇشنى ئەنئەنە قىلىشقان. بۇ خىل قوش ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى تۈركلەردە خېلىلا كەڭرى. مەسىلەن ئاخمەت گۆكتۈرك گەيلان، مەھمەت دۆۋۈشچۈ ئاقسوي، نېجاتى تۇغرۇل كاباكچى دېگەندەك. بۇ يەردىكى، ئاخمەت گۆكتۈرك، مەھمەت دۆۋۈشچۈ، نېجات تۇغرۇل شەخسنىڭ قوش ئىسمى، گەيلان، ئاقسوي، كاباكچى بولسا فامىلىسىدۇر. كېيىنكى يىللاردا، بىر ئىسىم ۋە فامىلە ئىشلىتىش ئومۇملىشىشقا باشلىماقتا. مەسىلەن، ئەرلەر ئىسىم-فامىلىسىدىن: بوزكۇرت كۆكتۈرك، ئالپەر گۆكبۆرۈ، گۆكخان كۆكتۈرك، ئاتىللا قايا، قۇبىلاي تۈركيىلماز، نىھات كاھۋەجى، ئەمرە بەلەزئوغلۇ، ھاسان شاش، ئىلخان مانسىز… قىز ئىسىملىرىدىن: بىرسەن گۆكچە، داملا گەلەكچى، سەۋىنچ قىلىچ، بىلگە تۈرك، ئاسېنا كۆكھۇن، جاندار ئەرچەتىن، ئاينۇر ئۆزدەمىر…
    تۈركىيە تۈركلىرىدە، قىزلارنىڭ ئادەتتە ئىككى فامىلىسى بولىدۇ. بىرى قىزلىق فامىلىسى، يەنە بىرى بولسا ئەۋلىلىك (ئۆي-ئوچاقلىق) يەنى توي قىلغاندىن كېيىنكى ئېرىنىڭ فامىلىسى. بۇرۇن قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن چوقۇم قىزلىق فامىلىسىنى ئىشلەتمەي، ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتەتتى. كېيىنكى يىللاردىكى قانۇن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن قىزلار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ خالىسا ئۆزلىرىنىڭ قىزلىق فامىلىسىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولدى. مەسىلەن، ئايبىكەنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى فامىلىسى ئۇيغۇر بولسا، ئالپئارسلان ئىدىقۇت بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى فامىلىسى خالىسا، ئايبىكە ئىدىقۇت، خالىسا ئايبىكە ئۇيغۇر ئىدىقۇت بولىدۇ.
    تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئىسىملىرى بۈگۈن تېخىمۇ مىللىي ۋە ساپ تۈركچە بولۇشقا قاراپ ماڭماقتا. تۈركچە كىشى ئىسىملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تۈركلەرنىڭ كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىدە بىر تەرەپتىن قىسقا ۋە مەنىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنىڭ مۇمكىنقەدەر ساپ تۈركچە بولۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوڭايلا كۆرىۋالالايمىز. 1934-يىلى چىقىرىلغان سويادى (فامىلە) قانۇنى، بەزى چەكلىمىلەرنى بەلگىلەپ بەزى ئىسىملارنىڭ قوللىنىلىشىنى چەكلىگەنىدى. مەسىلەن، بۇ قانۇنغا كۆرە، تۈرك ۋەتەندىشى (گراژدانى) ئەمەل-مەنسەپ، يات ئىرق ۋە يات مىللەت ئىسىملىرى بىلەن ئەدەپ-قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى يىرگىنىشلىك ۋە كۈلكىلىك بولغان سۆزلەرنىڭ سويادى (سوي ئاتى/فامىلە) قىلپ ئىشلىتىلەلمەيتتى.
    4- بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا كىشى ئىسىملىرى ۋە يېڭى يۈزلىنىش
    ئۇيغۇرلار يېقىن دەۋرلەرگىچە بارلىق تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرى ئىچىدە ئاساسەن ئورتاق كۈلتۈردىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر (ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن) قانداق ئىسىم ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە، يۇقىرىدا بىز توختىلىپ ئۆتكەن «تۈركلەردە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى» بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى دەۋرلەردىكى بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە روشەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مۇقەررەر(بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن نۇرمۇھەممەت دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىگە ۋە مۇناسىۈەتلىك تەتقىقاتلارغا قارالسا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇنۇش مۇمكىن.).
    بولۇپمۇ، 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تاللىنىشىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قويۇلغۇسى ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە، تەۋەلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن نوقۇل دىنىي كىتابلاردىن باشقا تارىخىي، مىللىي كىتابلارنى ۋاراقلىغىلى تۇرغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
    بۈگۈنكى دەۋردە خۇسۇسەن ئۇچۇر دەۋرى دەپ ئاتالغان كەڭ مەنىدىكى يەرشارىلىشىش (
    全球化Globalization) جەرىيانى داۋام قىلىۋاتقان؛ تار مەنىدە رايون خاراكتېرلىك، نىسبەتەن چوڭ يېپىشقاق كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن پەرقلىق، نىسبەتەن كىچىك كۈلتۈرلەرگە ئارام بەرمەي ئۆز دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان كۈنىمىزدە، ھەر قايسى مىللەتلەر، ئۆزلىرىنى، ۋە ئۆزگىلەرنى نىسبەتەن ئەتراپلىق تونۇپ-بىلىپ يەتمەكتە. زامانىۋى مىللەتلەرنىڭ قىلىۋاتقان، كىرىشىۋاتقان ئىشلىرىدا، ھەرۋاقىت ئاڭ-ئىدراك ۋە مىللىي مەسئۇلىيەتنى بەلگىلىگۈچى قىلىشقانلىقىنى ئوڭايلا كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. نۇرغۇنلىغان مەدەنىي مىللەتلەر، ياكى مەدەنىي مىللەت بولۇش ھارپىسىدىكى خەلقلەر، تېمىمىز بولغان كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئىسىملارنىڭ ناھايىتى ئىخچام ۋە مەنىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مىللىيلىقىغا، تارىخىيلىقىغا ھەتتا ئىسىم ئىگىسىنىڭ ھەر ۋاقىت «ئىسمى-جىسمىغا لايىق» بولۇش تۇيغۇسىنى ئويغاق تۇتىشىغا ئەھمىيەت بېرىشمەكتە.
    يەڭگىل ۋە تۈز تەپەككۇر قىلىدىغان، ئوڭاي ھاياجانلىنىپ ئاسان سوۋۇيدىغان ھېسسىي مىللەتلىكتىن، ئويلايدىغان، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەپەككۇر قىلىدىغان، نىسبەتەن پەلسەپىۋىي مىللەت بولۇش ئىزتىراپىنى ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ، يېڭى دۇنياغا كەلگۈسى ۋە كەلگەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىنى، دۇنيا قارىشىنى، ئارمان-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان كىشى ئىسىملىرىنى تاللاش، ئىزدەش ئىشتىياقىغا كىرگەنلىكىنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. بۇ ھالنىڭ يالغۇز زىيالىي دېيىلگەنلەر قاتلىمى بىلەنلا ئەمەس، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولغان كەڭ خەلق ئاممىسى قاتلىمىدىمۇ پەيدا بولۇپ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، كېلىۋاتقان ئىستەك ۋە تەلەپلەردىن بىلىمەكتىمىز.
    كۆزىمىز ۋە كۆڭلىمىزدە ناھايىتى قىممەتلىك يېرى بولغان نەسلىمىزنى، ئەسلىمىزنى مۇھىمى ئۇرۇقىمىزنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغۇسى، جان-جىگەر پەرزەنتلىرىمىزگە لايىقىدا ئىسىم تېپىپ قويۇش، بۇ قويۇلغان ئىسىم بىلەن پەرزەنتىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىستەكلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى دائىما ئويغاق تۇتۇش، ھەر دەۋردە بولۇپمۇ كۈنىمىزدە ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە بولماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر دىيارىئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇر كىشى ئىسىم-فامىلىلىرى تەتقىقاتى گۇرۇپپىسى» نىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تەتقىقات مىۋىسىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەھرىگە سۇنۇشى(قاراڭ: «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، باش تۈزگۈچى: ئازاد رەخمىتۇللا سۇلتان، ئاپتورلار: كوللېكتىپ، ئۇيغۇر دىيارىخەلق نەشرياتى، 2002-يىلى، ئۈرۈمچى.) ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئىككى قېتىم رەئىس بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى قانۇنىي ئاساسقا ئېلىشقا تىرىشىشى بۇ ساھەدىكى تەقدىرلەشكە، پەخرلىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم ئىشتۇر. چۈنكى، فامىلە ئىشلەتكەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى، ئۇرۇقى، شان-شۆھرىتى مىڭ يىللارچە ئۇنتۇلمايدۇ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېتىدۇكى، قىممەتلىك بىر يادىكار، جەمەتنىڭ ئۆزگەرمەس ئورتاق ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. جەمەت ئىسمى يەنى فامىلەنىڭ قوللىنىلىشى، بىر ئۇرۇقنىڭ بىرلىكى، ئۆملۈكى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەسلىدە بىزدە بار بولغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن «يەتتە ئەجدادىنى بىلىش» ئەنئەنىمىزنى تىرىلدۈرۈلگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەر ئۇرۇق ئۆزىنىڭ شەجەرىسىدىن ئاسانلا خەۋەردار بولالايدۇ ياكى يازالايدۇ. ئۆگۈنىنى ھەتتا ئۇنىڭ بۇرۇنىنى بىلەلىگەن، بۇ بىلگەنلىرىدىن مۇسبەت نەتىجە چىقىرالىغان بىر ئەۋلاد، ئەۋلادىغا قانداق ئەجدات بولۇش كىرەكلىكى ھەققىدە مۇئەييەن مۇقىم ئەقىدىگە كەلگەن بولىدۇكى، بۇنداق ئەجداتنىڭ ئەۋلادى جەمەتىگە، جەمئىيىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولالايدۇ. چۈنكى جەمەتىنىڭ غېمىنى قىلغان بىر ئەۋلاد، ئوخشاشلا جەمئىيىتىنىڭ غېمىنى قىلغان بولىدۇ. مەلۇمكى جەمەت شەخسلەردىن (ئەزالىرىدىن)، جەمئىيەت جەمەتلەردىن مۇتەشەككۈل بولىدۇ.
    كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىم-فامىلە(كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ فامىلىسى يوق. كۆپىنچە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللاردىكى
    姓名ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئىسىم-فامىلىسى شەكلىدە ئېلىنىپ كەلگەن. ئازاتلىقتىن كېيىنكى مۇقىملاشتۇرۇشتا، مۇئەييەن بىركىشىنىڭ تولۇق ئىسمى، ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتاش بىلەنلا ئىخچاملانغان. كېيىنكى يىللاردىكى تەرەققىيات ۋە نىسبەتەن ئېشىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئاڭ بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يىتەكلىشىدە بىر قىسىم زىيالىيلار مەدەنىي قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جەمەت ئىسمىنى (فامىلىسىنى) غەيرىي رەسمىي شەكىلدە(يەنى قانۇنىي كېنىشكا-كىملكلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىسمى+ئاتىسىنىڭ ئىسمى شەكلىدە بولسا، مەتبۇئات ۋە ئۆزئارا چاقىرىش تونۇتۇشلاردا ئۆزىنىڭ ئىسمى+ئاتىسىنىڭ ئىسمى+فامىلىسى ياكى تەخەللۇسى) قوللىنىشماقتا. بەزىلىرى تىرىشىپ-تىرمىشىپ كىملىكلىرىگە يازدۇرۇشماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىۋاتقان ياكى قوللاۋاتقان ماقالە كىتابلارنىڭمۇ نەشر قىلىنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. لېكىن مەمۇرىي تەستىق ۋە قوللاشتىن نىسبەتەن ئۇزاق قالغان بۇ ئۇرۇنۇشلار ھازىرچە نەتىجىسىز يەنى قانۇنىي كاپالەتتىن يوقسۇن. بۇ خىل تەتقىقات ۋە تەرغىباتنىڭ خەلق قاتلىمىغا يېيىلىپ بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئارقىسىدا فامىلە قوللىنىش ئېھتىياجى ۋە ئەمىلىيلىشىشى روياپقا چىقىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىمىزمۇ بۇ كۈننىڭ پاتراق يېتىپ كېلىشدۇر.) لىرىدىكى يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئېتىمولوگىيە جەھەتتىن ئەرەبچە-پارسچە ۋە تۈركچە ئىسىملارنىڭ قويۇلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن مەقەددەس، مەرھابا، ئازات، بابۇر، ئالپ، ئىلتەبەر؛ مەزمۇن ۋە پۇراق جەھەتتىن مىللىيچە ۋە ئىسلامىيچە بولغان كۈرشاد، ئاتىللا، ئايبىكە، مۇھەممەد، قەدىردىن، سىراجىدىن…بۇلاردىن باشقا يەنە روھلۇق، جەڭگىۋارلىقى بولغان ئىسىملار بۇرۇنقىدىن كۆپەيگەن مەسىلەن؛ جەسۇر، قىلىچ، قەيسەر، قەھرىمان…
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يۈزلىنىش بولسا، خەنزۇ تىلىدا ئىسىملارنىڭ قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە يېزىلىشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇش ھادىسىسىدۇر. ئۇيغۇرلار 80- يىللاردىن كېيىنكى «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش» ۋە 90- يىللاردىن كېيىنكى «سوتسىئالىستىك بازار ئىقتىسادى» دەۋرىدە خەنزۇلار ۋە خەنزۇ كۈلتۈرى بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قويۇق مۇناسىۋەتتە، تېخىمۇ بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇشقا باشلىدى. خەنزۇ كۈلتۈرىدە كىشى ئىسىم-فاملىسىنىڭ جەمئىيسىنىڭ 4 خەت ياكى بوغۇمدىن ئاشمايدىغانلىقى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچىدە ئىپادە قىلىنىشى باش قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنزۇ تىلىدا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى قانداق خەتلەرنى ئىشلىتىپ يېزىش ھەققىدىمۇ بۇرۇنقى پەرۋاسىزلىقتىن، ھازىرقى دىققەت قىلىشقا يۈزلىنىلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدە بولىۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ بالىلىرىغا تېخىمۇ ئاز بوغۇملۇق قىسقا ئىسىملەرنى قويۇش بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلىنىڭ ئىسىم قويۇش ۋە تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرىۋاتقانلىقى ھادىسىسىمۇ بارغانچە كۆپىيىپ بارماقتا. مەسىلەن ئادىلە خەنزۇچىدا
    阿迪娜؛ مۇيەسسەر 美亚沙؛ دىلئارا 迪拉娜؛ ئالپ 阿勒夫؛ قادىرجان 哈德江؛ ئانار 安娜 قاتارلىقلار. بۇ ئىسىملارنىڭ بەزىسىنىڭ خەنزۇچىسىدىن ئۇيغۇرچىسىنى تاپماق ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.
    قىسقىسى 90-يىللاردىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم يۈزلىنىشنىڭ بىرى تاللىنىۋاتقان ئىسىملەرنىڭ مەنىسىگە، مىللىيلىقىغا دىققەت قىلىش؛ ئاتا-ئانا پەرزەنتىگە قويغان ئىسىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى (قىلغان، قىلالىغان، قىلالمىغان، قىلماقچى بولغان) دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇش؛ پەرزەنتىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ.

    پايدىلىنىلغان مەنبەلەر
    1. مەھمۇد كاشىغەرى، دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك، 1–،2–، 3–جىلد، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى.
    2. ئابدۇلقادىر ئىنان، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركچە ئىسىملار»، تۈرك تىلى ژورنىلى، 7-جىلت، 1958-يىلى.
    3. ئا.نەۋزات ئودياقماس، «ئات قويۇش ئەنئەنىسى»، لالە بايراق، م.فارۇق بايراق ئا’دىن ز’گە زامانىۋى بالىلار ئىسىملىرى سۆزلىكى، ئالفا نەشرىياتى 2000-يىل ئىستانبۇل.
    4. بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935-يىلى ئىستانبۇل دەۋلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنچى نەشرى.
    5. كەمال زەكى گەنچ ئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000-يىل.
    6. تۈرك تىل جەمئىيىتى، تۈركچە سۆزلۈك، ئەنقەرە، 1988-يىل.
    7. ئەرول ئايدىل، ئادلارىمىز، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئېنستىتوتى نەشرى، ئەنقەرە، 1992-يىلى 2-نەشىرى.
    8. م. كەمال چالىق، تۈرك ئاد ۋە سويادى سۆزلۈكى، 1991-يىلى، 2-نەشىرى.
    9. تۈرك ئېنسكلوپېدىسى..
    10. ئابدۈلخالىك چاي،«تۈرك ئايال ئىسىملىرى ھەققىدە»، ئۆتۈكەن، ماي-ئىيۇل سانى، 1975-يىل.
    11. ئابدۈلكادىر دونۇك، مەمۇرىي، ھەربىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار ، تۈرك دۈنياسى تەتقىقاتى ۋەخپىسى نەشرى. ئىستانبۇل، 1989-يىل.
    12. م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر، «تۈركلەردە ئىسىم قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر»، تۈرك كۈلتۈرۈ، ئەنقەرە، ئاۋغۇست 1963-يىل.
    13. مۇھاررەم ئەرگىن، دەدە قورقۇت كىتابى، بوغازئىچى نەشرىياتى، 2000-يىلى، 21-نەشىرى.
    14. ئابدۈلقادىر ئىنان، قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە مەمۇرىي-ئەسكىرىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار، 1987-يىلى.
    15. ئەمەل ئەسىن، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى ۋە ئىسلامغا كىرىش، 1973-يىلى.
    16. فارۇق سۈمەر، ئوغۇزلار، تۈرك دۈنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى نەشىرى، 1999-يىلى، ئىستانبۇل.
    17. ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى، باش تۈزگۈچى: ئازاد رەخمىتۇللا سۇلتان، ئاپتورلار: كوللېكتىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى، ئۈرۈمچى.
    بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان.
    ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى دوتېسنتى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

    مەنبە : ئوكيان تورى     تامام

    分享到:

    评论

  • [avatar:30]كۆپ رەھمەت دوستۇم ! ئەجرىڭىزگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن! بەكمۇ زۇرۇر ئۇقۇشلۇق ئىكەن.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复aptumobil说:
    رەھمەت، دىقىتىڭىزگە ئەرزىگەن بولسا مەنمۇ خۇش نولدۇم.
    2010-12-10 22:24:18