ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-10

    تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات (1) - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات
    ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

    1-ئىسىم قويۇش ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەردە كىشى ئىسىملىرى
    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئات قويۇش، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بېرى، ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئىشى بولۇپ كەلدى. خۇسۇسەن، تۇنجى پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. كۈنىمىزدىكى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ياكى مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىچىلىكى، ئۆزىگە خاسلىقى ۋە ئۆزىگە ئائىت مىللىيلىقى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىپادىلەش، تونۇتۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان مۇشۇنداق پەيتتە، پەرزەنتلىرىگە ئەڭ مەنىلىك ئاتنى قويۇش، ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم بىر ئىشتۇر.
    يېڭى توي قىلىپ ئۆز ئۇۋىسىنى قۇرغان ياش ئەر-ئاياللار ئادەتتە، ھامىلىلىك رەسمىيلەشكەندىن كېيىن، ئۆز ئارىسىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ياكى جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئىسىمنى تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بۇ جەرىياندا، ئاتا-ئانىلار مۇزاكىرە قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئارىسىدا مەسلىھەت ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ياش ئانا-دادا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە ھوقۇقلۇق بولسا، بوۋاق دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بېكىتىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار بۇ تېمىدا، ئائىلە چوڭلىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدىغان ياكى چوڭلار بەلگىلەيدىغان ئەھۋالدا بولسا، ئۇلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرى مۇۋاپىق كۆرگەن بىر ئىسىمدا بىرلىككە كېلىشىمۇ مۇمكىن. تۈرك تۆرەسىدە ( تۆرە— قەدىمكى تۈركچىدە(ياكى ئۇيغۇرچىدا) تۈرە، تۆرە شەكلىدە كۆرىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تۆرە—بىر جەمئىيەتتە ئۆزلەشكەن، ئومۇملاشقان ھەرىكەت ۋە ياشاش شەكىللىرىنىڭ، قائىدىلەرنىڭ، ئادەت ۋە ئەنئەنەلەرنىڭ؛ جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئورتاقلاشقان ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن توغرا بىلىنىپ تۇتۇلغان يوللارنىڭ تامامىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كىرەك بولغان ۋىجدانىي بەلگىلىمىلەر بولۇپ، جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ تۆرىسىنى ئىجرا قىلغىنىدا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ تەقدىرلىنىدۇ، ئىجرا قىلمىغاندا بولسا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي چەتكە قېقىلىدۇ. تار مەنىدىكى تۆرە، بىر جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە، ئۆتمۈشتە بۇگۈنكى مەنىدىكى قانۇننىڭ رولىنى ئوينىغانىدى.) ئىسىم قويۇش ھەققىدە مۇنداق بىر ئەنئەنە بار؛ ئەگەر ياش ئاتا-ئانا، چوڭلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بولسا، (يەنى چوڭلار ھاياتتا بولسا) ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ ياكى ئۇلار قويۇپ بەرگەن ئاتنى، رەسمى ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىدۇ.
    قىسقىسى، كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش، ئايرىش، تونۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مەخسۇس ئاتالغۇلار “ئىسىم، ئات” دېيىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ھەر بىر بوۋاققا ئات قويۇش، بىر ئەنئەنە، تۆرە بولغاندىن باشقا، بىر ئىھتىياچ ۋە ھەتتا بىر مەجبۇرىيەتتۇر.
    بۇ خىل مەجبۇرىيەت ياكى ئىھتىياج، ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت شەكلىدە ياشاشقا باشلىغان تۇنجى كۈنلىرىدە باشلانغان ئىدى. بوۋاققا قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى، بوۋاقنىڭ كىشىلىكى، كەلگۈسى، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپىقىيىتى ۋە ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسىمنىڭ تاللىنىشى، دىققەت ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولۇپ كەلگەنىدى(ئا.نەۋزات ئودياقماس، «ئات قويۇش ئەنئەنىسى»، لالە بايراق، م.فارۇق بايراق ئا’دىن ز’گە زامانىۋى بالىلار ئىسىملىرى سۆزلۈكى، ئالفا نەشرياتى 2000-يىل ئىستانبۇل.7. بەت.).
    ئات تاللاش، تەسەۋۋۇر قىلىنغاندەك ئۇ قەدەر ئوڭاي بىر ئىش ئەمەس. ئەگەر خۇسۇسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىن قارارلاشتۇرۇلغان بىر ئىسىم يوق بولسا (مەسىلەن تۈگەپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇش، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىسى ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىرەر تارىخىي شەخسنىڭ ئىسمىنى قويۇغنى ئالدىن بېكىتىۋەتكەن…)، ئانا-دادا تۇغۇلغۇسى پەرزەنتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئات قويۇش ئۈچۈن بىلىدىغان پۈتۈن ئاتلارنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزىشىدۇ، ئويلىشىدۇ.
    ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مىللەت، ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي پەلسەپە-تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئىسىملەر ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتماقتا. جەمئىيەتتىكى ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىشى ھەمدە مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشى ئىسىملىرىدە، جىنسىيەت ئايرىملىشىش ھادىسىسى روشەنلىشىپ بارغان. يەنى، بەزى ئىسىملار يالغۇز قىز پەرزەنتلەرگە قويۇلسا، بەزىلىرى يالغۇز ئوغۇل بالىلارغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئەلبەتتە بۇ ئەھۋال پۈتۈن مىللەتلەرگە ئورتاق ئەمەستۇر. خەنزۇلارغا ئوخشاش بەزى مىللەتلەردە كىشى ئىسىملىرىدىكى جىنسىيەت ئايرىمى ئۇ قەدەر روشەن ئەمەس ياكى يوقتۇر. ئەمما تۈركىي تىللىق خەلقلەر، پارسلار، ئەرەبلەر ۋە رۇسلاردا بولسا بۇ ئەھۋال ناھايىتى روشەن.
    تۈرك كىشى ئىسىملىرىنى تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى باسقۇچى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى چوقۇم دىققەتكە ئېلىش شەرت. چۈنكى بۇ ئىككى دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرى بىر-بىرىدىن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ.
    ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، بۇ كىشى ئىسىملىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك تۈركچە بولۇشى ئىدى. بۇ دەۋردە تۈركلەر كۆكتەڭرى، مانى، بۇددىزم، زەردۈشت ۋە خرىستىئان دىنلىرىگە كىرىپ چىققان بولسىمۇ، ئۆز ئىسىم ۋە تۆرەلىرىگە نىسبەتەن سادىق قالغان ئىدى. ئەڭ تەقۋا بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى كىتابلىرىدا (ھەتتا تەرجىمە ئەسەرلىرىدە) سانسكرىتچە ئاتالغۇلار ئۇ قەدەر كۆپ بولسىمۇ كىشى ئىسىملىرى يەنىلا تۈركچە ئىدى. يات دىنلارنىڭ تەسىرىدە قالغان خاقان، تېكىن، بەگ ۋە خاتۇنلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ يەنىلا تۈركچە ئىدى. يەتتەسۇ رايونىدىكى نەستۇرى خرىستىئان تۈركلىرىگە ئائىت مازار تاشلىرىدا كۆرۈلگەن يۈزگە يېقىن كىشى ئىسىملىرىنىڭ يالغۇز بەشىلا يات (تۈركچە بولمىغان) كىشى ئىسمى ئىدى. مەسىلەن، مىلادى 885—1335 يىللىرى ئارىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ مازارلىقىدىكى قەبرە تاشلىرىدا تۆۋەندىكى كىشى ئىسىملىرى كۆرۈلگەن: مەڭگۈتاش، تېگىن، ئالتۇنتاش، قىزتۈرك، كۈمۈش خاتۇن…تېخىمۇ قىزىقارلىقى ئۇلارنىڭ پاپازلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ تۈركچە بولۇشى ئىدى مەسىلەن، ئاقباش پاپاز، يۇلۇقئۇتۇغ پاپاز..دېگەندەك(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 4. بەت.).
    قەدىمكى تۈركلەر، تۇغۇلغۇسى بوۋاقلارغا ئات قويۇش ئىشىنى ناھايىتى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرەتتى. قەدىمكى تۈركلەرگە كۆرە، بوۋاققا قويۇلىدىغان ئىسىم بىلەن پېشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىر ئارىسىدا بىر خىل مۇناسىۋەت، مەخپىي بىر ئوڭ تاناسىپلىق/ئۇيغۇنلۇق بار ئىدى. ئۇلار كىشى ئىسمىنىڭ، ئىنسانلار ئۈچۈن بىر خىل يازغى (پېشانىسىگە پۈتۈلگەن، يېزىلغان) ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىدىمۇ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ. بۇ خۇسۇستا تەتقىقاتچىلار، شۇ نۇقتىدا ئورتاق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن: قويۇلىدىغان ئىسىم بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ئەمەس، مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قويۇلىدىغانلىقىدۇر. دەدە قورقۇت بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ: “بىر ئوغۇلغا، باش كېسىپ قان تۆكمىگۈچە، ئات قويۇلماس ئىدى”( بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 4 بەت.).
    ئاسىيا قىتئەسىدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ بەزىلىرىدە، پەرزەنتلىرى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئۆتكۈنچى ئىسىم قويىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بالىسى چوڭ بولۇپ يىگىتلىككە يارىشا بىر نەتىجە ياراتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا رەسمىي ۋە ئۆزگەرمەس ئىسمىنى قويۇشاتتى. يىگىتلىككە قەدەم قويغان بالىلار، ياي تارتىپ ئوق ئاتماي، ھەركىمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر يىگىتلىك كۆرسەتمەي تۇرۇپ مۇقىم بىر ئىسىم ئالالمايتتى. بۇ ھەقتە مەيلى دەدە قورقۇت كىتابىدا، مەيلى ئوغۇز قاغان داستانىدا بولسۇن، يىگىتلىكىگە ئاساسەن بېرىلگەن بىرمۇنچە ئىسىم قويۇش ئەھۋالىنىڭ بارلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا مىسال ئۈچۈن ئوغۇزخان داستانىدىكى بىرمۇنچە كىشى ئىسىملىرى ئارىسىدىن بوزئوق، قارلۇق، قىپچاق، ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۈچئوق ئاتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
    يەنە، بۇ يەردە «دەدە قورقۇت كىتابى»دىكى يۇقىرىدا توختالغان تېما بىلەن ئالاقىدار بىر ھېكايىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتەيلى (مۇھاررەم ئەرگىن، دەدە قورقۇت كىتابى، بوغازئىچى نەشرياتى، 2000-يىل، 21-نەشرى. 24-26 بەتلەر.):
    «….قول كۆتۈرۈشۈپ دۇئا قىلىشىپ تىلەك تىلەشتى. بىر دۇئاگۇينىڭ خەير دۇئاسى بىلەن ئاللاھتائالا، دىرسە خانغا بىر پەرزەنت بەردى. خاتۇنى ھامىلدار بولدى. بىر قانچە مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغلىنى ئىنىكئانىلارغا بەردى، باقتۇردى.
    ئات ئايىغى شامالدەك ئىتتىك، ئوزان (خەلق سەنئەتچىسى) تىلى چاققان بولۇر، ھەرقايسى سۆڭەكلەر تەرەققىي قىلدى، قوۋۇرغىلىرى چوڭايدى. ئوغلان ئون بەش ياشقا كىردى. ئوغلاننىڭ دادىسى بايىندىرخاننىڭ ئوردۇسىغا (ئارمىيىسىگە) قاتنىشىپ كەتتى.
    ئەسلىدە خاقانىم بايىندىرخاننىڭ بىر بۇقىسى بار ئىدى. يەنە بىر ئەركەك تۆگىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇقا قاتتىق تاشقا مۈڭگۈزىنى ئۇرسا، ناھايىتى قاتتىق قورام تاش كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتەتتى. بايىندىرخان قۇدرەتلىك ئوغۇز بەگلىرى بىلەن بىر يازدا، بىر كۈزدە ئەركەك تۆگىسى بىلەن بۇقىسىنى سوقۇشتۇرۇپ تاماشا قىلاتتى، كۆڭۈل ئاچاتتى.
    مەگەر سۇلتانىم، يەنە بۇقىنى سارايدىن چىقاردى. ئۈچ كىشى ئوڭ تەرىپىدىن، ئۇچ كىشى سول تەرىپىدىن تۆمۈر زەنجىر بىلەن بۇقىنى يېتىلەشكەنىدى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىلىپ قويۇپ بېرىشتى. دىرسە خاننىڭ ئوغلى، ئۈچ تەڭتۇشى بىلەن بۇ مەيداندا ئويۇن ئويناۋاتقانىدى. بۇقىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەن بالىلار دەرھال قېچىشتى.
    دىرسە خاننىڭ ئوغلى قاچمىدى. مەيداننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا قاراپ تۇردى. بۇقا، ئوغۇلغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. گويا بىر ئۈسۈش بىلەنلا پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغاندەك پەيلى بار ئىدى. ئوغلان، ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگەن بۇقىنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇشتى بىلەن ئۇردى. بۇقا ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما بۇقا يەنە ئوغلانغا ئېتىلىپ كەلدى. ئوغلان يەنە، بۇقىنىڭ پېشانىسىگە مۇشتى بىلەن قاتتىق بىرنى سالدى ۋە مۇشتىنى بۇقىنىڭ بېشىغا تىرەپ تۇرۇپ بۇقىنى ئارقىسىغا ئىتتىردى ۋە مەيداننىڭ بىر چېتىگە چىقاردى. بۇقا بىلەن ئوغلان يەنە داۋاملىق تىركەشتى. بىر-بىرىنى يېڭىشەلمىدى. ئوغلان شۇنداق بىر ئوي ئويلىدى؛ بىر تامغا تىيەك تاقاشتىن مەقسەت، تامنىڭ يىقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، مەن بۇ بۇقىنىڭ پېشانىسىغا مۇشتۇمنى تىرەپ نېمىگە تىيەك بولۇپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئوغلان، بۇقىنىڭ پىشانىسىدىن مۇشتىنى تارتىپ دەرھال يان تەرەپكە چېكىندى. پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان بۇقا ئۆزىنى توختىتالماي ئالدىغا سەنتۈرۈلۈپ تىك موللاق ئاتتى. ئوغلان دەرھال پىچىقىنى چىقىرىپ بۇقىنىڭ كاللىسىنى كەستى. ئوغۇز بەگلىرى كېلىپ ئوغلاننىڭ ئەتراپىغا توپلاندى، «ئاپىرىن!» دېيىشتى، ۋە « دەدەم قورقۇت كەلسۇن، بۇ ئوغلانغا ئات قويسۇن، دادىسىنىڭ قېشىغا ئالىپ بارىپ بەگلىك ئىستەسۇن، تەخت ئالىپ بەرسۇن!» دېيىشتىلەر.
    دەدەم قورقۇت چاقىرىلدى، ئوغۇلنى ئېلىپ دادىسىغا باردى. دەدە قورقۇت ئوغلاننىڭ دادىسىغا شۇنداق دەپتۇ؛
    ھەي دىرسە خان بەگلىك بەر بۇ ئوغلانغا،
    تەخت بەر ئەردەملىكتۇر.
    بوينى ئۇزۇن، بۈيۈك ئات بەر بۇ ئوغلانغا،
    مىنەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.
    ئېغىللاردىن ئون مىڭ قوي بەر بۇ ئوغلانغا،
    ئەتلىك بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.
    تۆگىلەردىن قىزىل تۆگە بەر بۇ ئوغلانغا،
    يۈك توشۇغۇچى بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.
    ئالتۇن باشلىق ئوتاق بەر بۇ ئوغلانغا،
    سايە بولسۇن ئەردەملىكتۇر.
    مۈرىسى قۇشلۇق تون، كىيىم بەر بۇ ئوغلانغا،
    كىيەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.
    «سېنىڭ ئۇشبۇ ئوغلۇڭ بايىندىر خاننىڭ ئاق مەيدانىدا جەنك قىلىپتۇ، بىر بۇقا ئۆلتۈرۈپتۇ، ئىسمى بوغاچ بولسۇن، ئاتىنى مەن بەردىم، ياشىنى ئاللاھ بەرگەي!» دېدى. دىرسە خان ئوغلىغا بەگلىك بەردى، تەخت بەردى.
    ساخا (ياقۇت) تۈركلىرى، قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىلىرىنى يېقىنقى زامانلارغىچە داۋام قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇلار بوۋاققا ئىككى قېتىم ئات قوياتتى. تۇنجىسىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندا قوياتتى. بۇ ئىسىم ئۆتكۈنچى ئىسىم ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا، بالا ئوقيا كېرىپ ئوق ئاتالىغۇدەك بولغاندا قوياتتى(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 6 بەت.) ، بۇ قويۇلغان ئىسىم ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىسمى بولۇپ قالاتتى.
    ئالتاي تۈركلىرىدە مۇنداق ئومۇملاشقان بىر ئادەت بار ئىدى؛ بالىسى تۇرمىغان ئائىلىدە، تۇغۇلغان بالىغا سەت بىر ئىسىمنى قوياتتى. مەسىلەن ئىت، ئىتبالا، توڭگۇز، ئىتئالماس دېگەندەك. بۇ خىل ئادەت كۈنىمىزدىكى قازاق-قىرغىزلاردىمۇ مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئىشىنىشىگە ئاساسلانغاندا ئەزرائىل، سەت ئىسىم قويۇلغان بالىلارنىڭ جېنىنى «توڭگۇز، ئىت» دەپ يىرگىنىپ ئالماسمىش(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 7 .بەت.).
    باشقا مىللەتلەردىمۇ ناھايىتى كۈلكىلىك ئىسىملەر بار. مەسىلەن، فرانسۇزلاردا، بەرگەر
    Berger (چوپان)، پىئېررە/Pierre (تاش)، بوۋئىللون/Bouillon (گۆشسۈيى)، بوۋئۇف/ Boeuf (ئۆكۈز). گېرمانلاردا، Arseh/ئارسېخ (ئۆكۈز)، كاتزېنېللېنبوگېن /Katzenellenbogen (مۈشۈك جەينىكى). رۇسلاردا، سوباكىن/ Sobakin(ئىت ئوغلى)، سۋېنىن/ Swenin(توڭگۇز ئوغلى)، سۋېنوۋخوۋ/ Svenouhov (توڭگۇز قۇلىقى ئوغلى)، بىكوۋ/ Bikov (ئۆكۈز ئوغلى) دېگەندەك.
    تۈرك تىللىق خەلقلەردىكى مەنىسى ياخشى بولمىغان كىشى ئىسىملىرىنىڭ قىسمەن تۈرك تىللىق خەلقلەردىلا بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ قەدەر كۈلكىلىك ئەمەسلىكى كۆرۈلىدۇ. ئەرەبلەر كىشى ئىسىملىرى ئۈچۈن «ئەلەسمائۈ تەنزىلۈ مىننەسسەمائى» دەيدۇكى، بۇ «ئىسىملەر ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى تۈركلەر، ئىسىملەرنى ئاسماندىن چۈشكەن دەپ ھېساپلىمايتتى. ئۇلار بالا، قابىلىيىتىگە يارىشا، ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىسىمنى ئالىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ سەۋەبلىك تۈرك كىشى ئىسىملىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ قىممىتى بار(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 9 .بەت). ئەلبەتتە بۇ ھال، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە ئۇ مىللەتلەرنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىدىغان خاسلىقى، قىممەت قاراشلىرى، ھايات پەلسەپىلىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى مىللەتلەر ياشايدىغان ئىقلىم، ماكان، تەسىرلىشىدىغان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلەر(كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا
    Culture ، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى جەمىيەتشۇناسلىق (سوتسىئولوگىيە)، ئىنسانشۇناسلىق (ئانتروپولوگىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى بۇ ساھەدەىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يوقلۇقىدەك رىئال سەۋەبلەر بىلەن «كۈلتۈر»گە ئوخشاش ئاتالغۇ ۋە ھادىسىلەر ئىلمىي شەكىلدە ئىزاھلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان مىلەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرقخمە قىلىنغاندا بۇ خىل ئاتالغۇلار تەرجىمانلار تەرىپىدىن يەنىلا «مەدەنىيەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان پەقەت ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن مەنالار ئاڭقىرىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003-يىلى 4-سان، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004-يىلى، 2- سان.) بىر-بىرىدىن پەرقلىق. ئەڭ مۇھىمى بىر مىللەت، مىللەت بولۇپ مەۋجۇدىيىتىنى ئەسىرلەرچە داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ تۈپ بەلگىسى، ئۇنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۆزىگە خاس مىللىي كۈلتۈرىنى يارىتالىغانلىقىدا. ئەنە شۇ مىللىي كۈلتۈر، مىللەتلەرنىڭ مىللىي تەپەككۇرىنى، قىممەت قارىشىنى قىسقىسى ھەممەر نەرسىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كىرەككى، كۈلتۈرلەردىكى مىللىيلىقنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تېمىمىز بولغان كىشى ئىسىملىرىنىڭمۇ مىللىيلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    2-ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك كىشى ئىسىملىرى
    ئىسلامىيەت ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئاساسلىق دىنغا ئايلانغاندىن كېيىن ۋەرخىل يوللار بىلەن ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلىغانىدى. ئىران ئىگىزلىكىنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىسلامىيەت ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشكە باشلايدۇ. 7-ئەسىردە تۈركلەرنىڭ غەرپكە كېڭىيىش ۋە كۆچۈش ھەرىكىتى ئەمىلىيلىشىۋاتقان ئىدى.
    تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان ئەرەبلەر بىلەن ئۇچرىشىشى 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوراسان رايونىدا، يەنى ئىران-تۇران چېگرىسىدا بولغانىدى. بۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈنچە، يۈزەكى ئۇچرىشىش ئەمەس ئىدى. بۇ ئۇچرىشىش كېيىنكى يىللاردا تەسىرى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ بارىدىغان كۈلتۈرەل ئۇچرىشىشنىڭ باشلانمىسى ئىدى. بۇ دەۋردىن كېيىن ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە ئەرەبچە ۋە سامانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە پارسچە كىشى ئىسىملىرى، تۈرك ئارستوكرات سىنىپى تەرىپىدىن دەسلەپتە ئۇنۋان، كېيىنرەك كىشى ئىسىملىرى بولۇپ قوللىنىلىشقا باشلىدى. «تەبەرى تارىخى»دا يېزىلىشىچە، خوراساندىكى تۈرك بەگلىرىدىن، نىزاق تارقاننىڭ جيەنلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى «ئوسمان» ئىدى. بۇ كىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەرەبچە ئىسىم ئىشلەتكەن تۈرك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تىلىمىزغا كىرگەن تۇنجى ئەرەبچە ئىسىمنىڭ «ئوسمان» ئىكەنلىكى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن(ئابدۇلقادىر ئىنان، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركچە ئىسىملار»، تۈرك تىلى ژۇرنىلى، 1958، 7. جىلت، 82. بەت.). بۇ تارىختىن كېيىن، ساپ تۈركچە كىشى ئىسىملىرى بار بولغان سۇلتان ۋە دۆلەت بۈيۈكلىرىنىڭ بالىلىرى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. بەزى تۈرك دۆلەتلىرىدە مەسىلەن، كېيىنكى ئانادولۇ سالچۇقلارى تېخىمۇ كۆپ پارسچە ئىسىم قوللىنىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار پارسلارنىڭ شاھنامەسىدىكى پۈتۈن قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى بالىلىرىغا قويۇشقانىدى. پەقەت بۈيۈك تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پارچلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بەگلىكلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرك خەلقى ئارىسىدىن چىققانلىقى تۈپەيلى يەنە تۈركچە ئىسىملارغا قايتقانلىقى كۆرىلىدۇ. مەسىلەن، سالچۇقلار دۆلىتىنىڭ تارقىلىشىدىن كيىن، ھېراتتا ئايتېگىن؛ خوراساندا ياغمۇر، بۇغرا؛ ئانادولۇدا ئىنال، ئىنالدى، دەمىرخان، ياخشى، تۇرغۇت، دۇرسۇن—غا ئوخشاش ئىسىملىك بەگلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. تۈركىيەنىڭ سىنوپ ۋىلايىتىدە سەلچۇقلۇلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە ۋە جاندار ئوغۇللىرىغا ئائىت 1212-1445 يىللىرى ئارىسىدىكى مازار تاشلىرىدا تۇغرۇل، قۇتلۇجا، ياۋاش، ئارتۇق، ئاياس، ئىلدېڭىز، تۆرەخاتۇن، كۈندۈز، قايماس دېگەندەك ئىسىملەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 5.بەت.).
    داۋامى بار

    分享到: