ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-10

    ئەخەت تۇردى تەتقىقاتى (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئەخمەتجان خۇما

           ئەدەبىياتىمىزدىكى چەۋەنداز يازغۇچى — ئەخەت تۇردى تەتقىقاتى

    مۇھەررىردىن (ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى، مەزكۇر ئىلاۋىمۇ شۇ تور بەتتىكى مۇھەرىر ئۇستازلارنىڭ): ئەخمەتجان خۇمانىڭ بۇ چوڭ ھەجىملىك يىرىك تەتقىقات ئەسىرىنىڭ تورىمىزغا يوللانغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دىمىسىمۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىجادىيەتتە بەلگىلىك كۆلەم ۋە چوڭقۇرلۇق ياراتقان سەركەردە يازغۇچىلىرىمىز ھەققىدە ئومۇيۈزلۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. بۇ ساھەدە قىسمەن ئەمگەكلەر روياپقا چىققان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئەدەبىيات رىياللىقىمىزغا نىسپەتەن ئېيتقاندا يەنىلا ئېھتىياجنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ. تورىمىزدا ئەخمەتجان خۇمانىڭ بۇ سەمەرىلىك ئەمگىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كۆلەملىشىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك روللارنى ئوينايدۇ دەپ قارايمىز. بولغۇسى "شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى"مىز <<ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەتقىقاتى>> دىگەن سەھىپىنىمۇ تەسىس قىلغان ئىدى. لېكىن تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ مۇنبەرنى ھازىر بوشلۇققا قويۇشقا ئامالسىز قالدۇق. شۇنداق بولسىمۇ مەزكۇر ئەمگەكنى مۇئەللىپ بىلەن پىكىرلىشىپ ھازىرچە نۆۋەتتىكى بېتىمىزدە كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە تورىمىز"زوردۇن سابىر تەتقىقاتى"، "ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتى"، "مەمتىمىن ھوشۇر تەتقىقاتى" قاتارلىق يىرىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنى كەڭ تورداشلارغا سۇنغۇسى.

                                             كىرىش سۆز

       20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خۇددى ئۇيغۇر تارىخىغا ئوخشاشلا قىسمەت ۋە سىرلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كىشىنى خوشال قىلىدىغان بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ھاسىلاتلىرىنى يارىتىپ، ئەدەبىيات زىمىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىقلارنى روياپقا چىقىرىشقا نېسىپ بولدى. قەدىمدىن تارتىپ شېئىرىيەت ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەدەبىياتىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پىروزىغا كىرىش ھەقىقەتەن قاتتىق تولغاق ئازابىدىكى ئانىنىڭ چەكسىز ھاياتى كۈچىنى ئايانماي سەرپ قىلىشىدەك پىداكارلىق ۋە دۇنياغا كەلگەن تۇنجى پەرزەنتىنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىشىدەك ئەگرى-توقاي، مۇشەققەتلىك جەرياننى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جارياندا مەرھۇم پىشىۋايىمىز زۇنۇن قادىردىن باشلاپ ھىساپلىغاندا ل.مۇتەللىپ، ئايۇپ مەنسۇرى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئابلىز نازىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى ئاساسىنى يارىتىشتا توختىماي ئىزدەندى، بارلىقىنى سەرپ قىلدى. ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇردى سامساق، ئابلىمىت  مەسئۇدى، قەييۇم تۇردى، مالىك كېۋىر، ئەرشىدىن تاتلىق، ئەخەت تۇردى، مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن، ئايشەم ئەخمەت كېيىنرەك زوردۇن سابىر، ئابدۇراخمان قاھار، قاھار جېلىل، ئابلىمىت سابىر، توختاخۇن ناسىرى، ئەخەت ھاشىم، ئېزىز ساۋۇت قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش كۈچلەر پىروزا ساھەسىگە دادىللىق بىلەن كىرىپ، ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تۇنجى ئەۋلات يازغۇچىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ 20-30 يىللىق مۇشەققەتلىك جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تۇنجى گۈللەنگەن دەۋرىنى ياراتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان جەريان شۇ زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا شان- شەرەپ، ئىپتىخارلىق، قىزغىنلىق شۇنداقلا بۇرۇختۇملۇق، ئازاپ، گاڭگىراش، سۈكۈت ئىچىدە ئۆتكەن ئۇنتۇلماس يىللار. سىياسىنىڭ تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان دولقۇنلىرى ئىچىدە يازغۇچىلىرىمىز بىر تەرەپتىن ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىگە تاقابىل تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن قان- قېنىدا دولقۇنلاۋاتقان بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە توختاۋسىز قەلەم تەۋرىتىپ شەكىللەنگىنىگە ئۇزاق بولمىغان پىروزىچىلىق قوشۇنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بوغۇلۇپ – بوغۇلۇپ بەدەل تۆلىدى. قەيسەرلىك بىلەن ئىجات قىلپ پىروزا رىشتىسىنى تارىخ ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىللىق باھارىغا قەدەر باشلاپ كېلىپلا قالماستىن، 80-يىللاردىكى ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدا سەركەردىلىك رولىنى ئوينىدى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى زامانىمىز كىشىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مىسلىسىز ۋە ئازاپلىق بولىشى مۈمكىن. چۈنكى ئۇلار مۇشەققەتلىك تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرۇپمۇ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن  قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى يارىتىپ بىزگە ئۆلمەس نەمۇنىلارنى قالدۇردى ۋە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىنسانىيەت تارىخىدا قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى بەلكىم سىياسىئونلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىدىن كەم بولماس. ئۇلار ئۆلۈم، ئاچارچىلىق، خورلىنىش تەھدىتى ئالدىدا ئەڭ مۇشەققەتلىك ھايات بوسۇغۇسىدا تۇرۇپمۇ بارلىق زېھىنى، جىسمانى كۈچى ھەتتا ھاياتىنى بەدەل تۆلەش ھىسابىغا بىزگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەققانىيەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ رەزىللىكنى سۆكتى ۋە رەزىل كۈچلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلدى. ھاياتقا، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق، ئىنتىلىش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلەچەككە تەلپۈندى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ جىسمى پۈكلەنگەن، ئەركى بوغۇلغان بولسىمۇ روھى ياشىرىپ تۇرغاچقا قەلىمى سۇنمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئارىمىزدا يوق. بىز مەيلى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ياكى ئىنسانىلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن كەتكەنلەرنى ياد ئېتىش، ھاياتلارنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تۆككەن قان- تەرى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز، ئەجرىنى قەدىرلىشىمىز لازىم. 60-يىللارنىڭ مابەينىدە بولۇپمۇ 80–يىللاردىن كېيىن مەرھۇم روزى قادىر شۇنداقلا ئەدەبى تەنقىدچىلىكىمىزدىكى ھارماس تۇلپاردەك تىنىمسىز جان كۆيدۈرىۋاتقان ئۇستازىمىز مۇھەممەت پولات ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى، شاگىرتلىرىدىن مۇھەممەت زۇنۇن،ئابلەت ئۆمەر، مەخمۇتجان ئىسلام، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ھېزىم قاسىم، ئازات سۇلتان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، كېرىمجان ئابدۇرېھىم...  قاتارلىقلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەجرىگە قىسمەن ۋە ئومۇميۈزلىك باھا، تەنقىد، ئالقىشلار بېرىلگەن بولسىمۇ، نۇقتىلىق ۋە كونكىرت ئەدەبى تەنقىد پائالىيىتىنىڭ كۆلەملىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئەمگىكى تېخىچە مەخسۇسلاشقان ھالدا تولۇقى بىلەن باھاغا ئېرىشەلمەسلىك ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا كۆپ قىسىم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەدەبى پائالىيىتى شەخسى ئىجادىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئەدەبىياتىمىزدىكى زور ئەدەبىيات ھادىسىلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە تەنقىد يۈرگۈزگەندە ئەدەبىيات ھادىسىلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە بۇ جەرياندا ئوينىغان يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق، تەسىرچانلىق، تۈرتكىلىك رولى ھەققىدە گەپ بولۇنمىدى ياكى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز بۇ بىر ئەۋلاد پىشىۋا يازغۇچىلىرىمىز ھەققىدە توختالغاندا، چوقۇم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى پىششىق ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ خاس ئىجادىيىتىنىلا ئەمەس يەنە ئەدەبىيات تەرەققىياتىمىزدا ئوينىغان يېتەكچىلىك رولىغىمۇ نەزەر سېلىشىمىز، مۇھىمى مۇھەممەت پولات ئەپەندى قاتارلىق ئەدەبى تەنقىد پىشىۋالىرىنىڭ تەنقىدچىلىك مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىز لازىم.
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50يىللىق مۇساپىسىنى بولۇپمۇ پىروزىچىلىقىمىزنىڭ ئەگرى- توقاي مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىپتىخارلىق ۋە تەشەككۇر ھېسلىرىغا چۆممەي تۇرالمايمىز. 80-يىللاردىكى پىروزىچىلىق تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپىقەيەتلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇيغۇر پىروزىچىلىقى خۇددى ئۇستاز تەنقىدچىمىز مۇھەممەت پولات ئەپەندى ئېيتقاندەك «تەرەققىيات يولى تۈپتۈز بولمىدى. ئۇ بىرنەچچە قېتىملىق يۈكسىلىش ۋە چېكىنىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتتى» . ئىسلاھات دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن «پىروزىمىز ئەدەبى، غايىۋى تەرەپتىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۆسۈپ، روشەن خاراكتىرگە ئىگە مۇكەممەل بەدىئى ئوبرازلارنى يارىتىشقا باشلىدى.» 80-يىللار ئۇيغۇر پىروزىسى چەكلىمىلىكلەردىن خېلى خالى بولغان ھالدا ئالغا بېسىشلا مەقسەت قىلىنغان ، يازغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغان، ئىجادىيىتى ئۈچۈن كەڭ زىمىن ۋە ئىمكانىيەت ھازىرلانغان  قىممەتلىك يىللار بولدى. شۇڭا بۇ يىللاردىكى تەرەققىيات ناھايىتى روشەن ۋە كۆرىنەرلىك بولدى دىيەلەيمىز. بىز ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دىيەلەيمىزكى، بۇ يىللاردىكى گۈللەپ ياشنىغان پىروزىچىلىقىمىز بارلىقىنى ھەتتا ھاياتىنى ئەدەبىيات ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتىن باش تارتمىغان مۇھتىرەم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن كامالەت تاپقان، مەمتىمىن ھوشۇر، توختى ئايۇپ، مۇھەممەت باغراش، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇللا ساۋۇت قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ يېڭىچە بىر يۈكسىلىش ۋە بۆسۈش خاراكتىرلىق تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى. پېشقەدەم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رومانلىرى پىروزىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشتى. پىروزىچىلىقىمىز ئۈچۈن ئايانماي جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن تىرىشچان يازغۇچى، پىشقان مۇھەررىر ۋە ئىقتىدارلىق تەشكىلاتچى ئەخەت تۇردىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۆلەملەشتى ۋە ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، ياش يازغۇچىلارنى يېتەكلەش، پەرۋىش قىلىشتەك زۆرۈر ئىمكانىيەتلەرگە كۆپ قېتىم ئىگە بولدى. جاي-جايلاردىكى يازغۇچىلار، پېشقەدەملەر بىلەن ياشلار، ھەۋەسكارلارنىڭ ئۇچرىشىش، پىكىر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولدى. شۇنى دىيىش كېرەككى، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا 80-يىللاردىكىدەك كەڭ كۆلەملىك، سىجىل، ئازادە ئەدەبى پائالىيەتلەر كۆرۈلمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادى پائالىيىتىدىن كۆرە 80-يىللار پىروزىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى نەچچە ھەسسە ئارتۇق قىممەتكە ئىگە. دەرۋەقە يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ 80-يىللاردىكى ئىجادىيىتى جەھەتتىمۇ  ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچىلاردىن ھىساپلىنىدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا «تارىم» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىك سالاھىيىتى بىلەن بىر تەرەپتىن ئېغىر كەسپى ۋەزىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىش بىلەن بىرگە «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»، «خەير-خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىزچىل تۈردە پىروزىچىلىقىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى. شۇڭا مەرھۇم تەنقىدچى مەخمۇتجان ئىسلام ئەخەت تۇردىنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىجادىيەتتىكى تىرىشچانلىقىنى «بىر ئادەمنىڭ 40نەچچە ھىكايە، ئوننەچچە پوۋېست، ئىككى رومان ۋە خېلى كۆپ باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېغىر كەسپى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزىپ چىقمىقى ئاسان ئەمەس، پەقەت دەۋر ۋە تارىخى بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۈك يازغۇچىلا شۇنداق قىلالايدۇ» دەپ ناھايىتى جايىدا ئادىللىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ مۇھەررىرلىكتىن بوشىغاندىن كېيىنكى ھوسۇلىمۇ كۆرىنەرلىك بولۇپ ، ئاساسەن رومان ئىجادىيىتى شۇغۇللىنىپ مەسئۇلىيەتچان، تىنىمسىز، تىرىشچان يازغۇچىغا خاس جاسارىتىنى ئىپادىلىدى. ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50يىللىق مۇساپىسىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن باراۋەر بولغان ۋەزنى بار ئەدەبى تەنقىد پائالىيىتى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مەن بۇ مۇھتىرەم يازغۇچى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشتە كۆپ دېلىغۇل بولدۇم. شۇنداقتىمۇ يازغۇچى 70ياشقا قەدەم قويىۋاتقان قۇتلۇق كۈنلەردە كۆڭلۈمدىكى ھۆرمەت ۋە تەخىرسىزلىك قەلەمنى قولۇمغا ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. قاغا قاق دىسە، بۇلبۇل خۇش ئاۋازدا ناۋا قىلىدۇ .يازغانلىرىم 20نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىك تەسىراتىم ۋە يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ ئىپادىسى. ناۋادا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە تەشكىلاتچانلىق پائالىيىتى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ھەق، جانغا ئىسسىق تېگىدىغان قۇرلىرىم كۆزگە چېلىقىپ، يازغۇچى ھەرھالدا رازىمەنلىك تۇيغۇسىدا كۈلۈمسىرىسىلا بەس دەيمەن.

                                      ئەخەت تۇردى بىلەن تونۇشۇش

         شۇ تاپتا ئىش ئۈستىلىمدە يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرىنىڭ بۇرۇنقى نەشر نۇسخىلىرى شۇنداقلا يېقىندا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ  60يىللىقىغا سوۋغا قىلىش ۋە مۇھتىرەم يازغۇچى ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نەشر قىلغان 10 توملۇق «ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرى »نىڭ تولۇق نەشرى تۇرۇپتۇ. نىمە قىلىش كېرەك؟ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش بولۇپمۇ بىركىمنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش – تەۋرەتمەسلىك ھېچكىم زورلىمايدىغان ئەدەبى تەنقىد پائالىيىتى. ئۇ پەقەت تەنقىدچىنىڭ ئوقۇرمەنلىك تەسىراتلىرىنىڭ دەۋىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە تەنقىد ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق شۇنداقلا ئەسەر ۋە يازغۇچىغا بولغان قايىللىق، ھۆرمەت ھىسسىياتى سىڭگەن بولىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا يازغۇچى ئەخەت تۇردى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك تەنقىد ئېلىپ بېرىش ئاز دىگەندىمۇ ئوننەچچە يىللىق ئنتىلىشىم بولۇپ تازا جۈرئەت قىلالماي كەلگەن ئىدىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشر قىلىنغان ھەم مۇبارەك يېشى 70قا قەدەم قوياي دىگەندە، ئەندىشىلىرىمنىڭ ئورنىنى تەخرسىزلىك ئىگەللەپ، يازمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى باشقا ھەرقانداق سەۋەپلەردىن كۆرە ئەخەت تۇردى بالىلىق چاغلىرىمدىلا قەلبىمدە مۇقەددەس ئورۇن ئىگەللىگەن يازغۇچى.. شۇنداق ئىكەن  20نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر پەيتى كەلگەندە يەنە ئىككىلەنسەم زادى بولمايدۇ.
         نىمە ئۈچۈنلىكىنى دەپ بېرەلمىسەممۇ كىچىكىمدىن كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم.بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ئوقۇش ھاياتىمىزدا يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان بولغاچقا ھازىرقى يېزىقىمىزنى قايتا ئىشلىتىشكە باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا يېڭىدىن نەشر قىلىنغان كىتاپلار كونا يېزىق (بىز شۇ چاغدا شۇنداق ئاتايتتۇق) بىلەن نەشر قىلىنغاچقا ناھايىتى تەستە ئېرىشكەن كىتاپلارنىمۇ ئوقۇيالماي ئىنتايىن تىت- تىت بولاتتىم. يېزىقىمىز ئەسلىگە كېلىپ ئۇنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقىنىغا خېلى بولغان بولسىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار كونا يېزىق بويىچە ئوقۇسا بىزدەك «قېرى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بارلىقىنى مۇئەللىملەر ئۇنتۇپ قالغاندەك قولىمىزغا ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى تارقىتىپ بېرىپلا، ئېلىپبە دەرسىمىزنى ئۆتكەن–ئۆتمىگىنىنى تازا ئەسلىيەلمەيمەن. پەقەت شۇ چاغدىكى مۇئەللىمىمىزنىڭمۇ كونا يېزىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالغىنىملا غۇۋا يادىمدا. شۇنداق قىلىپ كىتاپ قولۇمدا تۇرسىمۇ ئوقۇيالمايتتىم. تەلىيىمگە تاغامنىڭ بىر خىزمەتدىشى پات- پات ئۆيىمىزگە كەلسە «مىڭ بىر كېچە»نى يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتىم. لېكىن ئۇمۇ ئۇسسىغان يەرگە بارماي بىرنەچچە بەت ئوقۇپ بېرىپلا كېيىن ئوقۇپ بېرەي دەپلا، يالۋۇرغىنىمغا قارىماي كىتاپنى يېپىپ قوياتتى. ئۇ چاغلاردا كىتاپلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا تاپقان كىتاپلىرىمىزنى ئوقۇپ بولساق ئوقۇشىمىزغا ئۈلگۈرمەيتتى–دە، قايتا ئوقۇشقا مەجبۇر بولاتتۇق. شۇنداق بولغاچقا «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «تۇمانلىق پايتەختتىكى گېزىتچى بالا»، «چەكسىز ئورمان،قارلىق دالا»، «تۆمۈر ئېقىم».....دىگەندەك كىتاپلارنى بولۇپمۇ «سۇ بويىدا» رومانىنى نەچچە ئون قېتىملاپ ئوقۇغىنىمنى دەپ بېرەلمەيمەن. كىتاپلار كونا يېزىقتا چىقىۋەرگەچكە قولۇمدىكى ئېلىپبەگە قاراپ، مۇئەللىم ئۆگەتمىسە ئۆزەم ئۆگەنسەم بولمامدۇ، دىگەن ئوي كاللامدىن كەچكەندە، ئاللىقاچان باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرەي دەپ قالغان ئىدىم.ئۆزەمگە ئۆزەم مۇئەللىم بولۇپ ، كۆزى ئوچۇق كوردەك ئوقۇيالمىغان كىتاپلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىشكە كىرىشتىم ۋە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ھەجىلەپ ئوقۇپ يۈرۈپ تېزلا كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئەنە شۇ چاغدا مۇقاۋىلىرى پۇچۇلۇپ كەتكەن بىر كىتاپتىن «گۇلخان» ھىكايىسىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇ چاغلاردا كىتاپ دىسە چەتئەللىكلەر ۋە بىز بىلىدىغان خەنزۇ يازغۇچىلار يادىمىزغا كېلەتتى. رومان دىسىغۇ بىزگە چەتئەللىكلەرلەرنىڭ پاتېنىتىدەك بىلىنەتتى. شۇڭا «كۈرەشچان يىللار»، «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانلىرى نەشر قىلىنغاندا ئۇيغۇر جەمىيىتى ھاياجان ۋە ھاڭ-تاڭلىق ئىلكىدە قەييۇم تۇردى، ئابدۇراخمان قاھارلارنى چەتئەللىكتەك ھېس قىلىشقان ئىدى. ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى يازغان كىتاپلاردىن سانىسا بەش بارماق توشمايىتتى. (بالا چاغلىرىمدا زادىلا شېئىر ئوقۇمىغاچق اشائىرلىرىمىزنىڭ ساناقلىقلا شېئىر توپلاملىرى بولسىمۇ كۆز سالمىغان بولسام كېرەك) ئېسىمدە قېلىشىچە مېنىڭ ئوقۇغىنىم كوللىكتىپ توپلام ئىدىغۇ دەيمەن. بۇ مېنىڭ ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىم بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئەسەرلىرى «مەرھابا باغۋەن» بىلەن «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە» ھىكايىلىرى بولۇپ ، قايتا- قايتا ئوقۇغان ئىدىم. كېيىن يەنە كەينى – كەينىدىن « قىيانلىق دەريا»، «ئەشرەپ بوۋا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىچىدە تۇنجى چوڭقۇر تەسىر قىلغان يازغۇچى بولۇپ قالدى ۋە بۇ خىل تەسىرات ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى.1990–يىلى يازدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا يازغۇچىنىڭ مەكتىپىمىزگە كەلگەنلىكى شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. ئىنتايىن ھاياجانلىق كەيپىياتىم بىلەن لېكسىيە ئورنى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىردىم. بۇ چاغقا كەلگەندە مېنىڭ نەزىرىمدە ئەخەت تۇردى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچى مۇنداقچە ئېيىتقاندا يازغۇچىلارنىڭ يازغۇچىسىدەك ھىساپلىناتتى. ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىمنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيىتتىم. ئەسەرلىرىنى ئالا قويماي ئوقۇپ، ئۇ ھەقتىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن تارتىپ، كوچا خەۋەرلىرىگىچە تىڭ- تىڭلاپ ھەۋەس ۋە ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايىتتىم. تەلىيىمگە ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ئابلىمىت ئىسمايىل مۇئەللىم بىلەن پىكىرداشلىق ئورتاقلىقىمىز بولغاچقا مەرھۇمدىن ئەخەت تۇردى ھەققىدە يېڭى – كونا گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. مەرھۇم ئۇستازىم يازغۇچىنىڭ ئەڭ سادىق دوستى بولۇش سۈپىتى ئۆمۈر بويى ئەخەت تۇردىنىڭ تەرىپىنى قىلغان ئىدى. ئۇ يازغۇچىنىڭ دوستى بولۇپلا قالماستىن ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى، باھاچىسى بولۇپ  بىلىشىمچە يازغۇچىنىڭ يىرىك ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمەنى ۋە تەنقىدچىسى ئىدى. ئۇ ئەخەت تۇردىنىڭ بالىلىق، ياشلىق مەزگىللىرىدىكى شوخلۇقلىرىدىن تارتىپ ئىجادىيىتىگىچە كۆپ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ گەپلىرىدىن ھەرقاچان سۆيۈنۈش، دوستانىلىق، ئىپتىخارلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. «ئەخەت مۇنداق قىلاتتى، ئەخەت مۇنداق يازاتتى» دەيىتتى ئۇ. ئەخەت تۇردىنىڭ پارىڭىنى قىلغاندا ھەربىر تاۋۇشىدىن تارتىپ تىنىقىغىچە دوستلۇق، پەخرلىنىش پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇراتتى. مەن مۇنداق دوستانىلىق ۋە ئىپتىخارلىق ھىسسىياتىنى خېلى كۆپ يىللاردىن كېيىن مۇھتىرەم يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە» ناملىق خاتىرىسىنى ئوقۇغاندا يەنە بىر قېتىم تولۇقى بىلەن ھېس قىلدىم. مېنىڭچە بىزدە بىر يولدىكى دوستلار ئارا مۇنداق كەڭ قورساقلىق ناھايىتى ئاز ئۇچرىسا كېرەك. مەرھۇم ئۇستازىم ئابلىمىت ئىسمايىل بىلەن نۇرمۇھەممەت توختى ھەقىقەتەن ئۆلمەس دوستلۇقنىڭ نەمۇنىلىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر. ئابلىمىت ئىسمايىل مۇئەللىممۇ ئۆز نۆۋىتىدە قەلەم ئىگىسى بولۇپ 1956– يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە «قىرائەتخانىدا» ناملىق ھىكايىسى ئېلان قىلىنغان. يازغۇچى بىلەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا يەنە ئىزچىل ھىكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ « ئۇستاز»، « داغدام يول»، « مەشئەل» قاتارلىق ھىكايىلەرنى يازغان. كېيىن ئىزچىل ئوقۇتۇش ، ئاندا-ساندا ئەدەبى تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىپ «تارىخ، تارىخى رومان ۋە رېئاللىق»، «خەلق قەلبىدە ئۇنىڭ قەبرىسى-نىمشېھىتنىڭ ئىجادى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا»، «ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە ھەيكەل–ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يولى» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى قامۇس خاراكتىرلىق كىتاپ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى»نى مەرھۇم مەخمۇتجان ئىسلام بىلەن تۈزگەن كىشى دەل مەن دەۋاتقان ئۇستازىم شۇ ئىدى. مەن ئۇستازىمنىڭ كىتاپنى تۈزۈش جەريانىنى كۆرگەن. ئۇ يېزىۋېتىپ يېنىدا ئولتۇرغان مەندەك بىر ئوقۇغۇچىسىدىن كەمتەرلىك بىلەن پىكىر سورىغان ۋە گېپىمنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان. بۇ ئىشلار 1989-يىلى بىز ئوقۇتۇش پىراكتىكىسى قىلىۋاتقان گۇما ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە بولغان. ئەگەر بىز سۆھبەتلەشكەن ئەشۇ كونا كورپۇس ئۆيلەر بۇ مەكتەپتە ھازىرمۇ بولىدىغان بولسا گېپىمىزنى تىڭشاپ تۇرغان تام – تورۇسلار گۇۋاھ. ئۇ بىرتەرەپتىن بىزدەك بىر توپ كەپسىز بالىلارنىڭ پىراكتىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن كىتاپ يازاتتى. ئەخەت تۇردى بىزگە لېكسىيە سۆزلىگەن چاغدا ئۇستازىمنىڭ بار يوقلىقى تازا ئېسىمدە يوق. ئەسلىدىن ئەسەرلىرى ئارقىلىق قەلبىمگە ھۆرمىتى سىڭگەن، ئۇستازىمدەك سەمىمى دوستىنىڭ پاراڭلىرى چىن ئادىمىلىك تەرىپى قۇلىقىمغا سىڭگەن يازغۇچى مۇنبەردە پەيدا بولغاندا قاتتىق ھاياجانلاندىم. پاكۇلتىتىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى مۇدىرى (ھازىرقى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)  ۋاھىتجان غوپۇر مۇئەللىم يازغۇچىنى تونۇشتۇرغاندا 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۇزۇنغىچە ھاياجان بىلەن ئالقىش ياڭرىتىپ ھۆرمەت بىلدۈرگىنى بايىقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. چۈنكى بىر كۆرۈشنى تەشنالىق بىلەن كۈتكەن دەقىقىلەر كۆڭلۈمدە ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بىر يازغۇچى بىلەن دىدارلىشىش، يۈز تۇرانە ئولتۇرۇپ لېكسىيىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولۇش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ. يازغۇچىلار نەزىرىمىزدە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە ئادەم ھىساپلىناتتى. بۇ چاغلار يازغۇچىنىڭ ھىكايە- پوۋېست ئىجادىيىتى تازا ۋايىغا يەتكەن چاغلار بولۇپ «خەير- توققۇز كۈنلۈك ماكان» ھىكايىسى ھەممە يەردە پاراڭ ۋە مۇنازىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان شۇنداقلا «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» رومانى بىلەن پىروزىچىلىقتىكى يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇندىن تارتىپ  15 يىل يەنە ئەسەرلىرى بىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا يازغۇچى ئاساسى زېھنىنى رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ھايات شۇنداق»، «سەرسان روھ»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت» قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر رومانچىلىقى تارىخىدىكى ھوسۇللۇق بىرنەچچىلا يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مىلادىنىڭ 2005-يىلىغا كەلگەندە يازغۇچى بىلەن پاراڭلىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. يازغۇچىمۇ قەشقەردە خېلى بىر مەزگىل تۇردى. ئەپسۇسكى مېنىڭ خىزمىتىم سىجىللىقى ۋە جىددىلىكى بولغان ئالدىراش ئىش بولغاچقا ئىزدەش مۈمكىنچىلىكىم بولماي قالدى. 2009-يىلى كۈزدە قەشقەرگە كەلگىنىدە يەنە بىرەر ئايدەك تۇرغان بولسىمۇ ئىشخانامدىلا بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشەلىدۇق. بۇ چاغدا يازغۇچىمۇ ئالدىراش ھەم ۋاقتىمۇ بىرقەدەر زىچ، تونۇش- بىلىش، بۇرادەرلىرى كۆپ بولغاچقا ئىشخانامدا كۆرۈشكىنىمىز ھىساپ بولۇپ قېلىپ يەنە ئايرىم كۆرىشىشىمىز ئۈچۈن ماڭا پۇرسەت بولمىدى. مەن كۆرگەن ئەخەت تۇردى كىچىك پېئىل، ھەشەم–دەرەمسىز، مۇلايىم، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىغان، چىقىشقاق، مەسىلىلەرگە سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتىدىغان گېپى ئوچۇق،بېشىدىن ئايىقىغىچە پاكىزلىق چىقىپ تۇرىدىغان، روھلۇق كىشى ئىدى. ئۇ مېنى كىچىك كۆرمەي بىرنەچچە قېتىم ئىشخانامغا ئالايىتەن ئىزدەپ كەلگەندە شۇنداق بىر كاتتا يازغۇچىنىڭ خاس ئىزدىشىگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن ئىپتىخارلاندىم. بۇ جەرياندا پارىڭىمىز بەك كۆپ بولمىغان بولسىمۇ يازغۇچىدىكى ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىق ۋە ساداقەتنى بىۋاستە ھېس قىلدىم. خۇددى ئەدەبىيات ئۈچۈنلا يارالغاندەك. يازغۇچىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە كەمتەرلىكى مېنىڭ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئاساسى ئامىل بولسا كېرەك. يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقىنىمغا 30يىل بولغان بولسىمۇ ئۆزى بىلەن ناھايىتى كېچىكىپ تونۇشتۇم ئەمما تەبىئىلا كونا تونۇشلاردەك بولۇپ قالدىم. بۇ بەلكىم  ئەسلىدىنلا يازغۇچى بىلەن غايىۋى يېقىنلىق تۇيغۇم ۋە يازغۇچىنىڭ كەمتەر ۋە چىقىشقاقلىقىدىن بولسا كېرەك.
          بۇ مېنىڭ ئەخەت تۇردىنى بىلىش جەريانىم .
    داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us