ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-10

    ئەخەت تۇردى تەتقىقاتى (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

      ئەخەت تۇردىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى پائالىيىتى 

         يازغۇچى ئەخەت تۇردى 1940-يىلى قەشقەر شەھرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1949-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە قەشقەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتۇتىغا كىرگەن. ئۇ مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن يەنە ئىزچىل ھىكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،  بىر قىسىم ياخشى ھىكايىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىش ئارقىلىق، جامائەتچىلىكنىڭلا ئەمەس رەھبەرلىكنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىگە سازاۋەر بولغاچقا، 1964-يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە دەسلەپ مۇھەررىر، كېيىن مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلى كەسپى يازغۇچى بولغان. 2000–يىلى پېنسىيىگە چىققان.
             ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبىياتقا قىزىقىشى بالىلىق دەۋرىدىلا باشلانغان. ئۇنىڭ ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولۇپ بەدىئى ئەدەبىياتتىن خەۋەردار ئىدى. مومىسىمۇ دائىم چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. مەدداھلاردىن جەڭنامىلەرنى ئاڭلايىتتى. بالىلىق چاغلىرىدىكى ھەۋەس ۋە ئىشتىياق ئۇنى بارا-بارا ئەدەبىيات كوچىسىغا تارتىپ كىرىپ، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ۋە چەتئەلنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇش جەريانىدا تەبىئى ھالدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەتتىكى مەشقىنى باشلىدى. شۇ چاغلاردا يازغان «چىن دوستلۇق»، «سىنالمىغان يىگىت»، «داغدا قالغان قىز» قاتارلىق مەشق ھىكايىلىرىنىڭ بەزىلىرى مەكتەپ ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. 1958-يىلى «گۈرۈچ» ناملىق ھىكايىسى «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. تۇنجى ھىكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ  ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، 1958-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە بولۇپ، ئىجادىيەتكە كىرىش باسقۇچى ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىللاردا ياش يازغۇچى بىرتەرەپتىن ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۆتۈلگەن  نەزىرىيە بىلىملىرىنى ئۆگەندى ۋە جوڭگۇ، چەتئەلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مۇنداق پۇرسەت ۋە زامانىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەدەبىيات مۇھىتى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتۇپ، ئالى مەكتەپ ھاياتىدا ئارقا- ئارقىدىن «ھاياتنىڭ باشلىنىشى»، «دەشتكە باھار كەلدى»، «كۆرەش داۋام قىلىدۇ»، «ئازات زامانىمدىن ئايلىناي»، «بىزنىڭ ئەۋلات» قاتارلىق ھىكايىلارنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى ئۈمىتلىك قەلەم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەدەبى تەنقىدچىلىك ئاساسەن يوق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھىكايىلىرىگە يېزىلغان ئوبزور «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى ۋە بەزى ھىكايىلىرىنى رادىئو دىراممىسى قىلىپ رادىئودا ئېلان قىلدى. بەزى ھىكايىلىرى ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوينالغان بولسا، «كۆرەش داۋام قىلىدۇ»، «بىزنىڭ ئەۋلاد» قاتارلىق ھىكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «تىيانشان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن گەرچە «تارىم» ژورنىلىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ لېكىن ئىشخانىسىنىمۇ كۆرۈشكە پۇرسەت بولمايلا تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات كوچىسىدىكى ئەڭ ئۈمىتلىك دەپ قارالغان ياش يازغۇچى شۇ زاماننىڭ مىڭلىغان زىيالىلىرى قاتارىدا ھاياتىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوتتەك چاغلىرىنى تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك كانى بولغان يېزىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ شۇندىن تارتىپ توپ-توغرا ئون يىلنى سۈكۈت بىلەن ئۆتكۈزدى. 1974–يىلىدىن 1989–يىلى كەسپى يازغۇچى بولغىچە بولغان 15يىل ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى شۇنداقلا ئىجادىيىتى تازا ۋايىغا يەتكەن، ئادىمىلىك ھەم قەلەمدە تولغان جەريان. ئون يىللىق سۈكۈت ۋە كۈزىتىشنى مۇشەققەتتە ئۆتكۈزگەن يازغۇچى ئەخەت تۇردى 1974-يىلى «يالقۇنلۇق ياشلىق» ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سەھنىسىدە يەنە پەيدا بولدى ۋە دەۋرنىڭ بۇرۇلىشى، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى، قالايمىقانچىلىقلارنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئەگىشىپ «مەرھابا باغۋەن»، «مەھبۇس قىزى»،«گۈلخان»، «ئەشرەپ بوۋا» قاتارلىق ياخشى ھىكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجادىيەتلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ پىروزىچىلىقتىكى ساناقلىق قەلەم ئىگىلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە» ھىكايىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەخەت تۇردى ھىكايە ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى قېتىملىق سەكرەش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئالدىنقى باسقۇچتىكى ھىكايىلىرى ۋە باشقا كۆپ قىسىم ھىكايىلىرىدە ئاساسى جەھەتتىن يېزا تۇرمۇشىنى مەنبە قىلغان بولسا «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»دە رەھبىرى كادىرلارنى تېما قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق سولچىل سىياسەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي، بۇيرۇقۋازلىق، بىكارچىلىققا كۆنۈپ قالغان ھەممە ئىشنى مەمۇرى بۇيرۇق بىلەن ھوقۇققا تايىنىپلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىلىمگە، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن يېڭى ھالەتكە تەكەببۇرلارچە تۆرىچىلىك قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئاخىرى ئەل- ئاۋام ئالدىدا شەرمەندىلەرچە نومۇسقا قالغان نۇردۇن ھاكىم، تىرىشچان،پەزىلەتلىك ۋە دەۋرنىڭ قەدىمىگە، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ياش ھاكىم مەخسۇتتىن ئىبارەت تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق ئابرۇيپەرەستلىك، بىلىمسىزلىك، ھوقۇقپەرەستلىكتەك ئىللەتلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلسا؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ جان دىل بىلەن تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىغا ئاتلىنىش روھىغا ئىگە ياشلارنى ھەممە قارشى ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىنى ئالقىشلايدۇ ۋە شۇنداق كىشىلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.ھىكايىدا يازغۇچى مەلۇم ناھىيىدە ئېلىنغان بىر قېتىملىق كادىرلار ئىمتىھانىنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ،مۇئاۋىن ھاكىم نۇردۇن بىلەن مەخسۇتنىڭ خاراكتىر، پەزىلىتى، جەمىيەتكە، خىزمەتكە شۇنداقلا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى جۈملىدىن ھوقۇق- مەنپەئەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى روشەن سېلىشتۇرما قىلىپ ھوقۇق تونىغا ئورىنىۋېلىشنىڭ دەۋرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت بىلىم ئەھلىگە، كەسپ ئەھلىگە ئايلانغاندىلا جەمىيەت، خەلق ۋە ۋەتەننىڭ قوبۇل قىلىشىغا، ھۆرمىتى، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، پەقەت دەۋر تەلىپىگە ماسلىشالىغاندىلا ئىناۋەت تېپىپ شەرەپ سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى جاكالايدۇ. ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، دەۋر چاقىرىقى بولغىنىدەك ھىكايە ئېلان قىلىنغان يىللار 3-ئومۇمى يىغىن ئېچىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلىم – پەن ئۆگىنىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، نۇردۇن ھاكىمدەك نەزەردىن چۈشۈپ قالغانلار ۋە مەخسۇتقا ئوخشاش ساندۇقتىن چىققانلار ئەمىلىيەتتىمۇ كۆپ كۆرۈلگەن. بۇنى شۇ زاماننىڭ ھەقدالىرى تېخى يادىدىن چىقارمىغان بولسا كېرەك. يازغۇچى ئەخەت تۇردى جاي – جايلاردا يۈز بەرگەن مۇشۇنداق ئەمىلى ئىشلارنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە تىپىكلەشتۈرۈش ئاساسىدا، كىشىلەر كۆڭلىنى مايىل ۋە قايىل قىلغان مۇنەۋۋەر ھىكايىسىنى روياپقا چىقىرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى بەدىئى يول بىلەن  ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەردى. نۇردۇنغا ئوخشاشلارنىڭ شەرمىسار بولىشى، مەخسۇتقا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل ياشلارنىڭ ھۆرمەت تۆرىگە چىقىشى شۇ زامان كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇنى دەۋر رىئاللىقتا ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، يازغۇچى ئەخەت تۇردى  ئەدەبىيات ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»نىڭ ئېلان قىلىنىش بىلەن كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىشدىكى ئاساسى ئامىل بەلكىم يازغۇچىنىڭ ئاۋام رايىنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدەك ئۆتكۈر كۈزىتىش روھى ۋە دەل جايىدا ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدەك مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىغا خاس شىجائىتى ۋە دەللىكىدە  بولسا كېرەك. «مەرھابا باغۋەن» يازغۇچىنىڭ سولچىل سىياسەتنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان زىيالىلار تېما قىلىنغان يەنە بىر ياخشى ھىكايىسى. ھىكايىدە يازغۇچى قاتتىق ئۇۋال قىلىنىپ ،ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئۇزۇن يىل ئايرىۋېتىلىپ، 3-ئومۇمى يىغىندىن كېيىن قايتىدىن ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ھامىت مۇئەللىمدىن ئىبارەت زىيالىنىڭ تىپىك ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق زامانىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك، ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمسۆيەر ھەم بارلىقىنى بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئايانماسلىقتەك پىداكارلىقى ئۈچۈن ئازاپ چەككەن پېشقەدەم بىر ئەۋلاد مۇنەۋۋەر زىيالىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن. ھىكايىدە گەرچە ھامۇت مۇئەللىمنىڭ مەكتەپتىن قوغلىنىش ۋە قايتىپ كېلىشىدەك جەريان قىسقارتىلغان ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، شۇ زاماندىكى مىڭلىغان ھامۇت مۇئەللىملەر ئەنە شۇنداق قارا كۆڭۈللىك بىلەن مەكتەپتىن ھەيدىلىپ، ئەڭ جاپالىق جايلاردا ئەڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ روھى، جىسمانى جەھەتتىن قاتتىق خورلۇق، ئازاپلارغا دۇچار قىلىنغان. بەزىلىرى ئازاپ ۋە خورلۇققا چىدىماي ئۆلۈپلا تۈگەشكەن بولسا، بەزىلىرى ئەقلىدىن ئېزىپ قالدى. ناھايىتى كۆپ ساندىكىلىرى ئۈمىتۋارلىق بىلەن قەيسىرانە ياشاپ ھامۇت مۇئەللىمدەك دەرس مۇنبىرىگە ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن قايتىپ كەلدى ۋە بۈگۈنگىچە ياشاۋاتىدۇ. يازغۇچىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى مىۋىسى سۈپىتىدە 1980–يىلى «گۈلخان» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. توپلامغا يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ۋە 70–يىللاردىن كېيىن يازغان «ھاياتنىڭ باشلىنىشى»، «دەشتكە باھار كەلدى»، «ئازات زامانىمدىن ئايلىناي»، «كۆرەش داۋام قىلىدۇ»، «مەرھابا باغۋەن»، «بەشمىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا»، «گۈلخان» قاتارلىق يەتتە پارچە ھىكايىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يازغۇچىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئىجادىيەت ئۇتۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەر ھىساپلىناتتى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات مۇھىتىدا تۇرۇپ توپلامدىكى ھىكايىلەرنى كۈزەتسەك، بەلكىم ۋەكىللىك ئەسەر دىيىشىمىز كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مۈمكىن. لېكىن زامانىسىنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىغىنىمىزدا بولۇپمۇ شۇ دەۋرنىڭ تىنىقىنى ھىس قىلالايدىغان نەزەر بىلەن قارايدىغان بولساق، بۇ گەپ ناھايىتىمۇ تەبىئى ۋە قايىل قىلارلىق. ئەمما «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»، «خەيرخوش توققۇز كۈنلۈك ماكان» ھىكايىلىرى ھەرقانداق دەۋردە ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بەدىئى قىممەت ۋە ئىجتىمائى تەسىرى بىلەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.
           يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ بۇ يىللاردىكى ھىكايىلىرى ئومۇمى جەھەتتىن زامانىسىنىڭ بارلىق ئەدىپلىرىگە ئورتاق بولغان پارتىيە 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىنكى بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئادەم، يېڭى ئىشلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. «گۈلخان» ھىكايىسىدىكى گۈلخان بىلەن ئەسقەرنىڭ پاك، سەمىمى مۇھەببىتى، «ئەشرەپ بوۋا» ھىكايىسىدىكى ئاقكۆڭۈل، كۆپنى كۆرگەن، كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان شۇنداقلا مۇنداق جاپانى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئومۇمىيەتچىل ئەشرەپ بوۋاي....... قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدىكى چىنلىق ۋە دەللىك ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن «گۈلخان»، «غىلغايلىق كىشى»، «5000كىلومېتىر يىراقلىقتا»، «ئەشرەپ بوۋا» قاتارلىق ھىكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جوڭگۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە  كۆرىنىشكە دەسلەپكى ئاساس سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن يەنە «ئەشرەپ بوۋا»، «مەرھابا باغۋەن»، «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە» قاتارلىق ھىكايىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان زۆرۈر ئوقۇشلۇق ۋە ھىكايىگە ئايلاندى. بۇ يازغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قەلەم تۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يازغۇچى ئەنە شۇنداق ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا قەدەممۇ–قەدەم ئىلگىرىلەپ پوۋېست ئىجادىيىتىگە قەدەم قويۇپ، «قىيانلىق دەريا»، « باھاردىكى جۇدۇن»، «مۇزلىغان يۈرەك»، «ئەلۋىدا كۆز يېشىم»، «سەبىلەر پاجىئەسى»، «قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا» قاتارلىق پوۋېستلارنى يېزىش بىلەن ھىكايىچىلىقتىكى شۆھرەتلىك ئەسىرى «خەيرخوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»نى يېزىپ، ھىكايە ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسىنى ياراتتى. شۇنداقلا رومانچىلىق قەدىمىنىڭ تۇنجى مىۋىسى شۇنداقلا ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك دۇردانىسى بولغان « ئۇنتۇلغان كىشىلەر» رومانىنى نەشر قىلدۇردى. بۇ يىللارنى ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرى دىسەك قىلچە ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى يازغۇچىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ يىللاردا يېزىلغان شۇنداقلا ئەدەبىيات ساھاسىدىكى شۆھرىتى يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن. ئىجادىيىتىنىڭ سەمەرىلىدىن «قىيانلىق دەريا» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1980)، « گىرىمسەن يوللار» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى(مىللەتلەر نەشرىياتى1984)، «قەترە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى9861)  ناملىق پوۋېستلار توپلىمى قاتارلىقلار نەشر قىلىنغاندىن باشقا، 1980–يىللاردىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئۆرنەك ۋە مەدەت بولۇشتەك ئېزگۈ تىلەكتە تۈزگەن جوڭگۇ، چەتئەل ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان «تۆھپە»، «ھىكايىلەر»، «مەشئەل»، «ساما»، «سەھەر»، «بوغدا ئاتا» قاتارلىق (ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ)  ھىكايە، پوۋېست توپلاملىرى؛ «قەسەم» (چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ) ھىكايىلىرى توپلىمى، «سۇنغان قانات»، «غازاڭ پەسلى» قاتارلىق (جوڭگۇ، چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ) پوۋېستلار توپلىمىنى ھەرقايسى نەشرىياتلاردا نەشر قىلدۇرۇپ، شۇ چاغلاردىكى پىروزا قەھەتچىلىكىدە تۇرىۋاتقان ھەم جوڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش تەقەززاسىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى. يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەتتە ئۆرنەك ۋە يېتەكچى قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ «مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى» نامىدىكى مەجمۇئەنى نەشرگە تەييارلاپ نەشر قىلدۇردى. يەنە شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈگۈنكى ھەرقانداق شەكىل، ژانىر، تۈرلەردىكى كىتاپلارغا تويۇنۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەخەت تۇردى تۈزگەن بۇ بىرنەچچە كىتاپ ئادەتتىكىچە بىلىنىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما مەزكۇر كىتاپلار نەشر قىلىنغان 80 –يىللاردا كىتاپ خۇمارلار شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ قىممەتلىك ئالاھىدە ئەمگەك سانىلاتتى. شۇ چاغلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان بىز ئابلىمىت مەسئۇدىدەك يازغۇچىمىزنىڭ بولغانلىقىنى شۇ كىتاپلار ئارقىلىق بىلگەن، غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى بولغان ئالبېرت كىماس ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ  مەشھۇر ئەسىرى بىلەن شۇ كىتاپلار ئارقىلىق ئۇچراشقان. «بوۋاي ۋە دېڭىز»، «يىگانە ئادەم» قاتارلىق ئەسەرلەر شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن تاڭ قالغۇدەك ئاجايىپ ئۆزگىچە ئەسەرلەر ئىدى.بۇ پوۋېستلار ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە شۇ يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭىچە بولۇپلا قالماستىن ھاڭ- تاڭ قالغۇدەك دەرىجىدە دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز بىلىدىغان ئەدەبىيات ۋە ئەدەبى ئەسەرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە رۇس، خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ رېئالىستىك شەكىللىرى بولۇپ ئەدەبىيات دىگەن شۇ ئىدى. غەرپ ئەدەبىياتىمۇ ئاساسى جەھەتتىن كىلاسسىك غەرپ ئەدەبىياتى يەنى ياۋروپا رېئالىزىم ئەدەبىياتى– بالزاك، مۇپاسسان، سىتېندال، مارك تېۋن، تولىستوي...... لار ئىدى. غەرپ ئەدەبىياتىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى لال قىلغۇدەك يېڭىچە ئەسەرلەر شۇ چاغلاردا ئەمدىلا بىلىنىشكە باشلىغان چاغلار بولۇپ،  بۇ پوۋېستلار بىز پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان غەرپ ئەدەبىيات يۈزلىنىشىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تونۇشلۇق بولغان تۇنجى سەمەرىلىرى ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ نەتىجىلىك ئەسەرلەرنى ياراتقان ياش قەلەم ئىگىلىرى ۋە ئەدەبىيات ئاشىنالىرى  غەرپ ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى تەسىرىنى مۇشۇ كىتاپلار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ۋە ئىجادىيىتىدە يېتەكچى قىلغان.
    داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us