ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-10

    ئەخەت تۇردى تەتقىقاتى (3) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     ئەگەر ئەخەت تۇردىنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىكى ئىجادىيەت دەۋرىنى ھىكايىچىلىقتىكى ئىزدىنىش دەۋرى دىسەك، ئىككىنچى باسقۇچىنى ھىكايىچىلىقتا يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن پوۋېستچىلىقتىن رومان ئىجادىيىتىگە ئۆتۈش باسقۇچى دىيىشىمىز مۈمكىن. چۈنكى بۇ باسقۇچتا يازغۇچى ھىكايە ئىجادىيىتىدىكى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مۇنەۋۋەر ھىكايىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە پوۋېست ئىجادىيىتىگىمۇ ئىشتىياق بىلەن كىرىشىپ ئونغا يېقىن پوۋېست يازدى ۋە بۇلارنى ئىككى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئىجادىيەت ئۇتۇقلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن «تارىم» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ھىكايە، پوۋېست، شېئىرىيەت شۇنداقلا رومان ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى شۇنداقلا ھەرخىل تېمىلاردىكى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئەدەبىيات سىمنارىيىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەم يېتەكچىلىك قىلىپ ، 80–يىللاردىكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. يەنە ۋاقىت چىقىرىپ «باھاردىكى جۇدۇن» پوۋېستىنى يەتتە پەردىلىك مۇزىكىلىق دىراممىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى. ئەدەبى تەرجىمە پائالىيىتى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىپ بىر تۈركۈم يېتەكچى خاراكتىرلىق ئەدەبى ئوبزورلارنى تەرجىمە قىلىپ «ئەدەبى تەرجىمىلەر» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردى. يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە  70–يىللارنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ «قىيانلىق دەريا»، «گۈلخان»،«ھاياتنىڭ باشلىنىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئوبزورچىلار ۋە تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ ئەمگىكىگە يۇقۇرى باھالارنى بەردى. يازغۇچىنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئەسەرلىرى دەۋر روھىنى دەل، كىشىلەر رايىغا مايىل بولغان ئاساستا ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە يازغۇچىنىڭ پېرسۇناژلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئېنىق، ھەق – ناھەق قارىشىنىڭ كەسكىنلىكى جامائەتچىلىكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا تېز ئېرىشىپ ئوقۇشچانلىقى ۋە ئاممىباپلىقىنى يۇقۇرى كۆتەردى. نۇردۇن ھاكىم بىلەن مەخسۇت، ھامۇت مۇئەللىم بىلەن مەكتەپ مۇدىرى، شەمەر شېجاڭ بىلەن تۇراپ شۇجى، ئارۇپ ئەپەندى بىلەن ھاشى قوتاز ۋە قاسىم چوڭ، ھاپىز جۈيجاڭ بىلەن باتۇق، «كۆپمە يۈز كىشى» بىلەن ياسىن قاتارلىق پېرسۇناژلار بىر-بىرىگە قارىمۇ – قارشى شۇنداقلا مەڭگۈ سىغىشالمايدىغان كىشىلەر بولۇپ، يازغۇچى بۇلارنى تەسۋىرلىگەندە ھەربىر سۆز- ھەركىتىدىن خاراكتىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئەسەرنىڭ باشتىن – ئاخىرغىچە ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىدىكى پېرسۇناژلارغا تۇتقان بۇ خىل كەسكىن پوزىتسىيە ۋە ئىنساننى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ تەسۋىرلەش نەدىن كەلگەن؟ بۇنى بىز ئالدى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە ئىزچىللىققا ئىگە ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش ئەنئەنىسىدىن ئىزدەيمىز. ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ھەرقانداق بىرىدە ئېنىقلا رەزىللىك، قارا كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قارا كۆڭۈل، دۆت يامان ئادەم (كۆپىنچە زالىم پادىشاھ ياكى نامراتلارغا زۇلۇم سالىدىغان باي)لار بىلەن ھەققانىيەت ۋە ئاۋامنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغا ئەقىل-پاراسەتلىك ياخشى ئادەم (كۆپىنچە كەنجى ئوغۇل)لار بولۇپ، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە (خەلق چۆچەكلىرى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ) ھەققانىيەت كۈچلىرىگە كۈچلۈك ھىسداشلىق ئىپادىلىنىپلا قالماستىن ئۇلار ھەرخىل يول بىلەن ياردەمگە، مەدەتكە ئېرىشىپ تۇرىدۇ. قارا كۈچلەر قامچىلىنىپ قاتتىق مەسخىرە ئاستىغا ئېلىنىدۇ. 80-يىللاردىكى ئەدەبىياتىمىز نەزىرىيە ئاساسى جەھەتتىن 19–ئەسىر رۇس ئەدەبىياتىنىڭ مۇتلەق تەسىرى ئاستىدا تۇرىۋاتقاچقا  پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ئومۇمەن دىگۈدەك دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا جۈملىدىن ئىنساننى ئىككى قۇتۇپقا ئېنىق ئايرىپ مۇرەسسەسىز ھالدىكى سەلبى ۋە ئىجابى تىپتا ئەكس ئەتتۈرۈشنى تۈپ لىنىيە قىلغان بولۇپ، 80–يىللاردىكى ئەدەبىياتىمىز تۇرمۇشنى ۋە ئىنساننى مۇشۇنداق نەزەردە كۈزىتىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلغاچقا يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئەڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنىڭدىن يەنە شۇنداق بىر يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ، يەنى يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۆز ئىجادىيىتى جەريانىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئەسەرلىرىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغاچقا، ئاۋام قەلبىدىكى ئەسلى مەنبە بىلەن بىرىكىپ خەلق ئاممىسىنىڭ تېز ۋە ئاسان قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالالىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەدەبىيات تارىخىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بىلەن ئۆزارا يۇغۇرۇپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن يېڭىلىق بىرلەشكەچكە جەلپ قىلىش كۈچى يەنىمۇ ئاشقان. 80–يىللارنىڭ دەسلىپىدە  ئەدەبىياتىمىزدا 50-، 60-يىللارغا قارىغاندا روشەن پەرق سۈپىتىدە (پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قارىتا) قىسمەن يازغۇچىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا تەسۋىر ۋە ئىستىلىستىك ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشتە تەدرىجى خاسلىشىشقا يۈزلىنىپ قېلىپبازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن چىقىپ رەڭگا – رەڭ تەسۋىر ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر كۆرۈلدى. يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئىزچىل ئىندىۋىداللىقنى نامايان قىلىپ كونا قېلىپتىكى تەسۋىرچىلىكتىن خالى بولدى . ئەمما ئەدەبى پۇراق بىلەن قويۇق سىياسى پۇراقنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى باشقا ھەرقانداق يازغۇچىغا قارىغاندا گەۋدىلىك. بۇنداق ئەھۋال ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرىدىكى ئاپتۇر تىلى بولسۇن، پېرسۇناژ تىلى بولسۇن ھەممىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك.
            1989-يىلىدىن ھازىرغىچە ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يەنى رومانچىلىق باسقۇچى ھىساپلىنىدۇ. يازغۇچى ئەخەت تۇردى «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» رومانى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا «ھايات شۇنداق» رومانىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ رومانچىلىقتىكى مىجەزىنى دەڭسەپ كۆردى دىسەك مۇۋاپىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. ئەمما يازغۇچى  مەزكۇر رومانىنى يېزىپلا نەشر قىلىنغۇچە «تارىم» ژورنىلىدىن ئايرىلىپ كەسپى يازغۇچى بولۇشنى تاللىۋالدى. ئىجادى پائالىيەتنى تىجارەتكە ئوخشىتىش تازا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ شۇنداق ئوخشاتقۇم كېلىدۇ، بىر تىجارەتچى مەلۇم بىر تىجارەتكە تەۋەككۇل قىلغاندا مېنىڭچە ئاۋال بازار ئەھۋالى بىلەن دەسمىسىگە قاراپ باقىدۇ، ناۋادا دەسمىسى يېتەرلىك، بازار ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولسا بۇ تىجارەتكە تەۋەككۇل قىلىپ  بازارغا چىقىدۇ. ئىككىنىڭ بىرى بازارغا توغرا كەلمىسە باشقىچە يول تۇتىشى مۈمكىن. 80–يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئەدەبىيات بازىرىنىڭ ئەھۋالى يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ يازغۇچىدا «دەسمى»مۇ يېتەرلىك ئىدى. شۇڭا يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق «بازار»غا دادىللىق بىلەن كىردى. ئاخىرى قانداق بولدى؟ يازغۇچى شۇنىڭدىن كېيىن مۇتلەق زېھنىنى رومان ئىجادىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئارقا – ئارقىدىن «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، «سەرسان روھ»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت» قاتارلىق رومانلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر رومانچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «سەرسان روھ»، «بەختسىز سەئىدىيە» قاتارلىق رومانلىرى كەينى– كەينىدىن «جوڭگۇ كىتاپ مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات–سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ زور شان شەرەپلەر قۇچتى.
         يازغۇچىنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيىتى تېما جەھەتتىن كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ تۇرمۇشقا قەدەممۇ – قەدەم يېقىنلاپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىش بىلەن خاراكتىرلەنسە، ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆز پېرسۇناژلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى بىر قەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ،تىلنىڭ ئوبرازلىق كۈچىنى ھەسسىلەپ كۈچەيىتتى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، يازغۇچىنىڭ بۇرۇنقى ئىجادىيىتىدە تىل جەھەتتە بەدىئىلىكتىن سىياسى پۇراق كۈچلۈك بولغان بولسا رومانچىلىق باسقۇچىدىكى تىلى سىياسى پۇراقتىن ئاساسەن قۇتۇلۇشقا قاراپ مېڭىپ، ئوبرازلىق تىل ئەخەت تۇردى رومانلىرىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى بولۇپ شەكىللەندى. ھەرقانداق بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مىللى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بەدىئى تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان ئىجادىيەت بۇلىقى بولسا، تىلدىكى ئوبرازچانلىق ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان ئاساسى ئامىل بولۇپلا قالماستىن ئەسەرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقا. ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا،ئەدەبى تىلنىڭ مىللى تەۋەلىكى سۇسراق بولىدۇ.بۇنى قويۇق مىللى پۇراققا ئىگە قىلىش – قىلالماسلىق يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى ماھارىتىگە باغلىق.مۇنداق دىگەنلىك بارلىق تىللاردىكى ئەدەبى تىل بىربىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ دىگەنلىك بولماستىن بەلكى، ئەدەبى تەرجىمە جەريانىدىكى ئىپادىلەشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەدەبى تەرجىمە جەريانىغا مىللى ئەدەبى تىلنىڭ ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن چەك قويۇلسا ئۇ ھالدا ئەدەبى تەرجىمە تەبىئىلا ئۆلۈك ۋە جانسىز تەرجىمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدىن مىللى پۇراق روشەن چىقىپ تۇرسا ئېنىقكى، بۇ شۇ يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتىنىڭ كامالىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر ئەسەرنى بىر پۈتۈن تىرىك جىسىم دىسەك، ئۇنىڭدىكى تىل شۇ جىسىمنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قاندۇر.ھەرقانداق نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى ئەڭ ئېنىق ئايرىپ بېرىدىغان ئىچكى بەلگە قاندۇر.ئادەمگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق .بىر ئادەمنى ئۆز قەۋمىدىن بۆشۈكىدىلا ئايرىپ يات قەۋمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قېنىدىكى مىللى تەۋەلىكىنى ئايرىۋېلىش مۈمكىن بولمىغىنىدەك ، ھەرقانداق بىر مىللى پۇراق سىڭگەن ئەسەرنى نەگىلا قويسىمۇ تەۋەلىكىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. مانا شۇنداق ئەسەرلەرلا ھاياتى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ ھەم مەڭگۈ قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. يازغۇچى ئەخەت تۇردى تىلدىكى مىللى پۇراقنى تۇنجى رومانى «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» دىن باشلاپ چاقنىتىشقا باشلىغان بولۇپ «سەرسان روھ» رومانىغا كەلگەندە بۇ خىل چاقناش ئەۋجىگە چىققان. مىللى تۇرمۇشنىڭ قاينام–تاشقىنلىق مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يازغۇچى ئەخەت تۇردى رومانچىلىق دەۋرىدە ئۇيغۇر مىللى تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە كۈزىتىپ ۋە تەپەككۇر قىلىپ،مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىغا خاس بۇرۇلۇش ۋە ھالقىشنى ئۆز ئىجادىيىتىدە كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھالقىش ۋە بۇرۇلۇش ئومۇملىقتىن خاسلىققا ، تۇرمۇشنى سىياسى نۇقتىدىن ئەمەس بەلكى، بەدىئى نۇقتىدىن كۈزىتىپ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىپادىلەشكە يۈزلەنگەنلىكىدە روشەنلىككە ئىگە بولغان.« گۈرۈچ» ھىكايىسىدىن تارتىپ، «خەير خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان» غىچە بولغان ئىجادىيىتىگە قارايدىغان بولساق،دەۋرنىڭ ئالادىلىكى ۋە ئۆزگىرىشى يازغۇچىنىڭ دىققەت نەزىرىدە ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا مۇشۇ جەرياندىكى ئەسەرلىرىدە مىللى ئالاھىدىلىك ۋە تۇرمۇش پۇرىقى سۇس، ئوبرازچانلىق ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىدە ئاساسى جەھەتتىن بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھالىتىدە ئىدى. بۇ خىل تۇرغۇنلۇق «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» رومانىدا بۇزۇپ تاشلانغان بولسا كېيىنكى رومانلىرىدا ئۈزىل–كېسىل يېڭىچە بىر يۈكسىلىشنى ياراتتى.ھەرقانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىدە ئۆزگىرىش ياسىشى ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور جاسارەت ۋە قەتئىلىك شۇنداقلا ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ھەم زامانداشلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۈزىتىشتەك ئازاپلىق تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ ياكى ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمى يۈزلىنىشى ۋە ئىجادىيەت يولىنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق تەبىئى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتىن كېلىدۇ. يازغۇچى ئەخەت تۇردىدىكى ئۆزگىرىش مەيلى قايسى خىل تاللاشتىن پەيدا  بولغان بولسۇن، شۇ نۇقتا ئېنىقكى، ئۇنىڭ تاللىشى ۋە بۇرۇلۇش ياسىشى ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئى قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، ئوقۇشچانلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ، ھەرخىل قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخەت تۇردى رومانلىرىدا مىللى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغىچە سىڭگەن مۇھەببەت، ئادىمىلىك ، ئىنسانى ئېتىقاد ۋە مۇناسىۋەتلەر بەدىئى رەۋىشتە تەسۋىرلىنىش بىلەن ئىنسان قەلبىنى ھاياجان ۋە ھىجران تەشۋىشىدە زىل – زىلىگە سالىدىغان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ روھىنى تەشۋىش ،ساراسىمىگە سېلىپ بوغۇق ھېسلاردا چوڭقۇر سۈكۈت ۋە غەزەپكە مۇپتىلا قىلىۋاتقان قىزلىرىمىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھەم پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە ھىسداشلىق، ئادەم تەبىئىتىدىن چىققان خۇمسىلارغا لەنەت نەپرەت ئۆ ئىپادىسىنى تاپقان. ياشلىرىمىز ۋە زىيالىلىرىمىزنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرى،قان ياشلىق قىسمەتلىرى شۇنداقلا شاتلىق ۋە ئازاپقا تولغان ھايات يولىدىكى مۇھەببەت–نەپرىتى، غايىسى، كېلەچەككە بولغان تەلپۈنىشى، ئۈمىدى....... بار. ئەدەبىياتىمىزنىڭ 90-يىللاردىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا يازغۇچى–شائىرلىرىمىز ئىجتىھات ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتىرىپ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىلەشنىڭ چەكسىز سېھرى ئالىمىگە قاراپ سىلجىشقا باشلىدى. يازغۇچى شائىرلىرىمىزدىكى مۇنداق سىلجىش ئالامىتى ئەدەبىياتىمىزغا ھاياتى كۈچ بەخش ئېتىپلا قالماستىن، ئەدەبىياتنىڭ تەسىرچانلىقىدىن ئىبارەت مىسلىسىز رولى ئارقىلىق كەڭ ئاۋامغا تەسىر كۆرسىتىپ، تىل جەھەتتىن تەربىيىلەشتىمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى تاشقى مەدەنىيەت ۋە تىل ئامىللىرىنىڭ توسۇۋالغۇسىز سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ ۋە زۆرۈرلىككە ئىگە. شۇڭا دەۋرىمىز ھەربىر قەلەم ئىگىسىدىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ھېس قىلىپ تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ، ئىپادىلەش قىممىتىنى يۇقۇرى چەكتە نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ بۇرچنى ئادا قىلالالىغان قەلەپ ئىگىلىرىلا مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ ۋە ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.
        يازغۇچى ئەخەت تۇردى « ھايات شۇنداق» رومانىدا دەۋرىمىز زىيالىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ھاياتىنى تېما قىلىپ، ئىدىيە، ئوي – پىكىر ، تەقدىر – قىسمەت جەھەتتە بىربىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مەرۇپ ئاقساقال، ئەدھەم، ھىكمەت سوپى، گۈلجان قاتارلىق بىر قاتار پېرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىدىكى ھەرخىل تىپتىكى زىيالىلار، ھوقۇق سەھنىسىدىكىلەر بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك ۋە مۇرەسسەسىز كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بەدىئى چىنلىق يۇقۇرى دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھالدا بىر قەدەر جانلىق ۋە مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە روماندا تەسۋىرلەنگىنى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە تونۇش ھەم ناھايىتىمۇ پىششىق بولغان ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولغاچقا ، ھەرخىل مۇناسىۋەتلەر ۋە ھالقىلارنى ئوڭۇشلۇق بىرتەرەپ قىلغان. روماننىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرىلىقى شۇ چاغدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل گۇمان ۋە غۇلغۇلىلارنىمۇ پەيدا قىلغان بولۇپ، روماندا تەسۋىرلەنگەن كونكىرت مۇھىت بولغان ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس باشقا يەر ھەتتا چەت – ياقا جايلاردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا روماندا تەسۋىرلەنگەنلەر زادى كىملەر بولغىيىتتى؟ دىگەن سوئال تۇغۇلۇپ مۇنازىرىلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللاربار. روماننىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇنداق قويۇق بىرلىكى بىر مەيدان غۇلغۇلا بىلەن تەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك رومانىدىن كېيىنلا «ئاي يامغۇرى» رومانى ئېلان قىلىنىپ يەنە بىر مەيدان غۇلغۇلىنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتى. چۈنكى بۇ رومان يازغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتى تېما قىلىنغان بىئوگىرافىيە خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، يازغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا 50-، 60– يىللاردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىلىرىنىڭ ھاياتلىق قىسمەتلىرى، تۇرمۇشىغا قىزىقىدىغان، بىلىشنى ئىستەيدىغان ئاۋامغا نىسبەتەن روماننىڭ ئاۋامغا بولغان تەسىرچانلىقى ۋە قىزىقتۇرىشىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايىتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رومانلىرى بولغان « يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، «سەرسان روھ»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت» قاتارلىقلارمۇ كىتاپخانلار ياقتۇرغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەردۇر. تۇنجى رومانى «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»دىن كېيىن ئىزچىل تۈردە رېئاللىق ھەققىدە بەدىئى تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يازغۇچى تارىخى تېمىغا يەنە بىر قېتىم نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى مۇناپىق سوپى–ئىشانلارنىڭ تارىخىمىز، ئېتىقادىمى، تەقدىرىمىزگە يەتكۈزگەن تالاپەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بەختسىز سەئىدىيە» رومانىنى يېزىپ ئەدەبىياتىمىز جۈملىدىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئاساسى ئېقىنى بولغان تارىخى رومانچىلىققا يانداشتى. «يىراقتا قالغان مۇھەببەت» رومانى ئارقىلىق ئىجادىيىتىدە باشتىن – ئاخىر سۇسراق بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھەببەت تېمىسىنى ئۆزگىچە ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن يورۇتتى. ئومۇمەن ئالغاندا يازغۇچى ئەخەت تۇردى رومان ئىجادىيىتىدىمۇ ئاۋام قەلبىنى مايىل قىلىپ ئۇتۇق قازاندى.
       يازغۇچى بۇ باسقۇچتىكى رومان ئىجادىيىتى بىلەن «تارىم ۋادىسىدىن ئەراپات تاغلىرىچە»، « سېرىنگۈللۈل ھويلىدىكى سېغىنىش» قاتارلىق ئەسلىمە، ساياھەت خاتىرىسى، ئەدەبى ئاخباراتلارنى؛ «تۇرمۇش ۋە يازغۇچى»، «يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئادەملەرنى يېڭى نەزەر بىلەن كۈزىتىش» قاتارلىق ماقالىلارنىمۇ يازدى. شۇنداقلا نەشر قىلىنغان رومانلىرىدىن باشقا «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» ناملىق ھىكايە- پوۋېستلار توپلىمى، ھىكايە ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان « مەرھابا باغۋەن»، « غىلغايلىق كىشى»، «گۈلخان»، «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە»، «يەكچەشمە»، «خەير-خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «قىزىق ئىشلار»، «ئالۋاستىغا يولۇققان ئادەم»، «يەر گۇۋاھ، ئاسمان گۇۋاھ»، «نىمە دىگۈلۈك» قاتارلىق 10پارچە ھىكايىسىدىن تەركىپ تاپقان تاللانغان ھىكايىلەر توپلىمى «خەير-خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، ( بۇ توپلامنى شائىر ۋە  تەنقىدچى مەخمۇتجان ئىسلام تەييارلىغان بولۇپ «ئەخەت تۇردىنىڭ ئىستىتىك غايىسى ۋە ھىكايىلىرى» ناملىق ماقالە قوشۇلغان، ماقالىدا يازغۇچىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتى ھەققىدە ئادىل ۋە ھەققانى تەنقىد يۈرگۈزۈلگەن) ئەدەبى ئاخبارات، ئەسلىمە قاتارلىق باشقا ژانىردىكى ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن «بىر ئەۋلىيا ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. 2009–يىلى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 10 توملۇق «ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرى» نەشر قىلىندى. بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن، ھوسۇلىنىڭ ئاز – كۆپلىكى، ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى ئورنى ئەسەرلىرىنىڭ سانى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەدەبىيات سەھنىسىدە ياراتقان بەدىئى ئۇتۇقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مىڭ پارچە كىتاپ يازغان بىلەنمۇ ئەدەبىيات تارىخىدا زىل-زىلە پەيدا قىلالالىغۇدەك بىر پارچە ئەسىرى بولمىسا يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ  قەغەز دۆۋىسىگە ئايلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدا ئەسەرلىرىنىڭ سانى بىلەنلا ئەمەس ياراتقان بەدىئى پەللىسى ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جان كۆيەرلىك بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىرى بىلەنمۇ يۇقۇرى ئابروي ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان خەلقسۆيەر يازغۇچى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى ئانا ژورنال  بولغان «تارىم»نىڭ يۇقۇرى ئابروي، ئىناۋەت بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان يىتۈك ژورنالىست، ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنىڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىشى ئۈچۈن خالىس، ھەققانى ئەجىر سىڭدۈرگەن پىشقان ۋە مەسئۇلىيەتچان، پىداكار مۇھەررىر. ھازىرغىچە يازغۇچىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ «دەۋر ساداسى»دىن باشقىلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، يەتتە پارچە رومانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15پارچە كىتابى نەشر قىلىندى. (بۇرۇنقى توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن بىر قىسىم ھىكايىلىرى ۋە ئىككى پارچە پوۋېستى،تەرجىمە ئەسەرلىرى،قەلەمگە ئېلىنمىغان نۇتۇق، لېكسىيىلىرى، سۆھبەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) ئادىمىلىك ئىرادىسى قەلىمىگە ئوخشاشلا شاش ۋە جۇشقۇن ھەمدە مۇرەسسەسىز ھالدا ئاۋام بىلەن دىلكەشلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇھتىرەم يازغۇچى بۈگۈنكى كۈندە 70 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ياشلارغا ئوخشاش تېتىكلىك ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.
     

    داۋامى بار 

    مەنبە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى 


    收藏到:Del.icio.us