ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (4) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

        تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە سۆزلەرنى بوغۇم تۈزۈلۈشىگە قاراپ بۆلەكلەرگە بۆلۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ قائىدىلىرى ئاساسەن يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەتتۇر . ئەمما بۇ تەقتېئ قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. شېئىر مىسرالىرىدا يەنە يۇقىرىدىكى قائىدىلەرگە توغرا كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئۆزگىچە ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بەزىدە بوغۇم بۆلىنىپ كېتىدىغان، يېپىق بوغۇملار مىسرا تەركىبىدە ئوچۇق بوغۇمغا ئايلىنىدىغان، ئۇزۇن بوغۇملار قىسقا بوغۇمغا ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا، تەقتېئدە ئومۇمىي تۈس ئالغان بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا نۇرغۇن قوشۇمچە قائىدىلەرمۇ بەلگۈلەنگەن بولۇپ، بۇ قائىدىلەرنى تولۇق ئىگىلىمەي تۇرۇپ، شېئىر ۋەزنىنى توغرا ئېنىقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. تۈركىي تىللىق كلاسسىكلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى يېغىنچاقلىغاندا، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدىكى قوشۇمچە قائىدىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ؛

        8 ) ئارۇزدىكى تەقتېئ قائىدىلىرى ئەسلىدە يېزىقنى يەنى ھەرپلەرنىڭ سانىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما، قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىملاسىدا خۇددى پارس تىلىنىڭ ئىملاسىغا ئوخشاشلا، يېزىلىدىغان يەنى يېزىقتا ئەكس ئېتىدىغان، ئەمما ئوقۇلمايدىغان يەنى تەلەپپۇز قىلىنمايدىغان ھەرپلەر مەۋجۇت . مەسىلەن : ايلچۈ ( ئېلچى – ئەلچى ) سۆزىدە « ئې » تاۋۇشى ئىككى ھەرپ « ا – ي » ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ ، بىر ھەرپ دەپ قارىلىدۇ، يەنى « ا » ھېسابقا ئېلىنمايدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاشلا کونگول ( كونگولكۆڭۈل ) سۆزى بىلەن نينگ ( نىنگ – نىڭ ) سۆزىدىكى « ن » ھەرىپىمۇ تەقتېئدە ساقىت قىلىنىدۇ . خواھش ( خاھىش – مەيل ، تەلەپ ) سۆزىدىكى « و » ھەرىپىمۇ تەلەپپۇزدىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن تەقتېئدىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.

        9 ) خۇددى پارس شېئىرىيىتىگە ئوخشاشلا « ن » ھەرىپى مەددە ھەرپلىرىدىن كېيىن بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەندە تەقتېئدە ھېسابقا ئېلىنماي، ساقىت قىلىنىدۇ . مەسىلەن : مەجنۇن ، دەرمان دېگەندەك سۆزلەردىكى « ن » ھەرىپى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. من ( مەن )، شىن ( شەن )، تن ( تەن ) دېگەندەك بوغۇملارمۇ كۆپىنچە ھاللاردا قىسقا ھېسابلىنىدۇ.

        10 ) « و » ھەرىپى ئىككى خىل ئەھۋالدا قىسقا ھېسابلىنىدۇ ؛ بىرى، ھەرىكە - زەممەنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولسا. مەسىلەن : خوش ، كورگو دېگەن سۆزلەردىكى « و » ھەرپى شۇ جۈملىدىندۇر. يەنە بىرى، باغلىغۇچى بولۇپ كەلسىمۇ قىسقا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن : ليلي و مجنون ، گُل و نوروز دىگەن سۆزلەردىكى باغلىغۇچى بولۇپ كەلگەن « و » قىسقا ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ تاۋۇش كۆپىنچە « ۋە » شەكلىدە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدىمۇ ئۇنىڭ سۆز تەركىبىدىكى ئەمىلىي تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

        11 ) بىر ھەرىكە ۋە ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملاردا « ت » تاۋۇشى بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن بولسا، بۇنداق بوغۇملار مىسرا ئارلىقىدا بىر يېرىم بوغۇم ( – v ) ۋە مىسرا ئاخىرىدا بىر ئۇزۇن بوغۇم ( – ) ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن : مست ( مەست – مەس ) ، دست ( دەستقول ) دېگەندەك سۆزلەر. بۇنداق بوغۇم شەكىللىرى پارسچىدىن تۈركىي تىللىرىغا قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىلا ئۇچرايدۇ.

        12 ) قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىرىغا ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەر قاتارىدا « ھ » تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان نۇرغۇن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. مەسىلەن : گُناھ ( گوناھ – گۇنا )، اشتباھ ( ئېشتېباھ- خاتالىق، سەھۋەنلىك )،پناھ ( پەناھ – پانا، قوغدالغۇ ) گە ئوخشاش سۆزلەر شۇ جۈملىدىندۇر. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى « ھ » ھەرىپى تەقتېئدە ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىرىدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى « ھ » ھەرىپى خۇددى پارسچىدىكىگە ئوخشاش « ئە » ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن : خانھ (خانە – ئۆي)، روزھ ( رۇزە – رىسق ) دېگەندەك. بۇنداق سۆزلەر ئاخىرىدىكى « ھ » ئەسلىدىلا تەلەپپۇزدىن چۈشۈپ قالغاچقا، تەقتېئدىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.

        13 ) كونا ئىملادا، يېزىقتا ئەكس ئەتمەيدىغان، ئەمما تەلەپپۇزدا ھېسابقا ئېلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇنداق سۆزلەرگە ئەرەب ۋە پارس تىلىدىن تۈركىي تىللىرىغا قوبۇل قىلىنغان تەشدىدلىك سۆزلەرنى مىسال قىلىش مۈمكىن. مركب ( مۇرەككەب – ئارىلاش، تۈزۈلمە ) ، مقرر ( مۇقەررەر – مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ) ، مقدس ( مۇقەددەس – پاك، بۇلغۇنۇشتىن خالى ) قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلۇشىدا مەلۇم پەرق بار. يەنى تەشدىد بەلگۈسى قويۇلمىغان ھالەتتىمۇ بۇنداق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم بىر ھەرپ تەكرار ئوقۇلىدۇ . تەقتېئدىمۇ تەكرار ئوقۇلىدىغان ھەرپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھېسابقا ئېلىنىدۇ. ئارۇز ئىلمىدە بەزىدە ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن تەشدىدلىك سۆزلەرنى تەشدىدسىز تەلەپپۇز قىلىدىغان ۋە تەشدىدسىز سۆزلەرنى ئەكسىچە سوزۇپ مەلۇم ئۆلچەمگە توشقۇزۇش مەقسىتىدە تەشدىدلىك تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن : شكر ( شەكەر ) سۆزى ئەسلى تەشدىدسىز بولسىمۇ گاھىدا ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن ئۇنى شەككەر شەكلىدە ئۇزارتىپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق ھالەتلەردە تەقتېئدە ھەر ئىككى « ك » ھېسابقا ئېلىنىدۇ.

        14 ) ئارۇز ئىلمىدە بوغۇملارنىڭ مۇۋازىنىتىنى تەڭشەش مەقسىتىدە سۆزلەرنىڭ تەركىبىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشمۇ دائىم ئۇچرايدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن : « ئاغىز » سۆزىنى « ئەغىز » شەكلىدە يېزىش، « سۆزىنى» دېگەننى « سۆزىن » شەكلىدە يېزىش قاتارلىقلار شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. تەقتېئدە بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى شەكلى ئەمەس، بەلكى ئۆزگەرتىلگەن شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ.

        15 ) مىسرالاردىكى بوغۇملاردا ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن پارچىلىنىش يۈز بېرىدىغان، يېپىق ئۇزۇن بوغۇملار ئوچۇق قىسقا بوغۇمغا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ . ئارۇز ئىلمى نۇقتىسىدىن بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. نەۋائىنىڭ تۈۋەندىكى بىر بېيتىدا بوغۇمنىڭ بۆلىنىشىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز :

        ئىشقى مەنى/ زار قىلدى /ئالەم ئەرا /

        ئەيلەدى ئا /ۋارە خەيلى / ئادەم ئەرا /

        مفتىلن / فاىلاتُ / مفتىلن/

        – v v – / v – v / – v v– /

        يۇقىرىدىكى بېيت مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى « ئالەم ئەرا » ۋە « ئادەم ئەرا » سۆزلىرىنىڭ تەركىبىدىكى بوغۇملاردا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، « ئالەم ، ئادەم » سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى « م » تاۋۇشى ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىكى « ئە » تاۋۇشى بىلەن بىر بوغۇم ھاسىل قىلىدۇ. يەنى بۇ سۆزلەر مىسرا تەركىبىدە « ئا – لە – مە – را / – v v – »، « ئا – دە – مە – را / – v v – » تەرزىدە ئوقۇلىدۇ. نەتىجىدە، ئەسلىدە ئۇزۇن بوغۇم بولغان « لەم ، دەم » لەر « لە ، دە » شەكلىدە قىسقا بوغۇمغا ئۆزگىرىدۇ .

        تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدە بىرلىككە كەلگەن ۋە بىر قەدەر ئومۇمىي تۈس ئالغان قائىدىلەر يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەت. شۇنىمۇ ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىملا قائىدىلىرى تولۇق بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ھەم ئارۇز نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس خوسۇسىيەتلىرى تولۇق قىزىلمىغانلىقى سەۋەپلىك، شېئىر مىسرالىرىدا يۇقىرىدىكى قائىدىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمەيدىغان، ئۆلچەش قېيىن بولغان بەزى ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا، يۇقىرىدىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا شەخسىي ماھارەتكە تايىنىشقا، زۆرۈرىيەتكە قاراپ جانلىق بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسا، يېزىق بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق دىيەرلىك. بۇ شېئىرىي سۆزلەرنىڭ تەقتېئسى ئۈچۈن تۇراقلىق قائىدە بېكىتىپ، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تولۇق ئىمكانىيەت بېرىدۇ. بۇ ئىشتا ئەنئەنە بىلەن سۆزلەرنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزىنى، بولۇپمۇ ھەرقايسى سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىتنى تەڭ ئېتىبارغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    توردىكى مەنبە: پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن توى   

    مەنبە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2003 -يىل 2 -سان

    分享到:

    评论

  • بىلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن ئوقۇشقا تېگىشلىك ياخشى نەرسىلەر باكەن. پات - پات كەپ تۇرىمەن
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复پىركان说:
    رەھمەت دائىم تىرىشىمەن.
    2010-11-09 17:24:44