ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار (3) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     ئېركەش قۇرمانبېكىۋانىڭ نەسىرلىرىدە، قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى ... نەسىرلىرىدىكى تەسۋىرلەنگەن ۋە ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرمۇشتىن، تاللىغان تېمىسىدىن، ياراتقان پېرسۇناژلار ئوبرازىدىن، پېرسۇناژلار خاراكتېرىدىن ۋە تەقدىرىدىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى، ھەرىكىتى، خاراكتېرى، تەقدىرى، چىرايى، سۆز ھەرىكىتى، ئىدىيىسى، روھىي ھالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەزكۇر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رەڭدارلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە يەنە ئوخشىمىغان دەۋردىكى قازاقلارنىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرگەن. «ئېرتىش دەرياسىنىڭ ساداسى » ئېركەشنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى. ئېرتىش دەرياسىنىڭ گۈزەللىكى، قەدىمدىن تارتىپ توختىماي ئېقىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ئۇنىڭدىكى خەلق كۈيلىرى، يايلاق كۆرۈنۈشى، يايلاقتىكى ھايۋانلار، تۇلپار، ھەم مىللىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئىنچىكە، كونكرېت تەسۋىرلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق گەۋدىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ۋەقەلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرمايدۇ. بەلكى پېرسۇناژنىڭ ئىچكى ئىزتىراپلىرى ۋە خىياللىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئېركەش قۇرمانبېكىۋانىڭ نەسىرلىرىدە تېما تەكرارلىقى، مىللىي خاسلىقىنىڭ يېتەرسىزلىكى، باشقىلارنى دوراش ئىللەتلىرى يوق. ئۆزى كۆتۈرۈپ چىققان تېمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىش–ئېركەشنىڭ باشقا يازغۇچىلار ئالدىراپ يېتەلمەيدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ئۇ نەسىرلىرىدە توختاۋسىز يېڭىدىن-يېڭى پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاشقا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسىرلىرى قارىماققا ساددا ھەم ئاددىي، بىراق ئاشۇ ساددىلىق ۋە ئاددىيلىقتا پەيلاسوپلارغا خاس چوڭقۇرلۇقى يوشۇرۇنغان. قىسقىسى، ئېركەش قۇرمانبېكىۋانىڭ نەسىرلىرى پەلسەپىۋى پىكىرگە بايلىقى، لېرىك تۈسىنىڭ ئالاھىدە قويۇقلۇقى بىلەن ھەر قايسى مىللەت نەسىرچىلىك ژانېرىنىڭ گۈلتاجىنى تاقاشقا تامامەن ھەقلىق.

        قىرغىز ئەدەبىياتىدا يېڭى دەۋر خەنزۇ ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم قىرغىزىستان يېڭى شېئىرىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىمىلىك تەسىرنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسى بىلەن 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆزىنىڭ ياش ۋەكىللىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇلار ئاساسەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپى بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان ھەم شۇنداق بىر قويۇق ئەدەبىي مۇھىت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ياشلاردىنبولۇپ ، ئۇلار تىل ۋە مىللەت چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە خەنزۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز ئىجادىيەتلىرىگە ئوزۇق توپلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان ئاياللاردىن ت.ئارمانوۋا، ئالىيە سادىق ... قاتارلىقلار بار.

        ت.ئارمانوۋا ئۆزى بىر ئايال شائىر بولغىنىغا قارىماي، شەرقنىڭ ئىسلام قائىدىلىرى ھۆكۈم سۈرگەن مۇھىتتا مۇھەببەت ساداسىنى تەبىئىي ۋە ئوتلۇق كەيپىيات بىلەن جاراڭلىتىپ، ياشلارنىڭ ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا باش پېرسۇناژ بىرلا – مەن. «مەن» نىڭ سۆيگۈدىن تارتقان بارلىق ئىزتىراپلىرى، زارىقىپ كۈتۈش بىلەن ۋىسالغا يېتەلمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك رېئاللىققا ئايلانمايدىغان مۇھەببەت مەنزىلىئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى بولغان. ئۇنىڭ «سۆيگۈ»،«قوش قىز دەۋر»،«قول يەتمەس مۇھەببەت» قاتارلىق شېئىرلىرى مەيلى شەكىل، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇم، ئادەتكە ئايلانغان ئۇسۇللاردىن تامامەن باشقىچە بولۇپ، پۈتۈن شېئىرىي شەكىل ھېسسىياتنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرىلا بولۇپ قالغان.

        قىرغىز ئەدەبىياتىدا نەسىر ئىجادىيىتى بىر قەدەر كېچىكىپ باشلانغان. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىنلا بۇ ساھەدە جانلىنىش پەيدا بولۇپ، ئايرىم ئەدىبلەر مەخسۇس نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىيە سادىقنىڭ نەسىر ئىجادىيىتى بىر قەدەر نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. ئالىمە سادىق ھەم شېئىر يازىدىغان ھەم نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدىب بولۇش سۈپىتى بىلەن پروزا شەكلىنى ئالغان نەسىرى ئەسەرلەرگە شېئىرىي پۇراق بېرىشكە ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، قىسقا، لېكىن لېرىكىلىق ھېسسىياتقا باي. ئۇنىڭ «ئانا قەلبى»،«يوپۇرماق» ناملىق ئەسەرلەرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇنىڭ نەسىرلىرى خېلىلا تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ۋەقەلىكتىن كۆرە ھېسسىي كەيپىيات كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ-دە، شەكىل جەھەتتىن بىر پارچە شېئىرغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ «ئەدەبىيات» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

        تاجىك ئەدەبىياتى دۇنيا پارس ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارس ئەدەبىياتى ناھايىتى قەدىم دەۋرلەردىن بۇيان تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ بىرى. ئۈزلۈكسىز تاكاممۇللىشىپ مېڭىۋاتقان بۈگۈنكى، تاجىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىمۇ كۆپ مىللەتلىك دىيارىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ناماياندىلىرى قاتارىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. ئاتىكەم زەمىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ، 1962-يىلدىن باشلاپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە مۇناسىۋەتلىك گېزىت-ژۇناللاردا نۇرغۇنلىغان شېئىر-داستان، ھېكايە، ئۇسسۇل تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ «مۇزتاغ يۈرىكى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى–«تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ يەنە «تاڭ ئالدىدىكى يايلاق» ناملىق تارىخىي پوۋىستى ئېلان قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

        ئاتىكەم زەمىرى ئەسەرلىرىدە، تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، ھېسسىياتى، پسىخىك ئالاھىدىلىكى، روھىي دۇنياسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى تېمىسىنىڭ يېڭىلىقى، تىلىنىڭ راۋان ئوبرازلىقلىقى، ئاممىبابلىقى، سيۇژىت قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى بىر گەۋدە قىلىپ تەسۋىرلەشتەك ئۇسلۇبى كىتابخانلارنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىدۇ.

        ئۇنىڭ «يايلاقتىكى ناخشا» ناملىق ھېكايىسىدە گۈلپەرى بىلەن ئەزىمەتتىن ئىبارەت بىر جۇپ تاجىك قىز-يىگىتنىڭ پاك مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن بولسا ،«مۇزتاغ يۈرىكى» ناملىق ھېكايىسىدە ئارمان بىلەن سەۋرىناز قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ روھىي قىياپىتى، مۇھەببەت، سۆيگۈ ئىنتىلىشىلىرىنى، قەدىمكى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقلارنىڭ جىرىڭلاشلىرىنى «مۇزتاغ ئاتا ۋە مۇزتاغ پەرىسى» رىۋايىتىگە باغلاپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، تاجىك خەلقىنىڭ سودا ئىشلىرىغا بولغان بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكىگە ماسلاشتۇرغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

        ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاتىكەم زەمىرىنىڭ نادىر شېئىر لىرى ، مىللىي ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ۋە تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ھەم زور. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپە نەتىجىلىرى بىلەن «جۇڭگو پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى قامۇسى»،«دۇنيادىكى جۇڭگولۇق مەشھۇر ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى قامۇسى»،«20-ئەسىردىكى ئىختىساسلىقلار قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن.

    داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us