ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار (1)

    ئاپتور: گۈلشەن بەسىر

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشى بەلگىلىك تارىخىي دەۋر، تارىخىي شارائىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئويغىنىش دەۋرى، تەپەككۇر دەۋرى، رەڭدار ئۇسلۇبلار ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئېڭىنى ئويغاتتى. بۇ خىل ئاڭ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قايتىدىن تونۇشىدا، جەمئىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىشىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار ئەر يازغۇچىلار ئەزەلدىن ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن ئەدەبىيات قوشۇنىغا قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشقا، كىشىلىك ھاياتقا ۋە جەمئىيەتكە بولغان ئىنكاسىنى ئىپادىلىدى. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئازا باراۋەرلىكى بىلەن مۇناسۋەتلىك. گەرچە ئاياللارنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي باراۋەرلىكتىن دېرەك بەرمىسىمۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىققا، ئوچۇق-يورۇقلۇققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز بۇ ماقالىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، موڭغۇل ... قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدىكى ئىزدىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

        ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تەقلىدچىلىك، ئاددىيلىق، ئوخشاشلىقتىن ساقلىنالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات يولىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەمنى بېسىپ ئۆتتى.

        ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەدەبىيات سېپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاقتى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتتى، يەنى بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ نەتىجىلەرنى يارىتىشتا ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر ئەر ئەدىبلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى.

        تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-يىلى ) ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە تالانتلىق شائىر. ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىنى 1959-يىلى ئېلان قىلغان «گۈل تاقايمەن كۆكسۈڭگە»،«شياڭ يۈلى» ناملىق شېئىرلىرى بىلەن باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىر ۋە داستانلارنى يازدى. ئۇنىڭ «جىنەستە»،«بۇلبۇل ناۋاسى»،«گۈلنىھال»،«چىغىر يول» قاتارلىق شېئىر داستانلار توپلىمى نەشر قىلىندى. «سەپەر ناخشىسى» داستانى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ 31 يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «مېھرىگىياھ» ناملىق شېئىرى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېلىپ بېرىلغان «ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا» ئېرىشتى. «توققۇز پارچە سۈرەت» ناملىق داستانى يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

        تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى شېئىرلىرىنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىش، ئاياللار ئوبرازىنى يارىتىش، ئاياللار قەلبىنى – ئۇلارنىڭ خوشلۇقى ۋە غېمى، نازۇك پسىخىك تەۋرىنىشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش – ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مىلودىيىسى بولدى. «بىزنىڭ مەھەللە»،«يىپەك ناخشىسى»،«سەھرا ئىلھاملىرى»،«جىنەستە»،«يەتتە پارچە سۈرەت»،«بوزيەردە»،«مېھرىگىياھ»،«چىنار»،«گىلەمچى ئانىنىڭ خاتىرىلىرىدىن»،«ھايات»،«چىغىر يول» ... قاتارلىق ئاياللارغا بېغىشلانغان شېئىرلىرىدا گۈزەل، ئىشچان يېزا قىزلىرى، ئەمگەكچان، پىداكار يېزا ئاياللىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەرلەردىن قېلىشماي ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار، تېخنىكلار، سەنئەتكارلارنىڭ يارقىن ئوبرازىنى ياراتتى. تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت يارىتىشتىكى «يېرىم دۇنيا» لىق رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مەدھىيىلەش بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى، قەلب گۈزەللىكلىرىنى كۈيلىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ لېرىكىلىقى كۈچلۈك. دەرۋەقە لېرىكاروھنىڭ مۇزىكىسى، تۇرمۇشنىڭ شائىر قەلبىدە ئويغاتقان ۋە قوزغىغان كۈچلۈك ساداسى، شائىر قەلبىنىڭ جاراڭلىق جۇشقۇن ناخشىسى. ئۇ ھەر قانداق بەدىئىي ئەسەرگە، جۈملىدىن شېئرىغا جان كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭغا نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايدۇ، ئۇنى ھاياتلىققا ئىگە قىلىدۇ. تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن شېئىرلىرى دەل مۇشۇنداق لېرىكا قويۇق، ئۇسلۇب روشەن بولغانلىقى ئۈچۈن، شېئىرلىرىنىڭ خېلى كۆپچىلىكىدە مۇئەييەن ئىستېتىك قىممەت ياراتتى. 80-يىللاردىن باشلاپ ئۇ يەنە بالىلار شېئىر ۋە ھېكايىلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بالىلار ھېكايىلىرىدا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ئىنتىلىشلىرىنى، سەبىي گۆدەك قەلبىنى، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى، بالىلارغا خاس ئاددىي، چۈچۈك تىل بىلەن چىن تەسۋىرلىدى. شۇڭا، بالىلار ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇدى ھەم ئۇنى«شائىر ئانىمىز» دەپ پەخىرلەندى. ئۇ بالىلار پروزىچىلىقىدا «بالىلىقىم»،«قارا قۇچقاچ»،«قىزىمنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى» ... قاتارلىق توپلاملارنى ئېلان قىلدى.

        1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە دادىل ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە، پىكىر قىلىشقا جۈرئەتلىك، يېڭىلىقنى ياقلايدىغان شائىرلار، شائىرەلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقىپ ئۇيغۇر شېئىرىيەت يولىنى دۇنيا شېئىرىيىتىگە ئۇلاشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپلەشتى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى بېيىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئالدى بىلەن شائىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىكى نۇقتىلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدە ئىپادىلەندى. شېئىرنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، تەسىراتنى بىۋاسىتە ئىزھار قىلىش بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇ، ھەرگىز بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس. «تەقلىد قىلىپ يېزىش» نىمۇ شېئىرنىڭ ئەڭ ئوبدان شەكلى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىن ھېسسىياتىنى قەدىرلەيدىغان ھېسسىيات تەسەۋۋۇرنىڭ شېئىردىكى ئورنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. دەرۋەقە شېئىر تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا شېئىر سۇبيېكتىپلىققا ئىگە، لېرىكىلىقى كۈچلۈك سەنئەت شەكلىدۇر. شېئىرلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئۆزىگە تۇرمۇشنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ۋاسىتىلىرى خىلمۇ-خىل، لېرىكىلىق تۈسى قويۇق بولغان بەدىئىي زېمىننىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى:

        شېئىرنىڭ نېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەكلىكى مەسىلىسىدە ئۇلار شېئىرنىڭ ئادەمنى يېزىش كېرەكلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئادەمنى مەقسەت ۋە مەركەز قىلدى، ئۆزلۈك ئېڭى كۈچەيدى. ئۇلار يازغان شېئىرلاردا تۇرمۇش بىلەن سەنئەت، تۇيغۇ بىلەن ھېسسىيات زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار شېئىرلارغا ھۇجۇمنى ئالدى بىلەن تىلدىن باشلاپ، شەيئى بىلەن ئادەم، تەبىئەت بىلەن تۇيغۇ، ۋاقىت بىلەن ھېسسىيات بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن، دادىل ئەمما لېرىك، ئەڭ ھېسسىياتلىق تۇيغۇنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتتى. شېئىرىي تىلنى ئىمكانقەدەر ئىنساننىڭ تۇيغۇسىغا، يوشۇرۇن ئېڭىغا ماسلاشتۇردى. ئۇلار يېڭىلىق يارىتىشتا ماتېرىيالنى ئالدى بىلەن خەلقتىن، ئۆز يىلتىزىمىزدىن ئىزدىدى.

        ھەممىمىزگە مەلۇم، شېئىرىي گۈزەللىك مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، گۇڭگا گۈزەللىك دېمەكتۇر. ھەر قانداق نەرسە روشەنلەشكەن ھامان ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، شېئىر ئۆزىدىكى ئوبيېكتىپ مەنىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىشارەت بېرەلىشى، زوقلانغۇچىنىڭ باغلىما تەسەۋۋۇرىنى قوزغىيالىشى كېرەك. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىرلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدا خېلى ۋايىغا يەتكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىرلىرىدا ماكان بىلەن زاماننىڭ تەبىئىي تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى، خىيال بىلەن رېئاللىقنى ئارىلاشتۇرۇپ، گىرەلەشتۈرۈپ يازدى. خىيالى تۇيغۇلىرى، بىۋاسىتە سېزىملىرى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەقلىي ئىش قوشۇلمىغان ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن كۈچىدى. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىنىڭ تاشقى رېتىمىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى رېتىمىغىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەردى. يەنى ئۆزىنىڭ ھېسسىيات، كەيپىيات رېتىمىغا، يۈرەك رېتىمىغا ئاساسلاندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىچكى بوشلۇق ناھايىتى كۆپ، بۇ خىل بوشلۇق بەزىدە بۆلەك بىلەن بۆلەك ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىسا، بەزىدە شېئىرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بۇ خىل بوشلۇق قالدۇرۇش ھەرگىزمۇ شېئىرنى قەستەن گۇڭگالاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى كىتابخان تەسەۋۋۇرىغا كەڭ زېمىن ھازىرلاپ، ئۇلارغا قايتا ئىجادىي خاراكتېرلىك زوقلىنىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا خىيال، چۈش، رېئاللىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شېئىرىي مۇھىت يارىتىلغان. ئۇ يەنە خىيالىي تۇيغۇلىرىنى، ئېزىققان سەزگۈلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئارقىلىق ئەپسانىۋىي شېئىرىي مۇھىت يارىتىشقا ماھىر. ئۇ شېئىرلىرىنى ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ توقۇنىشىدا تۇرۇپ يازىدۇ. بىز دائىم «تىل شېئىرنىڭ بىر قانىتى» دەيمىز. بىراق چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىرلىرىدا تىل، ئۇنىڭ شېئىرىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەسەبىيلىك، ئىسيانكارلىق، غۇۋالىق بىلەن تولغان تىل – ئەسەبىي مەزمۇنلارنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ خەنزۇچە «سالغا تېشى» نامى بىلەن، ئۇيغۇرچە «قەشقەردىكى يەر شارى» نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «بەش بىلەن يەتتىنىڭ ئارىلىقى» ناملىق شېئىرى دەل يۇقىرىقى مۇلاھىزىنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى قويۇق ئىسلام تۈسى ئالغان شەھەر تۇرمۇشىدىكى بىر ئايال شائىرەنىڭ ئەنئەنە، يېڭى تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆزگە بىر كۆرۈنۈپ ئۆچۈپ كەتكەن نازۇك تۇيغۇلىرى، مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە ئەرلەرنىڭ ئىپتىدائىي خاراكتېرى، تۇل ئاياللارنىڭ كۈندەشلىكى، يىگانە تۇرمۇش، يالغۇزلۇق، ئىنسانلارنىڭ پسىخىك ھالەتلىرى، قايناق ھايات، كۈچلۈك ھېسسىيات، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە قايتىش، ئاياللىقىنى ئىپادىلەش، كرىزىس ئېڭى، جىنسىي تەلپۈنۈش، ئۆتكەن ياشلىق ھايات، ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقى، ھەر قانداق ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنىڭ ئادەملەر ئۈچۈنلا(بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن-ت) مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كىنايە قىلىش، قايغۇ بىلەن خوشاللىق ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى سېلىشتۇرغاندا – ئىنساندىكى خوشاللىقنىڭ ئىنتايىن قىسلىقى، ھاياتتىكى ئىنتىلىش بىلەن ئېرىشىش، قوشۇلۇش بىلەن ئايرىلىش (ۋىسالغا يېتىش بىلەن يېتەلمەسلىك) نىڭ شائىرە قەلبىدىكى توقۇنۇشى بايان قىلىنغان.

    داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us