ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    غەزەل ۋە «غەزەلىيات» - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    غەزەل ۋە «غەزەلىيات»

    ئاپتور: ئەنۋەر ئابدۇرېھىم

    ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، غەزەل شەكلىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدە زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە جەلپكارلىقىنى جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

        كىلاسسىك شائىرلىرىمىز تىل گۈزەللىكىدە كۆركەملەشتۈرۈلگەن، مېغىزلىق، ئاھاڭدار، قايناق ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان لىرىك غەزەللىرىدىن خاس دىۋانلارنى تۈزۈپ ‹‹غەزەلىيات›› دەپ ئاتىغان. بۇنداق غەزەللەرنى بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىمىزدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ياخشى››، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹‹غەزەپ ۋە زار››، تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ ‹‹ۋەتەن ھەققىدە غەزەل››، مۇھەممەد رەھىمنىڭ ‹‹تىللىسا››، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ‹‹قەشقەردە كەچ›› قاتارلىق غەزەللىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى خەزىنىسىگە مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بايلىق سۈپىتىدە قېتىلغان.

        يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى شائىر ھوشۇر ئىبراھىمنىڭ ‹‹غەزەلىيات›› ناملىق غەزەللەر توپلىمىنى نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان بۇ ئېسىل شېئىر شەكلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

        ھوشۇر ئىبراھىم شېئىرىيەت سېپىگە مۇندىن 60 يىل بۇرۇن كىرگەن شائىر. ئۇنىڭ ‹‹ئايدىڭ كېچە›› قاتارلىق شېئىرلىرى 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىلا يېزىلغان. قايناق ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان ياش تالانتىدىن بېشارەت بەرگەن. شېئىرىيەتنىڭ تالاي ئىسسىق – سوغۇقىغا ئۇچرىغان شائىرنىڭ ‹‹چېلىش تەنتەنىسى››، ‹‹باھار ئىشقى››، ‹‹تارىم ئۈنچىلىرى››، ‹‹تۇپراق قەسىدىسى›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بىر ئۆمۈر ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى باغچىسىدا بىر ئۆمۈر قان – تەر ئاققۇزغان بۇ پېشقەدەم شائىرىمىز ھاياتىنىڭ 74 تاغ – داۋىنىدىن ئاشقان چېغىدا خەلقىمىزگە ئەڭ خىل غەزەللىرى كىرگۈزۈلگەن ‹‹غەزەلىيات›› ناملىق توپلىمىنى تەقدىم قىلىپ، ھېلىھەم يېلىنجاۋاتقان تالانتىنى ئىپادىلىدى.

        شائىرنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن غەزەللىرىدىكى چىن ھەم قايناق ھېسسىيات، كەڭ ھەم رەڭدار تېماتىك مەزمۇن، گۈزەل ھەم ئاھاڭدار تىل ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ. ‹‹غەزەلىيات››تىكى غەزەللەرنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ، سۆيگۈ – مۇھەببەت تېمىسى بۇ توپلامنى خۇددى پاتماس قۇياشنىڭ خىسلەتلىك نۇرىدەك يورىتىپ تۇرىدۇ. شائىرنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسى يالقۇنلاپ تۇرىدىغان غەزەللىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ:

        ‹‹مىسالى كۆكتىكى ئاينى

        ئۈزۈپ ئۆگزەڭگە قوندۇرسام،

        سېنىڭ ئالدىڭدا شۇ ئاينىڭ

        نۇرىنى چورتلا سۇندۇرسام.

        لېۋىڭ جامىغا مەي لىقلاپ

        بېرەمسەن دىلغا ئۇسسۇلۇق،

        ۋىسال ئىشقىڭدا كۆيگەن ئوت

        بولۇپ كۈننى چوقۇندۇرسام.

        خىيالىم تۈگمىنى كۈنتۈن

        سېنىڭ مەلەڭدە ئايلاندى،

        قەلب ھۇجرامغا نۇر بەرگۈچ

        ئىشق شامىڭنى ياندۇرسام.

        ۋاپاسىز بولمىساڭ جانان،

        بېشىمغا تاج بولۇپ قونغىن،

        ئۆلەيكى، قۇت ئاتا قىلماي،

        ۋاپادا قىلچە چاندۇرسام.››

        شائىر بۇ غەزىلىدە ئىجادىي تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق كەڭ، گۈزەل شېئىرىي دۇنيا يارىتىپ، مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز كۈچى بىلەن ۋاپادارلىقنىڭ قىممىتىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. مۇھەببەت لىرىك قەھرىماننى كۆكتىكى ئاينى ئۈزۈپ يارنىڭ ئۆگزىسىگە قوندۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ غەزەلنىڭ تومۇر – تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان بۇ قايناق قان شائىرنىڭ ئىجادىي تەسەۋۋۇرى ئويناق، رىتىمدار شېئىرىي تىل ئارقىلىق تېخىمۇ مەۋج ئۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك بىر كۈي ھاسىل قىلغان.

        ‹‹كۆزۈمنى مەن ئويۇپ تاشلاي،

        سىلەرگە تەگمىسۇن، قىزلار،

        تىلىم كۆيسۈن، خۇسۇمەتلەر

        سىلەرگە يەتمىسۇن، قىزلار.

        كۆزۈڭلار چاقنىغان چولپان،

        قېشىڭلار ئايغا ئەندىزدۇر،

        لېۋىڭلار غۇنچىدەك يۇمران،

        توزانلار قونمىسۇن، قىزلار.

        چېچىڭلار ئەۋرىشىم تالدەك،

        بېشىڭلاردا چىمەن دوپپا،

        بويۇڭلار تىك چىنار يەڭلىغ،

        شاماللار ئەگمىسۇن، قىزلار.

        قېلىشمايدۇ ئۇزۇن كۆڭلەك

        گويا شاھلار لىباسىدىن،

        گۈلى چاقنايدۇ يۇلتۇزدەك

        تۇمانلار توسمىسۇن، قىزلار.

        چىمەنلەر يەلپۈنەر نازۇك

        سەھەر، ئاخشام يېنىك يەلدىن،

        قەدەملەر شۇ كەبى لەرزان،

        قۇيۇنلار بۇزمىسۇن، قىزلار.

        چىرايدا ھۆرپەرىلەردىن

        گۈزەل ھەم ئاي خىجىل ھەتتا،

        ئەقىل، زېھنى ئەزىم دەريا،

        بىھۇدە ئاقمىسۇن، قىزلار.

        چېلىشتا، ئىشتا، ئەمگەكتە،

        بىلىمدە كۆككە ئۆرلەڭلار،

        

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى