ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئايال يازغۇچىلار (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

      بۇ يەردە شۇنى دەپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، ياش ئايال شائىرەلەر ئىچىدىن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا زىلزىلە قوزغىغان شېئىرلار توپلىمىغا شېئىرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيەت سېپىدە ئۆزىگە خاس مۇئەييەن ئورنىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. داڭلىق خەنزۇ ئەدىب جۇ تاۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمىغا يازغان كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: « ... ھالبۇكى، بىز ئوخشاش زېمىندا، ئوخشاش بىر شەھەردە بىللە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ بۇنچىۋالا نۇرغۇن تالانتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قاپتۇق ... بۇ توپلامدىكى شۇنچە كۆپ سەرخىل ئەسەرلەرنى كونكرېت ئانالىز قىلىپ بەھىر ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق قىسقىغىنا سۆزۈمنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمىسىمۇ، بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇم. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ شېئىرلارنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يېڭى شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ... » دەپ باھا بەرگەن. ئېنىقكى، جۇ تاۋ ئەپەندىنىڭ بۇ توپلامغا بولغان قارىشى توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەردار ياش شائىرلىرىغا جۈملىدىن چىمەنگۈل ئاۋۇت ... قاتارلىق شائىرەلەرگە بېرىلگەن ئىلمىي ۋە ئادىل باھا دەپ قارايمىز.

        خۇددى ئىلىم-پەننىڭ 20-ئەسىردىكى تەرەققىياتى تارىختىكى پۈتكۈل تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەندەك، ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى 20 يىللىق تەرەققىياتى پۈتۈن بىر ئەسىرلىك تەرەققىياتىنى نەچچە قاتلاپ تاشلىدى. ھالبۇكى، ئەسىر ئاخىرىدىكى 20 يىل ئىچىدە ئەدەبىياتنىڭ ھەممىلا ژانىرلىرىدا دېگۈدەك ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش بولدى.

        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يازغۇچىلار قوشۇنى كۈنسايىن زورايغان، ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ئەسەرلىرى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئايال يازغۇچىلار ناھايىتى ئاز. خالىدە ئىسرائىل دەل مۇشۇ تىپتىكى ساناقلىقلا يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە ئايال يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر تۇرمۇش ماھىيىتىنىڭ يوشۇرۇن بوشلۇقلىرىنى كۆزەتتى ۋە ئۆزىدە تولۇپ تاشقان بەدىئىي دىت جۇغلىدى. ئۇ 1985-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر يۈرۈش ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى.

        ئۇ تۇنجى ھېكايىسى «ئېھ ھايات» تىن باشلاپ ھازىرغىچە«ئانا»،«ئويغىنىش»،«ئەڭ گۈزەل خاتىرە»،«يىلتىز»،«ھاڭگىرت كۆلى»،«قۇملۇقنىڭ چۈشى»،«ئۇ كۆزلەر»،«رەڭدار قويۇن»،«باھاردا ياققان قار»،«ئوربىتا»،«مەختۇمسۇلا» قاتارلىق ساناقلىقلا ئەسەرلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تەسىرى زور يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم ھېكايە پوۋستلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. مۇھىم ئەسەرلىرى «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

        «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋستى ئۇنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئەسەر. پوۋستتىكى زىددىيەت توقۇنۇشلارنىڭ ئۆتكۈرلىكى، پېرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تراگېدىيە تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى مەزكۇر پوۋستنىڭ ئىستېتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. پوۋستتا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا ئەنئەنىۋىي قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ رامكىغا چۈشمەيدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، تىنچسىز كۆپ قىرلىق ھالەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھەمدە ۋۇجۇدى ئويغاق، تومۇرلىرىدا ئىسسىق قانلار ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھەقىقىي ئادەم ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى يۈكسەك بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ «ئوربىتا» ۋە «ھاڭگىرت كۆلى» ناملىق پوۋىست، ھېكايىلىرى 90-يىللاردىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىنىڭ سەر خىلى دېيىشكە بولىدۇ. «ئوربىتا» ناملىق پوۋىستتا، بۈگۈنكى دەۋر بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پاجىئەسى ئەڭ چىن، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئوبرازلىق، ئەڭ تەسىرلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن نادىر ئەسەر.

        «ھاڭگىرت كۆلى» خالىدە ئىسرائىلنىڭ يەنە بىر ياخشى يېزىلغان ئەسىرى. يازغۇچى ھېكايىدە باش قەھرىمان زۆھرەنىڭ مۇھەببەت، ئەخلاق، ئائىلە، جەمئىيەت ئالدىدىكى تېڭىرقىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتەك ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادىلىدى.

        دېمەك، خالىدە ئىسرائىل خۇددى ئازات سۇلتان ئەپەندى ئېيتقاندەك: «ھەقىقىي ئادەملىك ھېس تۇيغۇغا، مۇرەككەپ، قېلىپسىز ھەم زىددىيەتلىك ماھىيەتكە ئىگە پېرسۇناژلىرى، رىۋايەتتەك ساددا ھەم گۈزەل ئۇسلۇبى، دەبدەبىسىز، ئەمما، ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ پىنھان، ئەڭ نازۇك روھىي تۈگۈنلىرىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان، چۈچۈك تىلى بىلەن كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالايدىغان، قىسقىسى، خەلق خالايدىغان ئەسەرلىرى بىلەن خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلالايدىغان مول ھوسۇللۇق يازغۇچى».

        90-يىللاردىكى ئايال پروزا يازغۇچىلىرى ئىچىدە، خالىدە ئىسرائىلدەك كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان، دادىل ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب يارىتىۋاتقان يەنە بىر تىرىشچان يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپتۇر. ئۇ، 1990-يىللاردىن باشلاپ «پات ئارىدا»،«جىگدە چېچىكى»،«شەبنەم»،«قامغاقنىڭ چۈشى»،«شاماللار كۈيى»،«سىرلىق ئالما»،«ئېزىتقۇ»،«ئۇپۇق جىلۋىسى»،«سەۋرىخان» ... قاتارلىق ھېكايە-پوۋىستلىرى بىلەن كىتابخانلارنى رازى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئايال يازغۇچىلارغا بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئۇ، ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان يېزا-قىشلاقلاردىكى قىز-ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسىنى، مەنىۋى تراگېدىيىسىنى تراگېدىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەسۋىرلەپ، ئەسەرلىرىگە قويۇق تراگېدىيىلىك تۈس بەردى. ئۇ، ئەسەرلىرىدە مەنىۋىيىتىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى، نوقۇل قىز ئاياللارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە ماجراسى ئىچىدىن ئەمەس، ياشاش شارائىتىمىز، مەدەنىيەت سەۋىيىمىز، تۇرمۇشقا بولغان قارىشىمىز، شۇنداقلا مىللىي پسىخىكىمىزدىن ئىزدىدى.ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ، قىسمەن پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان، تا ھازىرغىچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان قالاقلىق، خۇراپى كۆز قاراش ۋە ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرگە قورقماي ئوت ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، ئۇنىڭ «سەۋرىخان»،«قامغاقنىڭ چۈشى»،«ئېزىتقۇ» ناملىق ئەسەرلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەبىئەت بىلەن ئادەمنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەت روھىدىن ئادەم روھىنى، ئادەم روھىدىن تەبىئەت روھىنى ئىزدەپ، بۇ ئىككىسىنى ئۆزئارا بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ چىقىش ئالاھىدىلىكى «شەبنەم» ناملىق ھېكايىدە ئەڭ ياخشى گەۋدىلەنگەن. ئۇنىڭ «سىرلىق ئالما» ناملىق ھېكايىسى بىر خىل يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى سىرلىق، پىنھان، نازۇك ھېس تۇيغۇلار خېلى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر قېزىلغان. ھېكايە كۆپ قاتلاملىق مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ھەم قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇھەببەت ھەم ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان، قان-قېرىنداشلىق ئوتلۇق پاك مۇھەببەت ئىنتايىن يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يازغۇچى تۇرمۇشنى يېڭىچە بىر خىل كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھېكايىگە ئاجايىپ بىر خىل ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان. رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ «ئېزىتقۇ» ناملىق ھېكايىسى 90-يىللاردىكى كىتابخانلارنىڭ ئىستېتىك ئۆلچىمى، زوقلىنىش ئادىتى، قىزىقىشى ۋە ھەۋەسلىرىگە يېقىندىن ماسلىشالايدىغان ھېكايە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدا، ئاڭ فورماتسىيىسىدە، تۇرمۇش ئېتىقادىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان چۈشكۈنلۈك، زەئىپلىك، بىچارىلىككە ئوخشاش تۈرلۈك ئىللەتلەر ئۆتكۈر كىنايە ۋە ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئېلىنغان. يازغۇچى ھېكايىدە خەلق ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە، رىۋايەت سيۇژىتىغا مۇراجىئەت قىلىپ ۋە ئۇنى يېڭى نۇقتا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللىتىمىز روھىيىتىدىكى ساددىلىق، نادانلىق ۋە ئەقىلدىن بارغانچە يىراقلاشتەك ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەنىۋىيىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى يۈرەكلىك ھالدا سۆكتى ۋە خەلقنى پاجىئەلىك روھىي قۇلچىلىق قىسمىتىدىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

        قازاق ئايال يازغۇچى ئېركەش قۇرمانبېكنىڭ ( 1962-يىلى ) نەسىرچىلىك ساھەسىدىكى يېقىنقى يىللاردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ئەۋزەللىكى ھەم تىنماي ئىزدىنىپ، ئۆگىنىدىغان روھى بىلەن يۈرەكنى تىترىتىدىغان نادىر ئەسەرلىرى بىلەن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان تالانتلىق ئايال يازغۇچى. 1984-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ھەم شىنجاڭدىكى «مىللىي يازغۇچىلار» ژۇرنىلىدا ئىشلەپ، مۇئاۋىن تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات سېپىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ژۇرناللاردا ھېكايە ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ نەسىرلىرى ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە نەسىرى. «ئېرتىش دەرياسىنىڭ ساداسى»بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ نەسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

        ئۇنىڭ يەنە «تېرىۋېلىنغان ھېكايە »ناملىق تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئىلغار ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا، مەملىكەتلىك 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېركەش قۇرمابېكىۋا قازاقلارنىڭ خېلى كۆپ نادىر پوۋىست، ھېكايىلىرىنى ۋە كىنو تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ھەر مىللەت كىتابخانلارنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىندىن ماسلاشقان.

     

    داۋامى بار

     


    收藏到:Del.icio.us