ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (3) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

     تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (3)

        5 ) مەددە ھەرپلىرى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كەلگەندە، پارس تىللىق شېئىرىيەت تەقتېئسىدە بۇنداق بوغۇملار مىسرا ئوتتۇرىسىدا بىر يېرىم بوغۇم ( بىر ئۇزۇن ۋە بىر قىسقا / – v ) دەپ قارىلىدۇ. مىسرا ئاخىرىدا بولسا، بۇنداق بوغۇملار بىر تولۇق بوغۇم ھېسابلىنىپ، مەد بەلگىسى ( ~ ) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىدە بۇنداق بوغۇملار مەيلى مىسرا ئارىلىقى ياكى ئاخىرىدا بولسۇن كۆپىنچە ھاللاردا بىرلا ئۇزۇن بوغۇم سانىلىدۇ. بۇ نۇقتىغا نەۋائىنىڭ « مىزانۇل ئەۋزان » دىكى مۇنۇ بېيتى مىسال بولالايدۇ:

        ئونۇتماغىل/كى تا ھەجر ئېت /دى بىداد /

        مەنى بىر نا / مە بىرلە oقىل / مەدىنگ ياد /

        مفاىيلن / مفاىيلن / مفاىيل /

        v – – – / v – – – / v – – – /

        يۇقىرىدىكى بېيىتتا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىسرا ئارىلىقىدا كەلگەن « نۇت، غىل، قىل، دىنگ » گە ئوخشاش بوغۇملارمۇ ۋە مىسرا ئاخىرىدا كەلگەن « داد، ياد » غا ئوخشاش بوغۇملارمۇ ئوخشاشلا بىردىن ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلانغان. تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە بەزىدە يۇقىرىدىكىدەك بوغۇملارنى مىسرا ئاخىرىدا خۇددى پارس تىللىق شېئىرىيەتتىكىدەك بىر تولۇق بوغۇم ھېسابلايدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. نەۋائىنىڭ « مىزانۇل ئەۋزان » دىكى يەنە بىر بېيىتنىڭ تەقتېئسىدە يۇقىرىدىكى بوغۇملارنىڭ تەقتېئسىگە ئوخشىمايدىغان ئەھۋالىنى كۆرىمىز :

        غەمىنگ مەنى/ قىلدى زار/

        يوزۈنگ مەنگە / بولدى يار p/

        مفاىلن / فاىلان /

        v – v – / – v ~ /

        مەلۇم بولغىنىدەك، بىرىنچى مىسالدىكى « داد ، ياد » بوغۇملىرى مىسرا ئاخىرىدا بىر ئۇزۇن بوغۇم يەنى «ىيل / –»گە تەڭ دەپ قارالغان بولسا، ئىككىنچى مىسالدا مىسرا ئاخىرىدا كەلگەن يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش تۈزۈلۈشتىكى « زار ، يار » بوغۇملىرى بىر تولۇق بوغۇم، يەنى « لان / ~ » گە تەڭ دەپ قارالغان. ئەمەلىيەتتە ئارۇز ئىلمىدە مىسرا ئاخىرىدىكى مەد بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تولۇق بوغۇم مىسرا ئارىلىقىدا بىر يېرىم بوغۇمغا تەڭ بولىدۇ. يۇقىرىدىكى مىساللاردىن تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئ قائىدىلىرىدە مەددە ھەرپلىرى بىلەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن ھاسىل بولىدىغان بوغۇملارنى بەزىدە بىر ئۇزۇن بوغۇم ( – ) ۋە بەزىدە خۇددى پارس تىللىق شېئىرىيەتتىكىگە ئوخشاشلا بىر يېرىم بوغۇم ( – v ) دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئا ، ئۇ ، ئۈ ، ئى » تاۋۇشلىرى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كەلگەن بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى تەقتېئدە يۇقىرىدىكى تەجرىبىگە ئاساسەن بەزىدە بىر ئۇزۇن بوغۇم ۋە بەزىدە بىر ئۇزۇن ۋە بىر قىسقا بوغۇم دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

        6 ) سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ھەرىكەلەر ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدىغان شەكىللەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق بوغۇملار بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن كېيىن بىر سوزۇق تاۋۇش ۋە سوزۇق تاۋۇشتىن كېيىن يەنە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئورۇنلاشقان تۈزۈلۈشتە، يەنى babb شەكلىدە بولىدۇ. بۇ خىل تۈزۈلۈشتىكى بوغۇملار قەدىمكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سۆزلىرىدە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ. ئەمما، چاغاتاي دەۋرىدە ئەرەب، پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە بۇنداق بوغۇم شەكىللىرى ناھايىتى ئومۇملاشقان. پارس تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىدە بۇنداق بوغۇملارنىڭ بوغۇم ئاخىرىدىكى بىر ئۈزۈك تاۋۇشى ئايرىم بىر ھەرىكە دەپ قارىلىپ، بىر يېرىم بوغۇم ( بىر ئۇزۇن ۋە بىر قىسقا ) ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىدە بەزىدە بۇنداق بوغۇملارنى بىرلا ئۇزۇن بوغۇم ۋە بەزىدە پارس تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىگە ئوخشاش بىر يېرىم بوغۇم ھېسابلايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەسىلەن : « مىزانۇل ئەۋزان » دىكى مۇنۇ شېئىرنىڭ تەقتېئسىگە قاراپ باقايلى:

        ئەي ھۆسنى/ جەھان ئىچرە/ بەلا سالغان/

        قەتل ئېتگە/لى خەلق qئۆزرە/سەلا سالغان /

        مفىولُ / مفاىيلُ / مفاىيلن/

        – – v / v – – v / v – – – /

        يۇقىرىدىكى مىسالنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى « قەتل » ۋە « خەلق » سۆزلىرى بىرلا ئۇزۇن بوغۇم ( – ) ھېسابلانغان. تۆۋەندىكى مىسالدا بولسا ئەھۋال باشقىچە :

        جەفا قىلۇر/ جەۋر قىلۇر/ ئۇل مەھۋەش/

        ۋەفا قىلاي / سەبر قىلاي r/مېن ھەم خوش/

        مفاىيلن / مفتىلن / مفىولن /

        v – – – / – v v – / – – – /

        كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۇقىرىدىكى بېيىتنىڭ تەقتېئسىدە « جەۋر » ۋە « سەبر » سۆزلىرى بىر يېرىم بوغۇم ( – v ) ھېسابلانغان. بۇنىڭدىن مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە بىر ھەرىكە ۋە ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇملارنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرى تۇراقلىق ئەمەس. بۇنداق بوغۇملارنىڭ تەقتېئسىدە گاھىدا پارس تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرى رىئايە قىلىنىپ، ئۇلار بىر يېرىم بوغۇم ھېسابلانسا، بەزىدە رىئايە قىلىنماي، بىرلا ئۇزۇن بوغۇم دەپ قارالغان. شېئىرىيەتتە ئەگەر بۇنداق بوغۇملارغا ئەنئەنە نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدىمۇ يۇقىرىدىكىدەك تۈزۈلۈشتىكى بوغۇملارنى ۋەزىن ئېھتىياجىغا قاراپ بىر ئۇزۇن بوغۇم ياكى بىر ئۇزۇن ۋە بىر قىسقا بوغۇم ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، يۇقىرىدىكىدەك تۈزۈلۈشتىكى بوغۇملار ئەسلى تۈركىي تىللىرىغا خاس بولمىغاچقا، ئۇلارنى تەلەپپۇز قىلىش قىيىن تۇيۇلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرىدىكىدەك بوغۇملاردا ئىككى خىل ئەھۋال ئۇچرايدۇ ؛ بىرى ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. مەسىلەن : « مەست » سۆزى « مەس » ، « پەست » سۆزى « پەس » ، « خەند » سۆزى « خەن » تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . يەنە بىرى، تەركىبىگە بەزىدە يەنە بىر سوزۇق تاۋۇش قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىككى بوغۇمغا ئايرىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن : « خەلق » بەزىدە « خەلىق » ، « بەخت » كۆپىنچە « بەخىت »، « بەرق » بەزىدە « بەرىق »، « قەتل » بەزىدە « قەتىل » دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ھەتتا، بۇ سۆزلەر بەزى ھاللاردا يۇقىرىدىكىدەك تەلەپپۇز بويىچە يېزىلىدۇ. بۇنداق سۆزلەر ئەگەر مىسرا تەركىبىدە ئۇچرىسا، تەقتېئدە ئۇلارنى ھەرگىز بىرلا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلاشقا بولمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىي تۈزۈلۈشى ھەم تەلەپپۇزىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

        7 ) بىر مەددە ھەرپى ۋە ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇملارمۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە خېلىلا كۆپ ئۇچرايدىغان بوغۇم شەكلىدۇر. بۇنداق بوغۇملار تۈركىي تىللىرىدا پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. مەسىلەن : « راست » ، « دۇست »، « كارد »، « گىرد » ( گىرداب ) دېگەندەك. بۇنداق بوغۇملار ئەرەب شېئىرىيىتىدە ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئائىت ھېچقانداق قائىدە بەلگىلەنمىگەن. پارس تىللىق شېئىرىيەتتە بۇنداق بوغۇملار بىر ئۇزۇن ۋە ئىككى قىسقا بوغۇمغا تەڭ دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق تۈزۈلۈشتىكى بوغۇملارنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش تەقتېئدە ئايرىم ھالدا ھەرىكە ھېسابلىنىدۇ. زەھىرىددىن بابۇرمۇ يۇقىرىدىكىدەك تەركىبتىكى بوغۇملارنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئ قائىدىسىنى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا شەرھلەپ: « ئەگەر ئۈچ ساكىن جەمئ بولسا، بىرى تەقتېئدە بولۇپ، بىرى مۇتەھەررىككە مەھسۇب بولۇر. نېچۇككىم، ‹ راست رۇ › كىم فاىلن ( – v – ) ۋەزنىدەدۇر. ئەۋۋەلېكىم، ھەر ئىككى ساكىن مۇتەھەررىككە مەھسۇب بولۇر نېچۇككىم، ‹ راست رۇ › كىم sمفتىلن ( – v v – ) ۋەزنىدە بولغاي، تۈركىيدە بۇ نەۋ ئۈچ ساكىن ئىجتىمائى بولماس » دەيدۇ. بۇ سۆزدىن مەلۇمكى، كلاسسىك شېئىرىيەتتە يۇقىرىدىكىدەك تۈزۈلۈشتىكى بوغۇملارنىڭ پارس تىللىق شېئىرىيەت بىلەن تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئ قائىدىلىرى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. پارس تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدە بۇنداق بوغۇملار بىر ئۇزۇن ۋە ئىككى قىسقا بوغۇم ( – v v ) غا تەڭ دەپ قارالسا، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئسىدە بىر ئۇزۇن ۋە بىر قىسقا بوغۇم ( – v ) غا تەڭ دەپ قارالغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىدىمۇ « ئا، ئۇ ، ئۈ ، ئى » تاۋۇشلىرى بىلەن ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇم شەكىللىرى خېلىلا كۆپ. بۇنداق بوغۇم شەكلى يەنىلا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا پارس تىلىدىن ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يۇقىرىدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەقتېئسىدە بۇنداق بوغۇمل

    分享到: