ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (2) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

         1 ) قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىلىدا ھەرىكەلەر ( –َ ، –ُ ، –ِ ) يالغۇز ياكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن « دَ ، دُ ، دِِ » شەكلىدە بىر بوغۇم تەشكىل قىلغاندا، بۇنداق بوغۇملار يېپىق شەكلىدە قىسقا، ئوچۇق شەكلىدە بەزىدە قىسقا،بەزىدە ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلانغان. بۇ تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئە ، ئو ، ئې ، ئۆ » تاۋۇشلىرى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ يېپىق بوغۇم شەكلىنى قىسقا ۋە ئوچۇق بوغۇم شەكلىنى ئەھۋالغا قاراپ بەزىدە قىسقا ۋە بەزىدە ئۇزۇن بوغۇم دەپ قاراشقا بولىدۇ. كلاسسىك شېئىرلارنى ھازىرقى يېزىققا ئايلاندۇرغاندىمۇ بۇنداق قانۇنىيەتكە ئىلاج بار رىئايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇندىلا ، شېئىرلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزنىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن : نەۋائىنىڭ تۆۋەندىكى بىر بېيتىنىڭ تەقتېئسىدە بۇ خىلدىكى بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە ئايرىلغان:

        يەنە سەن/ سىزىن مۇ / نىسىم غەم / بولۇپتۇر /

        كۆزۈمگە / يۈرەك قا / نى mھەمدەم / بولۇپتۇر /

        فىولن / فىولن / فىولن / فىولن /

        v – – / v – – / v – – / v – – /

        يۇقىرىدىكى بېيىتتا ئاستىغا سىزىق سىزىلغان بوغۇملار بىر ھەرىكە ۋە بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەممىسى ئوچۇق بوغۇملار ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى مىسرانىڭ بېشىدىكى « يەنە » سۆزى ئوخشاش شەكىلدىكى ئىككى بوغۇمدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، لېكىن تەقتېئدە ئالدىنقى بوغۇمى قىسقا ۋە كېيىنكى بوغۇمى ئۇزۇن، يەنى « فىو/ v – » گە تەڭ دەپ قارالغان . بىرىنچى مىسرادىكى « سىز » سۆزى « سىزىن شەكلىدە ئۇزارتىلىپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئەسلىدە بىرىنچى بوغۇمنىڭ بوغۇم ئاخىرى بولغان « ز » ھەرپى كېيىنكى بوغۇمنىڭ بوغۇم بېشى قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن « سىز » سۆزى « سى » شەكلىدە ئوچۇق بوغۇم ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، قىسقا بوغۇم ھېسابلانغان. ئىككىنچى مىسرادىكى « كۆ » ۋە « گە » بوغۇملىرىمۇ ئوخشاشلا بىر ئۈزۈك تاۋۇش ۋە بىر ھەرىكەدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، ھەر ئىككىسى ئوچۇق بوغۇم شەكلىدە بولغاچقا، ئالدىنقىسى قىسقا، كېيىنكىسى ئۇزۇن بوغۇم سانالغان. بۇنىڭدىن بىر ھەرىكە ۋە بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇملارغا تەقتېئدە ئوچۇق ۋە يېپىق ھالىتىدە ئوخشىمىغان ئۆلچەمدە موئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىملاسىدا بەزىدە مەددە ھەرپلىرىمۇ ھەرىكەلەر ئورنىدا قوللىنىلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى يۇقىرىدىكى قائىدىگە سالغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن : « ژتا » سۆزى « اتا » شەكلىدە، « ژنا » سۆزى « انا » شەكلىدە، « ژنداق » سۆزى « انداق » شەكلىدە يېزىلغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇنداق بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئايرىغاندا، سۆز تەركىبىدىكى ھەرىكەلەرنىڭ مەددە ھەرپلىرىنىڭ رولىنى ئوينايدىغانلىقى ياكى ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن قىسقارتىلىپ، ھەرىكە شەكلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن ھەرىكەلىك رولىغا ئىگە بولسا ، تەقتېئدىمۇ ھەرىكەلەرنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرى بويىچە يېپىق شەكلىنى قىسقا، ئوچۇق شەكلىنى ئەھۋالغا قاراپ بەزىدە قىسقا ، بەزىدە ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئوچۇق بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ئادەتتە ئىككىنچى مىسرادىكى شۇ بوغۇم بىلەن پاراللېل ئورۇندا تۇرغان بوغۇمنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا ياكى رۇكننىڭ بوغۇملار ئۆلچىمىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ .

        2 ) تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىملاسىدا ، بولۇپمۇ بوغۇم ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا، يۇقىرىدىكى قائىدىگە ئوخشىمىغان ھالدا مەددە ھەرپلىرىمۇ بەزىدە ھەرىكەنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى ئومۇملاشقان. بۇ نۇقتىنى نەۋائىمۇ تەكىتلەپ: « يەنە تۈركچە ئەلفازدۇركىم ، ئەندە « ئەلىف » ۋە « ۋاۋ » ۋە « يا » فەتھە، ۋە زەممە ۋە كەسرە ھەرەكەتى ئورنىغە بىتىلۇركى، بۇ ھىچ مەھەلدە ھەرف ھېسابىغە كىرمەس، بەلكى ھەرەكە ئورنىغەدۇرۇر، مەگەر بەزى يېردەكىم، بەيتنىڭ ئاخىرىدە تۇشگەن ۋە ئەنى زەرۇرەتدىن قافىيە قىلمىش  دەپ يازىدۇ. بۇ سۆزدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەددە ھەرپلىرى ھەرىكەلەرnبولغەيلەر » ئورنىدا ئىشلىتىلگەندە، ئۇلار بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنداق بوغۇملارمۇ ئۇنىڭ تەكىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ سانى بىردىن ئارتۇق بولمىسىلا، يېپىق بوغۇملار قىسقا ، ئوچۇق بوغۇملار ئېھتىياجىغا قاراپ بەزىدە ئۇزۇن ۋە بەزىدە قىسقا سانىلىدۇ. مەسىلەن: يُزينكا (يۈزىڭە)، اويگا ( ئۆيگە )، ژيغا ( ئايغە ) دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى ھەرپى گەرچە مەددە ھەرپى « ژ – ئا » بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، « اَ - ئە » گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۇ ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر ئوچۇق بوغۇم تەشكىل قىلغاچقا، تەقتېئدە گاھىدا قىسقا گاھىدا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ . شۇ جۈملىدىن ھەرىكە « –ُ يەنى ئو ياكى ئۆ » مەددە ھەرپى « او » بىلەن ، ھەرىكە « –ِ يەنى ئې » مەددە ھەرپى « اي » بىلەن ئىپادىلەنگەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق بوغۇملاردا ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ سانى بىردىن ئارتۇق بولمىسا، ئۇلارنىڭ تەقتېئسىدىمۇ يۇقىرىدىكى قائىدە رىئايە قىلىنىدۇ.

        3 ) بىر ھەرىكە ۋە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇملار تۈركىي تىللىق ئارۇزدىمۇ خۇددى پارس تىللىق ئارۇزغا ئوخشاشلا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى بوغۇملاردا ھەرىكە كۆپىنچە ھاللاردا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ. مەسىلەن : بَرِم ( بەرىم – بېرىم ، قەرز ) ، بُلغَما ( بولغەما – بولماق)، بِِلكا ( بىلگە – بىلىملىك ) دېگەن سۆزلەردىكى ئاستىغا سىزىقچە قويۇلغان بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب، پارس تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردىمۇ ئەگەر بىر ھەرىكە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان بوغۇملار بولسا، ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: جَمشِد ( جەمشېد ئادەم نامى ) ، جَندَر ( جەندەر – چاپان ، كېيىم ) قاتارلىق ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەردىكى ھەر ئىككى بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجرىبىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئە ، ئې ، ئو ، ئۆ » تاۋۇشلىرى بىلەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملارنى ئۇزۇن بوغۇم دەپ قاراشقا بولىدۇ . مەسىلەن : كەلگەن ، چېغ ، بوش ، بۆلمەك دېگەندەك سۆزلەردىكى بوغۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئۇزۇن بوغۇم دەپ قاراشقا بولىدۇ.

        4 ) تۈركىي تىللىرىدا مەددە ھەرپلىرى ( ژ – ئا ، او – ئۇ /ئۈ ، اي – ئى ) يالغۇز ياكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ تاۋۇشلار يالغۇز ياكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە كەلگەن بولسا، ئەگەر ئۇلار ھەرىكەلەرنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلمىگەن بولسىلا، بەزىدە ئۇزۇن ۋە بەزىدە قىسقا بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن : ژتاجۈ ( ئاتاجى – تېۋىپ )، ژياس ( ئاياس - ساپ، تېنىق، ئوچۇق )، اوتون ( ئوتون – ئاخماق ، دۆت )، بويان ( بۇيان – بەخت ، سائادەت ) قاتارلىق سۆزلەردىكى ئاستىغا سىزىق سىزىلغان بوغۇملار يۇقىرىدا ئېيتىلغان بوغۇملار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنداق بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى ئادەتتە ئىككىنچى مىسرادا شۇ بوغۇم بىلەن پارالېل ئورۇندا كەلگەن بوغۇمنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى مىسرادا بوغۇملار ئوخشاش شەكىلدە كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقىنى بەلگۈلەش قېيىن بولغان ھالەتتە شۇ رۇكننىڭ ئەفائىلىدىكى بوغۇم تەرتىبى ئاساس قىلىنىپ، ئۇزۇن– قىسقىلىقى بەلگىلىنىدۇ. «ئى » ھەرپى بىلەن ئاخىرلاشقان ئوچۇق بوغۇملار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئەرەب ۋە پارس تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئدە مەددە ھەرپلىرى ( ژ ، او ، اي ) يالغۇز ياكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كەلگەندە، بىردەك ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىمۇ ئەرەب ۋە پارسچىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئارۇز ئۆلچەملىرى بويىچە بوغۇملارغا ئايرىغاندىمۇ يۇقىرىدىكىدەك قائىدىگە ئاساسەن رىئايە قىلىنىدۇ. ئەمما، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىدە ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن ئەرەب ۋە پارس تىللىق شېئىرىيەتتە ئۇزۇن سانىلىدىغان يوقىرقىدەك بوغۇملارنى بەزىدە خۇددى تۈركىي تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان سۆزلەرنىڭ بوغۇملىرىغا ئوخشاش قىسقا بوغۇم ھېسابلايدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقىنى ئۇلارنىڭ كونكرېت مىسرالاردىكى ئورنى ۋە شۇ ئورۇننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگۈلەشكە توغرا كېلىدۇ.

        تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىدە مەددە ھەرپلىرى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن يېپىق بوغۇم شەكلىدە ( يەنى سوزۇق تاۋۇش ئالدىدا، ئۈزۈك تاۋۇش كەينىدە ) كەلگەن ھالەتتە، قىسمەنلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇزۇن بوغۇم سانىلىدۇ. مەسىلەن : ژت ( ئات ) ، ايج ( ئىچ – قەلب، كۆڭۈل )، اوغرۈ ( ئۇغرى – يوشۇرۇن ) شەكلىدىكى بوغۇملار شۇ جۈملىدىندۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئا ، ئۇ ، ئى ، ئۈ » تاۋۇشلىرى يالغۇز ياكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم بولۇپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئۆلچەمگە ئاساسلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. (داۋامى بار)

    分享到: