ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-31

    تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (1) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتئى قائىدىلىرى (1)

     

    ئاپتور:     زەمىر سەئدۇللازادە

    تەقتېئ - ئارۇزنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىنى ئەڭ تولۇق نامايان قىلىدىغان مۇھىم بىر تەرىپى . ئارۇزدىكى نۇرغۇن قائىدىلەر ئەرەب، پارس – تاجىك ۋە تۈركىي تىللىق شېئىرىيەت ئۈچۈن ئورتاق ھېسابلانسىمۇ ، لېكىن تىل ئېتىبارى بىلەن ئۇلاردىكى تەقتېئ قائىدىلىرى نەزەرىيە جەھەتتىكى قىسمەن ئوخشاشلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىر- بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئارۇز ئىلمىنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قىلچە تۇغقاندارچىلىقى بولمىغان يوقىرىدىكى ئۈچ چوڭ تىلدىكى شېئىرىيەتتە پەرقلىنىدىغان ئاساسىي تەرىپىمۇ دەل تەقتېئ مەسىلىسىدە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . نەۋائى ۋە بابۇرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئارۇز ئىلمىنىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە قارىغاندا، تەقتېئگە ئائىت مەسىلىلەردە تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەپلىرىنى ئېنىقراق گەۋدىلەندۈرۈشكە تېرىشقان. بولۇپمۇ، بابۇر تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىنى ئەرەب ۋە پارس تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئ قائىدىلىرىگە سېلىشتۇرغان ھالدا خېلىلا تەپسىلىي شەرھلەيدۇ.

        نەۋائىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا « تەقتېئ ئىبارەت ئەندىندۇركىم ، بەيت ئەلفازىنى بىر – بىرىدىن . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تەقتېئ - مىسرادىكى سۆزلەرنى ئارۇزدا بىرلىككەjئەيىرغەيلەر » كەلگەن ئۆلچەملەر ئاساسىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئايرىش ئارقىلىق شېئىر ۋەزنىنى ئېنىقلاش دېمەكتۇر. تەقتېئ يېزىق، ئىملا ۋە تەلەپپۇز بىلەن بىۋاسىتە باغلىقتۇر. ئارۇز ئىلمىدە ۋەزىن ئۆرنەكلىرى، يەنى قېلىپ ھەرقايسى تىلدىكى شېئىرىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن تىللارنىڭ فونېتىك خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۆزلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش قائىدىلىرى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنى قېلىپقا سېلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. تەقتېئ قائىدىلىرى تىلنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ يېزىقتا ئەكس ئېتىشىگە ئاساسلىنىدۇ. ئارۇز ئىلمى تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە قوللىنىلغاندىن بۇيان تۈركىي تىللىرى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە يولۇقتى. يېزىق ۋە ئىملادىمۇ ئاز بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە، تۈنجى قېتىم ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان يىرىك ئەسەر « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ تىلى بۈگۈنكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە چۈشىنىكسىز بىر تىل بولۇپ قالدى . تىلدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر لېكسىكا ۋە گراماتتىكا جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى فونېتىكا جەھەتتىمۇ خېلى زور بولۇپ، بۇ ھال، تۈركىي تىللىق ئارۇزدا تەقتېئ قائىدىلىرىنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىللىق ئارۇزغا قارىغاندا خېلىلا قېيىن ئىكەنلىكىنى، ئاسانلىقچە تۇراقلىق بىر قائىدىگە سالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىملاسىدا بىرلىككە كەلمىگەن، تۇراقلاشمىغان قائىدىلەرمۇ كۆپ، يېزىق بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرقمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئىملادىكى بۇنداق تەرتىپسىزلىك تارىختىمۇ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىنىڭ قېلىپلىشىشىگە تولۇق ئىمكان بەرمىگەن. بۇنىڭدا ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە ئەرەب ۋە پارس تىللىق شېئىرىيەتنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرى ئاساسىدا ھەر كىم ئۆزىنىڭ شەخسىي ماھارىتىگە تايىنىش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن . شۇڭا، بىزمۇ تۈركىي تىللىق ئارۇزنىڭ تەقتېئ قائىدىلىرىنى شەرھلەشتە تۈركىي تىللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خوسۇسىيەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئەنئەنە بولۇپ قالغان ئاشۇ تەجرىبىلەرگىمۇ تايانماي تۇرالمايمىز.

        قەدىمكى تۈركىي تىللىرىنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى ئىلىمىزدە تېخى تولۇق تەتقىق قىلىنمىغان بىر ساھەدۇر. بەزى ئالىملار قىسمەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بوغۇملارنى قەدىمكى تۈركىي تىللىرىغا خاس ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بوغۇملار تۈركىي تىللىرىدا تېخىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئەمما ، 10-ئەسىردىن كېيىنكى، بولۇپمۇ، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىرىدا ئەرەب ۋە پارس سۆزلۈكلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تۈركىي تىللىرىنىڭ بوغۇم تۈزۈلىشىدىمۇ مەلۇم ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. رۇس شەرقشوناسى ئى . ۋ . ستېبلىۋا خانىمنىڭ قارىشىچە : « ئارۇزنى تۈركىي تىلىغا تەدبىق ئېتىشتە تۆت ئامىل مۇھىم رول ئوينىغان؛ بۇ ئامىللار تۈركىي تىللىرىغا دەسلەپ ئارۇز ئاساسلانغان ئەرەب يېزىقىنىڭ كىرىپ كېلىشى، سۆزلەرنى تۈرلۈك شەكىلدە يېزىش ( مەسىلەن: مەلۇم ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنى ھەرپ بىلەنمۇ، بەلگە بىلەنمۇ ئىپادىلەۋېرىش )، ئوچۇق بوغۇمنىڭ گاھ ئۇزۇن ۋە گاھ قىسقا بوغۇم ھېسابىغا ئۆتىشى، ئەرەب – پارس لېكسىكىلىرىدىن كەڭرى پايدىلىنىش . يۇقىرىدىكى ئامىللارنىڭ ھەممىسى تىل بىلەنلاkقاتارلىقلاردىن ئىبارەت » مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە يېڭىلنىپ تۇرغان. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆزنىڭ، مەيلى ئۇ تۈركىي تىللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ياكى ئەرەب ، پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بولسۇن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەلەپپۇزى بىلەن ھازىرقى تەلەپپۇزىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرق مەۋجۇت. سۆزلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەش قائىدىلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنغاچقا ، بۇنداق پەرقلەرنى تەلەپپۇزدىلا ئەمەس، بەلكى سۆزلەرنى يېزىقتا ئىپادىلەشتىمۇ ئوخشاشلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ھال، ئارۇزدىكى تەقتېئدە ناھايىتى چوڭ قېيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا، مەيلى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ياكى ئۇلارنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشى جەھەتتىن بولسۇن، تۈركىي تىللىق ئارۇزدا كلاسسىك شېئىرىيەت بىلەن ھازىرقى شېئىرىيەت ئۈچۈن ئوخشاش بولغان تەقتېئ قائىدىسى بېكىتكىلى بولمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە تىل ۋە يېزىقنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئايرىم– ئايرىم ھالدا مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

        سۆزلەردىكى تەلەپپۇز پەرقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بوغۇم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، مەيلى ئوتتۇرا ئەسىر ياكى ھازىرقى تۈركىي تىللىرىدا بولسۇن ئورتاقلىق مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئالتە خىل بوغۇم شەكلىنى ئاساس قىلىدۇ. تۈزۈلۈش شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:

        1 ) a شەكلى، يەنى تۈركىي تىللىرىدا بىرلا سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇم بولالايدۇ ؛ ئا لا .

        2 ) ba شەكلى، يەنى بىر سوزۇق ۋە بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇم ؛ ئىز

        3 ) ab شەكلى، يەنى بىر ئۈزۈك ۋە بىر سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇم ؛ قا/را.

        4 ) bba شەكلى، يەنى بىر سوزۇق ۋە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلىدىغان بوغۇم ؛ ئاست ( ئاستى ).

        5 ) bab شەكلى، يەنى بىر ئۈزۈك ، بىر سوزۇق ۋە يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇم ؛ كۆز .

        6 ) babb شەكلى، يەنى بىر ئۈزۈك ، بىر سوزۇق يەنە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار ؛ ئۈست ( ئۈستى).

        يۇقىرىدىكىلەر بوغۇملارنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۈرلەرگە ئايرىلىشىدۇر. ئارۇز ئىلمىدە بولسا، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكىدەك شەكلى مۇھىم رول ئوينىمايدۇ. مۇھىمى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزدىكى ئۇزۇن قىسقىلىقى بىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ بوغۇمدىكى سانىدۇر. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر بوغۇم دەپ قارىلىدىغان سۆز ئارۇز ئىلمى ئۆلچىمى بويىچە بىر يېرىم ( بىر ئۇزۇن بىر قىسقا ) بوغۇم بولىشىمۇ مۈمكىن. مەسىلەن: « خەلق » سۆزى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر بوغۇمدۇر. ئەمما، ئارۇز ئۆلچەملىرىدە بۇ سۆز بىر يېرىم بوغۇمغا تەڭمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى « ق » ھەرپى يېرىم بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق ئارۇزدا تەركىبىدە « ژ ، اۈ ، او - ئا ، ئى،ئۇ ، (ئۈ ) » تاۋۇشلىرى بولغان بوغۇملارنىڭ ئوچۇق ياكى يېپىقلىقى شۇنداقلا بۇ ھەرپلەرنىڭ ھەرفى مەددە( ئايرىم ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان سوزۇق تاۋۇشلار) ياكى ھەرىكە ( بەلگۈلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇق تاۋۇشلار) ئورنىدا كەلگەنلىكىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، تەقتېئنى بىلىش ۋە شېئىر ۋەزنىنى توغرا ئايرىش ئۈچۈن سۆزدىكى بوغۇملارنى ئارۇز نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

        تۈركىي تىللىرىدا سوزۇق تاۋۇشلار ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىكىدەك ئۇزۇن ۋە قىسقىغا بۆلۈنمەيدۇ . ئەمما، ئارۇزدىكى تەقتېئ قائىدىلىرى ئەرەب ۋە پارس تىللىق شېئىرىيەتتە يېزىقنى ئاساس قىلغاچقا ۋە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار يېزىقتا ئايرىم ھەرپ بىلەن، قىسقا سوزۇق تاۋۇشلار ھەرىكە ( بەلگۈلەر ) بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى تەقتېئدىمۇ بۇ قائىدىگە مەلۇم دەرىجىدە تايانماي بولمايدۇ. نەۋائىمۇ « تەقتېنى چۈشەندۈرۈشتە ئەرەب ۋە پارس – تاجىك ئارۇزشۇناسلىرى ئىزىدىن مېڭىپ ، ئەرەب يېزىقىغا تايىنىدۇ. . تۈركىي تىللىقlشۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ تەلەپپۇزنى ھەم ھېسابقا ئالىدۇ» كلاسسىكلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارمۇ تەقتېئدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بولغان تەلەپپۇز جەھەتتىكى يېقىنلىقىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان. مەسىلەن : پارس تىلىدىكى « ژ » تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش، ئەمما چاغاتاي تىلىدا بۇ ھەرپ ( بەلگە ) ئىپادىلىگەن تاۋۇش ( ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئا » تاۋۇشى) ئۇزۇنمۇ قىسقىمۇ ئەمەس. بۇ تاۋۇشنىڭ پارسچىدىكى بىلەن چاغاتايچىدىكى تەلەپپۇزى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ، لېكىن بىر بىرىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ. تەركىبىدە « ژ » تاۋۇشى بار بوغۇملار پارس تىللىق ئارۇزدا دائىم ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق كلاسسىكلارمۇ تەركىبىدە « ژ » تاۋۇشى بار بوغۇملارنى قىسمەنلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا ( يەنى ئۇ ھەرىكە ئورنىغا كەلگەن ياكى ئوچۇق بوغۇم شەكلىنى ئالغان ۋاقىتنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ) ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. تۇركىي تىللىق كلاسسىكلارنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى بوغۇم ئۆلچەملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن؛

     

    - داۋامى بار

    分享到: