ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (4) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    ئەمرۇل-مۆئىمىنىن ئالدىغا ھېساپسىز مال- دۇنيا، توغرۇلبەگنىڭ ئالدىغا ھېساپسىز مال-دۇنيا ۋە نازۇ- نېممەتلەرنى قويۇپ، بارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مۇقەرەر قىلىش بىلەن، يەنە ئىراق(غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت) ۋە كوھىستان «25» پادىشاھلىقىنى تەيىن قىلدى.  توغرۇلبەگ قايتىش بىلەن باغداتنىڭ سەردارلىرىدىن  بىسامىسرا «26» ئەمىرۇل-مۆئىمىنىنگە(خەلپە قايىمغا)قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن توغرۇلبەگنى كىشى ئەۋەتىپ يەنە قەيتۇرۇپ كەلدى. بىساسىر سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ لەشكەرلىرى بىلەن شام (سۈرىيىدىكى قەدىمقى بىر شەھەرنىڭ نامى. ھازىرقى دەمەشىق) تەرەپكە قاچتى. بىراق سۇلتان باغداتقا كەلگىچە بۇرادىرى ئىبراھىم پادىشاھلىق قەستىدە ھەمادانغا كەتكەن ئىدى. سۇلتان توغرۇلبەگ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ ئىبراھىمنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا سۇلتاننىڭ قايتىپ كەتكەنلىك خەۋرى بىساسىرغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىساسىر يېنىپ يەنە باغداتقا كەلدى ۋە مەۋسىل پادىشاھى فەراۋەش بىننى مۇقەللەد مۇرتەزا، ھەسەننىڭ ئوغلى ۋە فەرس بىننى بەدران بىلەن قوشۇلۇپ باغداتنى مۇھاسىرە قىلىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىننىنى(خەلپە قايىمنى)تۇتۇپ بەھارىش ئاتلىق بىر ئەرەپكە تاپشۇرۇپ ئىنانەھەكەئەۋەتتى. رەئىس ئەلۋەدنىڭ ۋەزىرى كامال ھۆرمەت، ئەلەم ۋە ئەقىلدە تەڭداشسىز ئىدى. گۇناھ قويۇپ(ئەسلى كىتاپ14-بەت)ئۆلتۈردى ۋە بىر يىل باغداتتا قەمەرتىي(ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردە شىئەلەرنىڭ تايانچى پاتىمە خەلپىلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىزاھات «27»)قاراڭ)لەر نامىغا خۇتبە ئوقۇدى. بۇ ۋەقەدە باغداتنىڭ پاسىبانى ئەتبەكىن سۇلايمان قېچىپ ھەلۋانغا بارغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئەمرۇل-مۆئىمىنىننىڭ (خەلپە قايىمنىڭ):«دۆلەت ئەربابى سۇلتاننى(سۇلتان توغرۇلبەگنى)تاپسۇن. ئۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ بولغاي، چۈنكى قەرمەتىيلەر ھۇجۇمى ئاشكارا بولدى»دېگەن نامىسى يەتتى. بەس.

    ئەتەكىن ئەمىدۇل-مەلىك ئەبۇ نەسىر«27»گە ۋەزىر سۇلتان ئىدى. ئۇنىڭغا ئاۋۋال نامە ئەۋەتتى. ئەمىر (ئەبۇ نەسىر)دەرھال بۇ نامىگە قارىتائالدى بىلەن ئەمىرۇل-مۆئىمىنىنگە (خەلپە قايىمغا)خەۋەر ئەۋەتىلسۇن. تاكى كۆڭلى ئارام تاپقاي. ئەتبەكنى كۈتۈپ تۇرسۇن. ئارقىدىن يېتىپ بارىمەن»دەپ قىسقىچە جاۋاپ ئەۋەتتى ۋە يوللارنى كۈزەتكىلى لەشكەر بۇيرۇدى. ئاندىن ئابدۇل-مەلىك سەئىي ئەبۇ ئەئىلاغا ئەتبەكىن ئەۋەتكەن نامىنى بېرىپ ھال-ئەھۋالىنى بايان قىلدى ۋەسۇلتانغا(سۇلتان توغرۇلبەگكە)قىسقا قىلىپ بىر نامە ئەۋەتەيلى. نامىنى كۆرگەن ھامان دەرھال لەشكەر ئەۋەتكەي»-دېدى. سەئىيدۇللا ئەبۇ ئەئىلا ئەتبەكىننىڭ نامىسىنى ئېلىپ بۇ ئايەتنى ئېيتتىئۇلار تەرىپىگە يانغىن. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بىز لەشكەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىمىز. ئەلۋەتتە ئۇلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمىز».بۇ سۆز بىلەن ئۇلار شاد بولدى ۋە:(ئەسلى كىتاپ15-بەت)

    «بۇ ياخشىلىقتىن بىشارەتتۇر. ئىنشائاللا(خۇدا خالىسا)شۇنداق بولغاي!»دىيىشىپ سەئىي ئەبۇ ئەئىلانىڭ ياخشى تەرىپى (سۆزلىرى) ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئەبۇ ئەئىلاغا) بىر يۈكلۈك تۆگە ھەدىيە قىلدى.سۇلتان(توغرۇلبەگ)ئىراقتىن شۇ قەدەر لەشكەر ئەۋەتتىكى، لەشكەرلەرنىڭ ھەيۋىتىدىن ئاسمان-زېمىن ۋە تاغ-دەشىت لەزىگە كەلدى. ئۇلار بىسارسىرنى رامىزان ئېيى«9-ئاي»دا تۇتۇپ، بېشىنى كېسىپ باغداتنىڭ دەرۋازىسىغا ئاستۇردى(ئاستى ).تارىخقا تۆت يۈز ئەللىك بىر، زۇلھەجە ئېيى(12-ئاي)ئىدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىننى خەلپىلىك تەختىگە «28» ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن باغداتقا يېتىپ كېلىشى بىلەن سۇلتان(توغرۇلبەگ)تۆھپە، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ پىيادە ئالدىغا چىقتى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن سۇلتانغا ياخشى تىلەكلەر قىلىپ«رۇكنىدىن»(دىن ئەرباب)دەپ لەقەب(نام)بەردى.(خەلپە قايىم)نەچچە كۈندىن كېيىن ئەمىدۇل-مەلىك(سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ۋەزىرى)نى چاقىرتىپ ئۇنىڭغاسۇلتانغا(توغرۇلبەگكە)ئېيتقىن. مەن جەڭگە ئاتلانماقچىمەن. باغداتتا لەشكىرىم ھېساپسىز. ئۇلارغا بىر مۇنچە مال تەيىن قىلسۇن، بۇ بىز ئۈچۈن مەدەت بولغاي» دېدى. ئەمىدۇل-مەلىكسۇلتان(توغرۇلبەگ)بۇ ئىلتىماسنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن پەرمان تۇتۇپ باراي»دېدى.

    ئەمدى چىقىپ كېتىپ باراتتى، ئالدىغا ۋەزىر خەلپە(خەلپە قايىمنىڭ ۋەزىرى)ئۇچرىدى. خەلپە ئەمىدكەبىر سۆز ئۈچۈن سۇلتان قېشىغا كېتىپ بارىمەن» دېدى. ئەمىد ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى ۋە ئىلگىراق كىرىپ سۇلتانغاۋەزىر خەلپە كېلىۋاتىدۇ.گۇمان قىلىمەنكى، ئۇ خەلپە(خەلپە قايىم)ئۈچۈن بىر نەرسە تىلەيدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ياخشى(ئەسلى كىتاپ16-بەت)جاۋاپ بەرگىن» دېدى ۋە ئەمىرۇل-مۆئمىنىنىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزدى. ۋەزىر خەلپىمۇ شۇ ئىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. سۇلتان(توغرۇلبەگ)ۋەزىرى ئەمىدۇل-مەلىك ئېيتقاندەك، ياخشى جاۋاپ بەردى. ئاندىن ئەمىدۇل-مەلىك باغداتنىڭ قائىدىسىنى تۈزۈپ، دەپتەر تۇتۇپ، ئەمىرۇل-مۆئىمىنىگە خىراج مۇقەررەر (تەقلىمەك، تەييارلىماق)قىلىپ، دېۋاننى ئۆز قولىغا ئالدى.

    سۇلتان كۆچۈپ ئەزەربەيقان تەرەپكە يۈردى ۋە خەلپىنىڭ سىڭلىسىنى نىكاھىغا ئالماق بولۇپ، ئەمىدۇ- مەلىكنى خەلپىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. خەلپە قوبۇل قىلمىغان ئىدى. ئەمىدۇل-مەلىك خەلپىگە بېرىدىغان خىراجنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن خەلپە ئۇنىڭ تەلىپىنى چارىسىز قوبۇل قىلدى.

    قىزنىڭ تويلىقى ئۈچۈن قازى تۆت يۈز كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر دىنار(ئالتۇن ئاقچا)تەيىن قىلدى. بۇ خەۋەر تەبرىز (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر)گە يېتىش بىلەن تەبرىزدىكىلەر شەھەرنى(ئەينەكتەك پاكىزلاپ)بېزىدى. باغدات قازىسى خۇتبە ئوقۇتۇپ نىكاھ قىلىدىغان بولدى.

    سۇلتان(توغرۇلبەگ)توي قىلماق ئۈچۈن تەبرىزدىن رەيگە يۈردى. رەيگە يېتىپ كېلىش بىلەن سۇلتان كېسەل بولۇپ قالدى. ھاۋا ئىسسىق ئىدى. ئۇلار رەي دەرۋازىسىغا چۈشتى ۋە ئۇ يەردە سۇلتان(توغرۇلبەگ) بۇرنىدىن قان ئېقىش كېسلى بىلەن ۋاپات بولدى.

    تارىخقا تۆت يۈز ئەللىك بەش، رامىزان ئېيى(9-ئاي)ئىدى. بۇ سەردارنى باغداتقا ئېلىپ ياندى. سۇلتان رۇكنىددىن ئەبۇ تالىپ توغرۇلبەگ مەھمۇد ئىبنى مىكائىل ئىبنى سەلچۇق يىگىرمە ئالتە يىل پادىشاھ بولدى «29» ۋەزىرلىرى سەلار بۇركامى ئەبۇ ئەل-ئاسىم كويامى، ئەھمەد، ھەسەن بىننى ئەبۇ نەسىر، ئەمىدۇل-مەلىك(ئەسلى كىتاپ17-بەت) كىدرەس، ياساۋۇلى ئابدۇراخمان ئالىپ زەن ئەلائاجى مەھدى، ئەھمەدۇللاھ ئەلى ئىيادىيە ئىدى.(ئەسلى كىتاپ18-بەت)

     

    تېمىنىڭ 4-مەزمۇنى تامام

    分享到:

    评论

  • داۋامىنى يەنە يوللامسىز؟
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复قۇتلۇق说:
    داۋامىنى يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى. سەۋىبى ئەسلىدىكى كودنى تازلاشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. كېيىنچە يوللاي...
    2011-05-10 00:40:33