ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    تەرجى بەنت - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

     

    تەرجى بەنتنىڭ لۇغەت مەنىسى قايتۇرمىلىق كۇبلىت دىگەنلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ كۇبلىتلىرى ئۈچ بېيت يەنى ئالتە مىسرادىن ئوننەچچە بېيتكىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇدا قاپىيە ياكى ئالماش قاپىيە بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئەمما باشتىكى كۇبلىتنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى ھەر قايسى كۇبلىتلاردىكى مىسرالارنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كېيىنكى كۇبلىتلاردىمۇ داۋاملىق تەكرارلىنىشى شەرت.
        مىسال ئۈچۈن ئىمىن تۇرسۇننىڭ كەلدى نۇرۇز ناملىق تەرجى بەنت شەكلىدىكى شېئىرىنى كەلتۈرىمىز :

    كۆك قەرىدە تاڭ چولپىنى تۇغدى پارلىدى،
    كۈن لەشكىرى مەۋجۇاداتنى تۈندىن ئايرىدى.
    يىل باھارنى تۆت پەسىلگە رەئىس سايلىدى،
    تەبىئەتكە باھار سۈيى كەلدى يامرىدى.
    كەلدى نورۇز كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
    گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى.

    قويدى قەدەم كۈن ھەمەلگە قارنى پوش-پوشلاپ،
    كۆك مۇز ئېرىپ كەتتى ئەگىز رەگىنى باشلاپ.
    كىيدى زىمىن يېڭى ئىگىن جەندىنى تاشلاپ،
    سېخى بولسا باھار رىسقى كېلۇر قوش-قوشلاپ.
    كەلدى نورۇز كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
    گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى.

    分享到:

    评论

  • بلوگ پەچەت بولۇپ كىتىپتۇغۇ ؟ ئۇستا بولۇپ كېتىپسىلەر جۇمۇ؟
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复تۆت تادۇ说:
    مۇشىنچىلىك قىلالىدىم سىلىدەك بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمىدە.
    2010-10-17 23:21:12
  • بۇ شەكىل ھەققىدىكى چۈشەنچەم غۇۋالىشىپ قاپتىكەن ، رەھمەت ئاداش.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复تۆت تادۇ说:
    رەھمەت، دائىم كىلىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
    2010-10-17 21:42:33