ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (1) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابلىمىت ئەھەت

    تەھىرىرى:ئەركىن ئىمىنياز قۇتلۇق

    تۇرسۇن مەمەت

    ش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى

    1994-يىل1-سېنتەبىر

    مۇندەرىجە

    نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن

    سەلچۇقبەگ

    سۇلتان توغرۇلبەگ

    سۇلتان ئالىپ ئارىسلان

    سۇلتان مەلىك شاھ

    سۇلتان بەكيارۇق

    سۇلتان مەھمۇد

    سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر

    خاتىمە

    ئىزاھات

    نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن

    «سەلچۇقلار تەزكىرىسى» ناملىق بۇ تارىخى ئەسەر ئەبۇ جەئىفەر جەرىر تەبەرى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئابدۇرۇسۇل بىننى مەۋلانە مۇھەممەد رەھىم تەرىپىدىن پارسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەر «تارىخ تەبەرى» نىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان. «تارىخ تەبەرى» (قوليازما، تەرجىمە نۇسخىسى) جەمئى 472ۋاراق، بۇنىڭ ئىچىدە«سەلچۇقلار»غا ئائىت قىسمى38ۋاراق،76بەت، ھەر بىر بەتكە17قۇردىن خەتتى پارسى بىلەن يېزىلغان. فورماتى34س م×24س م. ئەسەر تولۇق. تېرە مۇقاۋىلىق.

    مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش ۋە نەشىر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدا ساقلانغان قوليازمىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى.

    قوليازمىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا«تارىخ تەبەرى»نىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان«سەلچۇقلار»غا ئائىت قىسمىنى (توغرۇلبەگكىچە بولغان تارىخى ۋەقەلەرنى)خاجە ئىمام زوھۇرىددىن نىشاپۇرى سۇلتان توغرۇل دەۋرىدە كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرگەن؛ ئاخىرىنى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم تولۇقلاپ يازغان. ھىجىرىيە 1257-يىلى(مىلادىيە 1842___1841) موللا ھوشۇر بىننى موللا مۇشتىرى بىننى موللا شەمىس تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن. ھىجىرىيەنىڭ 1315- (مىلادىيە1898___1897) توشقان يىلى سەپەر ئېيى (2-ئاي) نىڭ يەتتىسىدە مۇھەممەد تۆمۈر خەزىنىچى بەگ خوجامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 80ياشلىق موللا مۇھەممەد تەرىپىدىن رەتلىنىپ مۇقاۋىلانغان.

    «سەلچۇقلار تەزكىرىسى» ئەينى دەۋىر ئوتتۇرا شەرق (ئەسلى كىتاپ1-بەت)
    تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

    مەزكۇر ئەسەردە 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا شەرقتە ئىمپىراتورلۇق قۇرغان تۈرك جەمىيىتى ۋە بۇ جەمىيەتتە ئوغۇز ياش بوغۇنلىرىدىن بولغان سەلچۇق ھەم ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمىرانلىق ئورنىنىڭ شەكىللىنىشى، كۈچىيىشى، ھەربىي يۈرۈشلىرى، غەزنەۋىيلەر (سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى) بىلەن بولغان جىددىي ئۇرۇشلار، جۈملىدىن ئوغۇزلار خانى سەلچۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ يېتەكچىلىكىدىكى ئوغۇزلارنىڭ دەسلەپ نىشاپۇر، مەرۋى شاھ جاھاننى ئىگىلەپ، كۈچلۈك سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغانلىقى ؛ 1040-يىلى غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەسئۇدنى تارمار كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر قاتار غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، باغداتقا بېسىپ كىرىپ ئەرەپ ئابباسىيلار خەلپىلىكىنى قورچاق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى؛ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى ئالىپ ئارسلاننىڭ ھازىرقى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگىرىد دالىسىدا شەرقى روما ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى دىككىنىس روما باشچىلىقىدىكى ناھىيىتى كۈچلۈك روما قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، روما ئىمپىرىيىسىنى سەلچۇق ئىمپىرىيىسىگە سېلىق (ئولپان) تۆلەيدىغان قارام دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى؛ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ مەلىك شاھ ۋە ئۇنىڭ ئەقىللىق، تەدبىرلىك ۋەزىرى نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پەن-مەدەنيەتنىڭ گۈللىنىپ، ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر پەنلەر سارىيى «نىزامىيە» ئالىي مەكتىپىنىڭ ئېچىلغانلىقى؛ سەلچۇق ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇش قاتارلىق ۋەقەلەر خېلى تەپسلىي بايان قىلىنغان.

    مەزكۇر ئەسەر تارىخى ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىش تەرتىپىگە ئاساسەن بىر قانچە بۆلۈمچىلەرگە بۆلۈنۈپ، كىچىك ماۋزۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەش يولى بىلەن نەشىرگە تەييارلاندى ھەمدە ئەسەرگە (ئەسلى كىتاپ2-بەت)

    مەزمۇن ئېتبارى بىلەن «سەلچۇق تەزكىرىسى» دەپ نام قويۇلدى.

    «سەلچۇق تەزكىرىسى» ئەدەبىي جەھەتتە قىززىق تارىخىي قىسسە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىي، جۇغراپىيسى ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

    تىل تارىخىي تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ قەدىمكى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەسەرنىڭ تىلى، گىرامماتكىلىق ئالاھىدىلىكى ئاساسەن ساقلاپ قېلىندى. پەقەت بەزى مۇرەككەپ جۈملىلەرگە گىرامماتكا جەھەتتىن ئايرىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى.

    ئەرەپچە، پارىسچە سۆز ئىبارىلەرگە ئۆز نۆۋىتىدىلا ئىسكوپكا ئىچىدە مەنىسى بېرىلدى.

    ئەسەر ئاخىرىدا مۇھىم شەخىسلەر، جايلار ۋە قىسمەن مەزمۇنلارغا قارىتا ئايرىم ئىزاھات بويىچە بويىچە چۈشەنچە بېرىلدى.

    ئەسەرنىڭ تىلى ئېغىر، قۈملە تۈزۈلىشى مۇرەككەپ، ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە؛ تارىخي شەخىسلەرنىڭ ئىسمى قاتارلىقلاردا ئوخشاشلىق كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك نەشىرگە تەييارلاشتا كىشى، جاي ئىسملىرىنىڭ توغىرلىقى ۋە مەزمۇن جەھەتتە قىسمەن خاتالارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. كتاپخانلارنىڭ تەنقىدى كۆزدىن كەچۈرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئابلىمىت ئەھەت (ئەسلى كىتاپ3-بەت)

    تېمىنىڭ 1- مەزمۇنى تامام

     

    分享到: