ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (2) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    1

    سەلچۇقبەگ«1»

    (903___990)

    ....

    ئەمما بەئدۇ«2»بىلىش كېرەككى، بۇ خىل خۇسۇسىيەت ۋە پەزىلەت(ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم-پاراسەت)، ناتىقلىق پەقەت ئادەمگە خاستۇر. چۈنكى ئادەملا ئىما-ئىشارەت، سۈكۈت ۋە ھەركەتنى چۈشۈنۈپ، مەقسەت ۋە ئاقىۋەتنى ئويلىيالايدۇ. نۇتۇق-پىكىر(تەپەككۇر ۋە سۆزلەش)دېگەنلىكتۇر. شۇڭا نۇتۇقنى نوقۇل سۆزدىنلا ئىبارەت دەپ چۈشۈنۈشكە بولمايدۇ. ئالايلۇق، تۇتى(تۇتى قۇش)گەرچە سۆزلىيەلسىمۇ، ئەمما ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم-پاراسەتتە ئاجىزدۇر. ھەر قانداق ئادەم نۇتۇقنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىم ۋە مەرىپەت ھاسىل قىلسا، بىلىش ۋە ھېكمەت دائىرىسىگە قەدەم قويسا، ئۇ ياخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئەنبىيا ۋە ئەۋلىيالار دەرىجىسىگە يېقىنلىشالايدۇ. تەۋھىد«3»ۋە مەرىپەت، دىن ۋە شەرىئەت ئىلمىدىن قالسا، پادىشاھ ۋە ئۇمەرالارغا ھاجەت بولىدىغان ئىلىم تارىخ ئىلمىدۇر. چۈنكى ئۇلار پادىشاھلار تەرىقى (يول،ئۇسسۇل،مەسلەك) ۋە تەرجىمىھالى، ياخشى خۇلق ۋە سۈپەتلىرىدىن ۋاقىپ بولسا، دۇنيادا ئۇلۇغلۇق ۋە سەلتەنەتكە، ئاخىرەتتە ساۋاپ ۋە مەرىپەتكە سەۋەپ بولۇپ خەلققە پېشىۋا(يولباشچى، رەھبەر)ۋە مۇقتەدا(ئىمام)بولالايدۇ. كىشىلەر تارىخلارنى تەرتىپلەپ، ھېساپسىز تارىخ ئىلمى ۋە تارىخ كىتاپلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما ھەممىگە مەلۇمكى، راشىددىن (ئەسلى كىتاپ4-بەت) خەلپىلىكى ۋە ئابباسىيە خەلپىلىكىدىن قالسا، دىن، ئىسلامدا سەلچۇقتىن ئۇلۇغراق ھۆرمەتكە سازاۋەر ھېچ پادىشاھ ئۆتكەن ئەمەس.

    سەلچۇق دەقاق«4»نىڭ ئوغلى، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى«5»ئۇ ئۆز قوۋىم ئارىسىدىن باش كۆتۈرۈپ، قورال-ياراق تەييارلاپ جەڭ قىلىپ قەبىلە ۋە سەلتەنەتنى قۇۋەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە قىلدى. شۇ ۋەجىدىن سۇلتان مەھمۇد«6»قا:«سەلچۇق كۈنسايىن قۇۋەت تېپىپ، شۇ قەدەر كۈچەيدىكى، ئەمدى تىنىچ يۈرۈۋېرىش ئاقىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەمەستۇر. ئەگەر سەن ھىندىستان تەرەپكە بارماقچى بولساڭ، ئۇلاردىن بىرەر پاراكەندىچىلىك يەتمىگەي، ئۇلار (سەلچۇق)بىلەن دوستلۇق ئورناتماق ۋاجىپتۇر»دېگەن مەزمۇن بىلەن نامە يەتكۈدى. مەھمۇد نامە مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال سۆزمەن بىر ئەلچى ئارقىلىق(سەلچۇققا)خەۋەر ئەۋەتتى: «__سېخىيلىك، راسىت سۆزلۇك ۋە دانىشمەنلىك بابىدا تەڭداشلىرىڭنى ھەيران قالدۇراتتىڭ، ئەمما بۇ چاققىچە مېنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ۋە كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلمىدىڭلار ۋە مەندىن ھېچ نەرسە ئىلتىماس قىلمىدىڭلار، مېنىڭ سىزلەر بىلەن دوسىت بولۇشقا مەيلىم بار ئىدى، سىزلەردىن مەدەت-ياردەم تىلىمەكتىن بىھاجەت ئەمەسمەن. ئەگەر ھەممىڭىزلار كېلەلمىسىڭىزلار، بىرەرسىڭلار كەلگەيسىزلەر.تاكى ئۆزئارا مەدەت ۋە دوستلۇق ھەققىدە ئەھدۇ-پەيمان قىلىشقايمىز». خەۋەر يەتتى. ھەممىدىن چوڭى ئىسرائىل«7»ئىدى. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن مەھمۇد تەرەپكە يۈزلەندى. بۇنىڭدىن مەھمۇد خەۋەر تېپىپ، ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا كىشى ئەۋەتتى. ئۇ كىشى ئىسرائىلغا: _ھازىرچە بىزگە مەدەت-لەشكەر ھاجەت ئەمەس. مەقسەت كۆرۈشمەك ۋە دوستلۇق ئورناتماقتۇر. ئۆزۈڭ خاس كىشىلىرىڭ بىلەن (ئەسلى كىتاپ5-بەت)
    كەلگەيسەن ،_دېدى.

    بۇ سۆز بىلەن ئىسرائىل لەشكەرسىز كەلدى، سۇلتان مەھمۇد ئىسرائىلغا ھەدىدىن تاشقىرى ئىززەت- ئىكراملار قىلىپ، ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرغۇزۇپ، ياخشى مۇئامىلىلەر بىلەن كۆپتىن-كۆپ ئىلتىپاتلار كۆرسەتتى. ئاندىن سۆز باشلاپ: _ئەگەر ھىندى بىدئەتچىلىرىگە قارشى غازاتقا بارماقچى بولسام، خۇراسان«8»شەھىرى بوش قالىدۇ. ناۋادا يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەن پەيدا بولسا، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە، سىزلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئەھدۇ-پەيمان قىلساق، سىزلەردىن مەدەت ۋە ياردەمگە كۈچ تىلەشكە توغرا كېلىدۇ،_دېدى. ئىسرائىل: _ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بەندىچىلىك قىلىشساق، بۇ ناھايىتى ياخشىدۇر،_دېدى. مەھمۇد: _قاچانكى، بىزگە مەدەت ۋە ياردەم ھاجەت بولسا، قايسى نىشان بىلەن، قانچىلىك مەدەت كېلەركىن؟-دېدى. ئىسرائىلنىڭ مۈرىسىدە ئىككى تال ئوقى بىلەن ياسى بار ئىدى. بىر تال ئوقنى مەھمۇدنىڭ ئالدىغا قويۇپ: _بۇ ئوقنى ماڭا ئەۋەتسەڭ، ساڭا ياردەمگە يۈزمىڭ لەشكەر كېلىدۇ،-دېدى. _يەنە بۇنىڭدىن زىيادىرەك ھاجىتىمىز بولسا،_دەپ سورىدى مەھمۇد_بۇنىڭ تەبىرى قانداكىن؟ئىسرائىل يانى مەھمۇدقا بېرىپ: _بۇ يانى تۈركىستانغا ئەۋەتسەڭ، ناۋادا ئىككى يۈزمىڭ لەشكەر خالىساڭ ھەم كېلىدۇ،_ دېدى. تائام ۋە شاراپ كەلتۈرۈلدى، ئۈچ كېچە-كۈندۈز بەزمە تۈزۈلدى. لەشكەرلىرىگە تون-سەرۇپاي كىيدۈرۈلدى. ئاندىن كېيىن ئىسرائىل (ئەسلى كىتاپ6-بەت) بىر ئۈمەراسىدىن لەشكەرلىرىنى چۈشكۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ھەر ئۆيدە شاراپ ئىچمەككە مەشغۇل بولدى. ئىسرائىل بارلىق سىپاھى بىلەن غەرق مەس بولدى. مەھمۇد پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىسرائىلنى تۇتۇپ، شۇ كېچىسى ھىندىستانغا ئەۋەتتى. بارلىق سىپاھنى ھەم بەنىد قىلىپ، ھەر بىرىنى بىر شەھەرگە ماڭدۇردى. ئىسرائىلنى كۇلبەھىر شەھرىدە بەنىد قىلدى. تا يەتتە يىل ئۇ يەردە تۇردى.

    ئىسرائىل خەلقىدىن ئىككى كىشى ئىسرائىلنى بەنىدتىن خالاس قىلىش مەقسىتىدە كېلىپ، خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى. بىركۈنى پۇرسەت تېپىپ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇپ يولغا راۋان بولدى. ئەمما، ئۇلار يولدىن ئېزىپ قېلىپ باياۋاندا تەمتىرەپ يۈرەتتى، كۇتۋال(قورغان ساقچىلىرى)ئىزدەپ كېلىپ قالدى. ئىسرائىل بۇلارنى كۆرۈپ: _ئەمدى مەندىن ئۈمىد ئۈزۈڭلار، ئۆز غېمىڭلارنى قىلىپ بۇرادەرلىرىمگە ئېيتىڭلار. مېنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنى قىلسۇن. بىرەر-ئىككى قېتىم شىكەسىت( مەغلۇپ، سۇنۇق، ئازار تاپقان)تېپىش بىلەن نا ئۈمىد بولمىسۇن. بۇ پادىشاھنىڭ ئەسلى قولىدۇر. مەملىكەت ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئەمەس. بەلكى ئۇلارغا ئاخىرەتلىك مۇقەررەر بولغىسىدۇر،_دېدى.

    قاراۋۇللار ئىسرائىلنى تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ باردى ۋە مەھكەم بەنىد قىلدى. ئىسرائىل ئۇ يەردە ۋاپات بولدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى تۇتەلمىش «9»شەھەرنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ، نالە ۋە پىغانلار قىلىپ سىيىستان(كىرمان بىلەن خۇراسان ئارىسىدا)غا باردى. ئاندىن بۇخاراغا كېلىپ تاغىلىرىغا ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇلار ئىنتىقام ئېلىش قەستىدە پۇرسەت ئىزدەپ، ئاخىر سۇلتان مەھمۇدقا:«بىزنىڭ مەنزىلىمىز (ئەسلى كىتاپ7-بەت) قەھەتچىلىك ۋە قىستاڭچىلىق بولغاچقا، ھايات كەچۈرشىمىز تەسكە.relpost{clear:both}

    分享到: