ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (3) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    2. سۇلتان توغرۇلبەگ(1040___1063)

    مىكائىل بىننى سەلچۇق«11»نىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى: بىرى جەئفەر بەگ ئەبۇ سۇلتان«12»، يەنە بىرى توغرۇلبەگ ئەبۇ تالىپ. بۇلار ئۆز قەبىلىسىگە سەردار بولدى.سۇلتان مەسئۇد ئەمىر نىشاپۇر(ئىراننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر)غا: «سۇلتان مەھمۇد بىزنى ماتەم ۋە ھازا قايغۇسىدا قويۇپ، ئۆزى قازا مەنزىلىدە رىزالىق مەجىلىسىنى تۇزدى. سەن نىشاپۇر مەرگەنلىرىڭنى ئېلىپ بۇ ياققا كەلگەيسەن» دەپ نامە ئەۋەتتى. ئەمىر نىشاپۇر نامىنى ئوقۇپ سۇلتان مەسئۇدقا تەزىيەنامە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا سۇلتان مەسئۇد جۇرجانغا بېرىپ شەرفۇل-مەئانى ئانۇشراۋان بىننى مەلىكۇل-مەئانى، مەنۇ چېھرە بىنى شەمسۇل-مەئانى ۋە قالۇس بىننى شەمىگىرنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشتى ھەمدە رەي«13» لەشكەرلىرىگە ئۈمىد باغلاپ، رەيدىن لەشكەر ئارىيەت ئېلىپ، ئۆزى سەلچۇقلار «14» تەدبىرىدە مازاندەران (ئىراننىڭ شىمالىدا، كاسپى دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايون)غا كەلدى. بۇ جايغا كېلىپ بولغۇچە قورال - ياراقلىرى بۇزۇلۇپ، ئات-ئۇلاغلىرى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. لەشكەرلىرى ياياق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سۇلتان مەسئۇد دەرھال نەچچىلىگەن ئۈمەرا(ئەمىرلەر)سىپەھسالار(باش قوماندان)نى لەشكەر بىلەن ئەۋەتتى. سەلچۇقلار بىخەۋەر ئىدى. توساتتىن بۇلار بېرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كىرىشتى. سەلچۇقلار (ئەسلى كىتاپ9-بەت)چېكىنىپ فۇراد شەھرىستانىنىڭ ئارىسىدا بىر باياۋاندا جەڭگە تەييارلنىپ تۇردى. بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولدى. ئاقىۋەت مەسئۇد(قوليازمىدا «مەھمۇد»يېزىلىپ قالغان)نىڭ لەشكەرلىرى شىكەسىت تاپتى. سەلچۇقلار ھېساپسىز قورال-ياراق، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇلاغ ئولجا ئالدى.

    دەرۋەقە، سۇلتان مەسئۇدقا بىر ھادىسە سەۋەپ بولۇپ، ھىندىستانغا بارماق ھاجەت بولدى. ئامالسىز سەلچۇقلار بىلەن سۈلھى قىلىپ ھىندىستانغا كەتتى.سەلچۇقلار ئۆزگىچە قۇۋۋەت تاپتى. سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىق ئالامىتى بۇلارنىڭ ئاسمىنىدا نامايەن بولدى. بەخت-سائادەت ئاپتىپى بۇلارنىڭ ئىقبال نىشانىسىدىن پارلاپ، ئىززەت ۋە دۆلىتى ئارتىپ، سەھەردە كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك نۇر چېچىشقا باشلىدى«15».

    قىسسە:سۇلتان(سۇلتان مەسئۇد)قايتىپ غەزنەيىن«16»گە كەلدى. سەلچۇقلارنىڭ شەۋكەت ۋە سەلتەنىتىدىن خەۋەر تېپىپ خۇراساننىڭ ئەمرىگەسەلچۇقلارنى خۇراساندىن قوغلىغايسەن؟»دېگەن پەرمان بىلەن كىشى ئەۋەتتى. خۇراسان ئەمرىدىن «سۇلتان(سۇلتان مەسئۇد)سەلچۇقلارنىڭ ئىلگىرىكى ھالىنى خىيال قىلىپ پەرمان ئەۋەتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇ دەرىجىدىكى، مەندەك يۈز تۈمەن كىشىمۇ ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماس» دېگەن جاۋاپ كەلدى. ئەمما، سۇلتان مەسئۇد يەنە:«بۇيرۇققا ئىتائەت قىلسۇن، ئەمرىمگە مۇخالىپ(قارشى تەتۇر)بىر قەدەم باسمىسۇن»دەپ ئەمىر قىلدى. خۇراسان ئەمىرى ئامالسىز ۋە ئىختىيارسىز سەلچۇقلارغا قارشى لەشكەر تارتتى. بىراق شىكەسىت يەپ مەغلۇپ بولدى. سەلچۇقلار خۇراساننى ئۆز ئىختىيارىغا ئالدى. خۇراسان خەلقى قورقۇپ ۋەھىمە ۋە ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدى. سەلچۇقلار ھېچ كىشىگە ئازار بەرمەسلىك توغرىسىدا جار سالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (ئەسلى كىتاپ10-بەت)كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. بەس، بۇ ۋەقەنى سۇلتان مەسئۇد ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ھېساپسىز لەشكەر ئېلىپ خۇراسانغا كەلدى. بۇ چاغدا توغرۇلبەگ تۇستا ئىدى. مەسئۇد تۇسقا بېرىپ توغرۇلبەگنى بۇرادىرى (ئاكىسى)جەئفەربەگ(چاغرىبەگ)كە قوشۇلدۇرماي تۇتۇش نىيتىدە، تېز يۈرەر بىر پىلغا مىنىپ، لەشكىرىدىن ئايرىلىپ تۇسقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يىگىرمە بەش فەرسەخ(ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، بىر پەرسەخ تەخمىنەن 6.24كېلومىتىرغا توغرا كېلىدۇ)يەرگە بارغاندا،«توغرۇلبەگ بۇرادىرى جەئىفەر (چاغرىبەگ)كە قوشۇلۇپتۇ»دېگەن خەۋەر كەلدى. مەسئۇد قايتىپ كېلىپ شەرخىل بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىسىدىكى دەندالقان «17»قورغىنىغا بېرىپ، يېقىن بىر باياۋاندا جەڭ قىلدى.

    دەندەلقاندا پەقەت نەچچە يەردىلا سۇ بار ئىدى. بۇ سۇلارنى سەلچۇقلار ئىگەللىۋالغاندى. مەسئۇدنىڭ لەشكەرلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ھالى كەتتى ۋە ھېساپسىز ئات-ئۇلاغلىرى يىقلىدى. لەشكەرلەر بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كېتىشتى. مەسئۇد تەنھا قالدى. ئاتلار مەسئۇدنى تارتالمىغان ئىدى، پىلغا مىنىپ قاچتى. بارلىق قورال-ياراق ۋە خەزىنىلەر شۇ يەردە قالدى. شۇ ئەسنادا بىر نەچچە تۈرك مەسئۇدنى قوغلاپ يەتكەن ئىدى. مەسئۇد پىلدىن چۈشۈپ سۇغا كىردى. بۇ چاغدا بىر ئاتلىق لەشكەر كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، مەسئۇد بىر گۈرزە سېلىش بىلەن ھېلىقى لەشكەر قىرغاقتا ئېتى بىلەن قوشۇلۇپ پارە-پارە بولدى. قىرغاقتا لەشكەرلەر يېتىپ كەلگۈچە تاماششا قىلىپ تۇراتتى. ئارىدىن بىر كىشىئەي مەسئۇد، شىجائەتلىك تاجۇ-تەخىتلىك بۇ يەردە تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن قاچىسەن؟»_دەپ ۋاقىرغان ئىدى. مەسئۇدشۇ جائەت، تاجۇ-تەخىت دېگەن ئەمدى يوقتۇر»_دېدى-دە، سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى.(ئەسلى كىتاپ11-بەت)

    سەلچۇقلار ھېساپسىز نۇسرەت ۋە قۇۋەتكە ئىگە بولدى. ھەر تەرەپكە پىتراپ كەتكەن لەشكەرلەر يىغىلىپ بۇلارغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ سەردارى جەئىفەر بەگ (چاغرىبەگ)ۋە توغرۇلبەگ ئىدى. بۇلارنىڭ تاغىسى مۇسا بىننى سەلچۇق«18»بولۇپ، لەقىمى بەغۋى كەلان ئىدى. ئۇلار بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلىپ ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئىتىپاق ئۆتۈش مەقسىتىدە ئەھدۇ-پەيمان قىلىشىپ تۆۋەندىكىدەك نامە پۇتتى:

    «بىز سالجۇق ئەۋلادلىرىدۇرمىز. بىزنىڭ ئۇلۇغ(چوڭ)بۇرادىرىمىز ئىسرائىل سەلچۇق ئىدى. ئۇنى مەھمۇد نۇرغۇنلىغان قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، دوسىت-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن تۇتۇپ بەنىد قىلدى ۋە ھىندىستاندا يەتتە يىل تۇرغۇزۇپ ھالاك قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەسئۇد تەخىتتە ئولتۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ مەملىكەتنى ياخشى تۇتمىدى. بۇ سەۋەپتىن خۇراساننىڭ يۇقرى تەبىقە كىشىلىرى بىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن، ئىلتىماس قىلىشقا(نامە ئەۋەتىپ جەڭ قىلىشقا)مەجبۇر بولدۇق. ئۇلارنىڭ دوستلۇق ۋە ياردىمى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن ئىدۇق. مەسئۇد لەشكەر ئەۋەتىپ شىكەسىت تاپتى. ئاندىن ئۆزى ھېساپسىز لەشكەر بىلەن كەلدى. ھەقتائاللارنىڭ نۇسرىتى ۋە رەسۇل ئەكرەمنىڭ روھى شەرفلىرىنىڭ مەدىتى بىلەن ئۇلار(مەسئۇد)ئۈستىدىن غالىپ بولدۇق. كېرەملىك ئاللاھنىڭ بۇ مەرھەممىتىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، ئەدىل-ئادالەت ۋە سېخىيلىق قىلىپ، زۇلۇم ۋە جاپانى نابۇت قىلدۇق. ئۈمۈد قىلىمىزكى، بۇ ئىشمىز بىلەن ئەمىرۇل مۆئمىننىڭ پەرمانىغا مۇۋاپىق بولغاي، ۋەسسالام!».

    نامىنى ئەبۇ ئىسھاق فۇقائىدىن ئەمىرۇل-مۆئىمىن باھۇللاغا ئەۋەتتى. ئاندىن ۋىلايەتلەرنى تەقسىم قىلدى: جەئىفەر بەگ (چاغرىبەگ)مەرۋ«19»نى پايتەخىت قىلىپ، خۇراساننىڭ كۆپرەكىنى (ئەسلى كىتاپ12-بەت)ئۆز ئىختىيارىغا ئالدى.تاغىسى مۇسا پەغەۋى ھىرات«20»ئەسفەر،سىيسىتان ۋە يىگىرمە شەھەرنى ئىختىيار قىلدى. جەئىفەر بەگنىڭ چوڭ ئوغلى قادىر كىرمان(ئىراننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى شەھەر)سەرھەد(چېگرا، مەملىكەت)دە تۇردى. توغرۇلبەگ ئىراققا كەلدى. جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ)نىڭ ئانىسىنىڭ بىر تۇققىنى ئىبراھىمنى ھەمىدان(ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمقىي شەھەر)گە ئەۋەتتى. بۇرادىرىنىڭ ئوغلى ئەمىر يەقۇت «21»نەھرۇ رەيھان تەرەپكە يۈردى. ئىسرائىل بىننى قولتەمىشنى كورگان ۋە دامغانغا تەيىنلىدى. ئالىپ ئارىسلان «22» جەئىفەر (چاغرىبەگ)نىڭ ئوغلى، مۇھەممەدنىڭ بۇرادەرزادىسى ئىدى. ئۆز خىزمىتىگە تۇرغۇزۇلدى.

    نامە ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن قايىم باھىرۇللاغا يەتتى. ئۇ ھەيبەتۇللاھ بىننى مۆئىمىننى ياخشى سۆزلەر بىلەن توغرۇلبەگكە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى ۋە توغرۇلبەگنى باغداتقا ئېلىپ كېلىشنى تاپىلىدى. بەس، ھەيبەتۇللاھ بېرىپ توغرۇلبەگنىڭ ۋىلايىتىدە فەتىھىدە(ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش، دېگەن يېرىدىن چىقىرىش)پۇرسىتى يەتمەي، ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى.

    تارىخقا تۆت يۈز قىرىق يەتتە ئىدى. توغرۇلبەگ باغداتقا كەلدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن قايىم باھىرۇللاھ باغداتتا سۇلتان، ئەركانى دۆلەت(دۆلەت ئەربابى)ئەبۇ تالىپ بىننى توغرۇلبەگ بىننى مەھمۇد مىكائىل بىننى سەلچۇقنىڭ دۆلىتى ۋە نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ جار سالدۇردى ۋە ئۇنىڭغا«ئەركانى دۆلەت»دەپ لەقەب (نام) بېرىپ، نامىنى مېتال پۇلغا نەقىش قىلدۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېساپسىز ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتباھا تاشلارنى چاچقۇ قىلدى«23». ئاندىن كېيىن ئەبۇ ئىيەد يەلبى ئەۋلادىدىن مەلىك رەھىم ئەبۇ ناسىر بىننى پەرۋان ئىمادەر بىننى لىللاھى بىننى ئەلفەتتا بىننى سۇلتان دەۋلەتى باغدات«24»قا كەلگەن ئىدى. ئۇنى

    (ئەسلى كىتاپ13-بەت)بەنىد قىلىپ رەي تەرىپىگە ئەۋەتتى.

    توغرۇلبەگ باغداتتىن خانەئى كەئبە(مەككە شەھرىدىكى زىيارەتگاھ، مۇسۇلمانلار قىبلىسى)گە بېرىپ تاۋاپ قىلىپ، رەۋزەئى مۇقەددەس(مۇقەددەس قەۋرە، ئەۋلىيالار قەۋرىسى)نەبەۋىي سەللەت ھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە تېگىشلىك خىزمەت قىلىپ، تازىم بىجا كەلتۈرۈپ ياندى.

    تېمىنىڭ 3- مەزمۇنى تامام

    分享到: