ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-14

    باللادا=叙事曲=a ballad - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    ئىخچام ۋەقەلىك تەسۋىرىگە ئىگە بولغان، تارىخىي ياكى فانتازىستىك سيۇژىت ئۇستىگە قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇ ھەم كۇرەشلىرى بىلەن بىرلەشكەن، ھەجمى جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىغان،  شېىرىي ئەسەر باللادا دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا باللادا داستاندىن كىچىك، سىيۇژىتلىق شېئىردىن چوڭراق بولغان شېئىرى ئەسەر. ھەجىم جەھەتتىن ئېيتقاندا ناۋادا بىز داستاننى رومان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويساق، ئۇنداقتا باللادا شېئىرىيەتنىڭ پوۋېستى، ئىپىك شېئىر  ھىكايىنىڭ شېئىر شەكلى ھىساپلىنىدۇ.
    باللادىنىڭ داستاندىن يەنە بىر پەرقى تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر مۇبالىغە ئاساسىدا كۆپتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىدۇ. باللادىلار تارىخىي قەھرىمانلار ھەققىدىمۇ، جەمىيەتتىكى يېڭى كۇچلەر ھەققىدىمۇ بۇنڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ يېزىلىشى مۇمكىن.
    ت. ئېلىيوۋنىڭ «ئىگىلىك سۇ»، ئىمىن تۇرسۇننىڭ « قىزىلگۇل»،  ر.چاسىموۋنىڭ «كەپىدە»  قاتارلىق ئەسەرلىرى باللاداغا مىسال بولالايدۇ.

     باللادا دىگەن سۆز ئەڭ دەسلەپتە مىلاىدىن بۇرۇنقى يۇنان دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن ballare دىگەن سۆزدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇسۇل دىگەن مەنىدنى بىلدۈرەتتى يەنى ئۇ دەۋردىكى كىشىلەر ھەجمى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئۇسۇللۇق ناخشىلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ۋەقەلىككە ئىگە مۇزىكىلىق ئۇسۇللارنى كۆرسىتەتتى، كېيىن بۇ مۇزىكىلارغا تېكىست سېلىندى، رەم دەۋرىدە بولسا يۇناننىڭ بۇ مەدەنىيىتىگە تولۇقلىما قىلىنىپ  ballare دىگەن سۆز لاتىن تىلىغا balladeبولۇپ ئۆزلىشىپ ئوپىراسىمان شېئىرى ئۇسۇللۇق دىرامىلارغىمۇ قارىتىلدى. 14-ئەسىردىن كېيىنكى ئىتالىيە ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىشىدىن كېيىن ئاندىن balladeدىگەن سۆز ھەجمى چوڭراق بولغان شېئىرى ئەسەرلەرگە قارىتىلىدىغان بولدى. ئەمما دۇنيادا باللاداغا ئۇمۇمەن مۇزىكا سېلىنىدۇ، باللادا دىگەن شەكىلمۇ كۆپرەك شېئىرىيەتكە ئەمەس بەلكى ناخشا شەكلىگە ئىشلىتىلىدۇ . بۇمۇ باللادانىڭ داستان ۋە ئىپىك شېئىر بىلەن پەرقلىنىدىغان مۇھىم بىر تەرىپى.

    分享到: