ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ئەخلاقىي تەربىيە - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشى بىلەن ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئەخلاقىي تەربىيەنى بىرگە ئىلىپ مېڭىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۇنى «سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش تەكىتلەپ ئۆتۈلىدۇ.

     

    تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان زۆرۈر دەرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دەرسنىڭ پەن قۇرۇلۇش مەقسىدى ئوقۇغۇچىلاردا ئانا تىلىدا ياكى دۆلەت تىلىدا نورمال، راۋان ئوقۇش، يېزىش، ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، دەرىسلىكتىكى ئەدەبىي تىكىستلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوقلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، مۇئەييەن يېزىقچىلىق سەۋىيەسى ھازىرلاش، شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەخلاق تەربىيەسى، توغرا كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تەربىيەسى ئىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. دېمەك، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تايىنىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئەخلاقىي تەربىيە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تايىنىدۇ. بۇ يەردە يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەخلاقىي تەربىيەمۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي روھ، زوقلىنىش ئىستىكى، مۇئەييەن ئىجادچانلىق، قوزغىلىش كۈچى پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە تېخىمۇ قېزىقىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن ئەخلاقىي تەربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تەشتەك بىلەن گۈلنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر-بىرىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدۇ. يەنى تەشتەك گۈلنى ئۆسۈش مۇھىتى بولغان تۇپراق بىلەن تەمىنلىسە، گۈلمۇ ئاشۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، باراقسانلاپ، چېچەكلەپ، ئاشۇ تەشتەكنىڭ زىبالىقىنى، گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى بىر-بىرىگە باغلانغان ھالدا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

    ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئۆلچىمىدە، «ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشى، ئىدىيىۋى تەربىيە ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى تەربىيىلەشكە، ئەخلاقىي پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىلەن قارىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، ھەق- ناھەقنى، گۈزەللىك بىلەن خۇنۇكلۈكنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

    يۇقارقى دەرس ئۆلچىمىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش جەريانىغا جەزمەن ئەخلاقىي تەربىيە  سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدىغان ئاساسىي دەرسلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، بۇ دەرسنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىمۇ دەل ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا روھى جەھەتتىن كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەر قايتا-قايتا تاللاشتىن ئۆتكەن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تەربىيىۋى قىممىتى زور، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوقلىنىش سەۋىيەسى ۋە زوقلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ۋاستىسىدىن ئىبارەت. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش مەشىقلىرى مەيلى ئاغزاكى، مەيلى يازما شەكىلدە بولسۇن ھەممىسىدە بەلگىلىك ئىدىيىۋى تەربىيە خاھىشى ۋە ھېسسىي رەڭدارلىق، بەدئىي زوقلىنىش تەلىپى بار. شۇڭا ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوقۇتۇش بىلەن ئەخلاقىي تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسلىق بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىددىيە-ئەخلاق، غايە تەربىيىسىگە ئىگە قىلىشنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش  زۆرۈر. تۆۋەندە مەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ئەخلاقىي تەربىيە سىڭدۈرۈشنىڭ بەزىبىر ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

    1. دەسلەپكى سىناققا بىرلەشتۈرۈش

    دەرىستىن ئاۋالقى سىناق ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىنقى ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىشىش ئەھۋالى، يېڭى دەرسكە ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى سىناش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى قوزغاشتىكى مۇھىم بىر ياردەمچى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سىناق سۇئالى چىقارغاندا، سۇئالنى مەلۇم دەرىجىدە قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، سۇئالنىڭ تەلىۋىنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇئەييەن ئەخلاقىي تەربىيە مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئورۇنداشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرسكە بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

    2. دەرسكە باشلاپ كىرىش جەريانىغا سىڭدۈرۈش

    دەرسكە باشلاپ كىرىش – ئوقۇتۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئوقۇغۇچىغا ۋە دەرسلىككە ماس بولغان باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى شۇ دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېزىقىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە، «ياخشى باشلانما كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى.»، «ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبە» دەپ قارىلىدۇ. شۇ مەنىدىن ئىيىتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە ياخشى باشلاپ كىرىش دەرسنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاشتىكى يېرىم غەلبە. دېمەك، ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرسلىككە سىڭدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىمۇ ئەلۋەتتە دەرسكە باشلاپ كىرىش جەريانىغا باغلىق. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش جەريانىغا ئەخلاقىي تەربىيىنى سىڭدۈرۈش مەسىلىسى توغرىلىق ئالاھىدە ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر بىز ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرسلىك تېكىستىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش سەۋىيەسىگە ماھىرلىق ماسلاشتۇرۇپ دەرسنى ياخشى باشلىيالىساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملىك ھالدا قوزغاپلا قالماي، تېكىستنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان توغرا بولغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىنىمۇ ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز. مەسىلەن، بىز  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىق ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى «يالغانچى بالا» تېكىستىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك «يالغان سۆزلەش ياخشى ئىشمۇ؟ سىز يالغان سۆزلەپ باققانمۇ؟ نېمىشقا؟ يەنە يالغان سۆزلىسەم بولىدۇ دەپ قارامسىز؟ يالغان سۆزلەشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ بۇ دەرىستىكى بالا نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ قاراپ باقايلى. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى تەبىئىي يوسۇندا ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئەخلاقىي تەلەپ سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى «سەمىمىيلىك ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پەزىلەت. كىشىلەردە ئۆز-ئارا ئىشەنچ بولغاندىلا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. يالغانچىلىق كىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا شۇ كىشنىڭ ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا بىز ھەممىز ئۆز-ئارا سەمىمىي بولىشىمىز، بىر-بىرمىزنى ھۆرمەتلەپ ئىناق-ئىجىل ئۆتىشىمىز لازىم. شۇندىلا ھەمىمىز خۇشال ياشايمىز.» دېگەندەك خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى سەمىمىي بولۇشتەك ئەخلاقىي پەزىلەتكە يېتەكلەشكە بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، مانا بۇ دەرسكە باشلاپ كىرىش جەريانىغا، سەمىمىيلىك - ئىتىپاقلىق، ئىناقلىق، خۇشال تۇرمۇش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىنسانىي پەزىلەت ئىكەنلىكىدەك ئەخلاقىي تەربىيىۋى بىلىملەر سىڭىپ كەتكەن.  

    3. دەرسلىككە، تېكىستنى ئوقۇش، چۈشەندۈرۈش جەريانىغا سىڭدۈرۈش

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى دەرسلىك ماتېرىيالنى ئاساس قىلىدۇ، دەرسلىك ماتېرىيالدا مول بولغان ئەخلاقىي تەربىيە مەزمۇنلىرى بار.مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشىتىكى ئاساسىي بازا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .مەسىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پارتىيەنى، ئەمگەكنى، كوللېكتىپنى، ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش، ئۆز خەلقى، ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلىنىش، ئاتا-ئانىلارنى، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش قاتارلىق. شۇڭا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيە بىلەن ئەقلىي تەربىيىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەخلاقىي تەربىيىنى تېكىست ئۈستىدىكى چۈشەنچە ۋە تەھلىللەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋېتىش كېرەك. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى  «غېرىپ ئاتا»نى سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستتىكى سىپىرىخان موماينىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈلپەتلىرى، غەم-ئەندىشىلىرىنى قايتا-قايتائوقۇشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى، پەرزەنتنىڭ ئۇلار ئالدىدىكى تۆلەپ بولالماس قەرزىنى ھېس قىلدۇرۇش، ۋە تېكىست ئوقۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى بالا، ۋاپادار پەرزەنت بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر قىلغۇزۇش، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلش ئۇچۇن ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش  مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، تېكىست ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش جەريانىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتتىن ئىبارەت.

    يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىكلەردە ئەقلىيە سۆزلەر ۋە ھېكمەتلىك جۈملىلەر خېلى مول. مەيلى شېئىرىي ئەسەرلەر، مەيلى نەسر ، ھېكايىلەر بولسۇن ھەممىسىلا بالىلارنىڭ يېشىغا، پىسخكىسىغا ماس ھالدا تاللانغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇلار چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر ۋە مول ھېسسىيات بىلەن تويۇنغان. بىز تېكىستلەردىكى تېرەن ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە يوشۇرغان ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتىلىق تەھلىل قىلىشىمىز، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلاردا تەپەككۇر ئىلھامى قوزغىشىمىز كېرەك.

    4. كۆنۈكمە مەشىقلىرى تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈش

    دەرسلىكلەرنىڭ ئاخىرىدىكى كۆنۈكمە سۇئاللىرى كۆپۈنچە ھاللاردا بالىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئېنىق، قاتلاملار بويىچە ئىگەللىۋىلىشى ياكى بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، بەزى كۆنۈكمە مەشىق تەلەپلىرىدە بىز تەكىتلەپ كىلىۋاتقان ئىددىيەۋى تەربىيە نۇقتىلىرى ئالاھىدە كۆرسىتىلمەي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغان. شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىلارنى ئىگەللەشكە ماھىر بولۇپ، كۆنۈكمە مەشقى تەلەپلىرىگە مۇئەييەن ئىددىيەۋى تەربىيە مەزمۇنىنى سىڭدۈرۈپ تەلەپلەرنى ئورۇنداش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەلۋەتتە، دەرسلىكنىڭ «قوش ئۈنۈم»لۇك بولۇشىنىڭ تەلىپى. شۇندىلا بىز ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن، ئەخلاقىي تەربىيەنى بىرگە ئىلىپ مېڭىش تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندىيالايمىز.

    5. دەرسنىڭ خۇلاسىسىغا سىڭدۈرۈش

    ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەلۋەتتە، بۇ خۇلاسىگە يەنە ئوخشاشلا ئەخلاقىي تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ ۋە شۇنداق قىلىش كېرەك. بەزى ئوقۇتقۇچىلار تېكىست ئوقۇتۇشى تاماملانغان تۇرسا يەنە قانداقمۇ تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بولسۇن دېيىشىدۇ. بۇ  خىل قاراش توغرا ئەمەس. ئوقۇتقۇچى پەقەت ماتېرىيالنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلسىلا، دەرس خۇلاسىسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە جەزمەن يېتەلەيدۇ. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «جەرەن» ناملىق تېكىستنى ئالايلى. بۇ تېكىست ئومۇميۈزلۇك ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا جەرەننى تونۇشتۇرشنى مەقسەت قىلىپلا قالماي يەنە، ئوقۇغۇچىلارغا جەرەننىڭ دۆلەتنىڭ قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تېزىملىكىدىكى قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنلىكىەك ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ دەرسنى خۇلاسىلىغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش تەربيەسى، ۋە شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا رىئايە قىلش تەربىيەسىنى خۇلاسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.

    6. تاپشۇرۇققا بىرلەشتۈرۈش

    تاپشۇرۇق بېرىش ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلگەن دەرسنى تەكرارلىتىش، ئۇنى تېخىمۇ پۇختا ئىگەللەش، ۋە شۇنداقلا ئۆتۈلمەكچى بولغان يېڭى دەرسكە نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلاردا مۇئەييەن تەييارلىق ھازىرلاش مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. تاپشۇرۇق بېرىشتە يالغۇز ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسنى چۈشۈنۈش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنىلا مەقسەت قىلماي، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىددىيەۋى تەربىيە ئىلىپ بېرىشنىمۇ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان يېزىقچىلىق تاپشۇرىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىقچىلىق تەلەپلىرىگە ئىددىيەۋى مەزمۇندارلىق تەلىپى قويۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرگەندە، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىددىيەۋى ساپاسىنى ئىگەللەشكە ماھىر بولۇش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا باھا يازغاندا، تۈزەتمىلىك، ئىلھام بېرىدىغان باھالارنى بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى توغرا ئىلىم ۋە ئىددىيەۋى كۆز قاراش بىلەن يەنىمۇ ياخشى يېتەكلەش ئىنتايىن مۇھىم.

    7. دەرستىن سىرتقى ئوقۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈش

    ئادەتتە، دەرس ۋاقتى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىلىم تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى دەرستىن سرىتقى ئوقۇش پائالىيىتىگە قېززىقتۇرۇش ۋە ئۇلاردا دەرستى سېرىت ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. دەرستىن سىرتقى ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي  تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملىك يوللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە بولغان ياردىمى ناھايىتى زور. ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ئوقۇشقا، تېكىستلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇپ زوقلىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن   ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار «لۇتۇن»نى ئوقۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق كىچىك لۇتپۇللانىڭ تىرىشچان، ئىزلىنىشكە ماھىر، ئىلىمگە ھېرىسمەن، باتۇر، جاپادىن قورقماس روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىدە لۇتپۇللادەك قەيسەر، تىرىشچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم پەن بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

    8 . دەرستىن سىرتقى كۇرژۇك، مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈش

    مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرىتقى كۇرژۇك(ئىككىنچى دەرسىخانا پائالىيىتى)، مۇھاكىمە، مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش بىزدە ئاز ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىلىشغا ياردەم قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىپ ئىزدىنىش، دادىللىق، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئىلمىي قائىدىلىك، راۋان سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل مۇنازىرىلەرگە ئوقۇتقۇچى يېقىندىن تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرىنىڭ توغرا، ئىنىق، قائىدىلىك بولىشىغا، قېيىن مەسلىلەرنىڭ مۇئەييەن ئىگەللەش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ خىل مۇھاكىمىلەرنىڭ جەريانىغا ئوقۇتقۇچى ياندىن تۇرۇپ مۇئەييەن ئىددىيەۋى ئەخلاق تەربىيە مەزمۇنىنى سېڭدۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ.

    دېمەك، ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرسلىككە بېرلەشتۈرۈشتە يالغۇز دەرسلىك تېكىستىگىلا تايانماستىن، بەلكى دەرسلىكنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. دەرسنىڭ مەيلى تېكىست، مەيلى مەشىق، ۋە ياكى دەرسىتىن سىرىتقى تاپشۇرۇق، ماسلاشتۇرما ئوقۇشلۇق، مۇھاكىمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئىددىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولالايدۇ.

    بۈگۈنكىدەك «سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشى» ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان كۈندە، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە،  ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىددىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە مائارىپنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى. شۇڭا بىز ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلەن، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش بىلەن ئەۋلاد تەربىيەلەش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك.

    分享到: