-
2010-09-29
خوجىنىياز ھاجىمنىڭ نامىدا يىزىلغان ئىككى پارچە خەت - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]
خوجىنىياز ھاجىمنىڭ نامىدا يىزىلغان ئىككى پارچە خەت
ئورخۇن مۇنبىرىدىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۇپ قايمۇقۇپ قالدىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۇرنىڭ ئويغانغان زىمىن ناملىق ئەسىرىدە تەمىنلىگەن مەزمۇنلار بىلەن بۇ قوليازمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىسا ھەقىقەتەن قايمۇقۇپ قالىدىكەن بۇ خەتلەرنى خۇجانىياز ھاجىم يازغانمۇ ياكى شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت خۇجانىياز ھاجىمنىڭ نامىدا يازغانمۇ بۇنىسى نامەلۇم.تۈركىيە دۆۋلىتىگە:
ساناقسىز مەدھىيە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر.ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسىگە بولغاي.
ئالىيلىرى ھوزۇرىغا ئاجىزانە يېتىپ كەلگەنلىكىمىز شەرەپ ۋە قوبۇل تاپسۇنكى، بىز يېڭىغىنە قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە كېرەكلىك ئەسۋابلەرنىڭ كەملىكى جەھەتىدىن، ئالىيلىرى ھوزۇرىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى نازىرى بەردى ھاجى پەرزەنتى قاسىم ھاجىنى ئەۋەتتۇق. مەرھەمەت قىلىپ مەزكۇر ۋەكىلىمىز قاسىم ھاجى سورىغان قۇراللاردىن يەنى: مىلتىق،ئوق،پىلىمۇت،ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان قاتارلىق سورىغان سايمانلارنى بەرمەكلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز. سايمان ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ۋەزىپىنى ۋەكىلىمىز قاسىمجان ھاجى جاۋاب قىلىدۇ.
ئىككىنچى ئۈمىدىمىز سورىغان سايمانلىرىمىزغا مەرھەمەت قىلىنسا،رەھىم قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا ۋاسىتىلەر بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىلىرىغا خەت ئەۋەتكۈچى:
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ۋە نەنجاڭ بوۋىىي زوڭسىلىڭى غازى خۇجا نىياز ھاجى ئىمىن نىياز ئوغلى.
رەسۇلۇللاھ ھىجرىتىنىڭ 1352 - يىلى جامادىيۇلئەۋۋەلنىڭ 14 - كۈنى(مىلادىيە 1933 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چارشەنبە.)ئەنگىلىيە دۆلىتىگە:
ئالىيلىرى ھوزۇرىغا ئاجىزانە يېتىپ كەلگەنلىكىمىز شەرەپ ۋە قوبۇل تاپسۇنكى، بىز يېڭىغىنە قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە كېرەكلىك ئەسۋابلەرنىڭ كەملىكى جەھەتىدىن، ئالىيلىرى ھوزۇرىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى نازىرى بەردى ھاجى پەرزەنتى قاسىم ھاجىنى ئەۋەتتۇق. مەرھەمەت قىلىپ مەزكۇر ۋەكىلىمىز قاسىم ھاجى سورىغان قۇراللاردىن يەنى:
مىلتىق،ئوق،پىلىمۇت،ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان قاتارلىق سورىغان سايمانلارنى ئىلتىپات قىلماقلىرىڭىز ئەلۋەتتە زۆرۈردۇر. سايمان ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ۋەزىپىنى ۋەكىلىمىز قاسىمجان ھاجى جاۋاب قىلىدۇ.
ئىككىنچى ئۈمىدىمىز سورىغان سايمانلىرىمىزغا مەرھەمەت قىلىنسا،رەھىم قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا ۋاسىتىلەر بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىلىرىغا خەت ئەۋەتكۈچى:
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ۋە نەنجاڭ بوۋۋېي زۇڭسىلىڭى،غازى خۇجا نىياز ھاجى ئىمىن نىياز ئوغلى.
رەسۇلۇللاھ ھىجرىتىنىڭ 1352 - يىلى جامادىيۇلئەۋۋەلنىڭ 14 - كۈنى(مىلادىيە 1933- يىلى9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چارشەنبە.)مەكتوب چۆرىسىگە يېزىلغان خەت:
ۋە يەنە ئىلتىماس قىلىمەنكى،جىڭ جۇشى ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىغا ئالدۇرغان سايماندىن قولىڭىزدا ئېشىپ قالغىنىنى سورايمەن. تېزلىك بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز ئىدى.مەنبە:ئورخۇن تارىخ تورى
历史上的今天:
ئۇيغۇرلاردا يېڭىلىق ھەرىكىتى ۋە ئەدەبىيات 2010-09-29ئىسلامىيەت تەسىرىدە تۈرك ئەدەبىياتى 2010-09-29تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ئەخلاقىي تەربىيە 2010-09-29كۆمۈلمەس تارىخ، شانلىق سەھىپە 2010-09-29