ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    كۆمۈلمەس تارىخ، شانلىق سەھىپە - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    1944-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە 5-كۈنى ئۇلاستاي پارتىزانلىرى ئەكبەر باتۇر، خەمىت باتۇر مۇسلىموف قاتارلىقلارنى 500 نەچچە كىشىلىك قوراللىق كۈچنى تەشكىللەپ، نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. يول بويى مىڭغا يېقىن ئامما ئۇلارغا ئەگەشتى. ئەتىسى سەھەردە، سېيىت باتۇر باشچىلىقىدىكى 1-چوڭ ئەترەت، غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى 2-چوڭ ئەترەت، ئىۋان شۇتوف باشچىلىقىدىكى 3-چوڭ ئەترەت شەرق، جەنۇب، غەرپ تەرەپتىن ناھىيە بازىرىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. پارتىزانلار بىر كېچە-كۈندۈز  كەسكىن جەڭ قىلىپ، 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نىلقىنى ئىشغال قىلدى. ناھىيە بازىرىنى ساقلاۋاتقان ھەربى-ساقچىدىن 30 نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھەربىلەردىن 140 نەچچە ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى، 3 پىلىموت، 66 مىلتىق ئولجا ئالدى. تۈرمىگە قامالغان ئوبۇلخەيرى تۆرە، نۈسۈپقان كۈنباي قاتارلىق 100 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

    10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇلاستاي پارتىزانلىرى نىلقىدا ئىككىنچى قېتىم تەرتىپكە سېلىندى. ئاساسەن قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان 1-چوڭ ئەترەتكە ئەكبەر باتۇر، سېيىت باتۇرلار باشلىق، ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان 2-چوڭ ئەترەتكە غېنى باتۇر باشلىق بولدى، كۆپىنچە ئەزاسى ئورۇسلاردىن بولغان 3-چوڭ ئەترەتكە ئىۋان شۇتوف باشلىق بولدى. ئومۇمىي ئەسكەرىي كۈچى 800 نەچچە كىشىگە يەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قوشۇن نىلقا پارتىزانلىرى دەپ ئاتالدى، پارتىزانلارنىڭ تەسىرى تېز سۈرئەتتە غۇلجا، تېكەس، كۈنەس ۋە توققۇزتارا ناھىيىلىرىگىچە كېڭەيدى.

    10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە 12-كۈنى زھۇ شائولىئاڭ زاپاس 7-دىۋىزىيە 19-پولكىنىڭ كوماندىرى پېڭ جۇنييېغا 2-باتاليون بىلەن بىر مىناميوت روتىسىنى باشلاپ،ئىلىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئىلىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. پېڭ جۇنيې قوشۇن تارتىپ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجىغا يېتىپ باردى.

    10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 18-كۈنى زھۇ شائولىئاڭ پلانىنى ئۆزگەرتىپ، زاپاس 7-دىۋىزىيىنىڭ شتاب باشلىقى (سەنمۇجاڭى) سائو رىلىڭنى ۋاقتىنچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇ'ئەققەت تىنجىتىش قوماندانلىقىغا بەلگىلىدى. ئەتىسى ساۋ رىلىڭ ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا باردى، ئۇ نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى مازاردا تىركىشىپ تۇرىۋاتقان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئىلىدىكى شۇ چاغدىكى ئەسكەرىي كۈچ بىلەن مازاردىن شەرققە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇچادا تۇرۇشلۇق قوشۇنلارغا مۇزات داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبتىن شىمالغا ھۇجۇمغا ئۆتۈش؛ زاپاس 7-دىۋىزىيىنىڭ 21-پولكىغا جىڭدىكى ئاچال ئارقىلىق غۇلجا تەرەپنى توسۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

    10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە نىلقا پارتىزانلىرى ئەۋەتكەن شۆبە ئەترەت جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىگىلەپ تۇرغان ئاچالنى ئىشغال قىلىپ، 23-كۈنى جىڭ ناھىيە بازىرىغا 15 ك م كېلىدىغان جايغىچە ئىلگىرلەپ كىردى.

    10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋۇ زھوڭخىن جىئاڭ جىئەشىغا تېلېگرامما يوللاپ، تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلاددە دىپلوماتىيە خادىمى، ئامېرىكىدا ئوقۇغان ۋۇ زىخىئاڭنىڭ ئورنىغا جۇڭگونىڭ سوۋېتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى، سوۋېتتا ئوقۇغان، رۇس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان لىئۇ زېروڭنى شىنجاڭغا تېزرەك ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

    10-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋۇ زھوڭخىن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ ۋالىيلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ: "سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ بىلەن چېگراداش،بىز بىلەن يېقىن قوشنا دۆلەت، بۇ ھەقتە مەركەز ئېنىق يوليورۇق بەردى،بۇ جايلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇ روھنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جايلاردىكى كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە بارلىق سوۋېت مۇھاجىرلىرىغا ئالاھىدە ئەدەپلىك مۇ'ئامىلە قىلىپ، ئىشتا ھەمكارلىشىپ، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.

    10-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى گومىنداڭنىڭ كۈنەس مەمۇرىي رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇئو زھىھۇي نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ نىلقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھەربىي-مەمۇرىي خادىملىرى بىلەن ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ، قارا شەھەرگە قېچىپ كەتتى. مېڭبېشى جايىربېك بەشتۆپە (ھازىرقى كۈنەس) دە قوماندانلىق شتابى تەشكىللەپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدى.

    1944-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى "غۇلجا ئازاتلىق تەشكىلاتى" غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش شارا'ئىتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنى ياردەم سوراش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتتى.

    1944-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بىر باتالىيون ئەسكەرىي كۈچ بىلەن قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، نىلقا ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ ئۇلاستايغا ۋاقتىنچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

    11-ئاينىڭ 3-كۈنى نىلقا پارتىزانلىرى جالىنغولدا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن زاپاس 7-دىۋىزىيە 19-پولك 2-باتالىيونىنىڭ بىر روتا ئەسكىرى بىلەن 8 سائەت كەسكىن ئېلىشتى. گومىنداڭ ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتىپ، پارتىزانلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ رەھبىرى ئەكبەر باتۇر ئېغىر يارىلىنىپ، 10-كۈنى قۇربان بولدى.

    11-ئاينىڭ 4-كۈنى "غۇلجا ئازاتلىق تەشكىلاتى" سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، غۇلجىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئەسكەرىي كۈچىنىڭ نىلقىغا يۆتكەلگەنلىكى، غۇلجا شەھىرىنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ ھەربى-ساقچىلىرىنىڭ تارقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن شەھەر ئىچىدە ئاممىنى مەخپىي ھەركەتلەندۈرۈپ، تەشكىللەپ ۋە قوراللاندۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن نىلقا ناھىيىسىدىكى ئۇلاستايغا ئادەم ئەۋەتىپ، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ دەرھال غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، غۇلجىنى بىر يولىلا ئالماقچى بولدى.

    شۇ كۈنى لىئۇ بىڭدې، گائو ۋېيلار جالىنغول ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۈرۈمچىگە جىددى تېلېگرامما يوللاپ ياردەم سورىدى. تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەن: "توپىلاڭچىلار" نىڭ كۈچى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. ئۇلارنىڭ 1500 دىن ئارتۇق ئادىمى، 300 دىن ئارتۇق مىلتىقى بار، ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر. نىلقىغا بارغانلىكى ماشىنىلار قايتقاندا قاچىلاپ كېلىۋاتقىنى يارىدار ئەسكەرلەر. غۇلجا ناھىيىسىدىكى پەنجىم، جىلىيۈزدە، سۈيدۈڭ ناھىيىسىدىكى لوسىگوڭدا مەخپىي تەشكىلاتلار پا'ئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ... غۇلجا تەھىت ئاستىدا قالدى، شۇڭا قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    11-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا كوچىلىرىدا "يوقالسۇن خەلقنى ئەزگەن ھۆكۈمەت"، "مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ، خەنزۇلارنى، شەرقى شىماللىقلار* شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرايلى"، "ياشىسۇن ئىنقىلاپ غەلىبىسى" دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى پلاكات، تەشۋىق ۋەرەقىلىرى پەيدا بولدى. ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرىگە: "غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان قورال-ياراغلار شەھەرگە كىرىپ بولدى" دەپ جىددىي تېلېگرامما يوللىدى.  

    ئىززاھ :
    * شەرقىي شىماللىقلار: "18-سېنتەبر ۋەقەسى" دىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنگەنشەرقىي شىمالدىكى پىدا'ئىي ئەسكەرلەرنى ككرسىتىدۇ، ئۇلار 1933-، 1934-يىللىرى سوۋېت سىبىرىيىسى ئارقىلىق تۈركۈملەپ شىنجاڭغا كېلىپ ئىلى، تارباغاتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان.

    1944-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مازارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقان نىلقا پارتىزانلىرى «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇۋۇۋېلىپ، شۇ ھامان ئەسلىدىكى پلانىنى ئۆزگەرتتى، مازار تاغ ئېغىزىدا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاز بىر قىسىم كۈچنى قالدۇرغاندىن سىرت، ئاساسلىق كۈچى بىلەن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، گومىنداڭنىڭ تايانچ پۇنكىتلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يوللار ئارقىلىق ئۇددۇل غۇلقىغا قاراپ ئاتلاندى.

    11-ئاينىڭ 6-كۈنى تاڭ سەھەردە نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى 2-چوڭ ئەترىتى غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ باردى. ئەمما 1- ۋە 3-چوڭ ئەترەت بەلگىلەنگەن جايغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن، 2-چوڭ ئەترەت غۇلجا 3-رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا يالغۇز ھۇجۇم قىلدى، بىراق گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 128-دىۋىزىيىسىدىكى بىر باتاليون ئەسكەر ئۈچ ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسىدە قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىرلەن غېنى باتۇر ئەترىتى نا'ئىلاج تۇرپانيۈزگە چېكىنىپ 1-، 3- ئەترەت بىلەن ئۇچرىشىپ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇچدەرۋازىغا يېتىپ كېلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى.
    شۇ كۈنى فاتىي ئىۋانوۋىچ لېسكىن پارتىزانلارنى باشلاپ لوسىگۇڭ ساقچىخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. رايون باشلىقى، ساقچىخانا باشلىقى ۋە ساقچىلاردىن بولۇپ نەچچە ئون ئادەمنى ئېتىپ تاشلاپ، 53 تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، لوسىگۇڭ رايونىنى ئىشغال قىلدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، پارتىزانلار سېپىگە قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، ناھايىتى تېزلا نەچچە يۈز كىشىگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن موگۇتنوۋ*، لېسكىن قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى لوسىگوڭ پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەندى.

    شۇ كۈنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفېتسېرى پيوتر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋ** بىلەن بىرلىكتە بىر قوراللىق قوشۇننى باشلاپ يوشۇرۇن ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا كىرىپ، «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە ھەربىي قوماندانلىق شتابى قۇردى. ئالېكساندروۋ شتاب مەسئۇلى بولدى. قوماندانلىق شتاب ئەزالىرى: رەخىمجان سابىر ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ۋ.مازھاروف***، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپتى. ھەربىي قوماندانلىق شتابى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى (سوۋېت ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا 27 يىل تولغان كۈنى) شەھەر بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلىشىشنى قارار قىلدى.
    ئىزاھلار:
    * موگۇتنوۋ: 1899-يىلى تۇغۇلغان، سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس، ئىنقىلاب پارتلىغاندا لوسىگۇڭ پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىلگىرى-كېيىن قورغاس، سۈيدۈڭ ناھىيىلىرىنى ئېلىش جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلغان، مىللىي ئارمىيىدە پولك كوماندىرى (تۈئەنجاڭ)، برىگادا كوماندىرى (لۈيجاڭ) بولغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
    ** پيوتر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋ: سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا كېلىپ، غۇجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قوماندانلىق قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرىنىڭ باش قوماندانى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1945-يىلى 1-ئايدا دۆلىتىگە قايتقان.

    *** ۋ.مازھاروف: 1887-يىلى تۇغۇلغان، سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس. روسسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتلىغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقى (سەنمۇجاڭى) بولغان، 1951-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. 

    1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە 7-كۈنى تاڭ سەھەردە، نىلنقا پارتىزانلىرى غۇلجىغا ھۇجۇم باشلىدى، شەھەر ئىچىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ قوشۇلدى. نەچچە كۈن كەسكىن قەڭ قىلىش داۋامىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالتە شۇئار» مەھەللىسى، كۆك كۆۋرۈك، سايبويى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ساي بويى چوڭ كۆۋرىكىنى تىزگىنلەپ، قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىناسىنى ئىگىلىدى. ۋالىي مەھكىمىسىنى ۋە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى، «ئاكسېنېر شىركىتى» («پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى» ھازىرقى دوستلۇق دوختۇرىئانىسىنىڭ يېنىدا ئىدى _ نازىمى) قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان مۇھىم يول ئېغىزلىرىنى ئوت كۈچى ئارقىلىق قامال قىلدى، لىئۇ بىڭدېنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. سائو رىلىڭ بىر تەرەپتىن 19-پولكنىڭ 1-باتاليونىغا ۋالىي مەھكىمىسى، ۋىلايەتلىك ساقچى، ئاكسېنېر شىركىتى قاتارلىق جايلارنى قەتئىي ساقلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، نىلقىدا تۇرۇپ قالغان 19-پولكنىڭ 2-باتاليونىنى دەرھال ياردەمگە يۆتكىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىڭ ۋە ئاچالدا تۇرۇشلۇق 21-پولكقا غۇلجىغا ياردەم بېرىش ھەققىدە جىددىي تېلېگرامما بەردى.

    11-ئاينىڭ 9-كۈنى زھۇ شائولىئاڭ، ۋۇ زھوڭشىنلار مۇنۇلارنى قارار قىلدى: (1) زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى (شىجاڭى) لى يۈشاڭنى ھەربىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن غۇلجىغا ئەۋەتىش. (2) دېڭ شاڭخەينى جارچى-سلاۋچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا ئەۋەتىش. (3) زو شۇپىڭنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەش، دىڭ شاڭخەي بىلەن بىللە يولغا چىقىش. (4) سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ياردەملىشىش ئۈچۈن،تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە خادىملىرى مەھكىمىسىگە خادىملارنى لى يۈشاڭ، دېڭ شاڭخەي، زۇئو شۇپىڭلار ماڭىدىغان 10-كۈنىدىكى ئايروپىلاندىن قالدۇرماي غۇلجىغا ئەۋەتىشنى بۇيرۇش.

    شۇ كۈنى زاپاس 7-دىۋىزىيە 21-پولكىنىڭ كوماندىرى (تۈئەنجاڭى) جىئاڭ شۇئەنچۈئەن باشلىغان ياردەمچى قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن ئاچالدىن غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە پارتىزانلار بىلەن توقۇنۇشتى. زاپاس 7-دىۋىزىيە 19-پولكىنىڭ 2-باتاليونى نىلقىنى تاشلاپ غۇلجىغا ياردەمگە ماڭدى. كېيىن ھەرەمباغ ئەتراپىدا پارتىزانلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، شەھەرەئە كىرەلمىدى.

    شۇ كۈنى لوسىگۇڭ پارتىزانلىرى كەڭسەينى قامال قىلىپ، ئۇرۈمچى - غۇلجا تاشيولىنى ئۈزۈۋەتتى.

    شۇ كۈنى كەچتە سائو رىلىڭ زھۇ شائولىئاڭغا «غۇلجا ۋەقەسى» نى تېلېگرامما ئارقىلىق مەلۇم قىلدى ھەمدە تۆۋەندىكىچە ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: (1) قىسىملارنىڭ كۈچىنى ئۈزلىكسىز كۈچەيتىپ، دولەت كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇرۇشۇش، نامدا «باندىتلارنى تازىلاش» دەپ، ئەمەلىيەتتە خەلقئارا ئۇرۇش قىلىش؛ (2) دىپلوماتىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەسسە قىلىش، ئۇلارنىڭ دوستانە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىش، لېكىن سوۋېت روسسىيىسىنىڭ قوشۇن كىرگۈزىشىئەئە يول قويماسلىق؛ (3) شەھەر رايونىدىكى «باندىتلار» نىڭ ھەممىسى رۇس (ئۇيغۇر) لار بىلەن تاتارلار، ئۇلار كونسۇلخانىنى بازا قىلغان، ئېرىشكەن قورال-ياراقلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان. شۇڭا يۇقۇرقى (2) چارە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى.

    11-ئاينىڭ 10-كۈنى زھۇ شائولىئاڭ غۇلجا ۋەزىيىتىدە جىددى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئايروپىلان ئۇچۇش قونۇشتا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقتىن،لى يۈشاڭ، دېڭ شياڭخەي، زۇئو شۇپىڭلارنى غۇلجىغا ئەۋەتىش پىلانىنىنى ئۆزگرتىشكە مەجبۇر بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېڭى باشتىن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: (1) لى يۈشياڭ قارىمىقىدىكى بىر باتاليوننى غۇلجىغا ياردەم بېرىشكە يۆتكەش، ھەمدە داخېيەنزىدە تۇرۇشلۇق 21-پولكقا تېلېفرامما بېرىپ، بىر باتاليون ئەسكەرنى تەلكە ئېغىزىغا ئەۋەتىپ ئۇچۈمچى-غۇلجا تاشيولى قاتنىشىنى ئىمكان قەدەرت ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىش. (2) ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى جاكارلاش ... (3) دۆربىلجىندىن بىر پىيادە ئەسكەر باتاليونىنى شىخوغا يۆتكەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوبۇقساردا تۇرۇشلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنى دۆربىلجىنگە يۆتكەش.

    1944-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە  10-كۈنى تاڭ سەھەردە نىلقا پارتىزانلىرى غۇلجىدىكى قوماندانلىق شتابى (سىلىڭبۇ) بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. پارتىزانلار ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، قوماندانلىق شتاب، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئاكسېنېر شىركىرتىگە نوقتىلىق ھۇجۇم قىلدى. سېيىت باتۇر باشلىغان پارتىزانلار ئاممىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئىككى سائەت كەسكىن جەڭ قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي قوماندانلىق شتابىنى ئالدى. سېيىت باتۇر ئېغىر يارىلانغانلىقتىن، پارتىزانلار ماناپقان قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا يەنە 12-كۈنىگىچە كەسكىن جەڭ قىلىپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، ناھىيىلىك ساقچى ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غېنى باتۇر باشلىغان يەنە بىر يولدىكى پارتىزانلار ئاممىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا جەڭ قىلىپ، 12-كۈنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئاكسېنېر شىركىتىنى ئالدى. گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىر باتاليون ئەسكىرىنى يوقاتتى. ئىككىنجى ئىسكلاتنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ ئارمىيىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 400 نەچچە ئەسكەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھەقىقەتكە قەيتتى. شۇنىڭ بىلەن غۇجىنىڭ بارلىق شەھەر رايونىنى پارتىزانلار ئىگىلىدى.

    سائو رىلىڭ قالدۇق قىسىملار، ئوفېتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، نىلقىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ياردەمچى قىسىملار، شۇنىڭدەك جايلاردىن قېچىپ كەلگەن ئەمەلدارلار، خەنزۇ پۇقرالىرىدىن بولۇپ 8000 دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ شەھەر ئەتراپىدىكى ئايرودروم ۋە ھەرەمباغ، لەڭشاڭ بۇتخانىسى جايلاشقان ئىككى ئېگىزلىككە چېكىنىپ، قاتتىق مۇداپىيە كۆرۈپ ياردەم كۈتۈپ ياتتى. پەقەت گائو ۋېيلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە قامالغان بىر قىسىم ھەر مىللەت ئاممىسىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن، ئاز بىر قىسىم ئادىمىنى باشلاپ ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ چاپچالغا قېچىپ كەتتى.

    11-ئاينىڭ باشلىرى  ئابدۇرېھىم، باۋدۇن قاتارلىق كىشىلەر سۈيدۈڭ ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر ئەتراپىدا مەخپىي پائالىيەت ئېلىپ باردى. ھەمدە لوسىگوڭ پارتىزانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى. غۇجا تەرەپ دەرھال مۇخبول تۆرە باشچىلىقىدىكى 20 نەپەر ئادەمنى سۈيدۈڭگە ئەۋەتىپ، سۈيدۈڭ پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇردى.

    11-ئاينىڭ 11-كۈنى  ۋۇ زھوڭشىن، زھۇ شائولىئاڭ بىلەن بىللە جىئاڭ جىئېشىغا تېلېگرامما يوللىدى. تېلېگراممىدا: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىل-كېسىل تەڭشەشنىڭ ئامالىنى قىلمىساق، ئىلى ۋەقەسىدەك ۋەقەلەر كەينى-كەينىدىن چىقىپ تۇرىدۇ-دە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئوساللىشىپ كېتىدۇ» دېيىلدى. ئۇلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك مۇقىم بولۇشى توغرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە دەپ قويۇشنى ۋاشىڭتون تەرەپكە ھاۋالە قىلىشنى تەكلىپ قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى بىلەن ھەقىقىي يوسۇندا كېڭىشىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئادەتتە يېقىن بولۇپ كېلىۋاتقان خادىملارنى تېزرەك شىنجاڭغا ئەۋەتىشنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەربىي، ئىقتىساد جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

    1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇقق (ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز) كۇلۇبىدا يىغىن ئېچىپ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى»[1] ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» دېيىلدى) قۇرۇلغانلىقىنى داغدۇغىلىق جاكارلىدى. دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگى يېشىل، ئوتتۇرىسى سېرىق رەڭلىك ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزلۇق بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى. يېغىندا ئەلىخان تۆرەم، ھاكىمبەگ غوجام، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم[2]، رەخىمجان سابىر ھاجى، مۇھەممەدجان مەخسۇم، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ھەبىپ يۇنۇچى[3]، ئەنۋەر مۇسابايوف[4]، پاۋېل پاۋلوۋىچ ماسكالىيېۋ[5]، ئوبۇلخەيرى تورە[6]، پۇجە[7]، جانى يولداشوف[8]، سالىجانباي باباجان، ئابدۇلمۇتائالى خەلپىتىم[9] پيوتر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋ، غېنى باتۇر قاتارلىق 16 كىشىدىن تەركىپ تاپقان «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى. ئېلىخان تۆرەم رەئىسلىككە، ھاكىمبەگ غوجام مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم باش كاتىپلىققا كۆرسىتىلدى. يىغىندا «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» قارىمىقىدىكى ئاپاراتلارنى قۇرۇش، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئورگان گېزىتىنى چىقىرىشقا تۇتۇش قىلىش، ھەربىي قوماندانلىق شتابىنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق شتابى قىلىپ ئۆزگەرتىش، ئالېكساندروۋ باش قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، جايلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق قوراللىق كۈچلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش قارار قىلىندى.

    شۇ كۈنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» ھەيئىتى 1-نومۇرلۇق قارار ماقۇللىدى. قارارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق:
    (1) سابىق جۇڭگو ھوكۈمىتىنىڭ ماددى ئەشيا، مال-مۈلكىنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ تەستىقىسىز ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق.
    (2) جايلاردىكى پارتىزانلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مەسئۇللىقىدا تارقىتىش.
    (3) ھەبىپ يۇنۇچى مائارىپ نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (4) ئەنۋەر مۇسابايوف مالىيە نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (5) ئوبۇلخەيرى تۆرە چارۋۇچىلىق ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (6) سالىجانباي باباجان دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-سۇچىلىق ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (7) ئابدۇلمۇتائالى خەلپىتىم دىنىي ساھەدىكى مۆتۈۋەر زاتلاردىن تەركىپ تاپقان دىنىي نازارەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (8) مۇھەممەدجان مەخسۇم ئالىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.
    (9) نەقلىيات بېجى، ئۆي ئىمارەت بېجى، سودا بېقى، دېھقانچىلىق، چارۋۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى بېجىنى يېڭى چارە بويىچە ئېلىش. باشقىلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ۋاقتىنچە سابىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىش چارىسى بويىچە يىغىپ تۇرۇش.
    (10) سابىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان خۇسۇسىي ئۆي-ھويلىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش.


    ئىززاھلار:
    [1] «شەرقىي تۈركىستان»: 19-ئەسىردە جاھانگىرلار ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇستەملىكىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى يۈرگۈزگەندە، ئاتالغۇ ۋە جۇغراپىيە ئۇقۇم جەھەتتىن زەرەپشان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى، يەنى ئاساسلىقى شىنجاڭ رايونىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىغان. كېيىن چەت ئەل تاقاۋۇزچى كۈچلىرى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئىزچىل تۈردە بۇ ئاتالغۇدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
    [2] ئابدۇرە'ئۇپ مەخسۇم (1914 -): شىنجاڭ غۇلجىدىن، ئۇيغۇر، ئىلىدىكى ئاتاقلىق دىنىي زات ئىبراھىم مەخسۇمنىڭ ئوغلى. سودىگەرچىلىكنى كەسىپ قىلغان، ئىنقىلاپ پارتلىغاندا، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» ئەزاسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ش ئۇ ئا ر لۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇ'ئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1963-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن. ھازىر ئالمۇتىدا.
    [3] ھەبىپ يۇنۇچى (1906 - 1945): شىنجاڭ غۇلجىدىن، تاتار، زىيالىي. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» ئەزاسى، قوشۇمچە ما'ئارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئورگان گېزىتى («ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى) ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1945-يىلى 3-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن غۇلجىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولغان. (ھەبىپ يۇنۇچى ئەپەندىم بىزنىڭ پەخىرلىك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى جانابلىرىنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» رەھبەرلىرىگە تونۇستۇرغان كىشى ئىدى - نازىمىنىڭ ئىززاھى)
    [4] ئەنۋەر مۇسابايوف (1917 -): شىنجاڭ غۇلجىدىن، ئۇيغۇر، شىنجاڭدىكى كاتتا باي سودىگەر مۇسابايوفلار قەمەتىدىن. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇ'ئاۋىن ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇ'ئاۋىن نازىرى بولغان. 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن. ھازىر تاشكەنتتە.
    [5] پاۋېل پاۋلوۋىچ ماسكالىيېف : سوۋېت تەۋەلىكىدىكى مۇھاجىر، ئورۇس، ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇ'ئاۋىن نازىرى، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇ'ئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
    [6] ئوبۇلخەيرى تۆرە (1890 - 1970): شىنجاڭ نىلقا ناھىيىسىدىن، قازاق، تۆرە ئەۋلادىدىن(يەنى ئاقسۆڭەك ئەۋلادىدىن "ۋاڭ" دېگەنگە ئوخشاش). ئىلىدىكى قازاقلارنىڭ يۇقۇرىي قاتلام ۋەكىلى. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە چارۋۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇ'ئاۋىن ۋالىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، 1-، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر لۇق 1-، 2-، 3-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر لۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1970-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
    [7] پۇجە (1911 - 1949): شىنجاڭ نىلقا ناھىيىسىدىن، موڭغۇل. يۇقۇرىي قاتلام دىنىي زات. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، ئارشاڭ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، ئىلى ۋىلايەتلىك موڭغۇل مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رە'ئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1949-يىلى غۇلجىدا ۋاپات بولغان .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى،
    [8] جانى يولداشوف (1908 - 1971): روسسىيىگە قاراشلىق يەتتىسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە (ھازىر قازاقىستان ئالمۇتا ۋىلايىتى ياركەنت شەھىرى - نازىمى) دۇنياغا كەلگەن، ئۇيغۇر، 1921-يىلى غۇجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى (يەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى - نازىمى) قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر لۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1971-يىلى 12-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
    [9] ئابدۇلمۇتا'ئالى خەلپىتىم (1869 - 1960): شىنجاڭ قورغاس ناھىيىسىدىن، ئۇيغۇر، دىنىي زات، ئەينى چاغدا شىنقاڭدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدە تەسىرى ناھايىتى زور، ئورنى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى. ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دىنىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشىئانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇ'ئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1960-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
    مەنبە: «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دا'ئىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»
    ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل نەشرى )

    ئاخىرقى مەنبە: جىدەلخور بلوگى


    收藏到:Del.icio.us