ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    ئىسلامىيەت تەسىرىدە تۈرك ئەدەبىياتى - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    (10 ـ 19 ـ ئەسىرلەر)

    تۈركلەر ئونىنچى ئەسىردىن ئىتىبارەن توپلۇقلار ھالىتىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاستا ـ ئاستا يېڭى بىر ئەدەبىيات ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە پرىنسىپلىرى بىلەن «دىۋان ئەدەبىياتى» نامى بىرىلگەن دەۋرنىڭ شەكىللىنىشى 13ـ ئەسىرگە قەدەر سۇزىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەدەبىيات ئېقىمى 19ـ ئەسىرگە قەدەر كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

    يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى «ئېغىز ئەدەبىياتى دەۋرى» ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن بەزى ئايرىم ئۆزگىرىشلەرگە ماسلاشتى ۋە «خەلق ئەدەبىياتى» نامى بىلەن راۋاجىنى داۋاملاشتۇردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «خەلق ئەدەبىياتى» دېگەن بۇ ئەدەبىيات، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىسلام ئويغىنىشى ئاستىدىكى يېڭى شەكلىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقكەن «دىۋان ئەدەبىياتى» تامامەن دىننىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەدەبىياتتۇر.
    تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان ئونىنچى ئەسىرلەر بىلەن دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ باشلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلىدىغان 13ـ ئەسىر ئوتتۇرىسىدا ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىققان، بىر مەنىدە ئۆتمۈش دەۋرى ئەسەرلىرىمىز ھېسابلىنىدىغان ئەسەرلەر ئورۇن ئالىدۇ.

    تۈنجى ئىسلامىي ئەسەرلىرىمىز

    قۇتادغۇ بىلىگ: ئەسەرنىڭ نامى «سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» مەنىسى بىرىدۇ. ئاپتۇرى يۇسۇپ خاس ھاجىپتۇر. بۇ ئەسەر، قاراخانلار دەۋرىدە (1070م) يېزىلغان، ھەقىقىي بىر دۆلەت ئادىمىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان ئەسەر. ئەسەرنىڭ تىلىدا ئەرەبچە ۋە پارسچىنىڭ تەسىرى يوق. بۇ ئەسەرنىڭ تېپىلغان ئۈچ نۇسخىسىنىڭ بىرى پەرغانىدە، ئىككىنچىسى ۋىيەننادا ۋە ئۈچىنچىسى مىسىردا ساقلانماقتا.
    دىۋانۇ لوتاتىت تۈرك (تۈركى تىللار دىۋانى): ئەسەرنىڭ ئىسمى تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي سۆزلۈكلىرى مەنىسى بىرىدۇ. ئىسىمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك ئەسەر بىر قامۇستىن ئىبارەتتۇر. ئەرەبلەرگە تۈركچىنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان. بۇ سەۋەپلىك تۈركچىنىڭ ئەرەبچىنىڭ ئالدىدا قوغدالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر پارچە ئەسەر سۈپىتىدە قارىلىدۇ. ئەسەردە تۈركچە سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىلىرى ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلانغان ۋە ھەر بابتىن كېيىن بىر قاتار تۈركچە تېكىستلەر مىسال سۈپىتىدە بىرىلگەن. مەھمۇد قەشقەرىي تەرىپىدىن
    XIـ ئەسىردە يېزىلغان بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتىمۇ مانا بۇ ئىلاۋە قىلىنغان تېكىستلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەسىرىگە يەنە تۈرك يۈرتلىرىنىڭ خەرىتىسىنى قويغان مەھمۇد قەشقەرىي تۈركچە سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتلىرىنى يازغاندا تۆت يۈزگە يېقىن تۆت مىسرادىن تەركىپ تاپقان شېئىرلار بىلەن ماقال ـ تەمسىللەرنى مىسال كەلتۈرىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى» تۈرك تىلىنىڭ ئانا ئەسىرى، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ۋە فولكلورىنىڭ بىر خەزىنىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

    ئەدەبىياتىمىزدا ئارزۇ ۋەزنى تۈنجى ئىستىمال قىلىنغان ئەسەردۇر. ئەسەردە ئادالەت، ئەقىل، سائادەت ۋە دەۋلەتكە ۋەكىللىك قىلغان تۆت قەھرىماننىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن يازغۇچى دۆلەت ئىدارىسىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي قورۇلمىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى شەرھىلەيدۇ. خاقانىييە تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەردە 7500 ئەتراپىدا تۈركچە سۆزلۈك ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن سىرت، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرى ۋە تۈرك يۈرتلىرىنىڭ توغرىسىدىمۇ ئۇچۇرلانى بەرگەن.
    ئەتەبەتۇل ھەقايىق: 12ـ ئەسىردە ئەدىب ئەھمەد تەرىپىدىن ئارزۇ ۋەزنىدە (شاھنامە ۋەزنى) ۋە رۇبائىي شەكىلدە يېزىلغان. ئەسەرنىڭ نامى «ھەقىقەتلەر باسقۇچى» مەنىسىنى بېرىدۇ. خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەردە ئىلىمنىڭ پايدىسى، نادانلىقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى، مەرتلىك، بېخىللىق، ياخشى ۋە يامان ئەخلاقلارنى ئىزاھلاش ئارقىلىق خەلققە پايدىلىق بىر ئەسەر بولۇشى كۆزدە تۇتۇلغان. دىنىي ـ ئەخلاقىي خۇسۇستىكى ئەسەردۇر. ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى بۇ ئەسەرنى يېزىشتا «قۇتادغۇ بىلىگ»تىن تەسىرلەنگەنلىكى مەلۇم.

    دىۋانى ھېكمەت: 12ـ ئەسىردە ئەھمەد يەسەۋىي تەرىپىدىن رۇبائىي (تۆتلۈك) ۋەزنىدە يېزىلغان دىنىي، سۇپىزمچى ۋە يىتەكلىگۈچى شەكىلدە يېزىلغان ئەسەردۇر. رۇبائىيلىرىنىڭ ھەر بىرىگە "ھېكمەت" نامى بېرىلگەن ۋە بۇ ھېكمەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاناتولىيەدە نەشىر قىلىنىپ خەلققە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. يەسەۋىيلىك تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد يەسەۋىي كېيىنكى مەزگىللەردە ئاناتولىيەدە شەكىللەنگەن نۇرغۇن تەرىقەتلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.
    ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا يۈزلىگەن يىللاردىن بىرى سۆيۈپ ئوقۇلغان «باقىرغان كىتابى» نىڭ ئاپتۇرى سۇلەيمان ئاتامۇ ئەھمەد يەسەۋىيىنىڭ ئىز باسارلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسىرىمۇ دىن، تەسەۋۋۇپ ۋە تەلىم خاراكتېرىدىكى شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان.

    دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى: ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ روم، ئابازا ۋە گۈرجۈللەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئورۇشلىرىغا ئائىت داستانى ھېكايىلىرىدۇر. خەلق ئارىسىدا تەكرار ـ تەكرار ئېيتىلىپ كەلگەن«دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى» 14ـ ئەسىردە تاكامۇللاشقان ۋە 15، 16ـ ئەسىرلەردە يازما شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن. ھېكايىنىڭ يازغۇچىسى ئېنىق ئەمەس. "دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى" ئون ئىككى ھېكايە ۋە بىر مۇقەددىمىدىن شەكىللەنگەن. داستان ئەنئەنىلىرىدىن خەلق قۇشاقلىرىغا كۆچۈش دەۋرىگە ئائىت ئەسەردۇر. ھېكايىلەردىكى ۋەقەلەر نەسىر، قەھرىمانلارنىڭ تويغۇ ۋە پىكىرلىرىنى نەزم شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان. كۈچلۈك تىل ئىشلىتىگەن بۇ ئەسەردە ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
    تۈرك تىلىنىڭ جانلىق ۋە تەبىئىي بايان قىلىش ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھېكايىلەردە ئاۋاز تەكرارلىنىشلىرىمۇ روشەن شەكىلدە ئورۇن ئالغان.
    «دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى» نىڭ يالغۇز ۋە تولۇق نۇسخىسى گىرمانىيەنىڭ
    Dresden كىتابخانىسىدا ساقلانماقتا.

    تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

    ئا.قارلۇقىي


    收藏到:Del.icio.us