ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    ئۇيغۇرلاردا يېڭىلىق ھەرىكىتى ۋە ئەدەبىيات - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئايجامال مەيدىن

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2010-يىللىق ماگسىتىرانتى

    ئاچقۇچلۇق سۆز:  ئۇيغۇرلاردا يىڭىلىق ھەركىتى،ھازىرقى زامان ئەدەبىيات،يازغۇچى-ئەدىپلەر

            قىسقىچە مەزمۇنى :بۇ ماقالىدە،ئۇيغۇر يىڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنى تۇتقا قىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن يىڭىلىق ھەركىتىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە تەرەققى قىلىش جەريانى مۇھاكىمە قىلىنىش ئارقىلىق، يىڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىگە ئاساس سالغان بىر قىسىم ئەدىپلەرنىڭ مائارىپىمىزغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا قوشقان تۆھپىسى،رولى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

    ئىنسانىيەت تارىخىدا-«مائارىپ مەڭگۈلۈك كاتىگورىيە» (لېنىن).مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.بىراق،ئۇ «ئەنئەنىۋى مائارىپ» ۋە «يېڭىچە مائارىپ» دىن ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتىگورىيەگە بۆلىنىدۇ،شەرىق ئەللىرى تىلىدا ئۇ «ئۇسۇلى قەدىم» ۋە «ئۇسۇلى جەدىد» دەپ ئىستىمال قىلىنىپ كەلمەكتە.

      يېڭى مائارىپ («ئۇسۇلى جەدىد»)نى تۇنجى قېتىم جارى قىلدۇرغان پىداگوگ مەشھۇر چېخسىلاۋاك ئوقۇتقۇچىسى يان.ئامۇس.كومنىسكى بولدى.ئۇ تەڭقۇرداش ئۆسمۈرلەرنى سىنىپ بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان.ئۇ،سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرىس پىروگراممىسى بار،دەرىس سەتكىسى بار،ئىمىھان تۈزۈمى بار،تەربىيە نىشانى بار بىر يۈرۈش يېڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغان ئىدى،مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئۆسمۈرلەرئەتراپى باغۋارانلىق،ئازادە سېلىنغان كەڭ دېرىزىلىك،ئىچى كەڭ ۋە يۇرۇق،ئۈستەل-پارتىللىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ،ھەرخىل بلىم پەن تۈرلىرىدىن ساۋاق ئالاتتى.ئەنئەنىۋى مائارىپتا،مەدرىسە مەكتەپلىرىدە ئۇنى تەسەۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    چەتئەللەرنىڭ يېڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن باھاۋۇدۇن مۇسا باي ئۆزىنىڭ ئاكىسىنى يېڭى مائارىپنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا كۆندۈردى،شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسى دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىىپ،ئۆزيۇرتى ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ بىناسى قۇرۇپ چىقىپ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى يېڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى.بۇ مەكتەپ 1885-يىلى كۈزدە رەسمى ئوقۇش باشلىدى،ئىكساقتا يولغا قۇيۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ كېيىنرەك «ھۈسەينىيە مەكتىپى»دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەھىپسىدىن ئۇرۇن ئالدى.

       ئىكساق «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربى دەرۋازىسىدا ئاپىرىدە بۇلۇشى ئۇزاق تارىختىن بىرى كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان مەدەنى-مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ قاتتىق بىر سىلكىنىش ئىچىدە قايتىدىن «تىرىلىشكە» قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى.

    شۇ نەرسە ئېنىقكى،«ھۈسەينىيە مەكتىپى»يېڭى مائارىپچىلىق تارىخىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى دەۋىردە يېڭىچە مائارىپ ۋە يېڭى دىموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ دىيارىمىزدا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشىگە ،شۇنداقلا تارقىلىشىغا ئاساس سالدى.ئاتاقلىىق مائارىپچى ۋە يازغۇچى ئابدۇللا تالىپ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ:«بىرىنچى  قېتىمقىسىغا 19-ئەسىرنىڭ يېرىمىدا تەسسىس قىلىنغان «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ۋە 20 -ئەسىرنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان «مەقسۇدىيە»،«تەلىمىيە»،«مەتلەئىريان» قاتارلىق مەرىپەت ئۇرۇنلىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ.باھاۋۇدۇن مۇسا باي،مەسۇت مۇھىتى،ئابدۇقادىر داموللا،ھۈسەيىنخان تەجەللى،موللا مۇسا سايرامى قاتارلىقلار ئاشۇ دەۋىر مائارىپىنىڭ داڭلىق نامايەندىللىرى؛ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرغان ئالىملار ،بەزىلىرى چەتئەللەردىن تىخنىك ۋە ئۈسكىنىلەرنى كىرگۈزۇپ مىللى سانائەتكە تۇنجى ئۇل سالغان باشلامچىلار ئىدى .ئىككىنچى قىتىملىق مەرىپەت ئويغىنىش دولقۇنى 20-ئەسىرنىڭ 30 –يىللىرىدا بولدى . ئابدۇقادىر داموللا،قۇتلۇق شەۋقى،مەمتىلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر.....قاتارلىق كىشىلەر بۇ دەۋىر مائارىپىنىڭ يىتەكچىللىرى ئىدى .ئۈچىنچى قىتىملىق مەرىپەت دولقۇنى 30 –يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلىنىپ ،«ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » يىتەكچىلىكىدە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى . بۇ مەزگىلدە مەكتەپلەرنىڭ سانى 2463 كە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 189 مىڭغا يەتكەن ئىدى .»دەپ ناھايىتى ئىلمى بولغان يەكۈننى قالدۇرغان .

    ئۇيغۇر يىڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ۋاراقلىغان ھەر قانداق بىر كىتاپخان شۇ نەرسىنى ھىس قىلىدۇكى،ھەربىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينى دەۋىردە يېڭى پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى-شائىرلار ئىدى.ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭىچە مائارىپنى تەشۋىق قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن،شۇ دەۋىر  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تارىخ سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىپ،ئەدەبىياتنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن ئامىللىرىنى ئۆز ئىجادىيىتى ئارقىلىق يېڭىلاپ،شۇ دەۋىر  ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭىچە بىر سەھىپە ئېچىپ،يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئوبىكتىپ شەرىت-شارائىت يارىتىپ بەردى.

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تۇتقا قىلىپ ئىيىتساق -ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا قاراپ يۈزلەندى.بىز شۇ دەۋىر رېئاللىقىغا قارايدىغان  بولساق،ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىننى ھەتتا كونا دېموكراتىك ئەدەبىياتقا خاتىمە بېرىپ،يېڭى تارىخى باسقۇچقا قەدەم قويۇشتا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئۇل تاش ۋە تېتىتقۇلۇق رول  ئوينايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.گەرچە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىللىرى ئىچكى ئامىل سۈپىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولسمۇ،ئەمما يەنە بىر تەرەپتىىن ئەينى دەۋىردە شىنجاڭدا مىللىي بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى سودا-سانائەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى،جەدىتىزىم ۋە «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»نىڭ تەسىرى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى،يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن مىللى ،مائارىپ ۋە يېڭىچە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىجابى تەسىرىنىمۇ نەزەردىن قەتئىي ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.گەرچە ھازىرقى زامان مائارىپ شەكل 18-ئەسىردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ،مەملىكىتىمىزدە يېڭى مەكتەپ مائارىپى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى.بۇ دەۋىردە تەشەببۇس قىلىنغان مائارىپ يېڭىلىقنى،دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنى،ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغاچقا،ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېڭى بىر پىكىر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇقەررەر ئىدى.چۈنكى قايسى دەۋىردىكى ئەدەبىيات بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش،كىشلەرنى تەربىيلەش،ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئىستىتىك زوق بېغىشلاشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىدۇ. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان تەرەققىپەرۋەر زىيالىلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا يېڭى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەمەس،بەلكى يېڭىچە مائارىپىمىزنىڭمۇ قوللىغۇچىللىرى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراكچىللىرى ئىدى.ئىجتىمائى ھاياتىمىزدا بۇلۇۋاتقان بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەلىپىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىز قەدەممۇ-قەدەم كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا خاتىمە بېرىپ،تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئالدى.

    «ھۈسەينىيە مەكتىپى»يېڭى مائارىپچىلىق تارىخىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى مائارىپ ۋە يڭى دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەنىۋىي جەھەتتىن شەرىت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولسا،ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق مەرىپەت دولقۇنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

    بىزگە مەلۇمكى،بۇ دەۋىردە  يېڭىچە مائارىپ ۋە ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتىلى توختاجى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قاتارلىق نۇرغۇن كىشلەر مەملىكىتىمىزنىڭ غەربى دەرۋازىسىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەركىنلك ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپ دولقۇنىغا بىر تامچە سۇ بۇلۇپ قۇشۇلۇپ،خەلقىمىىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇردى.بۇ قەيسەر ئوغلانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى،ئۇلار ئالدى بىلەن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار بۇلۇپ،يېڭىچە مەكتەپ تەربىيەسىنى ئالغان،خۇراپاتلىققا جەڭ ئېلان قىلغان،رېئاللىقتىكى ئىجتىمائى زىددىيەت ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خېلى بۇرۇن ھېس قىلغان،ئىلىم-پەنگە ئىشەنگەن دېموكراتىزىمچىلار بولغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن،ئۇلار ئىدىيىسى ۋە دۇنيا قارىشىنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلىغان،ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇللىرىغا ئورتاقلاشقان سەگەك قەھرىمانلار ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتسەك :يىڭى زامان ئۇيغۇر دىموكىراتىك ئەدەبىياتنىڭ باشلىنىشى ئالىم ،شائىر ،مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى (  ئابدۇقادىر داموللام) نىڭ نامى بىلەن زىچ باغلانغان . ئابدۇقادىر داموللام ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىدە زامانغا لايىق يېڭى مائارىپنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قۇيۇشتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى،توغرا پىكىرلىرى بىلەن يېڭى دەۋىر ئىدىيىسىنى نامايان قىلىپ جامائەتچىلىككە تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر زات.ئۇ يېڭىچە مائارىپنىڭ غەرىپچە ئەندىزىسىنى ئۇيغۇر مائارىپ ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۇشقا بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان شەخىستۇر.

    ئابدۇقادىر داموللام يېڭىسارلىق نۇر ھاجى بىلەن بىرلىشىپ «نۇر»مەتبەئەسى نامىدىكى بىر مەتبەئە تەسسىس قىلىپ،ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرىنى نەشىردىن چىقىرىپ،يېڭىچە مائارىپنى دەرىسلىك ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇنجى پەننى مەكتەپلەرنى تەسسىس قىلىپ،ئوقۇغۇچى تەربىيلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر يىلى ئىستانبول،ھونبۇرىگ،ئۇفا قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلغار كۆزقاراشلىرىنى «شورا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىپ،پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ  مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن تونۇلغان.1918-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قايتا ئۆز سەپىرىنى باشلاپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادا زىيارەتتە بولغان.بۇ جەرياندا ئويغىنىش ئىدىيىلىرى،مىللى ئۆزلۈك روھى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ،ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپنى قەتئى يولغا قۇيۇش ئىرادىسىگە  كەلگەن.1920-يىلى ئۇ قەشقەر شەھىرىدە يەنە مەكتەپ تەسسىس قىلىپ،مائارىپ ئىشلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان.بۇ دەل چەتئەللەرنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا ئېچىش نامى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى تارقىتىۋاتقان مەزگىل بولۇپ،ئۇلار مەتبەئە قۇرۇش ئارقىلىق خىرىستىئان دىنى تەرغىباتىنى ئېلىپ بارغان.بۇ ھال ئابدۇقادىر داموللامغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان.شۇڭا،ئۇ ئۆز نەزىرىنى نادانلىق، خۇراپاتلىق ئىدىيىلىرىنى سۆكۈشكە قارىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلار بىلەن تىغمۇ-تىغ كۆرەش قىلغان.چەتئەللىكلەر كەمبىغەللەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىپ «تەربىيىلەش» نامى بىلەن ئالداپ ئېلىپ ماڭغاندا،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇقادىر داموللام باھاۋۇدۇنباي ئارقىلىق بۇ بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

    ئابدۇقادىر داموللام «ئىلمى تەجۋىد»،«ئىلمى ھېساب» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق پەننى مەكتەپلەرنى دەرىسلىك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي،تېخىچە يېڭىچە مائارىپتىكى مەكتەپلەرگە كېرەلمەيۋاتقان سانسىزلىغان ئۆسمۈلەرنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىپ «مۇھىم ئەقىدىلەر ساۋادى»،«گۆدەكلەرگە نەسىھەت»،«ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ،پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيىلىىشى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائى ئاساس ياراتتى.ئۇنىڭدىن باشقا،«نەسىھەتنى ئامما»(ئاممىغا نەسىھەت)قاتارلىق ئەسەرلەردە ئۆز پىكرىنى قۇيۇپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنى توغرا يولغا يېتەكلەش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ خىل مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى ئۆز دەۋرىدە غايەت زور زىلزىلە قوزغاپ،ھەتتا بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەننى مەكتەپلەردە دەرىسلىك قىلىپ قوللىنىلدى.ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاۋۋال مۇشۇ مائارىپنىڭ تەربىيلەش ئوبىيېكىتلىرى ئاسان چۈشىنىەلەيدىغان،ئوڭاي ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان مەزمۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈپ،ئۇلارنى يالغۇز پەننى جەھەتلەردىلا تەربيىلەپ قالماي،يەنە،ئەخلاق،توغرا يول تېپىش جەھەتلەردىنمۇ ئەتراپلىق تەربىيلەش ئۈچۈنمۇ تىرىشتى.

    ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسى تولىمۇ ئۇلۇغ بولۇپ،ئۇنىڭ يېڭى مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا توختىلىشتىن ئىلگىرى،ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىگە كېلىشكە تەسىر قىلغان دەۋىر ئالاھىدىلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر.

    ئابدۇقادىر داموللام ياشلىق تەربىيەسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاندا ئالغان بۇلۇپ ئۇنىڭغا تاتارىستان ۋە قازاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە مائارىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.ئابدۇقادىر داموللام قازان،ئۇفا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ماس كېلىدىغان بۇ خىل مائارىپ ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ھەمدە بۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ قەشقەردە يېڭىچە مەكتەپلەردە سىنىاق قىلىشقا تەمشەلدى ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ مائارىپ قارىشىدا يېتىدىغان ئىزچىل نىشان قىلدى.شۇ چاغلاردا شىنجاڭدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان باشلانغۇچ مائارىپ شەكلى مۇنداق ئۈچ خىل بۇلۇپ:بىرىنچى خىلى،مەدرىسە،مەدرىسە زامانىۋىلىشىشىتىن ئىلگىرى ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان،دىننى مائارىپ ئاساس قىلىنغان مەھەللىۋى مەكتەپلەر بۇلۇپ،پۈتكۈل قەشقەر شەھىرىدە 70ـــــ80دەك مەدرىسە بار ئىدى،يېزىلاردىمۇ شۇنچىلىك مەدرىسە بار ئىدى.مەدرىسلەردىكى بىر سىنىپقا ھەرخىل ياشتىكى،بىلىم سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان بۇلۇپ،مەزمۇن جەھەتتە قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەپچە،پارىسچە ئەسەرلەرنى يادلىتىش ئاساس قىلىنغان بولغاچقا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىش سەۋىيىسى يىتەرسىز ئىدى.ئىككىنچى خىلى،خەنزۇ تىلىدىكى مەكتەپلەر 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭ ئۆلكىسى تەسسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن يەرلەردە خۇسۇسى مەكتەپلەرنى ئاچقان.كېيىنچە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۆتەيدىغان ئەمەلدارلارغا تەرجىمانلىق قىلىدىغان خادىملارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان «شۆتاڭ»لار تەسسىس قىلىنغان.ھالبۇكى،ھۆكۈمەت ئاچقان بەزى «شۆتاڭ»لار بەزىبىر سەۋەپلەردىن ئوڭۇشلۇق تەرەققى قىلمىغان.ئۈچىنچى خىلى،چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلار ئاچقان مەكتەپلەر.بۇ خىرىستىئان دىنى تەلىماتلىرىنى تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ،قوشۇمچە تىببى بىلىملەرنى ئۆگەتكەن.                                                                                     

    مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدائابدۇقادىر داموللام ئوقۇتۇشنىڭ مەزمۇنى ،ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك ماتىرىيلى قاتارلىق تەرەپلەردە ئەمەلىي .ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ،بىر يۈرۈش ئسلاھات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى .ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى ماس كەلمەيدىغان ،كىتاپنى قارىغۇلارچە يادلىتىش ،تەكرارلىتىش بىلەن مەشخۇل بولىدىغان كونىچە ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە چەك قويۇپ ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا دەرسلىك قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشنى تەشەببۇس قىلدى.ئابدۇقادىر داموللام بۇ تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ ۋە .ئەقىل-پاراسىتنى ئىشقا سىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى تۈزدى.ئۇنىڭ «سەرپ نەھۋى» (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكىس)،«تەھسىل ھىساب» (ئىلمى ھىساب)،«جۇغراپىيە ئىلمى»،«جەۋەھىرۇل ھىقان» (ھەقىقەتلەر جەۋھىرى)،«مۇتالىپ ھىدايەت» (توغرا يول ئۈستىدە ئىزدىنىش)،«ھىدايەتۇل سەرپ»(لىكسىكىدىن دەسلەپكى .ئاساس) ......قاتارلىق كىتابلىرى پەننىي مەكتەپلەرمۇ ،دىنىي مەكتەپلەرمۇ قوللىنىدىغان ئاممىباپ ئوقۇشلۇق بولۇپ قالدى .

    ئابدۇقادىر داموللام .ئۇيغۇر يىڭى ما.مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە شەخىس بولۇپ ،ئۇ قەلەم ئارقىلىق جاھان جاھالەتلىرى بىلەن قاتتىق كۆرەش قىلدى.ئۆزىنىڭ مىللەت،دەۋىر ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى .ئۇيغۇر مائارىپىنى ئۇيغۇر كونىچە مائارىپ تارىخىدا نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەرەپ،پارس تىلى تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ،ئانا تىل يىزىقىدىكى مائارىپنى بەرپا قىلىش يولىدى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مىللەت،پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن يىڭى ئوزۇق ئاتا قىلىش ،ئۇلارنىڭ دىللىرىنى يورۇتۇش يولىدا كۆرەش قىلىپ بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىغىشلاپ ،ھەتتا ئەزىز جىنىنىمۇ قۇربان قىلدى.ئۇ خەلىققە يىقىنلىشىپ ،بىر جەھەتتىن خەلق چۈشىنەلەيدىغان ،ئوڭاي قوبۇل قىلالايدىغان شەكىلدىكى ئەسەرلەرنى يىزىپ، تارىختىكى ئەدىپلىرىمىزگە ئوخشاش خەلىقنى تەربىيەلەشكە تىرىشقان بولسا ؛يەنە بىر تەرەپتىن ،ئەرەپ-پارس تىللىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، خەلق چۈشىنەلمەيدىغان ئەسەرلەرنى يىزىش ئىللەتلىرىگە خاتىمە بىرىپ، ساپ ئۇيغۇرتىلى ئەدەبىياتىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ جەمىئەت،مىللەت،مائارىپ،ئەۋلات تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئىدىيەلىرىنى مول پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ،مەسئۇلىيەتسىز مۇستەبىت ھۆكۈمەت قىلالمىغان ھەم قىلىشنى خالىمايدىغان ئاقارتىش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشتى.بۇ جەھەتتە ئۇ ئۆزى بىلەن دەۋىرداش ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئىچىدىكى نەمۇنە بولۇپ،باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

    يېغىپ ئېيىتقاندا ئابدۇقادىر داموللام ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر شەخىس،يېڭى مائارىپنىڭ قابىل باشلامچىسى،ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەپ-پارس تىللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى،ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمىزنىڭ دەۋىر سەركەردىسى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئۇلۇغ تۆھپىكار.

    «مەن مىللەت ئۈچۈن ئوقۇدۇم،مىللەتنى دەپ يۇرتۇمغاكەلدىم،ئەمدى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن،بىرەر يىل،بىرەر ئاي،ھەتتا بىرە كۈن بولسىمۇ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق».مانا بۇ يىڭى زامان ئۇيغۇر دىموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى،ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى،تالانىتلىق مۇزىكانىت،كومپوزىتور مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان قەسىمى. مەمتىلى ئەپەندى قەلىمى ئۆتكۈر،پىشقان شائىر،ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ قىلىش كېرەككى،ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى جەڭگىۋار روھ ئۇ 13 يېشىدىن باشلاپ ئالغان يېڭىچە مائارىپ تەربىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئەينى چاغدا «بالا ئەپەندى»دەپ تەرىپلەنگەن مەمتىلى توختاجىنىڭ ئىدىيىسىدە مۇشۇنداق بۇرۇلۇش بولمىغان بولسا،ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغاندەك ئاشۇنداق ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشى،تۇرمۇش بىلەن يېقىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېمەكچىمىزكى،مەمتىلى توختاجىنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 30-يىللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىساق،ئۇنداقتا بۇ شېئىرلارنىڭ يىلتىزى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغان.مەمتىلى توختاجىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ۋە شېئىرلىرىنىڭ ئۇمۇمى مەنە قاتلاملىرىدا شۇنداق بىر خىل ھەقىقەت باركى،ئۇ بولسىمۇ خۇراپاتلىققا قارىشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ئىلىم-پەن دەپ قاراشتۇر.بۇ خىل ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىنى پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى،شۇڭا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىاتىدىكى ئورنىغا توغرا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ يەنە يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئوت يۈرەك شائىر 1933-يىلىدىن ئىتىبارەن ئۆز يۇرتى ئاتۇشتا يىڭى مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ تەشۋىقات-تەرغىبات ۋە تەشكىلى خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.ناھىيىلىك مائارىپ ھەيئىتى قۇرۇپ،يىڭى مەكتەپلەرنى ئىچىشنىڭ تەشكىلى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.ئارقىدىنلا ناھىيىدە 2 ئايلىق كۇرۇس ئىچىپ ،61 كۇرسانتنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەربىيەلەپ يىتىشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يىڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ،ناھىيە بازىرىۋە يىزىلاردا جەمئى 24 مەكتەپ بارلىققا كەلدى.بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يىڭىلاش ھەركىتى- ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندى.

    مەمتىلى ئەپەندى خەلقنى ئەمەلىي كۆرەشتە يىڭى مەدەنىيەت ھەركىتىگە باشلاپلا قالماستىن،ئەدەبىي ئىجادىيتى ئارقىلىقمۇ ئۇلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، خۇراپىيلىق بىلەن مۇتەسسىپلىكنىڭ زىيىنىنى پاش قىلدى،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قىزغىن مەدھىيەلىدى. شائىر مەمتىلى توختاجىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئىجادىيتىدە ناخشا تىكىسىتلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ،ئۇنىڭ يىزىپ ئاھاڭغا سىلىشى بىلەن «بىز مۇئەللىم»،«ۋەتەن ئۈچۈن»،«ئويغان خەلق»،«بىز ئۇيغۇر بالىلىرى»،«ئويغىنىڭ ئەھلى-ۋەتەن»،«ئىرپان كۈنلىرى»،«ئىزچىلار مارشى»،«كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ»،«تەنقىد» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ناخشىلار مەيدانغا كەلگەن ۋە كەڭ تارقالغان ئىدى.بۇنىڭ ئىچىدىكى « ئويغان خەلق»،« ئىزچىلار مارشى»ناملىق ناخشىلار شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ،بۇلار ئەينى چاغدا جەنۇبى شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان ئىدى.

    دىمەك،ئوت يۈرەك،ۋەتەنپەرۋەر شائىر،مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى قىسقىغىنە ھاياتىدا شۇغۇللانغان مائارىپ خىزمىتى بولسۇن ياكى ئىجادىيەت جەريانىدى بولسۇن، شىئىردىن ئىبارەت بۇ ژانىردىن پايدىلىنىپ،ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى مائارىپ ھەركىتىنىڭ تەشۋىقات تەجرىبىلىرىنى كىڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا،خەلىقنى قوزغىتىش ۋە ئويغىنىش خاراكتىرلىك شىئىرلىرى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان،شۇ سەۋەپلىلىك نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ خىل شىئىرلىرىنى ئاھاڭى بىلەن يادقا بىلىدىغان بولۇپ كەتكەن.بۈگۈنگە قەدەر ،ئۇنىڭ ھايات ۋاختىدا يازغان شىئىرلىرى ئۆزىگە خاس يۈكسەكلىكى،ئالاھىدە ماھارەت بىلەن يىزىلغانلىقى،شۇنداقلا تىما تىكىستىنىڭ كەڭلىكىۋە رەڭگارەڭلىكىبىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا-شىئىرىيەت ساھىلىدا ئۈزۈلمەس سادا بولۇپ ياڭرىماقتا.

    ئۇيغۇر يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبياتىدا تۇتقان ئورنى ئۈستىدىكى ھەرقانداق بىر تەتقىقاتتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن بەش ياش چىغىدىلا ساۋادىنى چىقىرىپ،12ياشقا كەلگەندە ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىرىلىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن،تۇرپاندىكى خەنزۇچە شۆتاڭغا كىرىپ ئوقۇپ ،بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. 1916-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن روسىيەگە بىرىپ ،شەمەي (ھازىرقى سىمپالاتىنىسكى) شەھرىدە رۇس تىل-يىزىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگىنىدۇ،ئۇ دەسلەپ كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەرەپ-پارس،چاغاتايچە تىل-يىزىقلاردا يىزىلغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىمىزنىڭ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشىدۇ،كىيىنچە ماكسىم گوركىي،سەدرىدىن ئەينى،ئابدۇللا قادىرى،ئابدۇللا توقاي قاتارلىق يازغۇچى،شائىرلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ،نەتىجىدە،ئۆزىگە دىمكوراتىك ئىدىيىنى سىڭدۇرۇپ ئەدەبىياتنى قورال قىلغان ھالدا ۋەتەننى،خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىغا قەدەم قويىدۇ.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگۇدا ئىلىپ بىرىلغان «4-ماي » يىڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ روھىنى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ھىسابلىنىدىغان روسىيە ئۆتەبىر ئېنقىلابىنىڭ تەسىرىنى مىللىي شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئۆز خەلقىنى ئويغىتىشقا تىرىشتى. ئۇ،ئالدى بىلەن كونا چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ،ئاممىباپ ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە،ئۆز ئەسەرلىرىدە يىڭى تىلنىڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىنى يارىتىپ،خەلقنى يىڭى مەدەنىيەتكە باشلاشنىڭ يولىنى ئاچتى .

    شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 30-يىللاردا ئۇيغۇر پوئىزىيەسىنى تىل،ئۇسلۇب،مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن يىڭى يۈزلىنىشكە ئىگە قىلىدىغان ئاجايىپ نادىر شىئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ،شائىرنىڭ ھازىرچە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگەن 60 پارچىدىن ئارتۇق شىئىرلىرى ئىچىدە «ئىستىمەس»، «باردۇر»،  «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمۈد»، «يىقىن بولدى»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى»قاتارلىق شىئىرلىرى يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ شىئىرلار بەئەينى 30 –يىللاردىكى شىنجاڭ ۋەزىيتى ۋە ئەينى دەۋىردىكى خەلقىمىزنىڭ ئىڭىنى مۇئەييەن دەرجىدە يورۇتۇپ بىرىدىغان ئابىدىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدىيىۋى قاتلىمىنىڭ يادروسىمۇ دەل خۇراپاتلىققا قارىشى تۇرۇش ئىدى.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى زامانىسىدا مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق ئازاپلانغان.شائىرنىڭ قەلبىنى ھەممىدىن قاتتىق ئازاپلىغان نەرسە شۇكى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن دۇنيادا ئېزىلگەن خەلىقلەر ئويغىنىپ،ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن كۆرەشكە ئاتلانغان،ئىلىم-پەنگە ئىشىنىشتەك ئىنقىلابى بۇرۇلۇش ياسىغان بىر تارىخى پەيىتتە خەلقىمىزنىڭ تاشقى دۇنيادا بۇلۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر ھالدايەنىلا زۇلۇمغا باش ئېگىپ،نادانلىق،خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ،بىغەملىك بىلەن ياشاپ،ھالاكەت يولىدا كېتىۋاتقاندەك رېئاللىق ئىدى.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىللىتىىزنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە توغرا دىئاگنۇز قۇيۇپ،ئۇنى ئۈنۈملۈك داۋالاشنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك رېتسىپىنى يازدى.ئۇ بولسىمۇ كىشلەرنىڭ روھىيتىدىكى تىندۇرما ھالەتكە بېرىپ يەتكەن بىخۇدلىقنى مائارىپنىڭ خاسىيىتى ئارقىلىق يۇيۇپ تازىلاش ئىدى.مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكىۋا شەرىق ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۈچ يىل ئوقۇدى.ئۇنىڭ 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىرسى،مەتبۇئاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىلغار ئىدىيىنى تارقىتىش بولسا،يەنە بىرسى،مەكتەپ ئېچىپ ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش،بۇ ئارقىلىق خەلىقنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇش بولدى.

    شائىرنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيتىگە نەزەر سالغاندا،ئۇ،تەنقىدىي رىئالىزىملىق مىتودنى قوللىنىپ، ئەينى زامان رىئاللىقنىڭ ئىللەتلىرىنى،خەلقنىڭ ئىڭىدىكى قالاقلىقنى، فىئودالىزىم جەمىئىيتىنىڭ چىرىكلىكىنى،قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ،دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ مەنىۋىي كىشەن ئىكەنلىكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىچىپ تاشلىغان،شۇنداقلا گغزەل غايە،كەلگۈسى ھايات،ھۆرلۈك ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنىمۇ ئىنىق ئوتتۇرىغا قويغان.شائىر ئۆز ئىجادىيتىدە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئارۇز ۋەزنىنى،خەلق قوشاقلىرى شەكلىنى،رۇبائىيچىلىقنى ئۆزلەشتۈرگەندىن تاشقىرى،خەلقنىڭ چۆچەك،رىۋايەتلىرىدىكى ھۇماقۇش،يالماۋۇز،پەرى،خىزىر.....قاتارلىق ئوبرازلاردىن،بەدىئىي ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھەمدە يىڭى ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلدۇرغان،ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھاكىملىق بىلەن مەھكۇملۇق،قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق،قاششاقلىق بىلەن تەرەققىپەرۋەرلىك،تەقدىرچىلىك بىلەن ئىجادچانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا شەرھىلەپ، دەۋىرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئىلغارلىققا ئىنتىلىش روھىنى توغرا نامايان قىلغان.

    خەلقتىن ئوزۇق ئېلىپ،خەلققە ئوزۇق بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر،يىڭى مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشنىڭ سەركەردىسى،دىھقانلار ھەركىتىنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىسى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يىڭى زامان دىمكوراتىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى،شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورگىناللىقى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

    دىمەك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنى بەلگە قىلغان يېڭىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتقا ئىرىشىشى ۋە مۇشۇنداق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلاپ بەرگەن ھەم تۈرتكىلىك دەۋىر بۆلگۈچ رول ئوينىغان،شۇڭا ئەدەبىياتىمىز بۇلۇپمۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۈستىدە كۆپ قاتلاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا،بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىغا بەلگىلىك ئۇرۇن بېرىش ماھىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ھەمدە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى تېخىمۇ ئىلمىيلىككە ئىگە قىلىشقا ۋە تېخىمۇ چۇڭقۇر تونوشقا ئىگە بولۇشىمىزغا پايدىلىق.

     پايدىلىنىلغان ماتىرياللار

    ئاتۇش شەھەرلىك ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100يىللقىنى خاتىرلەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى 1985-يىلى 8-ئايدا تۈزگەن «مەشئەل»ناملىق ژورنال .

    ئاتۇش شەھەرلىك ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110يىللقىنى خاتىرلەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى 1995-يىلى 8-ئايدا تۈزگەن «مەشئەل»ناملىق ژورنال .

    خىۋىر تۆمۈر :«ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»، شىنجاڭ خلق نەشىرياتى 1990-يىل    1-ئاي نەشىرى.

    خالىدە زەينۇللا: «ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى». شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى 2005-يىللىق 9-سان .

    رىشاد پەرسا : « ئۇيغۇر يىڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى توغرىسىدا»،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى ،2006-يىللىق 9-سان.

    «تارىم ژورنىلى»،«مەمتىلى توختاجى»، 88-يىللىق 1-سان،ئىمىنجان ئەخمىدى،تەييارلىغان.

    «تارىم ژورنىلى»،«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»، 88-يىللىق 1-سان،ئىسمائىل تۆمۈرى تەييارلىغان.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى