ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    (3) ئوبامانىڭ قاھىرە نۇتۇقى - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     

    يىڭى باشلىنىش
    قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى(مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە)(2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى)
    تەكىتلەشكە تېگىشلىك بەشىنچى مەسىلە بولسا، دىنىي ئەركىنلىكتۇر.
    ئىسلامنىڭ ئۆزئارا خوش-كۆرۈش ھەققىدە پەخىرلىك تارىخى بار. بىز بۇنى ئەندەلۇسىيە ۋە كوردوبا تەتقىقاتلىرىدىنمۇ كۆرەلمەيمىز. مەن كىچىك ۋاقتىمدا تەقۋادار خرىستىئانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ھىندونېزىيىدە قانچىلىك ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلالىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. بىز بۈگۈن دەل شۇ روھقا موھتاجمىز. ھەر دۆلەتتىكى ھەر بىر خەلق ئۆزىنىڭ كۆڭلى ۋە روھىي دۇنياسى قانداق ئارام تاپقان بولسا شۇ بويىچە ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەركىن تاللاشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەك. بۇ خوشكۆرۈش ئەنئەنىسى گەرچە دىننىڭ گۈللىنىشىدە ھالقىلىق يەر تۇتقان بولسىمۇ، مانا ھازىرقى كۈنىمىزدە كۆپ تەرەپلەردىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
    بەزى مۇسۇلمانلاردا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھەققانى چىقىرىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى رەت قېلىش يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مەيلى لىۋاندىكى مارونىتلار ئۈچۈن بولسۇن، ياكى مىسىردىكى كوپىتلار ئۈچۈن بولسۇن دىنىي كوپ خىللىقتىن ئىبارەت بۇ بايلىق چوقۇم ئىشقا ئېشىشى كېرەك. (ئالقىش).
    ئەگەر ئۆزىمىز بىلەن سەمىمىي بولالىساق، شۇنىسى ئېنىقكى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى چىقىشالماسلىق چەمبىرى، بولۇپمۇ تراگېدىيەلىك قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىراقتىكى سۇنئى ۋە شىئە بۆلۈنۈشى بارغانسىرى كىچىكلىشى ۋە يوقۇلىشى كېرەك.
    دىنىي ئەركىنلىك ئىنسانلارنىڭ بىر ئارىدا ئورتاق ھالدا ياشىيالىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا بىز بۇ ھالەتنى ساقلاشنىڭ يوللىرىنى دائىما ئىزلىشىمىز زۆرۈر. مەسىلەن، ئامېرىكادا دىنىي ئىئانە بېرىش توغرىسىدىكى چىقىرىلغان يېڭى بەلگىلىمىلەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قېلىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئىشلەپ مۇسۇلمانلارنىڭ زاكات پەرزىنى لايىقى بىلەن ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن.
    ئوخشاشلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئۆزلىرى لايىق كۆرگەن كىيىملەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەمەللىرىنى قېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ۋە ياكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قانداق كىيىنىشىنى تاڭىدىغان باشقىچە سىياسەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم. بىز لىبېرالىزم كۆرۈنۈشى ئاستىدا باشقا دىنلارغا بولغان دۈشمەنلىكلەرنى يوشۇرۇپ قالالمايمىز.
    ئەمىلىيەتتە بىزنى دىنىي ئىتىقادلار بىر ئارىغا ئەكېلەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارنى، يەھۇدىيلارنى ۋە خرىستىئانلارنى بىر ئارىغا ئەكېلىدىغان ھەر خىل پروگراممالار ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. يەنە ئوخشاش سەۋەبتىن سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ دىنلار ئارىسى دىئالوگ ھەرىكىتىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە باشچىلىقىدا باشلانغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ھەرىكەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دۇنيا مىقياسىدا بىز دىئالوگلارنى دىنلار ئارىسى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرغىنىمىزدا كىشىلەر ئارىسىدا قۇرۇلغان بۇ مەنىۋى كۆۋرۈكلەر ئەمىلى ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتلەر خۇددى ئافرىقادىكى مالارىياغا ئوخشاش يوقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى كامپانىيادا بولسۇن، ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېيىنكى ئىنسانىي قۇتقۇزۇش ھەم ياردەم بېرىش كامپانىيالىرىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ كۇچلۇك تەسىرىنى نامايان قىلالايدۇ.
    (6)
    مەن توختالماقچى بولغان ئالتىنچى مەسىلە بولسا، ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى مەسىلىسى (ئالقىش)
    بىلىشىمچە ۋە خۇددى بۇ يەردە ئولتۇرغانلار تەۋسىيە قىلغاندەك، بۇ ھەقتە دۇنيادا ناھايىتى ساغلام بىر تالاش-تارتىش يۇز بېرىۋاتىدۇ.
    مەن غەربتىكى بەزىلەرنىڭ بېشىنى يۆگەش يولىنى تاللىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكتىن ئاز بەھرىمەن بولىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلىمەن. بېشىنى يوگىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئىنسانلارنى مائارىپتىن نابەھرىمەن قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەت قېلىش ھېسابلىنىدۇ.(ئالقىش) ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يۈكسەك بولغان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ باي ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ھىچ بىر شەكىلدە تاسادىپىيلىق ئەمەس.
    شۇنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قوياي. ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى ھېچقانداق بىر شەكىلدە ئىسلام بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس. تۈركىيە، پاكىستان، بىنگال، ھىندونېزىيە قاتارلىق كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى بولغان دۆلەتلەر دۆلەتلىرىنىڭ بېشىغا ئايال يېتەكچىلەرنى سايلاپ چىقالىدى.
    تېخىچە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا مىقياسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ بىر كۈرەش بولۇپ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
    مەن تولۇق ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ خۇددى ئوغۇللىرىمىزغا ئوخشاشلا جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوخشاش تۆھپىسىنى قوشالايدۇ. (ئالقىش)
    ئەر-ئايال بولۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئورتاق پوتېنسىئالىنى تولۇق ئىشلەتكىنىدىلا ئورتاق گۈللىنىشىمىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاش تاللاشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ ئورنى يوق ۋە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەركىن تاللىشى ئۈچۈن تولۇق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبلەردىن ئامېرىكا بۈگۈن مۇسۇلمان ئاھالىسى كوپ ساندا بولغان دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئىشبىرلىكى قۇرۇپ ئاياللارنىڭ ساۋاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىكرو مالىيە ياردىمى پروگراممىلىرى بىلەن ياش خانىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنىڭمۇ ئوز ئارزۇلىرىغا يېتەلىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ. (ئالقىش)
    (7)
    ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە توختىلىمەن.
    ئىقتىسادنىڭ گلوباللىشىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە زىددىيەتلىك بىر ئۇقۇمغا ئىگە. ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆيىمىزغىچە يەتكۈزۈپ قالماستىن، يەنە بىر تەرەپتىن بىز خالىمىغان جىنكەشلىك ۋە شىددەت سەھنىلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا زورلاۋاتىدۇ. تىجارەت بىر تەرەپتىن بايلىق ۋە يېڭى پۇرسەتلەر ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر جامائەتچىلىك ئۈچۈن توسالغۇلۇقلارنىمۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تىز ئۆزگۈرۈشلەر مەلۇم دەرىجىدە قورقۇنچ ئېلىپ كەلمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بولسىمۇ نۆۋەتتىكى زامانىۋىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىمىزدە بۇرۇندىن بولۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تاللاشلىرىمىز، سىياسى جەھەتتىكى ئىمكانلىرىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇزۇندىن بۇيان جامائەتىمىزنى، ئائىلىمىزنى، ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىمىزنى رەڭلەندۇرۇپ جانلاندۇرغان ئۆزىمىزنىڭ شەخسى كىملىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش ھەققىدىكى قورقۇنچدىن ئىبارەتتۇر.
    يەنە بىر تەرەپتىن، تەرەققىياتنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. تەرەققىيات ۋە ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر زىددىيەت بولماسلىقى كېرەك. ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن ئوزلىرىنىڭ ئەنئەنەۋى مىراسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن تەڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى تىز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرەلىدى. ئوخشاش رىياللىقنى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن كۇئالالۇمپۇردىن دۇبائىغىچە كۆپلىگەن يەرلەردە كۆرەلەيمىز. ئۆتمۈشىمىزدە ۋە كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەلىم تەربىيە جەھەتلەردە ئەڭ ئالدىنقى فرونتلاردا يەر ئېلىپ كەلگەن.
    بۇلار ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ، يەر ئاستىدىن نېمە چىقاركىن دىگەنگە قاراپلا ھىچ بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ستىراتىگىيەسىنى بەلگىلىگىلى بولمىغىنىدەك، بۇ خىل تەرەققىياتلارنى ھەم مۇتلەق كوپ سانلىق ياش نوپۇسنى ئىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.
    كۆپلىگەن دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى نېفىت بايلىقى سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا ھازىر تېخىمۇ كۆپ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىۋاتىدۇ.
    شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، 21-ئەسىردىكى ئەڭ كۇچلۇك كاپىتال-دەل تەلىم تەربىيە ۋە ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت.(ئالقىش).
    ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ ساھەگە يىتەرلىك مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. مەن ئوز دۆلىتىمدە بۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىمەن. ئۆتمۈشتە ئامېرىكا نىفىت ۋە گاز ساھاسى بويىچە بۇ رايۇنلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە بىز كۆپ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يوللىرى ئۈچۈن ئۇرىنىۋاتىمىز.
    مائارىپ جەھەتتە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن تەڭ، مېنىڭ دادامنى كېنيادىن ئامېرىكاغا ئەكەلگەن ئوقۇش مۇكاپات پروگراممالىرىنىمۇ ئاشۇرىمىز. (ئالقىش)
    ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىز كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئوقۇشىنى رىغبەتلەندۇرىمىز. بىز ئىستىقباللىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا پراكتىكا قېلىشىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىرنېتتىن ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشىشىگە مەبلەغ سالىمىز. شۇنداق بولغاندىلا كانساستىكى بىر ياش قۇلايلىق بىلەن قاھىرەدىكى بىر ياش بىلەن دەرھال ئالاقە قۇرالايدىغان بولىدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەرن ئورتاق ھالدا ئىشلىيەلەيدىغان خالىسانە بىر تىجارىي ساھەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتىمىز. بۇ يىل مەن ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى تىجارەت، ۋەخپە ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى لىدىرلەرنى بىر ئارىغا توپلاپ ئورتاق ھەمكارلىشالايدىغان تۇرلەرنى ئايرىپ ئىشقا باشلاش ئۈچۈن ئالى دەرىجىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر ئۇچرۇشۇشقا ساھىپخانلىق قىلىمەن.
    پەن-تېخنىكا جەھەتتىن، يېقىندا بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا يۆتكەپ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىرلەرنىڭ پىششىقلىنىپ ئىشلىشىگە كىرەكلىك بولغان يېڭى بىر فوند، يەنى مەبلەغ ئاجرىتىمىز. بىز يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا نەمۇنىلىك پەن-تېخنىكا مەركەزلىرىنى قۇرۇش بىلەن تەڭ يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئېچىلىشى، يەنىمۇ كۆپ يېشىل ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشى، ئارخىپلارنىڭ دىجىتاللىشىشى، پاكىز سۇ ۋە يېڭىچە ئۇسۇلدا زىرائەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىغا مەسئۇل بىر ئەلچى تەيىنلەيمىز، بۇگۇن مەن يەنە ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پولىئو(؟)نى يوقۇتۇش ئۈچۈن خەلقارالىق بىر ھەمكارلىقنى ئىلان قېلىمەن. ئۇندىن باشقا يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بالىلار ۋە ئانىلار ساقلىقىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىمىز.
    يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك. ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى، ھۆكۈمەتلىرى، جامائەت تەشكىلاتلىرى، دىنىي رەھبەرلىرى ۋە تىجارەت ئەرباپلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى كىلەچەكلىرىنى يارىتىشى ئۈچۈن ھەمكارلىققا ھازىر.
    (8)
    مەن توختالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيا ئۈچۈن، يەنى ئاشقۇن زوراۋانلار ئەسلا خەلقىمىزگە تەھدىت قىلمايدىغان، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، ئىسرائىل ۋە پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن، ئاتوم ئىنىرگىيەسى تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەتلەر ئۆز پۇقرالىرىغا ئادىل خىزمەت قىلىدىغان، ئاللاھ ياراتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقى تولۇق ھورمەتلەنگەن بىر دۇنيا ئۈچۈن يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇرمىز. مانا بۇ بىز ئىستىگەن دۇنيا. لىكىن بىز باراۋەر بولغاندىلا بۇ دۇنيانى قۇرالايمىز.
    مەن مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ يېڭى باشلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە گۇماندا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. بۇلار ئەمىلىيەتتە ئۆتمۈشتىكى بۆلۈنۈش يالقۇنلىرىنى ئوخچۇتۇپ كەلگۇسى تەرەققىياتنىڭ يولىنى توراپ تۇرىۋالغانلاردۇر. ھەتتا بەزىلەر «بۇلارنى سىناشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، چۇنكى بىز ئۆزئارا چىقىشالماسلىققا تەقدىر قېلىنغان ۋە ئارىمىزدىكى مەدىنىيەتلەر سوقۇلۇشقا تەييار ھالەتتە» دەپ يۇرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. چۇنكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچىلىك كۆپ ئىشەنچسىزلىك ۋە قورقۇنچ بىناسى ئىنشا قېلىندىكى، ئەگەر بىز يەنىلا ئۆتمۈش بىلەن قاپسىلىپ قېلىشنى تاللىساق كەلگۇسىگە بىر قەدەممۇ باسالمايمىز.
    مەن بۇ سۆزۇمنى قايسى دىندا بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۇتۇن دۇنيادىكى ياش نەسىللەرگە ئېيتماقچى: ھەممىدىن بەكرەك سىلەر بۇ دۇنيانى يېڭىدىن تەسەۋۋۇر قېلىش ۋە قۇرۇش ئۈچۈن قابىلىيەتلىك سىلەر.
    ھەممىمىز بۇ دۇنيادا قىسقا بىر مۇددەت ئۈچۈن ئورتاق ياشايمىز. نوۋەتتىكى سۇئال بولسا: «بىر-بىرىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرغان مەسىلىلەر ئۈچۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۇرەمدۇق؟ ياكى بارلىق غەيرىتىمىزنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بىز ئارزۇ قىلغان ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالايدىغان ئورتاق بىر كەلگۇسى تېپىشقا سەرپ قىلامدۇق؟» دىگەندىن ئىبارەت.
    ئۇرۇش باشلىتىش ئاخىرلىتىشتىن ئاسان. باشقىلارنى ئەيىپلەش ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا نەزەر سېلىشتىن قولاي. يەنە شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىزگە ئوخشىمايدىغان نوقتىلىرىنى تېپىش ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى بايقاشتىن تېخىمۇ ئاسان.
    بىز قولاي يولنى ئەمەس، بەلكى توغرا يولنى تاللىشىمىز كىرەك.
    پۇتۇن دىنلارغا ئورتاق بولغان قائىدە بار. ئۇ بولسىمۇ: «ئوزەڭگە راۋا كورمىگەننى باشقىلارغا راۋا كورمە.» (ئالقىش)
    ھەقىقەتلەر ۋە توغرا بولغانلار مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئوتىدىغان قىممەتلەردۇر. ئىتىقاد يېڭى بىر ئۇقۇم ئەمەس بولغىنىدەك، قارا، ئاق ۋە ياكى قىزىل رەڭلىكمۇ ئەمەس. ئىتىقاد يالغۇز خىرىستىيانلىق، مۇسۇلمان ۋە ياكى يەھۇدىيلىقتىن ئىبارەت بولغانمۇ ئەمەس. ئىتىقادلار مەدىنىيەتنىڭ بۆشۈگىدىن باشلىنىپ مىليارتلىغان ئىنسانلارنىڭ يۇرىكىدە تېخىچە ئۇرغۇۋاتقان ئورتاق بىر رېتىم. مېنىڭ باشقا ئىنسانلارغا بولغان ئىشەنچىم دەل مىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سەۋەپتۇر.
    مۇقەددەس كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى خاتىرلىگەن ھالدا ئەگەر بىزدە ئورتاق بىر شىجائەت بولۇدىكەن، دۇنيانى بىز ئارزۇلىغان بويىچە قايتىدىن شەكىللەندۇرەلەيمىز:
    مۇقەددەس قۇرئان بىزگە دەيدۇكى: «ئەي ئىنسانلار، بىز سىلەرنى ئەر ۋە ئايال ياراتتۇق، سىلەرنىڭ بىر بىرڭلارنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق.»
    تالمۇد بىزگە دەيدۇكى، «پۇتۇن تەۋرات تىنچلىقنى تەرغىپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.»
    مۇقەددەس ئىنجىل بىزگە دەيدۇكى: «تىنچلىق ياراتقۇچىلارغا ئاللاھنىڭ مەرھەمەتلىرى بولسۇن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى دەپ چاقىرىلىشى كىرەك». (ئالقىش)
    دۇنيادىكى ئىنسانلار تىنچلىق ئىچىدە بىللە ياشىيالايدۇ. بۇنىڭ ياراتقۇچىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. شۇنداقكەن بۇمۇ بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئورتاق غايىمىز بولىشى كىرەك
    تەشەككۇرلەر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۈستۈڭلاردا بولسۇن. كۆپ تەشەككۇرلەر.(ئالقىش)

    تۈگىدى

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: م. توختى

    مەنبە: جخدەلخور بىلوگى

    分享到: