ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    فارابى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تۆمۈر قادىرى

    (خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسىدىن)

    ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى («فارابى» ئۇنىڭ يۇرت نامىدىن  كەلگەن  ئەدەبىي ـ ئىلمىي  تەخەللۇسى) ھىجرىيىنىڭ 259 ـ يىلى (مىلادى 870 ـ يىلى) سىر دەرياسىنىڭ  شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب (ئوترار) شەھىرىنىڭ  ۋاسپچ ھەربىي قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دادىسى  توققۇز ئۇغۇز ـ توققۇز  ئۇيغۇر چەۋەندازلىرىدىن  بولغان ئوفېتسىر ئىدى. فارابى  10 ـ ئەسىرنىڭ  باشلىرىغىچە بولغان 30 يىلدەك  ۋاقىت ئىچىدە دەسلەپ قاراخانىيلار سۇلالىسى  ، كېيىن سامانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيىتى  شارائىتىدا  ياشاپ ۋە ئىختىرا ھاياتىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە دۇنيا قاراشلىرى  ئۈچۈن دەسلەپكى  ئاساس شەكىللەندۈردى  ھەمدە تۈركىي  تىل ـ ئەدەبىياتى  ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى  ، شۇنداقلا پارىس تىلىنى پىششىق  ئىگىلىدى. كېيىن  ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق مەركەزلىرىدىن  بىرى بولغان  باغداد شەھىرىگە  بېرىپ، ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىددىن  ئۇستازلىقىدا  ئەرەب تىلىنى  ھەمدە خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەرمەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى.   ھەرران شەھىرىگە بېرىپ،  ئەبۇبەشەرمەتتەنىڭ  ئۇستازى  يۇھەننا  بىننى ھەيلان جىلىددىن  پەلسەپە، لوگىكا، تېبابەت نەزەرىيىسى، ماتېماتىكا، مۇزىكا قاتارلىق  ئىلىملەردىن تەلىم ئالدى ھەمدە كۆپلىگەن  پەلسەپىۋىي ئەسەر ۋە شېئىرلارنى  يازدى . تەخمىنەن 921 ـ ، 922 ـ  يىللىرى ئەتراپىدا  ھەرراندىن  باغدادقا قايتىپ 20 يىل  تۇرۇش جەريانىدا ئەڭ نادىر ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن  بىرگە ، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش،  ئىلمىي سۆھبەت  ـ مۇتالىئەلەردە بولۇش ، دەرس ، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن  شۇغۇللاندى. فارابى يەنە 941 ـ يىلى باغدادتىن  ھەلەب (شام) كە بېرىپ، سىياسىي ۋەزىيەت  تۈپەيلى ئۇزۇن تۇرمايلا دەمەشىققە كېتىپ، ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ  قۇرغۇچىسى سەيپۇددەۋلەنىڭ  زور ئىلتىپات  كۆرسىتىشى  ۋە ئۇستاز تۇتۇشىغا نائىل بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەلەب، دەمەشىق ، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئاتاغلىق ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ، ئىلمىي مۇنازىرىلەردە ، لېكسىيىلەردە يۇقىرى  شۆھرەت قازىنىپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتىراپ  قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. بەزى تارىخىي مەنبەلەردىن  مەلۇم بولۇشىچە ، فارابى سامانىيلار دۆلىتىدە «ئەتتەلىم ئەسسانى» (ئىككىنچى  تەلىمات) ناملىق مەشھۇر كىتابنى يېزىپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىيلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم  قىلغانلىقى، مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ  بۇ كىتابتىن  سۆيۈنۈپ، فارابىغا  ئارستوتېلدىن  كېيىنكى «ئىككىنچى  ئۇستاز» دەپ شۆھرەتلىك  نام بەرگەنلىكى  مەلۇم.

    فارابى ئۆمرىدە «ئىھسائۇل ئۇلۇم» (پەنلەرنىڭ  تۈرگە ئايرىلىشى) ، «ئۇيۇنۇل مەسائىل» (مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىرى) ، «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا» ، «بەخت توغرىسىدا » ، «ئەقىل ھەققىدە» ، «كىتاب جەمىئۇل مەنتەقە» (لوگىكا توغرىسدا ئون ئىككى ئەسەر) ، «چوڭ لوگىكا كىتابى» ، «خىمىيە ئىلمىنىڭ  زۆرۈرلىكى توغرىسىدا» ، «ئادەم ئورگانىزمى توغرىسىدا» ، «خۇسۇسۇل ھېكمەت» (ھېكمەت مەنىلىرى) ، «ئەقىل مەسائىلۇل فەلسەفىيە ۋەلجەھا بەئەنھا» (پەلسەپىلىك سوئاللار ۋە  ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى) ، «كىتابۇ شېئىر» (شېئىرىيەت ھەققىدە) ، «كالام فى شېئىر ۋەل قافى» (شېئىر ۋە قاپىيىلەر ھەققىدە سۆز) ، «رىسالەفى قانۇن سەنائەت ئەششېئىر» (شېئىرىيەت سەنئىتى قانۇنىيىتى ھەققىدە رىسالە)، «كىتابۇل مۇسقۇل كەبىر» (مۇزىكا ھەققىدە بۈيۈك كىتاب) قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەسلى نۇسخىدىن تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا، ئارستوتېلنىڭ «كاتېگورىيە» ، «مېتافىزىكا»، «سوفىستىكا» ، «ئىزاھاتنامە» ، «بىرىنچى  ئانالىتىكا» ، «ئىككىنچى ئانالىتىكا» ، «توپىكا» ، «رېتورىكا» ،«پوئېتىكا» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق كىتابىغا ۋە پىتىلوم ، ئېۋكىلىد، ئالېكساندىر ئافرودىتىسكا قاتارلىقلارنىڭ  «ئالما گېستا» ، «گېئومېرتېرىيە» ، «ئىزاگوك» ، «روھ ھەققىدە» قاتارلىق بىر بۆلۈك ئەسەرلىرىگە شەرھ  ۋە تەپسىر يېزىپ، قەدىمىي گىرېك ئالىملىرى  ۋە ئىسكەندەرىيە ئىلمىي گورۇھىدىن كېيىنكى  پەن ـ يېڭىلىقلىرى بويىچە ئەسلى ئەسەر مەزمۇنىنى تۈزىتىپ بېيىتىش ئارقىلىق ، پەلسەپە تارىخىدا «ئىككىنچى  ئارستوتېل» دەپ ئاتالدى. تۈركىيە  ئالىمى ئەھمەد ئاتەشنىڭ «فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگىرافىيىسى» ناملىق كىتابىدا فارابىنىڭ ھەرقايسى ئىلىملەر بويىچە يازغان 160 پارچە ئەسىرىنىڭ تىزىملىكى  كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ، فارابىنىڭ  مول ـ ھوسۇللۇق ئىستېدات ئىگىسى ئىكەنلىكىنى  دەلىللەيدۇ.

    ئۆز ھاياتىنى ، زېھنىي قۇۋۋىتىنى پۈتۈنلەي ئىلمىي پائالىيەتكە بەخشەندە قىلىۋەتكەن  ئۇلۇغ ئالىم، بىر پۈتۈن  ناتۇرالىستىك پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ ئاساسچىسى، ئارستوتېل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى شۆھرەتلىك نامايەندىسى ، ئاتاغلىق لوگىك، ماتېماتىك ، فىلولوگىيە ئالىمى  ۋە مۇزىكىشۇناس فارابى ئۆز خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە پۇرسەت چىقىرالماي ، بويتاق ـ يىگانە  ، پەرزەنتسىز تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، ھىجرىيىنىڭ  339 ـ يىلى  (مىلادى 950 ـ يىلى) ماھى رەجەپ (دېكابر) تەسۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

    گەرچە ، ئالىم بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈككە سەپەر قىلغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى  قىممىتىنى يوقاتماي ، مۇھىم تەتقىقاتلارنىڭ تېمىسى بولۇپ كەلدى ۋە ئالدىنقى ئەسىردىن  باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى، فرانسىيە  ، ئامېرىكا ، تۈركىيە، مىسىر ، سۈرىيە ، ئىراق، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە كۆپلەپ  نەشىر قىلىندى.

    فارابى  بىر نەچچە خىل تىلنى ئادەتتىكىچە  چۈشىنىش  سالاھىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى پىششىق  بىلىش ، قوللىنىش ۋە شۇ  خىل تىللاردىمۇ ئوي ـ پىكىر مۇلاھىزىلىرىنى مۇكەممەل  ئىپادىلەش  سالاھىيىتىگە ئىگە يېتىشكەن  ئېنسىكلوپىدىك ئالىم بولۇش  بىلەن بىرگە، ئۆز نۆۋىتىدە  يەنە يېتىلگەن  ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر  ئىدى. شۇڭا ، ئۇ  ئىلىم  ـ پەننىڭ  ھەرقايسى تۈرلىرىگە  ئائىت ئەسەرلىرىنى  زامان، ماكان مۇھىتى  ئېتىبارى بىلەن غەيرىي تىللاردا يازغان. شېئىرىي ئەسەرلىرىمۇ  شۇنداق. شۇ سەۋەبلىك  ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەر خىل تىل ـ يېزىقتىكى ، بولۇپمۇ ئەرەب، پارىس تىلىدىكى  مەنبەلەردە كۆپرەك  ئۇچرايدۇ. فارابىنىڭ شېئىرلىرى  ئالىمنىڭ  چوڭقۇر پەلسەپىۋى  قاراشلىرى، دۇنيانى، كىشىلىك ئالىمىنى بىلىش چۈشەنچىلىرى، گۇمانىستىك ئىدىيىلىرى، مەرىپەتپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە گۈزەللىك   غايىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان  بولۇپ، كىشى قەلبىنى  ئىختىيارسىز  مەھلىيا قىلىدۇ.

    فارابى ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان ئىدى.  ئۇ ، ئىلىم  ئىستىكى ، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىكلەر تۈپەيلىدىن دەمەشىق  قاتارلىق شەھەر ۋە  ئەللەردە كېزىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولۇش جەريانىدا  ، ھەتتا ھەر قايسى  ئەللەردىكى  ئالىم ـ ئۆلىمالار، شاھ ـ سۇلتانلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە، ئالاھىدە ئىمتىياز ـ ئېتىبارىغا  مۇيەسسەر بولۇپ، تۇرمۇشى  كاپالەتكە ئىگە  قىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەن ھالەتتىمۇ  ئۆز ئانا دىيارىنى  بىر مىنۇتمۇ ئەستىن  چىقارمىغان  ، يۇرتىنى سېغىنىش ،  ئۇنىڭغا تەلپۈنۈش ، ئۇنى ئۇلۇغلاش  خاھىشى  ئەسلا سۇسلاشمىغان . تۆۋەندىكى  شېئىر بۇنىڭ يارقىن 分享到:


    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复شەمسى说:
    رەھمەت، دائىم كىلىپ تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
    2010-10-31 20:20:13

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى