ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    شاھ مەشرەپ گۈلدەستىلىرىدىن - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    مەشرەپ مىسرالىرىدىن

    ئۆرتەر

    ئەگەر ئاشىقلىغىم ئېيتسام ، كۆيۈب جانۇ- جاھا ن ئۆرتەر،
    بۇ ئىشق سىرىن بايان ئەتسەم ، تاكى ئۇل خانۇمان ئۆرتەر.

    كىشىگە ئىشق ئوتىدىن زەرەر يەتسە ، بولۇر گىريان،
    بولۇب بىسەبرۇ بىتاقەت ، يۇرە ك-باغرى جۇنۇن ئۆرتەر.

    نېچۈك تاقەت قىلاي ، دوستلار، بۇ دەرد ئىلە بولۇب ھەيران،
    غېمىم باشقا ، ئالەم باشقا ، يۈرەگىمنى فىغان ئۆرتەر.

    مېنى بىخانۇمان تىنماي كۆيۈب ھەر دەم فىراقىڭدا ،
    ئاھ نىگار!” دەب ئوتىڭ ئەيتسامكى ، شەۋقىڭدىن زەبان ئۆرتەر.

    قايسى تىل بىرلە ، ئەي جانان، سېنىڭ ۋەسفىڭ بايان ئەيلەي ،
    تىلىم لالۇ كۆزۈم گىريان، سۆڭەكلەرنى نىھان ئۆرتەر.

    نە قاتتىغ كۈن ئىكەن، دىلبەر، ۋىسالىڭدىن جۇدا بولماق ،
    مېنىڭ ئاھىم ئوتىغا بۇل زېمىنۇ- ئاسمان ئۆرتەر.

    يۈرەكدە دەردۇ- غەم قات-قاتكى ، مەندە قالمادى تاقەت ،
    ئەگەر بۇ زەررەسىن بۇل ۋاقت دېسەم ، ئىشقى بايان ئۆرتەر.

    بۇ دەرد ئىلە خاراب ئولدۇم ، كېلىب ھالىمنى سورماسسەن ،
    ئۈنۈم چىقسا يۈرەكدىن ، بۇ تەنۇ- جان، ئۇستىخان ئۆرتەر.

    بۇ مەشرەب دەردىنى ،  ھېچ كىم باشىغە سالما ،
    ئەگەر مەھشەردە ئاھ ئۇرسام ، بىھىشتى جاۋىدان ئۆرتەر.

    *********************************************************

    كۆز ئۇچى بىرلە دىلبەرۇ - رەئىنا ماڭا باقتى ، - ھەيران بولۇپ قالدىم ،
    يۈزنازۇ - كەرەشمە  بىرلە يار قاشىنى قاقتى ، - سەرسان بولۇپ قالدىم .
    «
    جنىمنى ئالار  بولساڭ ئال ! » دەپ يانىگە باردىم ، - كۈلدى « نېرى تۇر دەپ »،
    بىخۇد قىلىبان باشىمگە سەۋداسىنى سالدى ، - نالەن بولۇپ قالدىم .
    ئەيتتىمكى ، يەنە : « ئۆرگىلەيىن ، قاشىمگە كەلسەڭ » ، - يۈزىنى  ئۆرىدى ،
    ھۇشۇمدىن كېتىبان كۆز داغى ياش قان بولۇپ ئاقتى ، - يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم .
    باسقان  ئىزىنى كۆزۈمگە سۈرتتۈم نالە  ئەيلەب : - « دىلبەر  قايدىسەن ؟ »دەپ .
    چىقمىدى سادا ، ئىشق ئوتىنى جانىمگە ياقتى ، - ئاتەشدان بولۇپ قالدىم .
    ئاھ ئۇردۇمۇ ، ئەيتتىمكى ، « سېنى قايدىن تاپارمەن ئىزدەپ ؟ »، دېدى : «سەۋر ئەت ! »
    ھېچ قالمىدى سەۋرىم ، جىگەرىم سۇ بولۇپ ئاقتى ، - يالقۇنلۇق بولۇپ قالدىم .
    ئىسيانغا سەھەر يارۇ شىرىن  سۆز قېتىپ ئۆتتى ، - جاندىن كېچىپ قالدىم ،
    دىۋانە  قىلىب ، جانىم  ئالىب ، ئىللا - بىللا تاندى ، - قۇربان بولۇپ قالدىم .

    **********************************************************************

     

    مەشرەپنىڭ يەنە بىر مىراسى :

    قايرىساڭ پەردەنى ناگاھ يۈزۈڭنى بىر كۆرەي دەرمەن ،

    جامالىڭگە نەزەر سالىب ، كى ھۆسنۈڭگە توياي دەرمەن .

    خالايىق قىبلەگە باقىب دەرلەر : « رەببىيەل ئەلا » ،

    نامازۇ - روزا سەن دەب ساڭا سەجدە قىلاي دەرمەن .

     

    كۆردۈم يۈزۈڭنى- دىۋانە بولدۇم ،
    ئەقلى - ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم .

    تارتىب  جەفانى  ئۆلسەم كويۇڭدا ،
    قايتماسمەن ھەرگىز - مەردانە بولدۇم .

    بولۇپ جاھاندا  رەسۋايى  ئالەم  ،
    ياخشى - يامانغا ئەفسانە بولدۇم .

    كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس ،
    لەئىلى لېۋىڭدىن  مەستانە  بولدۇم .

    يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن  بۆلەكدىن ،
    كەچتىم بارىدىن ،  رىندانە بولدۇم  .

    كۆردۈم چۈشۈمدە  شەمئى  جەمالىڭ  ،
    چەرخ ئۇرۇب ئاندىن  پەرۋانە  بولدۇم .

    ئىشقىڭ مەيىنى سۇندى  بۇ  جىسمىم ،
    ھەم  ساقى - يۇ ھەم  پەيمانە  بولدۇم  .

    بىر قەترە  ئەردىم ،   چۆمدۈم دېڭىزگە ،
    كىردىم  سەدەفگە  - دۇردانە  بولدۇم .

    كۆيدۈرمىسە  ئوت ،  بولماس  ياغاچ  چوڭ ،
    ئىشق ئوتى بىرلە ھەمخانە بولدۇم .

    بولدۇم  فەنا  مەن  تۇفراغ ئىچىندە  ،
    بىر  دانە ئەردىم ،  مىڭ  دانە بولدۇم .

    ئول يۈز ئوتىدا بۇد  بولدى نابۇد  ،
    جان  جانغا  كىردى ،  جانانە بولدۇم .

    تەگدى  كۆزۈڭدىن  ھەر دەمدە مىڭ تىغ ،
    ئەۋۋەل  ئەردىم  دەشت  ،  گۈلخانە  بولدۇم  .

    بىر نەچچە يىلدۇر  ،  ياردىن جۇدا مەن ،
    بىلمەي  ئۆزۈمنى  ھەيرانە  بولدۇم .

    كۆيمەس ،  دېدىلەر ،  مەئىمۇرەي گەنج ،
    ئاباد  ئەردىم   مەن ،   ۋەيرانە  بولدۇم .

    مەشرەپكە مەي  سۇن  مەيخانە  ئىچرە ،
    كەچتىم  بارىدىن  ،  رىندانە  بولدۇم .

    مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى

    分享到: