ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 6-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    تۇتىم: شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:
    سەت ئايال يوق.  ئايال دېمەك- گۈزەللىك دېمەكتۇر. ئايال- يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال. ئايالنىڭ ماھىيىتى- يالىڭاچلىق. كۆرۈمسىز ئايال ئۇپا- ئەڭلىك ئارقىلىق گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، سەتەڭ ئايال ناز- كەرەشمە ئارقىلىق گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، ئىپپەتلىك ئايال ئەخلاق- ھاياسى بىلەن گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى سېلىۋەتكەندە، ئاھ خۇدا، ئۇ تىخىمۇ يالىڭاچ، تىخىمۇ گۈزەل... گۈزەللىك ۋە يالىڭاچلىق ئادەمگە ئارام بارمەيدۇ، كۆڭۈلگە ۋەسۋەسە سالىدۇ، ھەۋەس شەيتىنىنى ئويغىتىدۇ، ئاھ، بۇ قورقۇنىچلۇق گۈزەللىككە تەڭ كەلگۈدەك بۇ دۇنيادا قايسى جاللاتنىڭ قىلىچى يالتىراپ تۇرار؟ ئۇ دۇنيادا قايسى دوزاخنىڭ ئوتى لاۋۇلداپ يانار؟!... بازارلاردىكى، رەستىلەردىكى، ئىشخانىلاردىكى، بەزمىخانىدىكى، ئۆيلەردىكى بىزگە قىيامەتنىڭ مۈشۈكىدەك سۇۋۇنۇپ يۈرگەن ئاياللار... قات- قات كىيىملەرنىڭ ئىچىدە قىپيالىڭاچ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئاياللار... ياغلىقىنى تاشلىۋەتكەن، كوپتىسىنىڭ ياقىسىنى ئويۇۋەتكەن، يوپكىسىنىڭ پېشىنى كېسىۋەتكەن، ئىشتېنىنى سېلىۋەتكەن ئاياللار... يوشۇرغان، كۆرسېتىشكە ئۇرۇنغان، تەقەززا بولغان، ئالدىراۋاتقان ئاياللار... ئۇلار كۆرسېتىشكە بولىدىغانلىكى يەرلىرىنى بىزگە كۆرسەتمەكتە. يەنە كۆرسېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يالىڭاچلىقنىڭ ئاياللىقنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  گۈزەللىك ئۈچۈن ئۇلار ئاخىرقى ھېساپتا ئاشۇ يالىڭاچ تېنىنىمۇ سېلىۋەتكەندە ئاندىن توختارمىكىنە؟!... مەن ئەسلى شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. شۇنداق، شۇ تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. قارىغاندا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ھىچبىر سەۋەبسىزلا ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ يالىڭاچىلىقى ھەققىدە ۋاتىلداپ كېتەتتىممۇ؟ شېئىر يېزىپ يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىمدە ئارۇز ۋە بارماق ۋەزىننىڭ ھەممە تۈرلىرىگە چېپىلىپ باققان ئىدىم. بارماق ۋەزىننىڭ بوغۇم، قاپىيە، رېتىملىرى ۋە قىلىپتا قۇيغاندەك تۆت چاسا كۇبلىتلىرى ماڭا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە نەپىس بىلىنەتتى. ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك تىللار مەزمۇندىكى تىيىزلىقلارنى يېپىپ تۇراتتى. ئارۇزنىڭ سەلتەنىتىگە باش ئۇرغان چاغلىرىمدا بەھىر، رەمەل، قاپىيە، رادىف... لارنىڭ مەپتۇنلۇقىدا ئىدىم، ماڭا نە ناخشا، نە ساز تىتىماس ئىدى. ئارۇزدىكى ھەددىدىن تاشقىرى مۇستەھكەم شەكىل ۋە يىمىرىلمەس ئۆلچەم مېنى ئۆزىنىڭ سېھىرلىك قەسرىگە بەند قىلىۋالغان ئىدى.  بىراق تاسادىپىي بۇ ئىككى ۋەزىننىڭ بەس- بەس بىلەن كۆتۈرگەن غەليانلىرى، نالە- پىغانلىرى، ئەسەبىي قۇتراشلىرى كۆرۈپ قالدىم. ئەسەبىي روھلار، ئەشەددىي نۇرلار، غايەت قاراڭغۇلۇق ، مىسلىسىز چۇقانلار قەسىرنىڭ تاملىرىغا سوقۇلاتتى... ئاھ!... شېئىر ئۆزىگە پاتمايىتتى... ھەرپلەر سۆزلەرگە، سۆزلەر مىسرالارغا، مىسرالار كۇبلىتلارغا زەرب بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى. گۈمبۈرلەپ ئۆرۈلۈشلەر، تاراڭلارپ چېقىلىىشلار، ۋەرت- ۋەرت- يىرتىلىشلارنى سىزەتتىم. ئاچچىق ئىنجىقلاشلار، قايغۇلۇق شارقىراشلارنى ئاڭلايىتتىم. سىقىلىش، ئازابلارغا چىدىيالماي ئۇ قەسىردىن بۇ قەسىرگە يۈگرەيىتتىم.... كۈنلەرنىڭ بېرىدە شاھ مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ۋاي ئاللاھ!...، كۆردۈمكى،  يېرىلىپ تۇراتتى، يېرىقلاردىن ئاسمانلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. سۆكۈلۈپ تۇراتتى، يوچۇقلاردىن دەشتى- باياۋانلار يۈگرەپ چىقاتتى.... شۇندىن بىرى شېئىرلىرىم ماڭا  باقمىدى، قەسىرلەردىن ئۆزىنى قاچۇردى. كىچىككىنە بىخەستە بولسام كىيىملىرىنى يىرتىۋىتىشكە، ھەتتا يالىڭاچ بولۇپ كوچىلارغا يۈگرەشكە باشلىدى. مەن ئۇلارنى قەسىرگە ھەيدەش، كىيىم كىيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم. قورقاتتىم، شېئىرلرىم قەسىردە جىم ئولتۇرۇپ مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇلار قەسىر ئىچىدە ئىنتايىن بىخەتەر بولاتتى. شېئىرلىرىم قاپىيە، ۋەزىن، تىل... قاتارلىق كىيىملەر بىلەن ئەدەبلىك، نازاكەتلىك كۆرۈنەتتى. بىراق... كېچىككەن ئىدىم. ئەمدى ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايىتتى. گويا كوچىغا چىقىپ قالغان قىز كوچىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەندەك، پۇرسەت تاپسىلا كوچىغا يۈگرەيىتتى. قورقاتتىم، ئايال يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال بولغىنىغا ئوخشاش شېئىرمۇ يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن شېئىردەك قىلاتتتى. بىراق، يالىڭاچلىق قورقۇنىچلۇق گۈزەللىك، بۇ يالىڭاچلىقنىڭ چېكى يوق ئىدى. شېئىردىكى بۇ يالىڭاچلىق بارلىق يالىڭاچلىق، ھەتتا ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىقىنىڭمۇ چېكىنى بۇزۇپ تاشلايىتتى. شېئىردىكى بۇ گۈزەللىك بارلىق گۈزەللىكنىڭ، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ بىيايان ۋە سىرلىق گۈزەللىكىنىڭ چېكىنىمۇ بۇزۇپ تاشلايىتتى. بۇ چەكسىزلىكتە ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان بارلىق مۇقەددەسلىكلەر، بۈيۈكلۈكلەر، سەلتەنەتلەر؛ ئىرىشكەن نەتىجىلەر، شان- شەرەپلەر؛ تارتقان ئازاب- ئوقۇبەت، يىمىرىلىش، گۇمران بولۇشلار؛ بارلىق ھەقىقەتلەر ۋە خاتالىقلار بىر دۆۋە سوغۇق كۈلگە ئايلانغان... بۇ بەجايىكى قىيامەتنىڭ ئۆزى ئىدى. شۇ دەقىقىدە دانىشمەن ئەجدادلارغا ئاپىرىن ئىيىتماي تۇرالمدىم. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشى ئۈچۈن ئاياللارنى كىيىمدىن چىقارمىغان ۋە شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى قەسىرلەرگە باشلاپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى پاساھەتلىك تىل، ئاھاڭدار رېتىم، قاپىيەلەر... بىلەن ئىپادە قىلغان ئىكەن. ئۆزىگە پاتمىغان نەرسە يا بۇرۇقتۇملۇقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، ياكى ئۆزىنى پاچاقلاپ تاشلاپ چەكسىز يوقلۇققا سېڭىپ كېتىدۇ. بولدى دوستۇم، يەنە سۆزلەشكە مەندە تاقەت يوق.

     تۇتىم: ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە ئەڭ ئۆكۈنگەن ئىش قايسى؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ ھەقتە سورىغانلارغا 2003- يىلى ئۈرۈمچىگە 12- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يېغىنىغا قاتناشقىلى چىقىپ، تۆت دانە خاتىرەمنى يوقىتىپ قويغىنىمنى ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپەمدىكى ئەڭ ئۆكۈنۈشلۈك ئىش دەپ سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن. بۇ خاتىرىلەرگە 2000- يىلى 1-ئايدىن 2003- يىلى 8- ئايغىچە يازغان بارلىق شېئىرلىرىم قاچىلانغان. بۇ مېنىڭ ئىجادىيەتكە تازا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن، مېنىڭ رېئاللىقتا نە بىر خىزمەت، نە بىر ئائىلە، نە بىر ياشاش نىشانىم يوق، شېئىردىن باشقا ھېچنەرسەم قالمىغان چاغلىرىم ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، مەن ئەمدى شېئىر يازمايمەن، دەپ ئويلىغان...

     

    قاسىمجان ئوسمان (غازى): سىز مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن تەرجىمە شېئىرلارنى ئوقۇپ شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن دەپ باققانمۇ؟ دېمەكچى، تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نىمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ھەرقانداق سۇئالغا قىلچە يالغاننى قاتماي، مۇبالىغە قىلماي راسچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ بىرلا ئامالى بار. ئۇ بولسىمۇ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئويلانماسلىق، سۇئال سورالغان شۇ دەقىقىدە كاللىغا كەلگەن ئىنكاسنى ئۇدۇل ئىيتىش،  بۇ كۆڭۈلدىكى سۆزدۇر. مەنمۇ مۇشۇ ئەسنادا كۆڭلۈمدىن كەچكەن سۆزلەرنى ئۇدۇللا ئىيتاي. مەن ئىيىتماقچى بولغان بۇ سۆزلەر بەلكىم سىزنى قايىل قىلالماس، چۈنكى ئۇ سۆزلەر سىزنىڭ كۆڭلىكىڭىز كۈتكەن سۆزلەر ئەمەستۇر. بىراق ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ مەندىن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئىيتىپ مېنى قايىل قىلىڭ دەپ ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكىڭىزدىكى سۆزلەرنى ئىيتىڭ دەپ دەپ مەندىن بۇ سۇئالنى سورىدىڭىز. مەن مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ئوقۇپ ماڭدىم. ئىنكار قىلمايمەنكى ئىجادىيىتىمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان چەتئەلنىڭ نادىر تەرجىمە شېئىرلىرى شۇ مەزگىلدىكى شېئىر ئىجادىتىيىمنىڭ مەيلى قۇرۇلما، مەيلى ئىپادىلەش جەھەتلىرىدە بولمىسۇن ئاز- تولا ئىپادىسىنى تاپتى. بىراق مەن ھىچقاچان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىكى " شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن" دېگەن سۆزنى ئىككىنچى تەكرارلاپ باقمىدىم. كىيىنكى كۈنلەردە ئەخمەتجان ئوسمان ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىپ «سۇمرۇغ»، «ئەنقا» تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئەرەپ شائىرلىرىدىن ئەدۇنىس، ئۇنسى ئەلھاج قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەۋەس بىلەن " مۇنداق يېزىپ باقايمۇ- يا؟ " دېگەن خىياللاردا بولدۇم.  سىز ئىيىتقان گىيۇتىنىڭ «فائۇسىت» دېگەن ئوپىراسىنى تىخى ئوقۇپ باقمىدىم، ئۇنى ئوقۇپ سىزنىڭ «شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن» دېگەن قاراشقا كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، مەندە دەرھال ئۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى. بەلكىم شۇ چاغدا مەندە يەنە بىر قىتىم «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن» دېگەن ئوي تۇغۇلار، بەلكىم ئۇنداق بولماس... لىكىن مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولدۇ، شۇڭا ئۇنى  ئۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، مۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ تەرەپدارى. تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نىمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟ دېگەن سۇئالىڭىز ئېسىمگە كەلدى. ئويناش- شادىمانلىق ئىچىدە بولىدۇ. بالىلارچە تەنتەكلىك، بىغۇبارلىق ۋە تەسۋىرلىگۈسىز قىزغىنلىق ئىچىدە ئويناش داۋاملىشىۋاتقاندا سىزدە مەستلىك ھەم ھاياجاندىن باشقا نىمە بار؟  مەست بولۇش- ئىدراكتىن خالاس بولۇش دېگەنلىكقۇ؟!... سۆزلەردىكى مەنىنى، پاساھەتنى، قۇدرەتنى يوق قىلىۋىتەلمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئىدراكقا، تەپەككۇرغا مەپتۇنلۇققا  سۆرەيدۇ. ئۇ چاغدا سۆزلەر سىزنى ئوينايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئويناۋاتقان چېغىمدا شادىمانمەن، مەستمەن، بىھۇشمەن، سۆزلەر ماڭا ھەيران....

     

         مۇھەممەد توختى(جالالىدىن):  شېئىرى شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەكىل بىلەن مەزمۇن بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، خۇددى تەن بىلەن جاندەك. ھەرقانداق شەكىل مەزمۇنغا ئىگە، ھەرقانداق شەكىلنىڭ مەزمۇنى بار. جان تەندىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بەئەينى شەكىلنىڭ مەزمۇندىن ئايرىلغىنىدۇر، بۇ- ئۆلۈشتۇر. بىراق گەپ شېئىر ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە تۇتىمنىڭ «شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. بىز يەنە مەزمۇننىڭ شەكىلدىن چىقىپ شەكىلسىزلەشكەندىن ۋە شەكىلنىڭ مەزمۇندىن چىقىپ مەزمۇنسىزلاشقاندىن كىيىنكى «ئۆلۈم»نى شېئىرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى دېگەن گەپتە چىڭ تۇرىمىز. «ئۆلۈم»دىن ئىبارەت بۇ پايانسىز يوقلۇقتا شېئىر ئەركىن قانات قاقىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز ئاشۇ يوقلۇققا تەۋە. بىز شېئىرلىرىمىز ئارقىلىق بارلىقنىڭ مەنزىلى يوقلۇق ئىكەنلىكىنى، بارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى  بىشارەتلەيمىز. يەنىمۇ ئىنىقراق چۈشەنچە كېرەك بولغاندا  تۇتىمنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋابلار بۇ يەرگە كۆچۈرۈلسۇن.

          مۇھەممەد توختى( جالاىدىن):  سىز مۇكەممەل بولماسلىق شېئىرنىڭ خاسىلىقى دەپ قارامسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مۇكەممەللىك جىنلار ۋە ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاس. جىنلار ۋە ئىنسانلار پەرۋەردىگارىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەبەدىي مەپتۇن. سۆز ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەللىك  ئىزدەپ مەنىۋىيەت چۆللىرىدە بىر ئۆمۈر سەرگەردان بولۇپ يۈرىدىغانلىقىنى ئىيتىمىز. ئەگەر ئادەم تاسادىپىي تۇغۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلسە بۇ شېئىرنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىپ، تاسادىپىي ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بۇ ھەم ئىنساننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ يوقلۇققا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى... سىز دەۋاتقان مۇكەممەل بولماسلىقنىڭ شېئىرنىڭ شەكلىدىكى چۇۋالچاقلىق، مەزمۇنىدىكى مەنتىقىسىزلىك، رىتىمىدىكى تۇراقسىزلىق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. سىز دەۋاتقان ئۇ مۇكەممەل ئەمەس شېئىرلاردا پىرامىدالاردەك مەزمۇتلۇق ۋە ھەيۋەتلىك يوق، دەريالاردەك قىرغاق ۋە مۇقىم مەنزىل يوق. ئۇ شېئىرلار گويا باشلانمىغاندەك، ئاخىرلاشمىغاندەك... ئۇ سىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيدىغان بىر يەرگە باشلاپ قويۇپ غايىب بولىدۇ. قايسى تەرەپكە، قانداق مېڭىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. دەرۋەقە ھازىر ئاشۇنداق مۇكەممەل ئەمەس شېئىرلار ۋە مۇكەممەل بولماسلىقنى شېئىرلارنىڭ خاسلىقى دەيدىغان قاراشلار بار. مەنمۇ ھىچقاچان ئۆزۈمنىڭ بىرەر پارچە شېئىرىنى مۇكەممەل يېزىلدى دەپ قاراپ باقمىدىم، ھامان كەمتۈكلۈك ھىسسىياتىدىن قۇتۇلالمايمەن، بۇ ئىزىتقۇ يولدا قاچانغىچە مېڭىشىمنى، مۇكەممەللىككە قاچان يېتشىمنى ئەسلا بىلمەيمەن...

     

    سەردار: سىلەر قەلىمى كۈچلۈك شائىرلارنىڭ نەزىرىدە يېڭىدىن شېئىر يېزىۋاتقانلار تايىنى يوق ھېسابىدا بولۇشى مۈمكىن. سىزنىڭچە يېڭى يىزىقچىلىققا قەدەم قويغانلارغا سېلەر ھەقىقى تۈردە باھا بېرىپ، سەمىمىي يىتەكلىشىڭلار كېرەكمۇ، ياكى بەزىبىر شائىرلاردەك بىر كالتەك بىلەنلا ئۇجۇقتۇرىۋىتىش كېرەكمۇ؟ ئەگە سەمىمى يىتەكلەش كېرەك بولسا سىزنىڭ قانداق دانا تەدبىرلىرىڭىز بار؟ ئۆزىڭىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ئۈلگە بولغۇدەك ئىش ئىزلىرىڭىزدىن بىر قانچىنى دەپ بېرىشكە بولامدۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ھۆرمەتلىك سەردار ئەپەندى، سىزنىڭ بۇ تايىنى يوق سۇئالنى سورىشىڭىزغا نىمە سەۋەبچى بولدى؟ ئەجىبا، سىزمۇ يېڭىدىن قولىڭىزغا قەلەم ئالغان چاغلىرىڭىزدا قەلىمى كۈچلۈك شائىرلار تەرىپىدىن كالتەكلەنگەنمىدىڭىز ؟! قەلىمى كۈچلۈك شائىرلار مېنىڭچە بولغاندا مەنىۋى جەھەتتىن نەچچە ئون يىللىق ئازاب- ئوقۇبەت، يىمىرىلىش، ئۆرلەش ۋە چۆكۈشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قەلبى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئۇنىڭغا جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەيرانلىق ئەمەس. ئۇ ئادەملەرگە ئۆز لايىقىدا باھا بېرىشنى ۋە مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ بىر چاغلاردا يېڭىدىن شېئىر يېزىۋاتقانلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ چاغلىرىنى سېغىنىش ۋە ھاياجان بىلەن ئەسلەيدۇ. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ قەلبى غۇبارسىز ۋە پاك ئىدى. قەلبىدە بېغىشلىنىشقا تەييار تۇرغان بېھىساب مۇھەببەت بار ئىدى. ئىجتىمائىيەتنىڭ تۈرلۈك چىرىندە- چىقىرىندىلىرى، رېئاللىقنىڭ چاڭ- توزانلىرى،  ئۆزلۈك تەقدىرى ئۈچۈن ھىچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان قۇللۇققا تەمسىل- بۇرچ، مەسئۇلىيەتلەردىن خالى ئىدى. ئۇ ھامان ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ئىلكىدە بولۇپ، يوپيۇرۇق بىر مەنزىل ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى... ئۆزىنىڭ ئاشۇ غۇبارسىز چاغلىرىنى سېغىنىۋاتقان بىر شائىر قانداقمۇ ئاشۇ دەۋرنى بېشىدىن كەچۇرۈۋاتقانلارنى تايىنى يوقلار قاتارىدا كۆرسۇن؟! بىرەر شەخسىي مۇددىئا ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا ھىچكىم يېڭىدىن يىزىقچىلىققا قەدىم قويغانلارغا باھا بەرمەيدۇ ۋە ئۇلارنى كالتەكلىمەيدۇ. باھا بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى كالتەكلەپ ئۇجۇقتۇرۇۋىتىشنىڭ چوقۇم ئوبىيىكتىپ بىر ئاساسى بولۇشى كېرەك. مۇنداق ئىككى خىلدىكى يېڭىدىن يىزىقچىلىققا قەدەم قويغۇچىلار باھا بېرىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ياكى كالتەكلىنىشى مۈمكىن. يەنى-  يىزىقچىلىققا ئەمدىلا قەدەم قويغىنىغا قارىماي ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزگىچىلىك ياراتقان، باشقا تالاي يېڭىدىن يىزىقچىلىققا قەدەم قويغۇچىلار، ھەتتا خىلى پىشتى دەپ قارالغان بەزى شائىرلاردىنمۇ بەزى ئۆزگىچىلىكلىرى ئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلار ۋە ئەمدىلا يىزىقچىلىققا قەدەم قويغىنىغا قارىماي ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرپ- ئادەت، دىن، ئەخلاق مىزانلىرىغا قارشى مۇقامدا توۋلىغانلار ياكى چىقىمچىلىق، سۈيىقەسىتچىلىك، پىتنىخورلۇق قاتارلىق مۇناپىقلىقلارچە ھەركەت ئېلىپ بارغانلار... سەمىمىي يىتەكلەشتىكى دانا تەدبىر ھەققىدە سۆز ئېچىپسىز ھەم مۇشۇ توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ ئۈلگە بولغۇدەك ئىش- ئىزلىرىمدىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بىرىشىمنى ئىيتىپسىز. مەن ئەزەلدىن مائارپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان. شۇنداقلا شېئىر يېزىشتىكى تەربىيىلىنىشتە پەقەت بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى، يەنى بۇ تەسىر كۆرسېتىشنىڭ «قەلىمى كۈچلۈكلەر» بىلەن ئارىلىشىش، شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىرسىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سۇئالىغا « دۇنيادا ئىككى كەسىپنىڭ ئۇستازى يوق، بىرى ئاشىقلىق، يەنە بىرى شائىرلىق...» دەپ جاۋاب بەرگىنىم  ئىنىق ئېسىمدە. بىراق «قەلىمى كۈچلۈك شائىر» ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەتراپىدىكى بىر مۇنچە «يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغۇچى»لارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنى يىتەكلەش توغرىسىدىكى سەمىمىي تەلىپىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ئۇلار «قەلىمى كۈچلۈك شائىر»غا يازغان شېئىرلىرىنى كۆرسىتىپ تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ چاغدا «قەلىمى كۈچلۈك شائىر» قانداق قىلىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇ بۇ شېئىرلاردىكى ئىملا خاتالىقى، سۆزلەردىكى مەنتىقىسىزلىق، قاپىيىدىكى ئاچلىق، رېتىمدىكى تۇراقسىزلىق قاتارلىق تىخنىكىلىق خاتالىقلارنى «يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغۇچى»غا كۆرسىتىپ قويىدۇ ياكى ئۆزى نەخ مەيداندا قەلەم بىلەن خاتالىقلارنى سىزىۋىتىپ ئۈستىگە توغرىسىنى يازىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە شېئىر ۋە شېئىرنىڭ باشقا ژانىرلاردىن بولغان پەرقى، نىمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان بىر نەچچە پارچە شېئىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «قەلىمى كۈچلۈك شائىر» ۋە «يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغۇچى» ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇستاز- شاگىرت»لىق مۇناسىۋىتى باشلىنىدۇ. بىراق بۇ چاغدا ھىچكىم ئويلىمىغان بىر ئىش كېلىپ چىقىدۇ، «يېڭىدىن قولىغا ئالغۇچى» ھەر بىر شېئىرىنى «قەلىمى كۈچلۈك شائىر»غا كۆرسېتىدۇ، «قەلىمى كۈچلۈك شائىر»  ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە تۈزەيدۇ. بارا- بارا «يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغۇچى» ھەر بىر- شېئىرىنى «ئۇستاز»ىغا تەقلىد قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئۆزىمۇ ھېس قىلماستىن «قەلىمى كۈچلۈك شائىر»نىڭ كۆلەڭگىسىگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. سىز دەۋاتقان «يىتەكلەش ۋە يىتەكلىنىش» مۇشۇ بولسا، ئەڭ ياخشىسى يىتەكلەنمەيلا قويغان ياخشى. يىتەكلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى، سىز ئۆزىڭىزدە مەلۇم شېئىر ئىلمىنتى بارلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن قەلبىڭىزگە ئەگىشىڭ. شائىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتىپى پەقەت ئۆز قەلبىدىنلا ئىبارەت. شېئىرىيەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشسىمۇ، بىراق بىۋاستە تەربىيىلىنىش كىشىنى ئۆز قەلبىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەدەبىياتتا ئۆز ئاۋازىنى تېپىش ئىنتايىن مۇھىم. مېنىمۇ يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغانلار ئىزدەپ كېلىدۇ ۋە شېئىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. سېزىپ تۇرىمەنكى،  ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىنى كۆرسىتىپ ياخشى باھايىمنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىملىرى ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن شېئىرىغا  پىكىر- تەكلىپ بېرىشىمنى، قاملاشمىغان يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ بېرىشىمنى ئۆتۈنىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىخنىكىلىق خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويىمەن ۋە يۇقۇرىدا ئىيىتقىمدەك قەلبىگە ئەگىشىشنى، باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالماسلىقنى، شېئىرلىرىدا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى  ئىيتىمەن. يەنە كۆپلەپ كىتاب كۆرۈشنى، ھەر قايسى پەنلەر بويىچى ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بىلەن ئۇچراشقان ھەرقانداق «يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغۇچى» ئاسانلا مېنىڭ دوستۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بىز كىيىنكى ئۇچىرىشىشىلىرىمىزدا ئاساسلىق پارىڭىمىزنى شېئىرىيەتكىلا قارىتىۋالمايمىز. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە  ئۇستاز- شاگىرتلىق ئەمەس، بەلكى دوستلۇق، سىرداشلىق كەيپىياتى بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ. يېڭىدىن شائىر دەپ تونۇلغان ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان ۋاقتىمدا مەنمۇ بىر نەچچە كۆلەڭگىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرەتتىم، ئۇلار ھىلىھەم مەۋجۇد. ئۇلار ھازىر جان- جەھلى بىلەن مەندىن قۇتۇلۇشقا، ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. 

     

    مەنبە : چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us