ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 5-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]


    ئەنۋەر ھىدايەت: ئاممىباب شېئىرلارغا قانداق قارايسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:  سۇئالىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، ئاممىباب شېئىرلار دېگەنلىك-  ئاممىغا باب كېلىدىغان شېئىرلار دېگەنلىكتۇر. بۇ گەپتىن يەنە چىقىپ تۇرىدۇكى- ئاممىباب شېئىرلار بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان، ئاددى، يىقىشلىق، مەنتىقىلىك، راۋان تىلدا يېزىلغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاممىباب شېئىرلار جەمىئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان، ئەڭ كىتابخانلىق شېئىرلاردۇر. سەنئەت نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندە ھەرقانداق ئەسەر ھەم ئىجتىمائى قىممەتكە بەدىئى قىممەتكە ئىگە. ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋردىكى مەلۇم بىر خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئىجتىمائى، ئىددىيىۋى ھىسسسىياتىنى چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغاچقا  ئۇ تارىخقا يىقىن تۇرىدۇ. ئۇنى ساپ سەنئەت نۇرلىرىغا قارىغاندا تارىخ ۋە ھەقىقەتنىڭ تامغۇسى تىخىمۇ بۈيۈككە كۆتۈرگەن. ئەپسۇسلۇق يېرى شۇكى، كۆپىنچە ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قىلىپ تىخىمۇ ئۇزاق زامانلارغا يېتىپ بارالمايدۇ.

     

    سائادەت ساتتار:  بىر شائىر ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان شېئىرلىرى بىلەن شۆھرەتكە ۋە مەمنۇنلۇققا ئىرىشتى دېسەك، ئۇنداقتا ھىچبىر كىتاب بېتىدە شېئىرلىرى ئۇچرىتىلمىغان لىكىن تور ئەدەبىياتىدا يۇقۇرى باھالارغا ئىرىشىپ، مەۋھۇم دۇنيادىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن شېئىر ۋە شائىرلارنى ئىتىراپ قىلىشقا بولامدۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئىتىراپ قىلىش- كۆڭۈلدىكى تەستىقتۇر. سىز بىر شائىرنى ياكى شېئىرنى ئىتىراپ(تەستىق) قىلماقچى بولسىڭىز، بۇ پۈتۈنلەي كۆڭلىڭىزنىڭ ئىشى. يېڭىلىق كۆپىنچە غەيرى ۋە ئەزەلدىن «شۇنداق» بولۇپ كەلگەن مۇتلەق ھۆكۈملەرگە زىت ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىققاچقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا «دۈشمەن» دەپ قارىلىپ خەلق تەرىپىدىن «ئۆلۈم»گە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا سىياسەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشى ۋە مەلۇم ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئاستىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئەزەلدىن يېڭى شەيئى ۋە يېڭى ھادىسىلەرگە ئالدىراپ ئورۇن بەرمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ يېڭىلىقپەرۋەر شائىر قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەلۋەتتە ئۇ مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بولغان تەھرىرلەش، قىرقىش، تۈزەش باسقۇچلىرى بولمىغان تورنى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان سورۇن قىلىپ تاللايدۇ. بۇ بەلكىم سىز ئىيىتقان ھىچبىر مەتبۇئات يۈزىدە شېئىرلىرى ئۇچرىتىلمىغان، لىكىن تور ئەدەبىياتىدا يۇقۇرى باھالارغا ئىرىشىپ، مەۋھۇم دۇنيادىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن شائىر بولسا كېرەك. ئالايلۇق، ئابدۇرېشىت سۇلايمان(جاللات)نى تور ئەدەبىياتىدىكىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ راسىت سۆزلۈك ئۇزۇن ھەم رەھىمسىز ماقالىرى، ئەسەبىي ۋە يالىڭاچ شېئىرلىرى ۋە ئادەمنى چۈچۈتكۈدەك ھەددىدىن تاشقىرى سەمىمىي ئىنكاسلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ قايىللىقىغا ئىرىشكەن ئىدى، شۈبھىسىزكى ئۇ تور ئەدەبىياتى دۇنياسىدا مەشھۇر قەلەمكەش بولۇپ قالغان. ئەپسۇسكى مەتبۇئات سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى ئىنتايىن ئاز، توردىكى جاپالىق ئەمگەكلىرى بولمىغان بولسا ئۇ مەتبۇئاتتىكى ئاشۇ ئازغىنە ئەسەرلىرى بىلەن ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك شۆھرەت تاپالمىغان بولاتتى. يەنە ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئانمۇ بار. ئۇ بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا بىر قاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ شۆھرىتى سۇمرغ ۋە ئەنقا مۇنبەرلىرىدە «ھېچنىمىزم خېتابنامىسى»نى ئېلان قىلغان ۋە «ھېچنىمىزم»غا ئائىت ماقالە- شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار ئايىغى چىقماس ۋە مۇرەككەپ تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولغاندىن كىيىن تارقالدى. ۋەھالەنكى، ئىھتىياتچان ۋە سالماق مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ھېچنىمىزم»غا ئائىت ئەسەرلىرىنىڭ بىرەرىگىمۇ ئۆز سەھىپىسىدىن ئورۇن بەرگىنى يوق. ئۇلار تور ئەدەبىياتى ئارقىلىق ھازىرقى زور كۆپچىلىك مەتبۇئاتلار ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان قىيىن ۋە شەرەپلىك ئەمگەكلىرى بىلەن شېئىرىيىتىمىزنى بىر قىتىملىق سىلكىندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىدى. مەن ئۇلارنى ۋە شۇ قاتاردىكى يەنە بىر تۈركۈم تور شائىرلىرىمىزنى ئىتىراپ قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!

     

        ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىر قانداق ئادەم؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد. شائىر- شېئىر يازىدىغان ئادەم دېسەم، جاۋابىمغا قايىل بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بىراق مېنىڭ مەقسىتىممۇ سىزنى قايىل قىلىش ئەمەس.  نۇرغۇن كىشىلەر " شېئىر يازىدىغان " دېگەن گەپنىڭ كەينىدىكى " ئادەم " دېگەن سۆزنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار شائىرنى گويا " ئادەم ئەمەس " تەكلا ھېس قىلسا كېرەك. ئۇلار "ئادەم " دېگەن گەپ شائىرنىڭ سەلتەنەتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنى ئادەم ئەمەس، باشقا .... نەرسە دەپ باقسۇن، بۇنىمۇ ئاڭلاپ باقىمىز.  بىراق مەن ئۇنى ئادەم دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن. باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىك مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى تېڭىشى ۋە ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال تەرىپىدىن ئەرلىكىدىن ئايرىلىپ ئىنسانلىقنىڭ مەھرۇملىقىدا بىر ئۆمۈر يىغلاپ ئۆتكەن ئەلىشىر نەۋائىنى، ئاپاق خوجا تەرىپىدىن ئاختا قىلىنىپ دەشتمۇ- دەشت ئەرز ئىيتىپ ئۆتكەن شاھ مەشرەپنى، ئۆزگە ئەللەردە ۋەتەن سېغىنچى بىلەن ياشاۋاتقان ئەخمەتجان ئوسماننى شائىر دەيمەن. مەن يەنە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقدا ياشاش ۋە ياشاش ئۈچۈن سەپەر قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىيازنى، مۇھتاجلىق ۋە نامراتلىقتا ياشاپ ئاخىرى جەسىتى ئۈرۈمچى كوچىسىدا بىرنەچچە سائەت يالغۇز قالغان باتۇر روزىنى، مەن بىلەن بىليارت ئويناپ، تاماكا چېكىشكەچ قىزلار توغرىسىدا ھەزىل چاخچاقلارنى قىلىشىدىغان مۇتەللىپ ماڭسۇر بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلىنى شائىر دەيمەن. مەن يەنە   خوتەنگە كېلىپ خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشلىقى بىلەن مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قەشقەرگە قايتار ۋاقتىدا ئاران يىرىم سائەتلا ۋاقىت چىقارغان چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئۈرۈمچىدىكى كىچىك بىر رېستۇراندا ھاراق ئىچكەچ قايسىدۇر بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى مۇتائالىيە قىلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇننى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم بىلەن قەيسەر تۇرسۇننى شائىر دەيمەن. مەن ئۇلارنى شائىر دەۋاتقاندا ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كىتابخانا، خوتەندە كىيىم- كىچەك دۇكىنى ئېچىپ ئىككى شەھەر ئارىلىقدا يۈگرەپ يۈرگەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، ئىجادىيەتچىلەر يېغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدىن رۇخسەت ئالالماي تىرىكىپ تۇرغان ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە  قورغاس ناھىيە مەركىزى سانائەت سودا بازىرى 24- دۇكاندا خىرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامىنىڭ شائىرلىىقىنى ھىچقاچان تاشلاپ كېتەلمەيمەن. مەن ئۇلارغا ئەۋلىيالىقنىڭ كۆرۈنمەس تونىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ كارامەت كۆرسەت دەپ قىستىغۇچىلارغا نەپرەتلىنىمەن. مەن بۈگۈن ئۇلارغا ياشاش، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ، ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئىككى قولى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ شائىر ئىكەنلىكىنى دەپ قويماقچى. خالايىق، ئۇلارغا ئىنسانلىقنىڭ ئارامى جانى بولغان مەستلىكنى، ھەۋەس شەيتىنىنى ئازراق بولسىمۇ بېرىڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم!...

    ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىرلىقتىن ئۆكۈنگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھاياتىمدا كۆپ ئىشلاردىن ئۆكۈنگەن، بىراق شائىر بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنگەن ئەمەسمەن. فابرىكىدىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغاندا، ئايالىمدىن ئاجرىشىپ ئىللىق ئائىلىدىن مەھرۇم بولغاندا، تىجارەت قىلىمەن دەپ زىيان تارتقاندا، لۈكچەكلەر بىلەن مۇشتلىشىپ تاياق يېگەندە... ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ۋە قىلالىغان ئىشىمنىڭ شائىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەگەر شېئىر يازىدىغان ئادەم بولمىغان بولسام بەلكىم چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىق  ئىچىدە ئاللىقاچان تۈگىشىپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى. ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ ئەڭ مۇدھىش زامانلىرىدا شېئىر روھىمنى بەربادلىقنى ساقلاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.

     

    توختى مامۇت ئىزچى: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توپلىمىڭىز چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ھېيىتلىق ئالىدىغان بالىدەك خۇش بولۇشقان ئىدۇق. نەشرىيات ۋە ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازىمۇسىز؟ ulV
    )
    X/]1  
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
    : دەرۋەقە، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالىدىدا «مەشرەپ چۆلى» نامىدا بىر شېئىرلار توپلىمىم چىقماقچى بولغان، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ توپلىمىم بارلىق رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ 5100 تىراژدا بېسىلىپ، ماڭا دەسلەپكى بىر نۇسخىسى كۆرۈپ بېقىشقا ئەۋەتىلگەن. سەۋەب نامەلۇم، كىيىن ئۇ توپلىمىم تارقىتىلمايدىغان بوپتۇ. ئەلھۆكمى لىللاھ، بۇلتۇر خەلق نەشرىياتىدىكىلەر بىر توپلام بېرىشنى ئىيىتتى(بۇ نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ماڭا تۇنجى قىتىم توپلام دېيىشى، ئىلگىركى توپلامنى باشقىلار مەبلەغ سېلىپ چىقارماقچى بولغان) شۇنىڭ بىلەن چاقماق تىزلىكىدە بىر توپلام تەييارلىدىم- دە، ئۇنىڭغا «مەست مۇقام » دەپ ئات قويۇپ نەشرىياتقا يوللىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل ئاخىرىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلارمىش. نەشرىياتنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەنە شۇنداق، ھەر ھالدا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. مېنى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر « غوجىمۇھەممەد » دەپ بىلگەندىن بىرى ژۇرناللارنىڭ شېئىرلرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. دەسلەپتە« كروران »، «ئىلى دەرياسى » ژۇرناللىرى مېنى كۆتۈردى، كىيىن باشقىلار ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىمنى «تەڭرىتاغ» ۋە «تۇرپان» ژۇرنىلى باستى، ھازىر « ئاقسۇ ئەدەبىياتى » مېنى قوللاۋاتىدۇ، شېئىرلرىمنى ئەڭ كۆپ ئېلان قىلغان ژۇرنال « يېڭى قاشتېشى ». ئۇلار شېئىرلىرىمغا ھىلىھەم ئىنتايىن قىزغىن. بۇ يەردە مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر قىلىپ باقماقچى بولۇپ شۇ چاغلاردا نەشىر قىلىنىدىغان « قىزىل بايراق » ۋە «يىرىم ئايلىق سۆھبەت » ژۇرنىلىدىن باشقا ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن شېئىر ئېلان قىلمىغان ھەتتا « شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، « شىنجاڭ پوچتا- تېلېگىرافى»، « يېزا پەن- تېخنىكىسى » قاتارلىق ژۇرناللارمۇ چالا قالمىغان. گەرچە ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ياراتمىساممۇ، ئۆزۈم يازغاچقا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان شۇ ژۇرناللارنى ساقلاپ قويدۇم.

     

           تۇراپجان تۈمۈر(ئاتقۇچى): تۇغۇلغان يۇرتىڭىز بولغان گۇمىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. كىيىنكى ئىجادىيەت يۈكسىلىشىڭىزدە گۇمىدىكى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قەلەمكەشلەرنىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىرى بارمۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: تۇغۇلغان يۇرتۇم گۇما توغرىلىق سۆزلەشكە تىلىم يايرايدۇ، چۈنكى جاھاندىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مېنىڭمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇمغا ئالاھىدە مېھرىم بار. چۈنكى يۇرتۇمدا ئۆزىگە مېھرىمنى كۈنسىرى چوڭقۇرلىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىدەك ئانام، تاغدەك ئاكام، ئايدەك ئاچام، يۇلتۇزدەك سىڭلىم  ۋە بىر- بىرىدىن شەپقەتلىك ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتىكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن، مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، ئابلىكىم تالىپ، ئابدۇقادىر سادىر، ئابۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاد، توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت، ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا، ئابلەت ئابلىكىم توغراق، ئابلىكىم مۇساق مىركالان، ئىدىرىس رۇسۇل تەمكىن، غوجىمۇھەممەد قابىز... قاتارلىق قەلەمكەش دوست- بۇرادەرلىرىم بار. قەلەمكەش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تەخەللۇسى بار، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار مەندەك بىر نامى سالتاڭ بۇرادىرىنى ھەرگىز چەتكە قاقمايدۇ. گۇما ھەرقانداق شائىر قەلەمكەشنىڭ مىسالى ئۆز يۇرتىدۇر. شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن داڭلىق ياكى داڭسىز بولۇشىدىن قەتئى نەزەر قەلەمكەش كەلسە گۇمىغا چۈشۈپلا ئەخمەتجان تۇرۇپنى ئىزدىسۇن، ئۇ دەرھال گۇمىدىكى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغا بۇرادەرلەرگە تېلېفۇن ئۇرىدۇ. ئۇ بۇرادەرلەر مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ مەيلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئېشى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر مۆڭەپ قوپۇپلا بېرەر رېستۇران ياكى ئارامگاھقا يېغىلىدۇ- دە، مېھماننىڭ ھۆرمىتىگە سورۇن راسلايدۇ. مېھمان گۇمىدا بىجىرىدىغان ئىشلىرىدىن ئەسلا غەم يېمىسۇن. ئۇ تەشۋىشىنى ئىيىتسىلا بولدى، ئۇ سورۇندىن قوپۇپ بولغۇچە ھاجىتى راۋا... ئەقلىمگە كېلىپ، شېئىر يېزىپ يۈرگەندە خوتەندە ئىدىم. كىيىن يەنە ئون ئىككى يىل خوتەندە ياشىدىم. بۇ جەرياندا ھەرقىتىم گۇمىغا چىقسام مەنمۇ ھىلى تىلغا ئېلىنغان داڭلىق ياكى داڭسىز مېھماندەك مېھمانلىقنىڭ پەيزىنى سۈردۈم. ھالا ئون ئىككى يىلدىن كىيىن تەقدىر مەندىن خوتەننى تارتىۋالدى. خوتەن قولدىن كەتتى... ئەمدى قايان بارىمەن؟!... ئاخىر ساياق بېشىمنى ئېلىپ سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىردىم. قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچىلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاياغ ئىزلىرىم قالدى، ئۆزۈم قالالمىدىم. ئېھ سەرگەردان، مالامەتتە قالغان غىرىب بېشىڭنى قەيەردە قويارسەن ئەمدى؟!...ئەجىبا، گۇمىغا بېرىش نىمىشقا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ؟ ئويلىماپتىمەن، ئانام جان جەھلى بىلەن مېنى سېغىنىپتۇ ۋە ئاشۇ سېغىنىشلىرى بىلەن مەن ئۈچۈن قوشتاغنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. شائىر بۇرادەرلىرىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئالىي ئىھتىرام بىلەن ماڭا گۇمىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قوشتاغقا كەلدىم، ئانام: "ئال ئوغلۇم، قوشتاغنى قولۇڭغا ئال " دېدى. گۇمىغا كەلدىم، شائىر بۇرادەرلىرىم : " ئال دوستۇم، گۇما سېنىڭ " دېدى. ھىچ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، گۇما مەندىن ھىچكىم تارتىۋالالمايدىغان يەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!... گۇما مېنىڭ  يۇرتۇم. مەيلى قەيەردە بولاي، گۇما قولدىن كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئېھتىرام بىلەن مەن ئۇچۈن گۇمىنى ساقلايدىغان شائىر بۇرادەرلىرىم بار... كىيىن گۇمىدا توپتوغرا بەش يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا ئاشۇ بۇرادەرلەر، بولۇپمۇ ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتىكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن قاتارلىق جانجىگەرلەر بىر تاۋاقنى يالاپ، بىر تامبالنى يىرتىپ ئۆتتۇق. تۆتەيلەن سانسىز كېچىلەردىن چىققاندا قۇياش بىزدىن رۇخسەت ئالاتتى. ئىچ- باغرىمىزنى يېرىپ داستىخانغا تاشلايىتتۇق- دە، ئاچكۆزلەرچە يېيىشكە باشلايىتتۇق. بىز بىر- بىرىمىزنى بىر- بىرىمىزگە قوشۇۋەتتۇق. بىز بىر- بىرىمىزگە ئەنە شۇنداق قانمايىتتۇق... ئۇلار مەندىن شېئىر يېزىشنى، يەنە يېزىشنى تەلەپ قىلىشتى. ماڭا توختىماي ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشتى. قوشتاغدا ياخشى يازالمىدىم دەپ ئاتايىن گۇمىغا كېلىپ ساق بىر قىش مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ۋە ئابلەت ئابلىكىم توغراقلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ شېئىر يازدىم. كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى... 2008- يىلى خوتەننى قايتا قولۇمغا ئالدىم. گۇمىدىكى دوستلىرىمغا يەنە مېھمانمەن. شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن گۇمىنى ماڭا ساقلاپ تۇرىدۇ...

           تۇراپجان تۈمۈر(ئاتقۇچى):  تۇيغۇنى ھەشەمەتلىك ۋە چۈشىنىكسىز سۆز دۆۋىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغانلارغا قارىغاندا، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەربىلەن سەنئەتلىك ئىپادە قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىسىز... مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ قانداق؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: كىمدۇ بىرىگە ئىيىتقىنىمىدەك شېئىر يېزىۋاتقىىنمدا ھىچقانداق نەرسىنى ئويلىمايىتتىم. راستىمنى ئىيىتسام ئۆزۈم يازغان شېئىرنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شەرھىلەشنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيىتتىم. بىراق ئۆمرۈمدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلەپ يۈرگەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى دېمىگەن گېپىم ئاز قالغاندەك قىلىدۇ. قىز بالا قىزلىقىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن: "بولغۇلۇق بولدى،  ئەمدى بەرىبىر..." دېگەندەك مەنمۇ سۆزلىسەم سۆزلەي.

    مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا سۆز تاللاپ ئولتۇرمايمەن. شېئىر دېگەنگە كېلىدىغان سۆزلەر ئۆزى كېلىدۇ. كەلمەيدىغان سۆز بولسا يەتتە پاتمان چاقىرسىڭىزمۇ كەلمەيدۇ. سۆزلەرنىڭ قەلەندىرى بولۇپ ئىشىك چېكىپ يۈرگۈچە يازماسمىنا ئاشۇ شېئىرنى... ئەمدى ئويلاپ باقسام ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگىنىمگە قارىغاندا شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا سۆزلەرنىڭ رېتىمىغا ئۇسۇل ئوينىمايدىكەنمەن، ئەكسىچە سۆزلەرنى تۇيغۇمنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ ئوينىتىدىكەنمەن. ئاھ، خۇدا، مەن سۆزلەرنى ئوينايدىكەنمەن، ھەرگىزمۇ سۆزلەر تەرىپىدىن ئوينالمايدىكەنمەن. لۇغەتكە قاراپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك شاھانە كۈيلىرىنى ئاڭلاشتىن كۆرە سۆزلەرنى ئۆزۈم خالىغان كۈيگە ئۆزۈم چالىدىكەنمەن. سۆزلەرنىڭ مېنى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىشىگە، بۇرنۇمنى نوقۇشىغا، كىيىملىرىنى يىرتىشىغا، ئاياغ- ئاستى قىلىشىغا ھەرگىزمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىكەنمەن. سۆزلەر ماڭا ئاشىقكەن، ئشىكىم ئالدىدا ۋېسالىمغا زار بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرۇشۇپتۇ. رۇخسەت قىلىڭ دوستۇم، جاھاندا تەڭدىشى يوق بۇ ساھىبجامال سۆزلەرنى ۋېسالىغا قاندۇراي!... 

     

    مەنبە : چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us