ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 4-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    يۆگىمەچگۈل: سىز شېئىر يېزىۋاتقاندا قانداق كەيپىياتتا بولىسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزغا 2003- يىلى يازغان مۇنۇ شېئىرىم جاۋاب بولسۇن:
    شېئىر يېزىۋاتىمەن...

    ھەۋەس قوللىرىنى سوزدى ماڭا ئايدىڭ كېچىدە
    كارۋىتىم غىچىرلاپ- غىچىرلاپ غايىب بولدى ئاينىڭ ئىچىدە
    پۇتلىرىمدىن سۆرەپ كېلىمەم قۇم ئاستىدىن
    ئىغىر نەپەسلىرىمدە تۇنجۇقىمەن...
    قىزىل ئات ئۆتۈپ كەتتى قان چاچرىتىپ تۇيغۇمغا
    ئاق ئات ۋە قارا ئات چېپىپ كەلگىنىچە مەشرىق- مەغرىبتىن
    كىرىپ كەتتى ئىچىمگە.

    ئون سەككىز تال قوۋۇرغامنىڭ بىرسىمۇ پىچاق ئەمەس
    ئون سەككىز مىڭ ئالەم بىر- بىرىگە يىراق ئەمەس
    پەرۋانىنى ئۆلتۈرگىنى چىراق ئەمەس
    تۇزچى بوۋاينىڭ توقۇغىنى قوشاق ئەمەس
    مەن دائىم قاپىيە قوغلىشىمەن
    مەن ھازىر شېئىر يېزىۋاتىمەن


    شېئىر يېزىۋاتىمەن
    چۈنكى ھازىر ئاستىمدا يەر، ئۈستۈمدە ئاسمان يوق
    دىلىمدا ياراتقۇچىغا زەررە گۇمان يوق
    تاپىنىم ئاستىدا گۈرۈلدەپ كۆيەر گۈرۈلدەپ دوزاخ ئوتى
    ئالقىنىمدىن ئۇچماقتا قۇشلار
    كىرپىكىمدىن كارۋان تارتىپ ئۆتمەكتە چۆللەر
    تېنىمدە دەرەخلەر قىپيالىڭاچ شاخلىرىنى دىڭگايىتقان
    چىھرىمدە ئاي ئۆلگەن، يۇلتۇزلار يىغلاۋاتقان
    خىيالىمدا ساغرىنىڭ ئىزى، لەيلەپ يۈرەر قەغەز ھاياجان
    چاترىقىغا بومبا كۆمگەن قورقۇنىچلۇق ئاياللار
    باستۇرۇپ كىرگەن كۆڭلۈم قان- قان...
    غىچ قىلدى كارىۋات
    قىلدى يەنە غىچ- غىچ

    بارلىق تۈرمە ئىشىكلىرى يېپىلدى.
    ياستۇقتىكى ئايالىمنىڭ بېشى
    قەبرە تېشىمدەك بىلىندى.

    ماڭدىم تىۋىشسىز قورسىقىمدا
    ئىسمىنى چاقىردىم پۇتلىرىمدا
    تۇيۇقسىز ئويلىدىم، مەن كىم؟
    مەن ۋەتىنى يوق پادىشاھ ياكى پادىشاھىنى ئىزدەۋاتقان بۈيۈك قۇل
    ئون ئىككى مۇقام ياكى تىلى كېسىلگەن گاچا بۇلبۇل
    تەكلىماكان ياكى تارىمنىڭ قۇرۇش جەريانى
    ئۇيغۇر ياكى قارىغۇ قۇياشنىڭ نۇر ھەققىدىكى بايانى
    مەن ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردىكى
    ئورنىدىن تۇرۇۋالغان جەسەد
    تىرىكلەرنىڭ كۆزىدىكى ئۆلۈك ھەسرەت
    ئىگىز پىچاق
    ئورۇق ئوق
    بۇرۇتلۇق قان!...


    ... شېئىر يېزىۋاتىمەن...
    ئايالىم ئويغاندى، چاقىردى مېنى:
    ئوت كەتتى سۇغا!...

       يۆگىمەچگۈل: سىز ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلامسىز؟ چۈنكى مەن ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ئوتتۇرىسىدا ئېچىۋىتىلگەن ئىشىك باردەك ھېس قىلىمەن.

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىقىم سايلاردا قوي بېقىش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى قىتىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي،  بۇرۇن توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ، كىيىن يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. تەرجىمھالىمنى سۆزلەشتىن مەقسەت شۇكى- مەن بىر قارا قورساق سەركە. مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھىچقانداق تىل ياكى يىزىقتىن ساۋادىم يوق. تېلېۋىزۇر ۋە كىتابلارنى ھەمدە ئەتراپىمدىكى بىرنەچچە قىرىنداش مىللەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھىچقانداق ئۆزگە مەدەنىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىدىم. سەۋەب شۇنداق بولغاچقا ئاخىر مەن سىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندەك ئادەممەن. ئەگەر شېئىرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولسا بۇ مېنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن بولۇشى مۈمكىن. بىراق مەن شېئىر يازغاندا ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ئوتتۇرىسىكى ئېچىۋىلگەن ئىشىكتىن مېنىڭ كىرىپ- چىقىپ يۈرگىنىمنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئىنقىكى- سىز بۇنى تۇنجى بايقىغۇچى ياكى بۇ ھەقتە تۇنجى قىتىم ئېغىز ئاچقۇچى. بەلكىم بۇ ئىشىك ئەزەلدىن ئوچۇق بولغىيتى. ئەسەرلىرىمگە كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيى ۋە ئۆرپ- ئادىتى ياقىلىرىنى تۇتۇپ "توۋا!..." دېيىشمىگەندۇ،- ھە؟!  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنىڭ قوينىغا كىرگەن شېئىرلىرىم "ئانا!..." دەپ ئەركىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ كەتكەندۇ ھەقاچان؟!... سىز بۇلارنى كۆرۈپ قاپسىز، مەن بەكمۇ ئۇيۇلۇپ كەتتىم!...

     

      ئۆمەرجان سالام (ياشلىق):  سېلىنىڭ شېئىرلىرىدا نىمە ئۈچۈن «ئايال» سۆزى ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەزەلدىن ئوتنىڭ قارشىسىدا سۇ بولغان، ئاقنىڭ قارشىسىدا قارا بولغان، ھاياتنىڭ قارشىسىدا ئۆلۈم بولغان، ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە تەلپۈنۈشلرىنى بىز مەڭگۈ ھېس قىلىپ بولالمايمىز. ئوت سۇنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈشىگە تەشنا، ئاق قارىنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىۋىتىشىگە تەشنا. ھايات ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋىتىشىگە تەشنا. چۈنكى ئوت- ئەسلى سۇدا ئىدى، ئاق- ئەسلى قارىدا ئىدى، ھايات- ئەسلى ئۆلۈمدە ئىدى. ئۇلار قاچان بىر- بىرىدىن جۇدا بولدى؟... شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئوت يالقۇنلاپ كۆيىدىغان بولدى. قارا زۇلمەتكە پېتىپ كائىناتنىڭ پىنھان تىۋىشلىرىنى تىڭشايدىغان بولدى. ھەر بىر ھايات ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە يېتىپ مەڭگۈلۈككە ئىرىشىدىغان سەلتەنەتلىك كۈننى ۋەھىمە ۋە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ ئالەمنى مۇھەببەت قاپلىدى، سېغىنىش، ئىنتىزارلىق ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى.  ئايال ئەرنىڭ قارشىسىدا. ئايال- ئەسلى ئەردە ئىدى،  ئۇلار بىر- بىرىدىن جۇدا بولدى. (ئۇلارنىڭ بىر- بىرىدىن جۇدا بولغانلىق ھېكايىسىنى كۆكيالنىڭ شائىرلىق ۋە ئادىمىيلىك توغرىسىدىكى سۇئالىدا سۆزلەپ بولدۇق) . شۇنىڭدىن بىرى يېنىمدىكى ئايالنى يىراقلاردىن ئىزلەيمەن. قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سەن قەيەردە؟ دەپ توۋلايمەن. ئايالنىڭ باغرىدا تۇرۇپ جۇدالىق ھەسرىتىدە زارلايمەن. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز قۇرىماس بۇلاقتەك تىلىمنىڭ ئۇچىدا شىلدىرلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز گويا ئۆتكۈر پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانچىلغان، شىرىن ئاغرىق ئىچىدە پەرياد قىلسام پىچاقنى تارتىۋەتمىگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۇر، پىچاقنى تارتىۋەتسە ئۆلەتتىم... ئايال ئەسلى ئەرنىڭ ۋۇجۇدىكىكى مۇقەددەس ۋەتەن ئىدى. ئەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئايال دېگەن ۋەتەندە پادىشاھ ئىدى. ئەر ئۇنىڭدىن جۇدا بولدى... شۇنىڭدىن بىرى سۆيگۈ- مۇھەببىتىم ماكانسىزدۇر. شۇنىڭدىن بىرى توۋلايمەن:

    بىر ئايال ۋەسلىگە يەتمىگەن كىشى

    ۋەتەننىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ قانداق؟!...

            ئۆمەرجان سالام (ياشلىق): ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى نىمە؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يىراقلارنى قويۇپ گەپنى يىقىندىن، يەنى بىزنىڭ مۇشۇ چوغلاندىن قىلايلى: سىزنىڭ تىما يوللىغاندىن كىيىن دەرھال كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز نىمە؟ باشقىلارنىڭ يازمىڭىز توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈش. ئەتىسى تورغا چىقىپ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نىمە؟ يەنە ئۆز يازمىڭىزنى ئېچىپ باشىقىلارنىڭ ئىنكاس يازغان- يازمىغانلىقىغا قاراپ بېقىش. بىرسى يازمىڭىزغا ئىنكاس يازغان بولسا، يەنە كېلىپ بۇ ئىنكاس سىزگە خۇشياقىدىغان ماختاش جۈملىلىرى بىلەن تولغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئىنكاسنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى خاتىرىڭىزدە مەھكەم ساقلىنىپ قالىدۇ، ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىرەر يازما يوللىسا سىزمۇ كىلىشتۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ ئۇ كىشىگە جاۋاب قايتۇرىسىز. بۇ مۇنبرىمىزدىكى ئومۇمىيلىق ئەمەس، لىكىن ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان قىسمەنلىك. ئەدەبىيات ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ، گەرچە ئۇ ماتىماتىكىدەك كەسكىن ۋە تەخىرسىز ھالدا ئىتىراز بىلدۈرمىسىمۇ سىزنى ھامان راسىت ياكى يالغانغا ئايرىيدۇ. سىز( سىز دېگەن سۆز بىر قاراتما، بەلكىم سىز بولماسلىىقڭىز مۈمكىن) گەرچە قاناتلىرى تىخى يىتىلمىگەن كىچىك قۇش بولسىڭىزمۇ توردىن ئىبارەت كەڭرى سامادا پەرۋاز قىلىش ئۈچۈن سىزگىمۇ يىتەرلىك بوشلۇق بار. بۇ بوشلۇق سىزنى تىخىمۇ ئىگىز ئاسمانلارغا ئېلىپ چىقىشى ياكى شۇ يەردىنلا موللاق ئاتقۇزۇشى مۈمكىن. سىز تورنى ھەرگىزمۇ بىرنەچچە ئادەمنىڭ دوست- تارتىشىپ  بىر- بىرىنى ماختايدىغان ياكى رەقىبلەرنىڭ خۇپىيانە ئىسىملار بىلەن بىر- بىرىنى تىللشىدىغان سۇرۇنى دەپ قارىماڭ. ئەدەبىياتنى ھەرگىزمۇ سۆزمەنلىك قىلىپ شۆھرەت تاپىدىغان ئەڭ ئاسان يول دەپ قارىماڭ. بىلىمەن، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىسىز. ئۇنداقتا ئەدەبىياتنىڭ سىزنى ئاقنى ئاق دېيىش ئۈچۈن كۆك، سىرىق، قىزىل، سۆسۈنە، بىنەپشە... قاتارلىق تالاي رەڭلەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ناھايىتى ئۇزاق ماڭدۇرسىمۇ ئاخىرى ئاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئاقلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئىلگىرى بىز ئەسەرلەرنى قەلەمدە يازاتتۇق. ئەسەر يازىدىغانلار باشقىلارنىڭ تىلىدا «قەلەمكەش» دەپ ئاتىلاتتۇق. «قەلەم» دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقەددەس ئىدى. ياخشى يازىدىغانلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىشساق « مەن ئۇنىڭ قەلىمىگە قايىل» دەيىتتۇق. دەرۋەقە، قەلەم بىر مىتال ، ئۇ ئەسەر يازغاندا پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغانلىرىمىزنى قەغەز يۈزىگە چىقىرىپ بېرىش رولىغىلا ئىگە. بىراق ئىلگىرىكىلەر قەلەمنى بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچ، ھەتتا ۋىجدانىغا سىمۇۋۇل قىلغان. سىز بۇ بايانلرىمدىن نىمە دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولدىڭىز، شۇنداقتىمۇ مەن يەنە دېمەكچى، ھازىر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە كەم بولۇۋاتقىنى «قەلەم».


    مەنبە : چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us