ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 3-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: شېئىر شائىرنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ 
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن يېتىپ بارغاندا يىراقتا كۆرۈنگەن بوستان چۆل ئىكەن، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى تەشنا قىلغان دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى سېغىندۇرغان پەرىزاد ئېگىز ئۆسكەن بىر تۈپ قەبرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن بىرى ماڭدىميۇ، يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلمىدىم. توختىماي ئەجىر قىلدىميۇ، نەتىجىسىنى كۈتمىدىم.  چۈنكى مەن ئاخىرقى نەتىجىىنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بەربادلىق ۋە ئىغىر ئازاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.  
              ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ۋە بىر نەچچە قۇرداشلار ئۆزئارا بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزۈڭلارغا قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىۋاپسىلەر.بۇ بىر تەرەپلىمە ياخشى ئىش بولسىمۇ،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بولۇپمۇ شېئىرنىڭ تەبئىيلىكى ۋە ئۇنىڭ زورۇقۇش بىلەن مەڭگۈ چىقىشالماسلىقىدەك تەبىئىتى ئالدىدا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىرنى ۋاقىتسىز روياپقا چىقىرىش>>مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەنلىك<<بولۇپ قالماسمۇ؟...سىزچە شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟ 
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: دوستۇم قاينامى، تەنتەكلىك قىلماڭ، ئاڭلاشلارغا قاراپ سورىغان بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتمايمەن، بىراق بۇ گەپنى خاتا تونۇۋالغىنىڭىزغا كىچىككىنە ئىزاھات بېرىمەن. بىز بىر نەچچە قۇرداش بىرلىشىپ ئايدا 10 پارچە شېئىر يېزىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىۋالغىنىمىز يوق، بەلكى بىز ھەر ئايدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، شۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ ھايات ياشىغانلىقىمىزنى، زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغانلىغىمىزنى تەنتەنە قىلدۇق. بۇ تەنتەنە بىر ۋاخ تاماقنى بىرگە يېيىش، بىليارت، شاخمات ئويناش ، يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن چاخچاقلىشىش قاتارلىقلار بىلەن تىخىمۇ ئۇزلاشتى. ئەلۋەتتە شېئىر يازغانلار ئۇقۇپ بېرىپ كۆڭلىمىزنى  يايراتتى. بىر ئاي خىلى ئۇزاق ۋاقىت ئىكەن، پات- پات تېلېفۇنلىشىپ تۇرساقمۇ، راستىنلا ھايات ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن دىدار مۇلاقەتتە بولۇشنى خالىدۇق. قىسقىسى بىز ئايدا كېلىدىغان بۇ بىر كۈندە تازا ئېچىلىپ- يېيىلدۇق. ئېچلىپ- يېيېلىشنىڭ بىزدەك دائىم روھىي پاراكەندىچىلىكتە يۈرىدىغان قەلەمكەشلەرگە نىسپەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. مەن بىر ئايدا 10 پارچە ئەمەس، 20 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شېئىر يېزىۋىتىمەن. شۇنداق يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شارائىتىم بۇنىڭغا يار بېرىدۇ. «شائىرنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟» دېگەن  سۇئالىڭىزغا قاراپ ئېسەنكىرىدىم. كىنايە قىلمىغان بولسىڭىزلا مەيلىغۇ، بۇ سۇئالىڭىزغا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «شائىرنىڭ ۋەزىپىسى- كۆيۈش، يېنىش...» دېگەن سۆزىنى جاۋاب قىلاي.   «ئۇ چوقۇم يىلدا 120 پارچە شېئىر يېزىشى كېرەكمۇ؟» دېگەن سۇئالىڭىز سەل- پەل ساددا ۋە خام ئىكەن. شائىر يىلدا 365 پارچە شېئىر يازسا نىمە بوپتۇ؟ مەيلى ئەمەسمۇ كۆپ يازسا؟!

     

    ياسىن ئابدۇقادىر (كۆكيال):  شائىرلىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سىز ئادىمىيلىك دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ ئەدەپ- ئەخلاق ۋە ئەدەپ- ئەركاننىمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ ئادىمىيلىكنىڭ شەرتىمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستۇرسىز. بىراق مەن مۇنداق دەيمەن. ئادىمىيلىك- ئادەم بولماقتۇر. ئادەم بولماق- شائىر بولماقنىڭ نەق يولى... ئادەم قانداق بولغان؟ ئەلمىساقتا خۇدا «ئادەم»نى ياراتقانىكەن. ئۇ ئادەم يالغۇز ئىكەن، بىراق ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى بىلمەيدىكەن. يالىڭاچ ئىكەن، بىراق يالىڭاچلىقىنى كۆرمەيدىكەن. ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئالەمنى بىلمەيدىكەن، بىراق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئۆلۈشنى بىلمەيدىكەن،  شۇ سەۋەبتىن قەلبى چەكسىز ۋە بىپايان ئىكەن. ئەگەر بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئايال يارىتىلىش سەۋەبىدىن  ئۇ يالغۇزلىقىدىن مەھرۇم بولمىغان بولسا،  ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلمىغان بولسا، بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىرسىز بولۇپ ھەممە يەردە نالە- زار قىلمىغان بولسا بىز بۇ ھەسرەتلىك شېئىرلارنى يېزىپ ئولتۇارمىدۇق؟ مەن بۇ ھېكايىنى تولا ئىيتىپ زىرىكتىم. باشقا ھېكايە ئىيتىپ بېرەي، ئاشۇ تۇنجى ھەم بىپايان ئادەم بۇ ئالەمدىكى برىنچى شائىر ئىدى. شائىر بولماقچى بولغان بەزىلەرنىڭ " ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندىم" دېگىنىنى ئاڭلىدىم. سىز ئۆزىڭىزنى ئىزدەش سەپىرىڭىزدە تۇيۇقسىز نەچچە ئون يىللاردىن بىرى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ۋە جىسمىڭىزدا ياشاۋاتقان كۆكيال ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز بولماستىن بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان مەلۇم بىر ئىددىينىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەلۇم بىر خىل ئادەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، سىز بۇ ئازابلىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالامسىز؟... ئادەم ئادەم بولغانىكەن ئۇنىڭدا ئادەمچە قىلىقلار بولمىسۇنمۇ؟ ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قىتىم مەست بولمىسا، ئۆزىنىڭ «ئادەم»لىكىنى بىر يانغا تاشلاپ قويالمىسا بۇ ئۇزاق دۇنيانى قانداق ياشاپ بولغىلى بولىدۇ؟ سىز ئەسلى ئادەملىكىڭىزگە يىتەلمەي مەڭگۈ پەرياد چېكىسىز، ئادەملىك ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشىڭىز سىزنى ئادەملەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بارغانسىرى يىراقلايسىز، يىراقلايسىز... بىر زامانلاردا ئەتراپىڭىزدىكى سانسىزلىغان ئادەملەر سىز ئۈچۈن گويا بىر توپ نامەلۇم دەرەخلەردۇر... سىز شائىرنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ جايدا ئەڭ قاتتىق يالغۇزسىرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟

     

    تۇراپجان مۇھەممەت (ئازغۇن): سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتتىڭىز. بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل زادى نىمە؟ بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت:  مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە راستىنلا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان بولسام، بۇ قاراشقا يەنە كۆپلىگەن باشقا كىشىلەرمۇ قوشۇلسا، راستىنلا شۇنداق بولسا... قەدىرلىك دوستۇم، مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. مەن ھاياجىنىم بېسىلماستا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايمەنكى، بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل- مەن ۋە مېنىڭ شېئىرلىرىمدۇر. ھېس قىلدىڭىزمىكىن؟ مەن باشقا سۇئاللارغا قارىغاندا مەن ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا باشقىچە قىزغىن مۇئامىلىدە بولىمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمگە قىزىقىمەن. ئۆزۈمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. مېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان شېئېىرلىرىممۇ دەل ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتنىڭ ھاسىلاتى، خالاس. ئەمەلىيەتتە ئادەملەر ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى سۆيمەيدۇ. مەن پەقەت ئاياللاردىكى ماڭا تەۋە ھېسسىياتنىلا سۆيىمەن. بەلكىم مەن سۆيگۈنۈمنى ئۆزۈمدىكى توسقۇنسىز مۇھەبەت ھېسسىياتىغا ماكان قىلىپ تاللىغاندىمەن؟ بەلكىم مەن ئۇنى ئۆزۈمگە يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يول دەپ قارىغاندىمەن؟ بەلكىم مەن ئۇ ئايال ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى ئەسەبىيلىككە، ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە سىلەر چۈشەنگۈدەك بىر سەۋەب ئىزدىگەندىمەن؟ دۇنيادا ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتتىن باشقا ھىچقانداق مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋە مۇستەھكەم ئەمەس.  ھەرقانداق مۇھەببەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر جۇدالىقنىڭ ئارقىسىدا بىر يېڭى مۇھەببەت ساقلاپ تۇرىدۇ. كۆڭۈل بىر مېھمانخانىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ھىچكىم مەڭگۈ تۇرالمايدۇ... مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىلغان. ئۇ شېئىرلاردا مەن بار.

     

         ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان): ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاش ياكى خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈش ئارقىلىق شېئىردىكى پايانسىز دۇنيادىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟

        غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىۋاتقان شائىرنىڭ شېئىردىن باشقا رېئاللىقى يوق. شائىر شېئىردىكى رېئاللىقتىن ئۆزگە يەنە بىر رېئاللىقنى ھەرگىزمۇ چىڭ قۇچاقلىمايدۇ. ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاشنى ئۇنىڭغا ئۆلۈم ئۈگەتتى. شېئىر- ئۆلۈمنىڭ ھاياتىدۇر.  ئەجىبا، ئۆلۈم ئاتا قىلغان بۇ سۆيگۈ بىزنى شېئىردىكى پايانسىز دۇنياغا چاقىراۋاتقانقاندا نىمىشقا بىز تەكرار- تەكرار خۇشال ئۆلمەيمىز؟ ئەگەر سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز شېئىرنىڭ سىرتىدىكى كىشىنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ ياشايدىغان ھاياتى ۋە ئۆلۈمى بولسا، ياكى بۇ كىشى ماددىي ھايات ۋە ماددى ئۆلۈم ئارقلىق شېئىردىن قۇتۇلماقچى بولغان بولسا بۇ كىشىگە بىز يەر شارىدىن ئىبارەت كىچىككىنە دۇنيانىلا بەردۇق.

     ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان):  بىر پارچە شېئىردا شائىر چوقۇم تەنھالىققا يۈزلىنىشى كېرەكمۇ؟

    جاۋاب: ھەر بىر شېئىر تەنھالىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. خۇدا تەنھادۇر، بىز ئۇنىڭ زېمىندىكى شېئىرلىرىمىز. ئۇ بىزنى قىيامەتكىچە يازىدۇ، ھەر كۈنى يازىدۇ، توختىماي يازىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى، توختىماي تەنھادۇر. ئۇ بىر شېئىرنى ئەسلا تەكرارلىمايدۇ. ئۇ بىزنى يېزىپ تاماملاپ بولغاندا دەپتىرىنى ياپىدۇ ھەم بۇ دەپتەرنى قايتا ئاچمايدۇ. ئۇ باشقا دەپتەرنى قولىغا ئالغاندا يەنە بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى باشلانغۇسى...



    收藏到:Del.icio.us